D"s
]dQ$r
تومۇز ئايلىرىنىڭ بىرسى بولسا كىرەك. مەن كوچىدا كىتىپ باراتتىم. كوچا تىمتاس ھەم سالقىن ھەم سۈرلۈك ئىدى . شامالىنىڭ شۇ سۈرلۈك ئاۋازىدىن باشقا نەرسە ئاڭلانمايتى. تۇيۇقسىز<<ۋايجان قۇتقۇزۇڭلار >> دىگەن ئاۋازنىڭ ئاڭلىنىشى بىلەن بىر 10-12 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىزنى 38-10 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر سىرىتقا ئىتتەرگىنىچە چىقىرۋەتتى. مەن بىر تەرەپكە يوشۇرنىۋالدىم،چۈنكى ھىلىقى ئادەم مىنى كۆرسىمۇ مىنىمۇ قوشۇپ ئۇرىۋەتكىدەكلا ئەلپازى بىلەن ھىلىقى قىزنى سىرىتقا چىقىرۋەتكەنىدى. مەن قورققىنىمدىن ئاران دىگەندە يولغا چىقتىم. ھىلىقى قىز بولسا يىغلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن. يۈز كۆزلىرىنىڭ نەچچە يىرى ئىغىر يارلانغاندەكلا قىلاتتى. مەن قىزدىن سورىدىم: -سىڭلىم سىزگە نىمە بولدى؟ -ئۇ ماڭا ئىتلىپ تۇرۇپ ئاكا دەپ ماڭا چىڭ چاپلىشىپ تۇردى. مىنڭ ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ چىرايدىن كىچىككىنە تۇرۇپ شۇنچە ئىغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكى ئادەم دەرھال سىزىۋالاتتى. -سىڭلىم ئىسمىڭىز نىمە؟ -ئۇيغۇرىيە بۇيىل نەچچىگە كىردىڭىز؟ -11 گە مىنىڭ گەرچە ئۇنى نىمە ئۈچۈن دادىسىنىڭ ئۇرغانلىقىنى بىلىپ باققۇم كەلسىمۇ ئۇ قىزنىڭ سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ يەنە ئۇنى ئازاپلىغىم كەلمىدى. شۇنداقتىمۇ تىلىمدىن ئاران چىقىرىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم -سىڭلىم دادىڭىز نىمە ئۈچۈن سىزنى ئۇرىدۇ؟ -ئاكا سىزگە دىسەم گەپ ئۇزۇن شۇنداقتىمۇ سىزگە دەپ بىرەي ئىلگىرى بىزنىڭ ئۆي شۇنداق خۇشاللىققا تولغان بىر ئائىلە بولۇپ بىزنىڭ ئۆيدە دادام ،ئاپام،ۋە مەن ئۈچىمىزلا تۇراتتۇق. دادام بولسا تىجارەت قىلىدۇ . ئاپام ئوقۇتقۇچى ئىدى. خىلى ئۇزۇن كۈنلەر بولدى. دادام دائىم ئۆيگە ھاراق ئىچىپ كىرىدىغان قىمار ئوينايدىغان بولۇپ قالدى ھە دىسىلا دائىم ئۆيگە ھاراق ئىچىپ كىرىپ ئاپامنى ئۇرىدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئۇلارنى ئاجىرتىپ قوياي دىسەم دادام مىنىمۇ قوشۇپ ئۇراتتى. مۇشۇ سەۋەپلىكمۇ بىچارە ئاپامنىڭ يۈز كۆزلىرى ساق قالمىدى. بۇ ئىش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەچكە بىچارە ئاپام بۇ ئىشقا چىدىيالماي دادام بىلەن ئاجىرشىپ كەتتى. مەن ئاپام بىلەن كىتەي دىسەم دادام سەن مەن بىلەن تۇرىسەن دەپ مىنى ئاپامنىڭ قىشىغا زادىلا بارغىلى قويمايدۇ. ھە دىسىلا مەن ئاپامنىڭ قىشىغا كىتىمەن، ياكى ئاپامنىڭ ئىسمىنى چىقارسام مىنى ئۇرىدۇ. دادام ئاپام بىلەن ئاجراشقىلى ئۇزۇن بولا بولماي دادام ئۆيگە يەنە بىر ئاپا ئەكىردى. ئۇ باشتا ماڭا خۇددى ئۆز قىزىدەكلا كۆيۈنگەن ئىدى. بىراق ھازىر ئۇنداق ئەمەس ئۇ ھەر قىتىم مىنى ئۆينىڭ ئىشىغا سالىدۇ. دادام بار يەردە ياخىشى مۇئامىلە قىلغىنى بىلەن ئەمما دادام يوق يەردە مىنى ئۇرىدۇ. ئەگەر سەن مىنڭ ئۇرغىنىمنى داداڭغا دەيدىغان بولساڭ سىنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمەن دىدى. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ بۇ ئىشنى دادامغا دىيەلمىدىم. ئۇ ھەتتا نەچچە قىتىم مىنىڭ بەدىنىمگە قىزىق سىمنى يىقىپ يارا قىلىۋەتتى. ھەر قىتىم مەكتەپتىمۇ دەرس ۋاقىتلىرىداقانچە قانچە يىغالاپ كىتىمەن . بۇ ئىشنى ھەتتا مۇئەللىمگىمۇ دىدىم .مۇئەللىم دادامغا تەربىيە قىلسا دادام مۇئەللىمىنى تىللاپتۇ . بىر كۈنى ھىلىقى ئايالنىڭ مىنى ئۇرىۋاتقان ۋاقتىغا دادام كىلىپ قىلىپ ئۇ ئايالنىمۇ؟ ئۆيدىن قوغلىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۆيدە دادام ۋە مەنلا قالدىم. دادام يەنە ھاراق ئىچىدىغان ئادىتىنى قەتئى ئۆزگەرتمىدى. ئۇ ھەرقىتىم ھاراق ئىچىپ كىلىپ ئۆيدە باشقا ئادەم بولمىغاندىن كىيىن مىنى ئۇرىدۇ. ئۇ قىمار ئوينىغاچقىلا ئۇتتۇرۋەتسە دەردىنى مەندىن ئىلىپ مىنى قانغۇدەك ئۇرىدۇ. مانا بۇ ئىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۇرغان ئىزلار. ئۇ بۇ گەپلەرنى دىگىچە شۇنداق يىغلاپ كەتتى. مەنمۇ ئۇ سىڭلىمنىڭ شۇ ئازابىغا چىدىيالماي ئۆزۇمنى تۇتىۋالالمىغان ئاساستا مەنمۇ تەڭ يىغلاپ كەتتىم. گەرچە ئۇقىز ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق قەيسەر ياشاپتۇ. مىنىڭ ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلغۇم كىلەتتى. لىكىن شۇ ھىسداشلىقىمنى قانداق ئىپادىلىشىمنى بىلەلمىدىم. گەرچە ئۇ شۇنداق قەيسەر بولسىمۇ يەنىلا كىچىك بىر قىزدە. مەن ئۇنىڭدىن: -دادىڭىز سىزنى مۇشۇنداق ئۇرسا سىز يەنىلا شۇ ئۆيدە تۇرماقچىما؟ - مەندىمۇ باشقا ئامال يوق -ئۇنداقتا سىزنى مەن ئىلىپ كىتەي قوشۇلامسىز؟ -رەھمەت ئاكا سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ماڭا تىگىل بولدى. بىراق مەن يەنىلا سىز بىلەن كىتەلمەيمەن. چۈنكى دادام مىنى سىز بىلەن كەتكەنلىكىمنى بىلسە مىنى ئۆلتۈرۋىتىشىتىن يانمايدۇ. دەپلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. * شۇنچە ۋاقىتقىچە يەنە نەلەردە يۈردۇك ھە؟ ئىيتە ھۇ قانجۇق ئىيتە دىگەن ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى. مەن بۇ ئىشلارغا چىدىيالماي بۇ يەردىن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا كىتىپ قالدىم. ) جەمىيتىمىزدە يەنە بىرقىسىم شۇنداق كىشىلەر باركى ئۇلار ئۆز مەنپەتىنى دەپلا ئۆز ئائىلسىنى بۇزىدىغان قىمار، ھاراق،تاماكا، قاتارلىق شۇ نەرسىلەرن ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالغانلى سەۋەبىدىن مۇشۇ ئىشلار كىلىپ چىقىۋاتىدۇ. دىمىسىمۇ ئىلگىركى ئاتا بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكىنى قىما يامان بولىدۇ دەپ . شۇنداق تۇرسىمۇ بىز يەنىلا قىما دىگەن ئىشلارنى يەنە قىلىۋاتىمىز. -بىزنى قانداقمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇن؟ شۇڭا جەمىيتىمىزدىكى شۇ خىل تىپتىكى كىشىلەرنىڭ ھاراق ،تاماكا ، قىما قاتارلىقلارنى ئۆزنىڭ يىنىدىن نىرى تاشلىۋىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. m^YYdyn]M
g5hMZPOmP
manba hislat tori 05[k@f$n
_*dUH5
,wH]|`w