تېما: ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا ئوچۇق خەت
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 27
جۇغلانمىسى: 175
شۆھرەت: 2 كىشىلىك
تىللا: 27 دانە
توردا: 25(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-27
ئاخىرقى: 2010-07-21
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 00:59

0 ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا ئوچۇق خەت

+XaO?F[c  
JD\-X( O  
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلىنىش تورلىرى تورداشلارغا ئىنتايىن قولاي بولغان تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. بىزنىڭ بىرمۇنچە ، بىر - بىرىدىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بولغان تور ئادرېسلىرىنى يادلىۋېلىپ ياكى خاتىرلەپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئۆزىمىز ياقتۇرغان ۋە ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان مەلۇم بىر ئۇلىنىش تورىغا كىرىش ئارقىلىقلا تور دۇنياسىدىكى ئۆزىمىز نىشانلىغان تور مەنزىلىگە بىمالال يېتىپ بارالايمىز. دەل شۇ ۋەجىدىن، ئۇلىنىش تورلىرى ھامان تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. نۇرغۇنلىغان تور بىكەتلەرنىڭ نامى، ئادرېسى ئەستىن كۆتۈرۈلسىمۇ، ئەمما، ئۇلىنىش تورى ئەستىن چىقمايدۇ ... >=q!!'$:  
%~v76;H<  
ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى m#}{"d&J  
=jd=Qs IL  
ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى يۇقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە، نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا ئۇلىنىش تورلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا قولايلىق تور ئۇلىنىش مەنزىلى تەمىنلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۈچۈن كەڭ تورداشلارغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە ھەمدە ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشۇشتى( جۈملىدىن، يۈكسەل بلوگى www.Yuksel.Me مۇ بۇ بىرقانچە يىل داۋامىدا ھەرقايسى ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ بېرىشى نەتىجىسىدە ھازىرقىدەك زىيارەت ئېقىمى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ). بۇندىن باشقا يەنە، ئۇلىنىش تورلىرى ئۇيغۇر شىركەت - كارخانىلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى كەڭ تور جامائەتچىلىكىگە تەشۋىق قىلىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىپ، مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈردى. ]V]@Zna@g  
شۇتاپتا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ 2 ئۇلىنىش تورى ( www.ulinix.com ۋە www.ulinix.cn ) ئۇيغۇرلاردىكى زىيارەت ئېقىمى ئەڭ زور بولغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالدىنقى 1 - ۋە 2 - ئورۇندا تۇرىدىغان، شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى 5 - نىڭ ئىچىگە كىرگەن تور بېكەتكە ئايلاندى. ئۇلاردىن باشقا، ياخشى ئۇلىنىش (www.yahxi.com )، تورلار دۇنياسى (www.torlar.com ) ، ئاچىل تورى،  تۇتاش ئۇلىنىشى ... دېگەنگە ئوخشاش ئۇلىنىش تورلىرىمۇ بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى مەيدانغا كېلىپ، تور ئۇلىنىش ساھەسىدە ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئورۇن ۋە نوپۇز ھازىرلىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، يۇقىرىقلاردىن باشقا، ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنى ‹‹ تاختا بېشى ›› غا ئېلىپ قويىدىغان ئۇلنىش، ئۇلۇنىش، ئۇلنىشلا، ئۇلۇنىشلا، ئۇلانمىلا ... دېگەندەك ئۇلىنىش تورلىرىمۇ مەيدانغا كەلگەن بولدى. دۇنيا قارا بلوگى (http://dunyakara.blogbus.com/) نىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى ئۇلىنىش تورلىرى 20 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. sB1tce  
*]UEF_  
ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر :aFpz6<  
ST [1'T+L  
ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى يۇقىرىقىدەك ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇيغۇر تورچىلىقىغا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشۇشقان بولسىمۇ، ھامان بىر قىسىم ئەيىپ - نۇقسانلاردىن ياكى مەسىلىلەردىن ساقلىنالمىدى. مەسىلەن، ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇلىنىش تەستىقلاش ئۆتكىلىنىڭ چىڭ ئەمەسلىكىنى، ئۇلىنىش تەمىنلەنگەن تور بېكەتلەر ئارىسىدا ئاز بولمىغان مەزمۇنى ساغلام ئەمەس تورلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى، بەزى تورلاردا ۋىرۇس ، ياغاچ ئات قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى، گاھى ئۇلىنىش تورلىرىدا ئۇلىنىشتىن ئېلاننىڭ كۆپلىكىنى، تېخنىكىلىك كۆرسەتكۈچىسىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولماسلىق ، ئۆلچەملىك تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنمەسلىكتەك ئەھۋاللارنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرۈمىز. ئۇلىنىش تەستىقلاشتا، پەقەت ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇننىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا پىسەنت قىلماسلىق، پەقەت ئىقتىسادىي قىممەت ياراتسىلا ، مەزمۇنى ۋە تەسىرى بىلەن ھېسابلاشماسلىق خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. بولۇپمۇ، ئۇلىنىش بېرىلگەن كىنو ، MTV تورلىرىغا قارايدىغان بولساق، كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇمۇس - ھايا سەزگۈسىگە كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىز بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ‹‹ ھالۋىنى ھېكىم يېدى، تاياقنى يېتىم ›› دېگەندەك سارغايدى تور بېكەتلەرنىڭ ئەيىپىنى ئۇلىنىش تورلىرىدىن سۈرۈشتە قىلماقچى ئەمەسمىز. ئەمما، بىزدە ‹‹ ئېقىننىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىقىمۇ لاي بولۇر ›› دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار. ئۇلىنىش تورلىرى ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ‹‹ باش توغان ، باش مەنبە ›› بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۆزلىرى ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ئەقەللىي ئىجتىمائىي بۇرچنى ئادا قىلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ يامانلارغا يانتاياق بولۇپ، سارغايدىلارغا يول ئېچىپ بېرىپ ‹‹ دەللال ›› بولۇپ قالماسلىقى لازىم. O=?X%m #  
ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنى زىيارەت ئېقىمى بويىچە غايەت زور بىر دېڭىزغا ئوخشاتساق، ئۇنىڭدىكى ئۇلىنىشلار شۇ دېڭىزدىن تارىلىپ چىققان دەريا - ئېقىنلارغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىگە سەل قاراپ، ئۇلىنىش تەستىقلاش ئۆتكىلىنى ھازىرقىدەك بوش تۇتسا، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ سەۋەبكارلىقى بىلەن لاي - لاتقا بىلەن تولغان، بۇقسىپ ئېچىغان تور سۈيىنى ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەقلى - ھۇشى جايىدا بولغان كىشىلەر ھەرھالدا ئىلغاشنى بىلگەن بىلەن، ئاق -قارىنى تېخى پەرقىتىپ ئۈلگەرمىگەن گۈدەكلىرىمىز ئۇلىنىش تورلىرىدىن كىرىپ، ناچار مەزمۇن - ناچار كۆرۈنۈشلەردىن زەھەرلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ ھېلىقى ناچار سارغايدى تورلارنىڭ ئىككى دۇنيادا مەسئۇلىيەتتىن قاچالمايدىغىنى ئېنىق. ئەمما، ئۇلىنىش تورلىرىچۇ ؟! ئۇلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ئۇلىنىش بەرگەنلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى كېرەكمۇ ؟ بىزغۇ سۈرۈشتە قىلالماسمىز، ئەمما ، ئاخىرەتتە ، بارچە ئەمەللەرگە ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى زاتچۇ؟ ... Cot\i\]jv  
ny? m&;^r:  
ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا تەكلىپ V$F.`O!hfi  
!5 :[XvI#  
ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك كۆلەم ھاسىل قىلىشىدا ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ تۆھپىسىگىمۇ، ئۇلارنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ بېرىشلىرىگىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بىزدە ‹‹ پۇل تاپقۇچە ، يۈز تاپ ›› دەيدىغان ھېكمەتمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىمۇ نۇقۇل ئىقتىسادىي قىممەت قوغلاشماستىن، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئالدىدا مەلۇم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى، ئۇيغۇر تور مۇھىتىنىڭ پاكىز ، بىخەتەر بولۇشىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.  ئۇلىنىش تورلىرى ئۇلىنىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى، بىر تەرەپتىن تور بېكەتلەرنى قانۇنىي نۇقتىدىن، يەنى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ، ئەكسىيەتچى ، شەھۋانى - سېرىق مەزمۇنلار بار - يوقلۇقى جەھەتتىن تەكشۈرۈپلا قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيەت دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت - ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلامدۇ يوق؟ ئۇيغۇر ئەخلاق قاراشلىرىغا ئۇيغۇنمۇ يوق؟ دېگەندەك ئۆزىمىزگە خاس بولغان كونكرېت تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش لازىم. ئۇلىنىش تورلىرى تەمىنلىگەن ئۇلىنىش ئارقىلىق زىيارەت قىلىنغان تور بېكەتلەر چوقۇم ساغلام، مەزمۇنلۇق، مەنپەئەتلىك ، بىخەتەر بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى بايراقدار ئورنى ۋە نوپۇزىنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئۆز شەرىپىنى ساقلاشتا ھەرقاچان ھۇشيار بولۇشى زۆرۈر. ئىنسان ئۈچۈن ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئەلەملىك ئىش بولماس، بىخۇدلۇق، پۇلغا  زىيادە ھېرىسمەنلىك كىشىنى پەسكەشلىككە باشلايدۇ ... GpQF * x  
سۆزىمىزنى شۇ جايدا كېسىمىزكى، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى جىگەر - ۋىجدانى ، ئەلگە ھەقىقىي خىزمەت قىلىش ئىرادىسى بولسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆزلىرى تەمىنلىگەن ئۇلىنىشلار ئارىسىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت - ئەنئەنىسىگە بىھۆرمەتلىك قىلىۋاتقان، قانۇنى جەھەتتىن سېرىق دەپ بېكىتكىلى بولمىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق قارىشى، ھايا - نۇمۇس قارىشى بىلەن كەسكىن توقۇنىشىۋاتقان مەزمۇن ، كىنو ، MTV ، قىسقا فىلىملەر بار بولغان تور بېكەتلەرنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا ئۆزىنىڭ خەلق ئالدىدا مەسئۇلىيەتتىن باش تارتمايدىغان ئەزىمەتلىكىنى، ئەل - ۋەتەننى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن سۆيدىغانلىقىنى نامايىش قىلىشى كېرەك. Z1lF[d,f;  
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى [يۈكسەل بلوگى] ۋە بلوگ مەنزىلى[http://www.yuksel.me] نى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:ئۇيغۇر تور ئۇلىنىش
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 27
جۇغلانمىسى: 175
شۆھرەت: 2 كىشىلىك
تىللا: 27 دانە
توردا: 25(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-27
ئاخىرقى: 2010-07-21
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 01:02

تورداشلارنىڭ مەدەنىي مۇنازىرلىشىشىنى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنى قارىغۇلارچە تىللاپ - ھاقارەتلىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
anka
قىز تۇغماي ھايا،ئوغۇل تۇغماي غۇرۇر تۇغۇڭلار .
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 34
يازما: 442
جۇغلانمىسى: 4205
شۆھرەت: 29 كىشىلىك
تىللا: 447 دانە
توردا: 161(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-24
ئاخىرقى: 2010-07-20
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 10:02

مۇنازىرىنى باشلاپتۇق - تە يۈكسەل ئەپەندى . يارايسىز ................ i$bBN$ 
پىكىرىڭىز ئۆتكۈر بولغاچقا ، بارلىق مەسلىلەرنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويۇپسىز . بىز ئۇيغۇر مىللىتى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ، مەدىنىيەت مىراسلىرىمىز ، ئەنئەنىلىرىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز . مەيلى تارىختا نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر . ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى بىزگە يەتكۈزدى . بىزنىڭمۇ ھەم كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش مەسھۇلىيىتىمىز بار . OLwxGRYX  
خادىكنىڭ ئالدى چاقى قايسى يولدا ماڭسا كەينىمۇ شۇ . دىگەندەك بىز بىر ئەۋلات كىشىلەر بۇنداق پەسكەشلىشىپ ، پۇل ئۈچۈن ئىنسانىيلىقىمىزنى ، نۇمۇس - ھايا تۇيغۇمىزنى T\>=o]  
قۇربان قىلىۋەتسەك . كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا يۈز كىلەلەمدۇق ........... L')zuI  
ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ھالەك قىلمىغۇچە ، ئۇنى ھىچ كىشى ھالەك قىلالمايدۇ . %ZK}y{u\  
ھارام يولدا تاپقان پۇل كۆپ بولىدۇ ، ئەمما بەركىتى بولمايدۇ . |*$_eb  
شۇڭا ئۇلىنىش تۇرى ئالدى بىلەن بۇ مەسلىنى ئىنىق تونۇپ ، ئۇيغۇر تورلىرىغا ئۈلگە بولىشى . ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ مەدىنىيەت زاۋاللىقىغا تىزلەپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى كىرەك .
چۈنكى سىلەر ئوغۇزخان تۇغىدىغان ئانىلار .
«ئۈمىد»   غەلبە دىمەكتۇر
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 0
يازما: 601
جۇغلانمىسى: 918
شۆھرەت: 18 كىشىلىك
تىللا: 602 دانە
توردا: 301(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-01
ئاخىرقى: 2010-07-18
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 10:20

شەرەپ مۇنبىرىدىكى تور دەپ چىقىرىپ قۇيدىكەن ، ئاچسا  تايىنى يۇق بىر بەت، ئۇلنىش بىلەتلىرى پۇلنىغىنەك تۇيۇندىغان بۇلۇپ قالدىمۇ يا، ئىشقىلىپ ئۆزلىرىگە ئايان .   f As:[  
ئۇلار باشقا بىلەتلەرنى ئۇلنىش قىلغاندا  مەدنىيتىمىزگە ، ئۆرۈپ ئادەتلىرىمزىگە  يات، كىنۇ بىلەتلرىگە سىرىق كىنو قىستۇرۇپ قۇيغاننى ئۇلنىش قىلماسلىقتەك بىر قىسم ئۈنۈمى ياخشى قائىدە نىزاملارنى چىقىرىپ قۇيۇش كېرەك ، ھەم شەرتىسز ئىجارە قىلىش كېرەك ،  
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 0
يازما: 100
جۇغلانمىسى: 4435
شۆھرەت: 14 كىشىلىك
تىللا: 103 دانە
توردا: 136(سائەت)
تىزىملاش: 2009-09-04
ئاخىرقى: 2010-07-21
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 15:43

بىر چاغدا ئابدىكىرىم ئابلىز كىيىن تەرەققىي قىلىپ تىلۋۇزۇردا ئوتتورىدا ئىلان ، ئەتىراپىدا كىنو چىقارمىكى دەۋاتتى. ھازىر بەزى تور بىكەتلەر «تەرەققىي قىلىپ» مۇشۇ ھالەتكە يىتىپتۇ. بەزى تور بىكەتلەركە كىرىدىغان بولسا پۈتۈن ئىكراننىڭ 50%دىن يۇقىرىسى ئىلان، قالغىنى مەزمۇنكەن.
anka
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 67
جۇغلانمىسى: 1232
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 67 دانە
توردا: 12(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-04
ئاخىرقى: 2010-07-16
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 16:44

راس   دەيىسز ئامۈتىجان  .  بۈنداق  قىلىسا  . تىلىۋۇزۇردىن نىمە  پەرىقى
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 368
جۇغلانمىسى: 276
شۆھرەت: 69 كىشىلىك
تىللا: 372 دانە
توردا: 46(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-03
ئاخىرقى: 2010-07-20
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 16:46

بۇلىدىكەن ھە
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 27
جۇغلانمىسى: 175
شۆھرەت: 2 كىشىلىك
تىللا: 27 دانە
توردا: 25(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-27
ئاخىرقى: 2010-07-21
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 17:50

ئۇشبۇ تېما ھەققىدە يۈكسەل بلوگىدا خېلى ئەمەلىي مۇنازىرىلەر بولىۋاتىدۇ. ئىجادىي ئىنكاسلار چۈشىۋاتىدۇ. ئىز كۇلۇبىدىكى تورداشلارمۇ دىققەت قىلىپ تۇرغاي: ;/ p)vR  
http://www.yuksel.me/article/nesiriyler/ulinishlargha-het.htm
كۆرۈشكىچە تويۇڭ بولسۇن !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 7
يازما: 196
جۇغلانمىسى: 6188
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
تىللا: 199 دانە
توردا: 223(سائەت)
تىزىملاش: 2010-01-09
ئاخىرقى: 2010-07-21
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 18:02

ھازىرچە بۇ يەرگە سەل زايە كەتتى بۇ تېما ، ئۈستىڭىزدىكى ئىنكاسنى كۆرۈپ چۈشەنگەنسىز-ھە ..
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 27
جۇغلانمىسى: 175
شۆھرەت: 2 كىشىلىك
تىللا: 27 دانە
توردا: 25(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-27
ئاخىرقى: 2010-07-21
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-15 18:06

بەزى تورداشلارغا ئامال يوق، ھەركىم ئۆز بىلىش دائىرىسىدا، سەۋىيىسىدە پىكىر قىلىدۇ. ئاغرىنىشقا نېمە ھەققىمىز بار دەيسىز ؟! ھەر ھالدا بولىدىكەن - ھە دەپ ، باھا بەرگىنى ئەس - ھۇشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىگە دالالەت. شۇنىڭ ئۈزىگە شۈكۈرى!