يېقىندا جياڭسۇلۇق 24 ياشلىق بىر ئىشلەمچى قىز ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا سەۋەبسىزلا ئۆلۈۋالغان . قىزنىڭ ئاچىسى ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سىڭلىسىنىڭ QQ سىغا كىرگەن ھەمدە بۇ يەردىكى بىر غەلىتە QQ توپىنى بايقىغان : بۇ توپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈۋېلىش ئىستىكىدە يۈرگەنلەر بولۇپ ، ئۆز-ئارا پاراڭلاشقاندا پۈتۈنلەي ئۆلۈۋېلىش ئالدىدىكى ھېسسىيات ياكى ئۆلۈۋېلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن ، ھەتتا بەزىدە تورداشلار يىغىلىپ كوللېكتىپ ئۆلۈۋېلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلارمۇ چىقىپ تۇرىدىكەن !
ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈۋالغۇچى قىزنىڭ مۇشۇ QQ توپىدىكى بىر يىگىت بىلەن مېھمانخانىنىڭ ياتىقىدا كۆمۈر گازى قويۇپ بېرىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى ھەمدە بۇ QQ توپىدىكى باشقا ئەزالارنى ئىزدەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى .