تېما: ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغان يېزىقلىرى
«ئۈمىد»   غەلبە دىمەكتۇر
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 0
يازما: 601
جۇغلانمىسى: 918
شۆھرەت: 18 كىشىلىك
تىللا: 602 دانە
توردا: 301(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-01
ئاخىرقى: 2010-07-18
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-14 11:59

0 ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغان يېزىقلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغان يېزىقلىرى /^8t'Jjd,  
1(D1}fcul  
    ئۇيغۇر مىللىتى قەدىمدە «回纥 » ياكى «回鹘» دەپ ئاتالغان، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي جەرياندا نۇرغۇن يېزىقلارنى ئىشلەتكەن. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى تۈرك يېزىقىغا دائىر تىل ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن يېزىق قەدىمكى تۈرك يېزىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خەت شەكلى گېرمانلار ئىشلەتكەن رۇنىك يېزىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن رۇنىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان؛ بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرى ۋە سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا، ئۇ ھەم ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. رۇنىك يېزىقى بەش خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە: 1) سوزۇق تاۋۇشلار ئانچە مۇھىم ئەمەس، يېزىقتا دائىم چۈشۈپ قالىدۇ؛ 2) جەمئىي 40 ھەرپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ھەر سەككىز سوزۇقنى ئىپادىلەيدۇ؛ 3) بەزى ھەرپلەرنىڭ ئىككى-ئۈچ خىل، ھەتتا تۆت-بەش خىل يېزىلىش شەكلى بار؛ 4) سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ؛ 5) بىر قىسىم ھەرپ-بەلگىلەر تەسۋىرىي يېزىققا تەۋە. ئادەتتە قەدىمكى تۈرك يېزىقى ئارامى يېزىقى ۋە تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ھەرپ-بەلگىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. ar=hx+  
    8-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە، ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغان، بۇ يېزىق سوغدى يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېلىپبەلىك يېزىق، كېيىنكى موڭغۇل، مانجۇ يېزىقلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئاز-تولا ئىسلاھ قىلىنىپ ئىشلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تۆت خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە: 1) جەمئىي 23 ھەرپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سوزۇق تاۋۇش تۆت. 2) يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ؛ 3) ھەر بىر ھەرپى باش، ئوتتۇرا، ئاياغتىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىلگە ئىگە؛ 4) ئادەتتە سوزۇق تاۋۇشلار چۈشۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. bv_AJ4gS  
    10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن يېقىنقى زامانغىچە ئەرەب يېزىقى تەدرىجىي ھالدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى باستى. ئەرەب يېزىقى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە: 1) 20-30 ھەرپ بار، خەت شەكلى مۇقىم ئەمەس، ھەر بىر ھەرپنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاياغ، يالغۇز قاتارلىق تۆت خىل شەكلى بار؛ 2) ئوڭدىن سولغا توغرىسىغا يېزىلىدۇ؛ 3) ئۈزۈك تاۋۇشنى ئاساس قىلغان يېزىق بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەش ئەپسىز. يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن، بۇ يېزىق بىر نەچچە قېتىم ئىسلاھ قىلىنغان. 15-ئەسىردىن كېيىن، ئەرەب يېزىقىدىكى ھەرپلەر ئاساسىدا تۆت ئۈزۈك تاۋۇش قوشۇلۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى (تۈرك يېزىقىمۇ دېيىلىدۇ) ئىجاد قىلىندى. چاغاتاي يېزىقى ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن تىلمۇ چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالدى، بۇ 15-20-ئەسىرلەردىكى كلاسسىك ئەدەبىي تىل ھېسابلىنىدۇ. چاغاتاي يېزىقى ۋە تىلى گەرچە چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھايات چېغىدا بۇ نام يوق ئىدى. تۈرك شائىرى ئەلىشىر نەۋائى (مىلادى 1441~1501-يىل) بۇ نامنى ئەڭ ئاۋۋال ئىشلەتكەن. بۇ خىل يېزىق تاكى 1936-يىلغىچە قوللىنىلدى، كېيىن ئۇنىڭغا ئۈچ سوزۇق تاۋۇش قوشۇلدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1951-يىل ئۇنىڭدىكى ئىشلىتىلمەيدىغان توققۇز سوزۇق تاۋۇش چىقىرىۋېتىلدى، كېيىن يەنە 1952-يىل ۋە 1954-يىل ئىككى قېتىمدا ئالتە سوزۇق تاۋۇش قوشۇلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرىلىرىدىن 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى قوللاندى، 1982-يىلنىڭ باشلىرى يەنە كونا يېزىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقنى قوللىنىش توختىتىلدى، ئۇيغۇر يېزىقىغا يەنە ئىككى قوشۇمچە بەلگە قوشۇلدى، خەت شەكلدىن ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ئەسلىدىكى تۆت سوزۇق تاۋۇش سەككىز سوزۇق تاۋۇشقا كۆپەيتىلىپ، تاۋۇش جەھەتتىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈلدى. Dj/Q1KY$m  
    يۇقىرىقى يېزىقلاردىن باشقا، ئۇيغۇرلار تارىختا سوغدى يېزىقى، پارس يېزىقى، خاقانىيە يېزىقى، گرېك يېزىقى، توخار يېزىقى قاتارلىق نۇرغۇن يېزىقلارنى قوللانغان ھەمدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردا بۈيۈك ئەسەرلەرنى ياراتقان، مەسىلەن، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىگ»، «تاھىر-زۆھرە» دېگەندەك، بۇ ئەسەرلەر ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتتى. EywZIw?mjX  
!/[AQ{**T!  
مەنبە: ئۇيغۇر تىل-يېزىق تورى . http://www.xjyw.gov.cn/Web/Article.aspx?ArticleId=391