بىر تۇخۇم سالايمۇ ياكى ئىككىنىمۇ
Vvx a.B شوۋگۇرۇچ ساتىدىغان ئىككى ئاشخانا بوۇلپ ، ھەر ئىككىسىنىڭ خېرىدارلىرى ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن . بىراق ، كەچتە غەللە سانىغاندا ئوڭ تەرەپتىكى دۇكاننىڭ غەللىسى سول تەرەپتىكىدىن كۆپ بولىدىكەن . سەزگۈر ئادەملەر سول تەرەپتىكى ئاشخانا كۈتكۈچىسىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا " تۇخۇم سالامدۇق - يوق ؟ " دەپ سۇرايدىغانلىقى ، سېلىڭ دېسە سېلىپ ، سالماڭ دېسە سالمايدىغانلىقىنى بايقىغان .
Xqc'R5Cw ئەمما ، ئوڭ تەرەپتىكى ئاشخانىغا كىرگەندە ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان ، كۈتكۈچى خېنىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مېھماندىن " بىر تۇخۇم سالايمۇ ياكى ئىككىنىمۇ ؟ " دەپ سۇرايدىكەن . بۇنداق ئەھۋالدا تۇخۇمغا ئامراقلىرى ئىككىنى دەيدىكەن ، يېگۈسى يوقلىرىمۇ ئامالسىز ھالدا بىرنى دەيدىكەن ، شۇڭا ئوڭ تەرەپتىكىسى ساتىدىغان تۇخۇممۇ سول تەرەپتىكىسىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدىكەن .
bCH*8,Bmh پىسخولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئادەمگە تۇنجى ئۇچۇرنىڭ بېرىدىغان تەسىرى ھامان چوڭقۇر بولىدىكەن . شۇڭا ، باشقىلارنى خاھىشىڭىز بويىچە يېتەكلەشنى ئۆگۈنىۋېلىش سىزنى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىكەن .