دۇنيا گۇيا بىر سىنىپ
@4%a
ئەگەر دۇنيانى بىر سىنىپ دېسەك ، ئۇنداقتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ سىنىپتا قانداق رول ئوينايدۇ ؟ بۇ ئورتاق قاراش ئەمەس ، ئەمما كۈلكىگە خۇرۇچ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
aO'lk ئامېرىكا _ سىنىپ باشلىغى . ئۈگۈنىش ياخشى ، ئائىلىسىنىڭ قول ئىلكىدە بار ، قامەتلىك بولغاچقا ، جېدەلگە ئامراق . سىنىپتا ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشكە پېتىنىدىغانلار يوق دىيەرلىك ، مۇئاۋىن سىنىپ باشلىغى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس .
RHOEyXhOA روسىيە _ مۇئاۋىن سىنىپ باشلىغى . نەتىجىسى ئالاھىيدە ياخشى ، بويى خېلىلا ئېگىز ، ئالدىنقى مەۋسۇمدا سىنىپ باشلىغى بىلەن تىركىشىپلا ئۆتتى . كېيىن ، ئۆيىدە ئىش چىقتى ، يەنى بەزىلەر ئۆي ئايرىدى ! ھازىر ھەرقانداق ئىشتا بەك قاتتىق قول ، ئەمما سىنىپتا بەلگۈلۈك تەسىرى بار .
5\6S5JyIL جۇڭگو _ سىنىپ ئىتتىپاق ياچايكىسىنىڭ شۈجىسى . ئىددىيسى ئىلغار ، دائىم ساۋاقداشلىرىغا ئىدىيۋى خىزمەت ئىشلەيدۇ ، مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن .
t:?8I9d ئەنگىلىيە _ ئۆگۈنىش ھەيئىتى . ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى . ئائىلىسىنىڭ قول ئىلكىدە بار . سىنىپ باشلىقىنىڭ ئارقىسىدىن چىقمايدۇ . ئوبېكتىپ مەيدانى يوق ، ھەممىلا ئىشتا سىنىپ باشلىقىنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ . تېخى يېقىندىلا سىنىپ باشلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئىراقنىڭ ئاغزى - بۇرنىدىن قان ئاققۇزدى .
h;(#^+LH شۋېتسارىيە _ گۈزەل سەنئەت پېنى ۋەكىلى . سىنىپ گۈزىلى ، ئۆگىنىش نەتىجىسى خېلىلا ياخشى ، بويى ئىگىز ۋە كېلىشكەن .
X\dPQwas
M ئاۋىستىرىيە _ مۇزىكا پېنى ۋەكىلى . مۇزىكىدىن ئوت چىقىرىۋېتىدۇ .
Rl2*oOVz ئافغانىستان _ ۋەزىپىسى يوق . ئۆگىنىش دېسە بېشى ئاغرىيدۇ . بۇيى پاكار ، ئالدىنقى مەۋسۇمدا مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقىدىن يەتكىچە تاياق يېدى ، ئەمما داۋالىنىش پۇلىنى سىنىپ باشلىقى تۆلىدى . ئەمما ، نەچچە كۈن ئىلگىرى سىنىپ باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ ئىگىز ئىككى ئويۇنچۇقنى بۇزىۋېتىۋىدى ، بولۇشىغا تاياق يەپ چالا ئۆلۈك بولۇپ قالدى ، ھازىرمۇ ئېسىنى يىغالماي يۈرۈيدۇ .
&&\HE7* ئىراق _ ۋەزىپىسى يوق . ئۆگۈنىشى ناچار . ئەمما بوي - بەستى كېلىشكەن ، ئالدىنقى مەۋسۇمدا بوي ئىگىزلىكى جەھەتتە 4 - ئورۇنغا ئۆتكەن . ئاغزى قاتتىق ، ئالدىنقى مەۋسۇمدا پارىتدېشى كۈۋەيىتنى ئۇرۇۋىدى ، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلەر بىرلىشىپ ئىراقنى تازا دۇمبالىدى . ئاخرىدا سىنىپ باشلىقى بىلەن ئۆگۈنىش باشلىقى ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ، ئۇرۇپ - چېقىپ خارابىيلىككە ئايلاندۇرۇپ قويدى .
?z]hYsy ھىندىستان _ كومپىيوتېردىن ئوت چىقىرىۋېتىدۇ . شۇڭا كومپېيوتېرنىڭ ۋەكىلى بولىۋالدى . دائىم پارىتدېشى پاكىستان بىلەن بىر پارچە سالاتنى تالىشىپ سوقۇشۇپلا قالىدۇ .
7Y>17=| گېرمانىيە _ سىنىپنىڭ ئاكتىپى ، بويى بەكلا ئىگىز ، ماتېماتىكا ، فىزىكا ۋە خېمىيدە ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ . نىيتى يامان ، مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە خېلىلا كەڭ كۈلەملىك جېدەل قوزغىۋەتكەچكە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ، ئەمما خاتالىقىنى تونۇش ئىپادىسى بەكلا ياخشى .
(4WAoye | ياپۇنىيە _ ۋەزىپىسى يوق ، نەتىجىسى خېلىلا ياخشى ، بىراق ئىدىيۋى ئەخلاقى بەكلا ناچار . مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە سىنىپ باشلىقى بىلەن ئىتتىپاق ياچايكا شۈجىسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ تاياقنى بولدى دېگۈچە يىگەن . بىراق ھازىرمۇ سىنىپ باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكى بېلىق قاچىسىغا ئېرىشىش نىيتىدىن يانمىدى .
}%;o#!
ۋيېتنام _ ۋەزىپىسى يوق ، ئىستىلى چاتاق ، بەك ئاۋاق . ئۆتكەن مەۋسۇمدا سىنىپ باشلىقى ئۇنى قولىغا كالتەك ئېلىپ قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرغاندى ، مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بىلەن ئىتتىپاق ياچايكىسىنىڭ شۈجىسى ئارىغا چۈشۈپ قۇتقۇزىۋالغان . كېيىن ، ئاش بەرگەن قاچىنى چېقىپ ئىتتىپاق ياچايكا شۈجىسىغا " چاقچاق " قىلىۋى ، ئاغزى - بۇرنى قان بولدى .
uR:@7n
چاۋشىيەن _ ۋەزپىسى يوق ، خاراكتېرى ئۈستۈن ، ئىتتىپاق ياچايكىسىنىڭ شۈجىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ئالاھىيدە ياخشى .
vA r
fsgk
[ بۇ يازمىنىsalkin11دە2010-07-12 11:28قايتا تەھرىرل ]