ۋاز كېچىشمۇ بىر خىل دانالىقتۇر .
v=@TWEE ھازىر جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر " جان بېقىش نېمە دىگەن تەس " دەپ ، تۇرمۇشتىن ئاغرىنىشىدۇ . بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟
\_V-A f{6 رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ، ماددىي ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئەگەر بىز ئېرىشىشنىلا ئۈمىد قىلىپ ، ۋاز كېچىشنى بىلمىسەك ، ئۇ چاغدا تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا ئالغا قاراپ ئەركىن ئۈزۈش بىز ئۈچۈن ناھايىتى تەسكە توختايدۇ .
V"\0Y0 ئادەم تەبىئىيتىدىنلا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ . كىچىك ۋاقتىمىزدىن تارتىپ ئوقۇتقۇچىللىرىمىز بىزگە " كىشىلىك ھاياتتا ئىنتىلىش بولۇش كېرەك " دەپ تەربىيە قىلاتتى . ئىنتىلىشنىڭ بولۇشى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش . بىلىم ئېلىش ، بايلىق توپلاش ، نام چىقىرىش .......... بۇلارنى ھەممىسى كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ . بىراق ، بىز تۇرمۇشقا ، رېئاللىققا يۈزلىنەيلى . ئوخشاش بولمىغان نوقتىلاردا تۇرۇپ ، كىشىلىك ھاياتنى ماھىرلىق بىلەن كۈزۈتىپ باقايلىك .
nn
/?fIZN4 جاھاندىكى نۇرغۇن ئىشلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئېرىشىشنىڭ كەينىدە يوقىتىشنىڭمۇ بارلىقىنى ، يوقىتىش بولغاندىلا ئاندىن ئېرىشىش بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز . قاراڭ ، بىز تاتلىق مېۋىگە ئېرىشتۇق ، ئەمما چىرايلىق چېچەكلەردىن ئايرىلىپ قالدۇق . تۇرمۇشتا پىشقان ، بىلىملىك مۆتىۋەرلەرگە ئايلاندۇق ، ئەمما گۈزەل ياشلىق باھارىمىزدىن ئايرىلدۇق ، ئىجتىمائىي ئالاقە خوشاللىقىغا ئېرىشكىنىمىزدە بولسا ۋاقىت ئەركىنلىكىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق .
H,fZ!8(A_) شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، يوقىتىش بىلەن ئېرىشىش قوشكىزەك ، كىشىلىك ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ ، بەلگۈلۈك قىممەتكە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز ، ئېرىشىشنىمۇ ، ۋاز كېچىشنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك .
L!0OC''C كىشىلىك ھايات ئىنتايىن گۈزەل . پەقەت ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز .
[ بۇ يازمىنىsalkin11دە2010-07-11 17:33قايتا تەھرىرل ]