ئادىلجان ئابلىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ياش رەسسام، خەتتات ئادىلجان ئابلىز 1971-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قارىماي شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قارىماي شەھىرىدە ئوقۇغان.1990- يىلى قارىماي دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ گۈزەل-سەنئەت سىنىپىنى تاماملاپ، قارىماي شەھەرلىك ئىشچىلار تېخنىكوم قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.1992- يىلدىن 1993- يىلغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ گۈزەل - سەنئەت فاكۇلتىتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1994- يىلى خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن«شىنجاڭ نېفىت گېزىتى» ئىدارىسىغا گۈزەل-سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن.
ئادىلجان ئابلىزنىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىگە ئىشتىياق باغلىغان ۋاقتى دەل ئۇنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا نەشىر قىلىنىۋاتقان نۇقتىلىق گېزىت - ژورناللاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىندى. 2001- يىلى قارىماي شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، مايتاغ رايۇنلىرىدا سەييارە كۆرگەزمە قىلىندى ھەم ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. «ساختا سۆز»، «ئېلان»،«تىمىسىز» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاخباراتچىلار جەمئىيتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا، ئاپتونۇم رايۇنلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى، شىنجاڭ ئېلانچىلىق جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان جامائەت پاراۋانلىقى تىمىسىدىكى مۇسابىقىدە ئىككى پارچە ھەجۋىي رەسىم ئەسىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، قارىماي شەھەرلىك رەسساملار، خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ تەكلىپلىك گۈزەل - سەنئەت مۇھەررىرى.
تەييارلىغۇچى: بەختىيار(مەڭگۈتاش)