تېما: تەۋسىيەلىك ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر(1.سان)
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 4
جۇغلانمىسى: 137
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
تىللا: 4 دانە
توردا: 6(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-05
ئاخىرقى: 2010-11-06
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 15:05

تەۋسىيەلىك ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر(1.سان)

ھازىرقى ئۇيغۇرچە تورلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۈنۋىرساللىشىپ كەتتى.نۇرغۇن تورلاردىكى مەزمۇنلار بىر-بىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،ھىچقانداق يىڭىلىق يوق.كىشىگە ھەقىقى مەنپەئەت بىرەلەيدىغان تورلار ساناقلىقلا.شۇنداقتىمۇ يوق ئەمەس.بۇندىن كىيىن تۇغچى بلوگى ھەپتىدە بىر سان <تەۋسىيەلىك ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر>دىگەن ماۋزۇدا يازما ئىلان قىلىپ ئۆزگىچە،خاسلىققا ئىگە ئۇيغۇرچە تور بىكلەتلەرنى تورداشلارغا تونۇشتۇرماقچى.تۆۋەندە تۇنجى ساندىكى تەۋسىيەلىك تور بىكەتلەر ھوزۇرىڭلاردا بولىدۇ.
1.ئۇيغۇرلار تورى
بىلىشىمچە بۇ تور بىكەت سۆيۈملۈك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندى تەرپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپىنى تونۇشتۇرۇش،قوغداش،تەرەققى قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان.
ئادىرسى :http://www.uyghurlar.tv/
2.مەرىپەت تورى
بۇ تور بىكەتمۇ  ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندى تەرپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ قۇتاتغۇبىلىك،مەرىپەت كۈتۈپخانىسى،چەتئەلدە ئوقۇش،مەرىپەت لوڭقىسى مۇكاپاتلىق كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى قاتارلىق سەھىپىلەردە ئىسىل يازمىلار يوللىنىۋاتىدۇ.
ئادىرسى: http://www.meripet.org/
3.پىشىۋا كىتاپ شەھەرچىسى
پىشىۋا كىتاپ شەھەرچىسى بولسا مەخسۇس ماتىرىيال ھەمبەھىرلىنىش سۇپىسى بولۇپ Txt,Word,PDF قاتارلىق فورماتتىكى ماتىرىياللارنى توردا كۆرۈشكە،چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.ئىقتىدارلىرىwww.docin.com/ تورىدىن قىلىشمايدۇ.ئۇيغۇر يىزىقىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ.بىلىشىمچە بۇ بىكەت يىڭى قۇرۇلغان بولغاچقا ئانچە كۆپ ماتىرىيال يوقكەن.ئەلۋەتتە سىز،مەن ۋە ئۇ قوللىساق،ئۆزىمىزدە بار ماتىرىياللارنى يوللاپ باشقا قىرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنساق بۇ تور بىكەتنىڭ ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ،مۇكەممەل،قولايلىق  ماتىرىيال ئامبىرى بولۇپ قىلىشىغا ئىشەنچىم كامىل.
ئادىرسى : http://pixiwa.com/
4. سەزگۈ تور بەت لاھىيەلەش بايلىقلىرى
مەزكۇر تور بىكەت تور بەت لاھىيەلىگۈچىلەر ئۈچۈن ھەرخىل خام ماتىرىياللارنى تەمىنلەشنى ئاساسى نىشان قىلغان بولۇپ خام ماتىرىياللارنىڭ تۈرى بىر قەدەر تولۇق بولۇپلا قالماي ھەرخىل كود ۋە ئۈنۈملەرنى ئالدىن سىناپ كۆرگىلى بولىدۇ.ئەگەر سىز بىر تور لاھىلىگۈچى ياكى تور بەت لەھىيەلەشكە قىزىققۇچى بولسىڭىز بۇ توردىكى مەزمۇنلارنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
ئادىرسى :http://sazgu.net
5.يول ئىزدەش ماتورى
مەزكۈر تور بىكەت ئىز تورىغا قاراشلىق بولۇپ ناخشا ئىزدەش ۋە لۇغەت ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.قانداقلا ناخشىغا ئىھتىياجلىق بولۇڭ يول ئىزدەش ماتورى سىزگە تىپىپ بىرەلەيدۇ.
يول ئىزدەش ماتورىنىڭ كىچىككىنە كەمچىلىكى :تور بەت ئىزدىگەندە ئىزدەش نەتجىسىنىڭ ئاسىتىغا ئىز تورىدىكى مۇناسۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.گەرچە بەزىلەرگە قولايلىق ئىلىپ كەلسىمۇ يەنە بەزىلەرنى بىزار قىلىۋاتىدۇ(مەسىلەن مىنى)،بەلكىم يول ئىزدەش ماتورىنىڭ كىيىنكى قىتىملىق  تىخىنىكا يىڭىلاشتا بۇ كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىپ ئىسىمى جىسمىغا لايىق ئەڭ ياخشى ئىزدەش ماتورى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن.
ئادىرسى : http://www.yol.la/
6.ئۇيغۇر يانفۇن تورى
مەزكۇر تور بىكەت مەخسۇس يانفۇن ھەققىدىكى بىلىملەرنى تارقىتىش،ئورتاقلىشىش ،يانفۇن يۇمساق دىتاللىرىنى چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلەش،ئاساسلىق يانفۇن سىستىمىلىرىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشنى ئاساسى نىشان قىلغان.يانفۇن ھەققىدىكى ھەر قانداق سۇئالىڭىزغا جاۋاپ تاپالايسىز ھەم يانفۇن توغۇرلۇق ھەرخىل ئۇچۇرلاردىن ېاقتىدا خەۋەردار بولالايسىز.
ئادىرسى :http://uyphone.org
7. بەكتۇر ئىنگىلىز تىلى كۇلۇبى
مەزكۇر تور بىكەت خاسلىققا ئىگە تىل ئۈگىنىش تور بىكىتى بولۇپ تىل ئۆگىنىش،ئىمتھانلار،چەتئەلگە چىقىش،مەكتەپ تاللاش،ۋىزا-پاسپورت قاتارلىق سەھىپىلىرىدىن چوقۇم نەپكە ئىرىشەلەيسىز.
ئادىرسى : http://www.bektur.com
8. ئەلچى گۈلچىلىكى
بىلىشىمچە مەزكۇر تور بىكەت ئۇيغۇر تورلىرى ئىچىدىكى تۇنجى،شۇنداقلا بىردىنبىر زاكاس ئارقىلىق گۈل يەتكۈزۈش تور بىكىتى.تور بىكەتتە ھەرخىل گۈللەر رەسىمى،چۈشەندۈرىشى بىلەن تەمىنلەنگەن بولۇپ ياقتۇرغان گۈلنى يىقىن كىشىلىرىڭىزگە تور ئارقىلىقلا سوۋغا قىلالايسىز.
ئادىرسى :http://www.gulqi.biz/
9. پۇتبول تورى
ئەگەر سىز بىر پۇتبول ھەۋەسكارى بولسىڭىز چوقۇم بۇ  تورغا ئامراق بولۇپ قالسىز.مەزكۇر تور بىكەت مۇنبەر شەكلىدە بولۇپ پۇتبول ھەققىدىكى ئۆتكۈر،كەسكىن مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇرىدۇ.
بۇ تور بىكەت يەنە كەڭ تور بىكەت قۇرغۇچىلارنىڭ سەمىگە سىلپ قويدىكى مۇنبەر دىگەننى چوقۇم ئۈنۋىرسال دىگەن نامدا قۇرۇش ھاجەت ئەمەس.پۇتبول تورىغا ئوخشاش مەلۇم بىر ساھە ھەققىدە  مۇنبەر قۇرۇلسىمۇ ئوخشاشلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ.
ئادىرسى :http://www.xjfifa.com
10.بۇ سىزگە قالدى
ئەسلى 10 نى يىزىۋىتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.لىكىن ئاخىرقىسىغا مۇۋاپىق نامزات تاپالمىدىم.شۇڭا بۇ ئورۇن تورداشلارغا قالدى.خاسلىققا ئىگە تور بىكەتلەرنى ئىنكاس سەكلىدە تەۋسىيە قىلساڭلار  تولۇقلاپ قويىمەن.
بۇندىن كىيىن ھەپىتىدە بىر سان <تەۋسىيەلىك ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر> يازمىسى يوللىنىدۇ.كۆپچىلىك ئىنكاس سەكلىدە تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ.

مەنبە: تۇغچى بلوگ
ئەسلى يازما: http://tughchi.com/uyghur-recommeded-websites-1.html
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 485
جۇغلانمىسى: 1025
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 489 دانە
توردا: 164(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2010-11-08
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 15:24

بۇ توغچى بىلوگىنىڭ ئىلانىمۇ ؟
نىمىلا دىمەي ھازىر دەۋاتقانلىرىڭىز راس ئىشقىلىپ ،،،،،،،،،،
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 4
جۇغلانمىسى: 137
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
تىللا: 4 دانە
توردا: 6(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-05
ئاخىرقى: 2010-11-06
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 15:27

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى okyaqiدە2010-11-05 15:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بۇ توغچى بىلوگىنىڭ ئىلانىمۇ ؟
نىمىلا دىمەي ھازىر دەۋاتقانلىرىڭىز راس ئىشقىلىپ ،،،،،،،،،،

نىمانداق قىزقچى سىز؟ تىمىنى ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىزمۇ كىچىكمەيتتىڭىز جىنىم قىرىندىشىم!
anka
abliz
دەرىجە: پالۋان
جەۋھەر: 0
يازما: 213
جۇغلانمىسى: 600
شۆھرەت: 38 كىشىلىك
تىللا: 215 دانە
توردا: 100(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-21
ئاخىرقى: 2010-11-05
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 15:45

ئەجىرھىڭزغا...رەھمەت
man yazgan xirlar!!!
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 20
جۇغلانمىسى: 1015
شۆھرەت: 3 كىشىلىك
تىللا: 20 دانە
توردا: 18(سائەت)
تىزىملاش: 2010-01-16
ئاخىرقى: 2010-11-06
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 16:10

ئىنتىل سەيناسى قەپ قاپتۇ ئاداش!!!!
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 9
يازما: 94
جۇغلانمىسى: 1721
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
تىللا: 102 دانە
توردا: 24(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-18
ئاخىرقى: 2010-11-07
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 16:17

رەھمەت، بىلىۋالدىم
bahadir
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 0
يازما: 765
جۇغلانمىسى: 2258
شۆھرەت: 83 كىشىلىك
تىللا: 799 دانە
توردا: 687(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2010-11-08
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 16:27

رەخمەت سىزگە ...!
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 10
يازما: 337
جۇغلانمىسى: 3228
شۆھرەت: 57 كىشىلىك
تىللا: 357 دانە
توردا: 91(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-26
ئاخىرقى: 2010-11-08
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 16:54

داۋاملىق يوللاڭ،موشۇنداق تىمىلار كۆپرەك بولۇشى كىرەك
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 4
جۇغلانمىسى: 137
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
تىللا: 4 دانە
توردا: 6(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-05
ئاخىرقى: 2010-11-06
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 19:50

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى palwanدە2010-11-05 16:10يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئىنتىل سەيناسى قەپ قاپتۇ ئاداش!!!!

ئىنتىللا ئەمەس يەنە نۇرغۇن بكەتلەر چالا.ئۇلارنى كىيىنكى سانلاردا داۋاملىق تونۇشتۇرىمىز.بولسا ھەممەيلەن ئۆزىمىز ياقتۇرۇدىغان خاسلىققا ئىگە،باشقىلارغا نەپ بىرەلەيدۇ دەپ قارىغان تور بىكەتلەرنى ئىنكاس شەكلىدە تەۋسىيە قىلساق.كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ ئەمەسمۇ!