ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ......

خىراجەت يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن غەرىبتىن نوم ئەكىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ئىخچاملاش قارار قىلىندى. خادىم ئىخچاملاش خىزمىتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، نوم ئەكىلىش گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىچە
1. قىياپەت ۋە مىجەزى:
تاڭ سېڭ: قاش كۆزى قاملاشقان، چىرايلىق، ئىخلاسمەن ۋە بىلىملىك.
باجىې: كېلىشكەن، سالاپەتلىك، سالپاڭ قۇلاق، سىرتقىي كۆرۈنىشى مۇلايىم.
شياسېڭ: قارا قاش، كۆزلىرى چوڭ، غەرەز ئۇقىدۇ.
ۋۇكوڭ: تىلى زەھەر مايمۇنەك، دۈمچەك، چېچىنى قەستەن ئالا يشىل بويىۋالغان.
2 . خاراكتىر ئالاھىدىلىكى:
تاڭ سېڭ: خاراكتىرى خۇشپىئېل. يوللۇق گەپ قىلىدۇ.
باجىې: يۇۋاش، مۆمىن. ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشنى خالىمايدۇ. رەھبەرلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ.
شياسېڭ: ئەمگەكچان، ئاددىي- ساددا. ئىچ مىجەز، رەھبەرلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ.
ۋۇكوڭ: مۇتەھەم، يولسىز، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدۇ، ئۇستازىدىن باشلاپ رەھبەرلەرگىچە قەتئىي ھۆرمەت قىلمايدۇ.
3. خىزمەت پۇزىتسىيىسى:
تاڭ سېڭ: تەرجىمانلىق خىزمىتىگە مەسئۇل. يول بويى شاگىرتلىرىغا تەلىم بېرىشنىڭ غېمىنى يەيدۇ.
باجىې: ئات بېقىشقا مەسئۇل، ئەزەلدىن ئاق ئاتنى ئاچ قويۇپ باقمىغان.
شياسېڭ: يۈك تاقلارغا مەسئۇل، يۈك تاقلارنى مۆرىسىدىن چۈشۈرمەي كۆتىرىپ يۈرۈپ، مۇھىم نەرسە ۋە ھۆججەتلەرنى يوقىتىپ قويمىدى.
ۋۇكوڭ: مۇقىم خىزمىتى يوق. ئادەتتە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش ئورنىدىن كېتىپ قالىدۇ. داۋاملىق ئۆزىگە ئىش تېرىپ يۈرىدۇ. ئەۋلىيا، بۇدساتۋالارنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى نەچچە قېتىم بۇزغان.
4. ئوقۇش تارىخى:
تاڭ سېڭ: دېڭىز بۆرىسى ئېنگىلىز تىلى ئېنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا خان تەرىپىدىن ئامرىكىغا ئەۋەتىلگەن.
باجىې: ئەرش ئوردىسى ھەربىي ئىشلار ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئەرش سەرلەشكەرلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن.
شياسېڭ: ئەرش ئوردىسى ھەربىي ئىشلار ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن پەردە قايرىغۇچى سەردارلىققا ئۆستۈرۈلگەن.
ۋۇكوڭ: ئاۋام ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ھۈنەرۋەن. بىر تۇتاش ئېتىراپ قىلىدىغان دىپلۇمى يوق.
5 . ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى:
تاڭ سېڭ: بۈيۈك تاڭ خانى بىلەن ئاكا- ئۇكىدەك ئۆتۈش شەرىپىگە داخىل بولغان. ئاۋالوكىتاسىۋارا بودساتۋانىڭ كۆرسىتىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ، بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن.
باجىي : سەر لەشكەر بولغان ۋاقتىدا ئاز بولمىغان نوپۇزلۇق ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈيرېن سۇلتاننىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى چاڭ ئې بىلەن مۇناسىۋىتى بار.
شياسېڭ: پەردە قايرىغۇچى سەردارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە يۈيرېن سۇلتاننىڭ قاتتىق ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان.
ۋۇكوڭ: جەھەننەم پادىشاھىنى دۇمبالىغان. ئەجدەر شاھنى ئانىي تاپقان، يۈيرېن سۇلتاننى رەنجىتكەن، كالا دىۋە بىلەن قىلىشقان قەسىمىدىن يېنىۋالغان. يەنە ئۇنىڭ قارا جەمئىيەت كىشىلىرى بىلەنمۇ سىرلىق مۇناسىۋىتى بار.
نوم ئەكىلىش ئەزالىرىنىڭ يۇقارقى ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن باھالاش نەتىجىسىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارە بولۇش پىرىنسىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، غەرىپتىن نوم ئەكىلىش كومىتېتىتىنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەھلىل قىلىشى ئارقىسىدا شۇنى قارا قىلدۇقكى، سۇن ۋۇكوڭنىڭ نوم ئەكىلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپ، دەرھال ئىش ئورنىدىن قالدۇرىلىدۇ.


مەنبە:
http://www.duan-xin.com/xiaohua/xiandai/320.html دىن تەرجىمە قىلىندى