تېما: ئامانەت ساقلاش ھەققىدە
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 3
يازما: 0
جۇغلانمىسى: 1480
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 0 دانە
توردا: 1(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-10
ئاخىرقى: 2010-08-10
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-23 17:04

0 ئامانەت ساقلاش ھەققىدە

ئەي ئوغۇل،بىر كىشى ساڭا ئامانەت قويۇشنى خالىسا،ئامانەتنى ئالما.ئامانەتنى قوبۇل قىلىپ،ئۆزۈڭگە بالا يۈكلىمە.چۈنكى،ئامانەتنى ساقلىماق بىر بالايىئاپەتتۇر.بۇ ئىش ئۈچ ھالدىن خالىي بولمايدۇ∶بىرى ئامانەتنى ئۆز مال-مۈلكۈڭدىن ئارتۇق كۆرۈپ ساقلاش ئۈچۈن جەبىر-جاپا چېكىسەن ۋە ئىگىسى تەلەپ قىلغاندا تاپشۇرۇپ بىرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيسەن.يەنە بىرى،نىيەت(ئىددىيەڭ)بۇزۇلسا،خام تەمەگەرلىك قىلىپ ئامانەتنى ئىنكار قىلىسەن،ئۈچىنچىدىن ئامانەت بىرەر سەۋەب بىلەن زايا بولسا،جاۋابكارلىق ۋە ئۇياتقا  قالىسەن.بۇ ئۈچ ھالنى ساڭا بايان قىلايكى∶بىرىنچى،ئامانەتنى ياخشى ساقلاپ،ئىگىسى تەلەپ قىلغاندا تاپشۇرساڭ،ئاللانىڭ∶<<سىلەر ئامانەتنى ئۆزئىگىسىگە تاپشۇرۇڭلار>>دېگەن ئايىتى بويىچە ئاللانىڭ ئەمرىنى ئورنىغا كەلتۈرگەن بولىسەن.ئامانەت ساقلاش ئاسان ئىش ئەمەس،ئەگەر زۆرۈر كېلىپ ئامانەت قوبۇل قىلساڭ،ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ ھەرگىز خىيانەت قىلما. ھەتتاكى،كىشىلەرگە مۇرۇۋۋەت قىلىشتىن ئازراق ھەسسىسى بار ئوغرىمۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ.بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايەت بار∶

_C&XwC Im  

بىر باي سەھەر ۋاقتىدا مۇنچىغا كېتىۋاتقاندا بىر دوستىغا ئۇچراپتۇ ۋە ئۇنىڭغا∶<<دوستۇم،بارمۇ سىز؟ياخشى يەردە ئۇچراشتۇق.مەن مۇنچىغا كېتىۋاتىمەن،بىللە بارايلى>>دەپتۇ.ئۇ دوستى∶بولىدۇ بۇرادەر،مەن سىز بىلەن مۇنچىغىچە بىللە باراي،لېكىن مۇنچىغا كىرمەيمەن،ئىشىم بار>>دەپتۇ.ئاخىر بۇ ئىككى دوست بىللە مېڭىپتۇ.ھېلىقى دوست مۇنچىغا يەتمەستىنلا ئىككىنچى بىر كوچىغا كىرىپ كېتىپتۇ،تېخى قاراڭغۇ بولغاچقا،بۇ كىشى دوستىنىڭ قايسى كوچىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرمەي قاپتۇ.دەل شۇ يەردە بايغا بىر ھەييار ئوغرى يولۇقۇپتۇ.باي بۇ ئوغرىنى ئۆزىنىڭ دوستى دەپ خىيال قىلىپ∶<<يېنىمدىكى100سەر ئالتۇنۇمنى سەن ساقلاپ تۇرغىن،مۇنچىدا ئوغرى ئېلىۋالمىسۇن>>دەپ ئامانەت بېرىپتۇ.ئۇ ئوغرى باينىڭ 100سەر ئالتۇنىنى ئېلىپ باي ھاممامدىن چىققۇچە كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.لېكىن باي ئوغرىنى تونۇماي ئۆتۈپ كېتىپتۇ.ئوغرى باينى چاقىرىپ∶

*_,: &Ur  

_ئەي باي،بۇ ئامانىتىڭىزنى ئېلىڭ،_دەپتۇ.

:vWixgLg  

_قايسى ئامانەتنى؟_دەپتۇ باي.

EA =EcUf'  

_سىز مۇنچىغا كىرىش ئالدىدا،_دەپتۇ ئوغرى،_ماڭا تاپشۇرغان ئامانەت.ئۇ 100سەر ئالتۇننى تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە∶

|-zefzD|  

_ئەي باي سىزنىڭ ئامانىتىڭىزنى ساقلايمەن دەپ ئۆز ھەركىتىمدىن قالدىم،بىر نەرسە تاپالمىدىم،_دەپتۇ.

Y3M"a8e'  

_قانداق ئىشىڭدىن قالدىڭ؟

M WHzrqCA  

_ھەييارلىق ۋە ئوغرىلىق ئىشىمدىن قالدىم،ھەر كۈنى سەھەر ۋاقتىدا چىقىپ بىر نەرسە تاپاتتىم.

SYaL@54  

باي بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ دەپتۇكى∶

5y8ajae:  

_ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بۇ ئالتۇننى ئېلىپ كەتمىدىڭ؟

-_p@I+B  

_ئەگەر بۇ ئالتۇنلارنى،_دەپتۇ ئوغرى،_ئۆز ھۈنىرىم بىلەن ئالغان بولسام بەرمەي ئېلىپ كېتىۋىرەتتىم.ئەمما، سىز ماڭا ئامانەت قويدىڭىز،ئامانەتكە خىيانەت قىلىش مەردلىك ئەمەس-دە!

w NtPh&  

سېنىڭ مەردلىكىڭ ئۈچۈن،_دەپتۇ باي،_بۇ 100سەر ئالتۇننى ساڭا بەردىم،ساڭا ھالال بولسۇن.

: kw14?]_  

ئەي ئوغۇل،سەن دىندارلىق ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئىگىسىمەن دەپ يۈرۈپ،ئامانەتكە خىيانەت قىلىشنى قانداقمۇ راۋا كۆرىسەن.ئىككىنچى،مۇبادا بىراۋنىڭ ئامانىتى قولۇڭدا زايا بولۇپ يوقالسا،ئامانەت ئىگىسىگە<<ئامانىتىڭ يوقالدى>>دەپ قانداقمۇ ئېيتالايسەن؟ھەرقانچە دەلىل-ئىسپات كۆرسەتسەڭمۇ ئىشەنمەيدۇ.خىيانەتكارلىق بىلەن تۆھمەتلىنىسەن ياكى قازى،ھاكىملار ئالدىدانېمە ئۈچۈن ياخشى ساقلىمىدىڭ دېيىلىپ،ئامانەتنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىسەن.ئۈچىنچى،ئەگەر ئامانەتكە خىيانەت قىلساڭ،ھۆكۈمەت سېنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇپ تۆلىتىدۇ،خەلىق ئارىسىدا بەتنامغا قالىسەن.ئەگەر ئۆزۈڭدە قالسا،ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسەن.ئاللاھ ئالدىدا قارا يۈز بولىسەن.ئەي ئوغۇل،بىر كىشىگە ئامانەت قويۇشنى خالىساڭ،ھەرگىز ئادەم يوق يەردە بەرمە. مېنىڭ مال-مۈلكۈمنىڭ بارلىقىنى كىشىلەر بىلمىسۇن دېمە.ھەر قاچان كىشىگە ئامانەت قويساڭ،بىر قانچە دىيانەتلىك،ئىناۋەتلىك مۇسۇلمان كىشىلەرنى گۇۋاھ قىلىپ ئامانەت قويغىن.ئامانىتىڭنى ھۆججەتسىزمۇ قايتۇرۇپ ئالالايسەن،ھەرقانداق ئىشىڭنى پۇختا ئىشلە،سەل چاغلىما،قەسەم قىلىشنى ئادەت قىلما،راست ئىش ئۈچۈن بولسىمۇ قەسەم قىلما.چۈنكى،خەلق ئارىسىدا قەسەم ئىچىش بىلەن شۆھرەت چىقارمىغايسەن.ئەگەر سەن يوقسۇل بولساڭ،قەسەم ئىچسەڭمۇ خەق ئىشەنمەيدۇ.

/`H{ n$  

   ئەي ئوغۇل،كىشىلەرنى ئالدىغۇچى بولما،ئالدانغۇچىمۇ بولما.كىشىنى ئالدىماق ۋەكىشىگە ئالدانماقنىڭ ھەر ئىككىلىسى يامان ئىش.ئېلىش-بېرىشتە كىشى كۆپ ئالدىنىدۇ ياكى ئالدايدۇ.بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ساقلىنىش لازىم.

k.K;7GZC  

مەنبە∶<<قابۇسنامە>>دىن.

بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى: iziz
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 126
جۇغلانمىسى: 2425
شۆھرەت: 6 كىشىلىك
تىللا: 132 دانە
توردا: 114(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-21
ئاخىرقى: 2010-10-25
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-23 18:51

ئۇ گەرچە ئوغرى بولسىمۇ باشقىلارنى ئويلايدىكەن بولمىسا . نىمىشقا ئوغۇرلۇق قىلىغاندا ئاشۇ كىشىنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلىۋالسام ئۇلار قانداق قىلار دەپ ئويلىمايدىكەن . ئۇ ئوغرى ھەجەپ بايىنىڭ ئالتۇننى ئېلىپ قاچماپتۇ يۇ . ئۇ چۇقۇم كەمبەغەلىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ قاچقان ،ئاشۇ بىچارىلەرنى يىغىلاتقان بۇلۇشى مۇمىكىن .شۇڭا ئۇنى ياخشى ئادەم دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 39
جۇغلانمىسى: 513
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 39 دانە
توردا: 33(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-21
ئاخىرقى: 2010-10-26
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-23 18:53

باشقىلارنىڭ  نەرسىسىنى  ساقلىماڭ  يۇتسە  تۆلەيسىز
anka
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 136
جۇغلانمىسى: 1480
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
تىللا: 151 دانە
توردا: 81(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2010-10-26
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-23 19:02

1-قەۋەت(aygul123) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش

ئوغرى ياخشى ئەمەس،لىكىن سىز بۇنى تېمىغا باغلاپ تۇرۇپ چۈشەنسىڭىز...   
دەرىجە: زېرەكشاھ

جەۋھەر: 0
يازما: 1047
جۇغلانمىسى: 2457
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 1050 دانە
توردا: 310(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-17
ئاخىرقى: 2010-10-26
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-24 12:54

ئوغرىنىڭ شۇ سۆزىدىن بىلەلەيمىزكى ئاللاھدىن قورققان ھالدا قوبۇل قىلىۋاتقان ئېسلام دىنىمىز رىئايە قىلغۇچىلار ئۈچۈن تولىمۇ ئۇلۇغ دىن ئېكەن . رەھمەت .
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 833
جۇغلانمىسى: 3030
شۆھرەت: 49 كىشىلىك
تىللا: 867 دانە
توردا: 119(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-04
ئاخىرقى: 2010-10-26
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-24 13:02

ساقلىماقچى بولغان  پۇل  پىچەكلىرىڭلارنى    ئاپام ئىشلەيدىغان  中国工商银行  غا   ئامانەت  قۇيۇڭلار  جۇمۇ ..ھى  ھى