قۇربان ئەلى
91of~ffh m}$+Hdk+7 سىزدە كېنىشكا بارمۇ؟
z"DkFvA بولماسلىقى مۈمكىن ئەمەس،چۈنكى بىز جۇڭگولۇقلار ھەرگىزمۇ كېنىشكىسىز ياشىيالمايمىز،بەلكىم قەيەردە قويغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغانسىز.
%o?IsIys Sx]
T/xq ئەگەرئۆيىڭىزدىكى ئەسكى-تۈسكى سالىدىغان كونا ساندۇقنى ئاقتۇرسىڭىز جەزمەن ئالدىڭىزغا مۇنداق كېنىشكىلار دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ:
oKFT?"[X W[NEe,.> كوممۇنانىڭ ئەمگەك نومۇرى خاتىرىلەش كېنىشكىسى،نورما ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى،رەخت بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى، كىرسىن بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى،شېكەر بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى؛ كادىر-خىزمەتچىلەرنىڭ گۆش بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى،ئاشلىق-ماي بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى،ھاراق بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى،كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى،يەنە ئىدارىلەر ئۆز ئالدىغا ياساپ تارقاتقان كۆكتات بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى؛زىيالى ياشلارنىڭ قايتا تەربىيە ئېلىش كېنىشكىسى،خەلق ئەسكەرلىرى كېنىشكىسى،ھەربىلىكتىن قايتقانلىق كېنىشكىسى...قاتارلىقلار.مانا بۇ كېنىشكىلار گەرچە تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان بولسىمۇ بېشىڭىزدىن ئۆتكەن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ھېلىھەم ئېسىڭىزگە سالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يەنە كاللىڭىزدا ئەمدىغۇ كېنىشكا دېگەنلەر خېلى تۈگەپ قالغاندۇ، دەيدىغان تۇيغۇنى پەيدا قىلى دۇ.ئۇنداقتا ،ئەڭ ياخشىسى شېرىن خىياللىرىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ،چۈنكى مەن بايا دېگەندەك بىز جۇڭگولۇقلار بىر مىنۇتمۇ كېنىشكىسىز ھايات يۈرەلمەيمىز.
:f'&z47 ID1?PM ئەگەر سىز تۇغۇلماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن تۇغۇلۇشقا رۇخسەت قىلغانلىق كېنىشكىسى بېجىرىشىڭىز كېرەك،ئەلبەتتە بۇنى ئاتا-ئانىڭىز سىزگە ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىدۇ.ئاندىن كېيىن نوپۇس كېنىشكىسىغا ئىسمىڭىز چۈشىدۇ،ئۇلاپلا ۋاكسىنا ئەملەش كېنىشكىسى بېجىرىسىز،ھايتنى-ھۇيت دەپ بولغۇچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى،ھەق تاپشۇرۇش كېنىشكىسى،بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى ئالىسىز.تەلىيىڭىز كېلىپ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ قالسىڭىز باكۇلاۋرلىق،ئاسفرانتلىق،ماگىستىرلىق،دوكتۇرلۇق كېنىشكىسى ئېلىشقا تىرىشىسىز.
C9Bh@v%90^ K8^kJSF\ ئەمدىغۇ كېنىشكادېگەنلەرنى كۆزۈم كۆرمىسۇن،تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشىمەن،دەپ ئويلىدىڭىزما؟چۆچۈرىنى خام ساناپسىز،ئىش تېخى ئالدىڭىزدا.سالاھىيەت كېنىشكىسى(كىملىك)،خىزمەت كېنىشكىسى،كومپىيۇتېر تېخنىكىسى بويىچە ئىش ئورنىغا چىقىش كېنىشكىسى،خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى بويىچە دەرىجە كېنىشكىسى ئېلىشىڭىز،توي قىلىپ قالسىڭىز نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاش كېنىشكىسى بېجىرىشىڭىزكېرەك.
rFJ[dz S"snB/ ئوخشىمايدىغان خىزمەت ئورنىغا قاراپ يەنە قانۇن ئىجرا قىلىش كېنىشكىسى،سودىيەلىك كېنىشكىسى،تەپتىشلىك كېنىشكىسى،ئادۋوكاتلىق كېنىشكىسى،بوغالتىرلىق كېنىشكىسى،ئوقۇتقۇچىلىق كېنىشكىسى،كەسپى ۋىراچلىق كېنىشكىسى،مۇخبىرلىق كېنىشكىسى،كەسپى تېخنىكا ۋەزىپە كېنىشكىسى،ئۇنۋان كېنىشكىسى ئېلىشىڭىز،ئامىتىڭىز كېلىپ قالسا بىر نەچچە يىلدا بىر نۆۋەت مەمۇرى ۋەزىپە (ئەمەل) كېنىشكىسى يەڭگۈشلەپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
XeUC0K[D =Pe>
دېھقانغا كېنىشكا يوقمۇ؟نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن،يەر ھۆددە ئالغانلىق كېنىشكىسى،دېھقانچىلىق باج مەلۇم قىلىش كېنىشكىسى،سۇ ھەققى تاپشۇرۇش كېنىشكىسى،فوندى تاپشۇرۇش كېنىشكىسى،مەجبۇرىيەت ئەمگىگى خاتىرىلەش كېنىشكىسى،ئاشلىق(پاختا)نى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا سېتىپ بېرىش كېنىشكىسى، ئامانەت قەرز كوپىراتىپىغا پاي قوشۇش كېنىشكىسى بار. w#G2-?aj
E@QA".
ئەگەر تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسىڭىز تىجارەت كېنىشكىسى، باج مەلۇم قىلىش كېنىشكىسى،شوپۇرلۇق كېنىشكىسى،سالامەتلىك كېنىشكىسى،سەھىيە ئىجازەتنامىسى،ھاراق-تاماكا سېتىش ئىجازەتنامىسى،ياغاچ كېسىش ئىجازەتنامىسىى،بۇلغاتقۇ قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسى،يۈك-يولۇچى توشۇش كېنىشكىسى،ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كېنىشكىسى، زەھەرلىك(ياكى خەتەرلىك)بۇيۇم سېتىش ئىجازەتنامىسى،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى،ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا كېنىشكىسى بېجىرىشىڭىز كېرەك. A q#/2t
`?s.\Dh
ئەگەرباشقا ئۆلكە،شەھەرلەردە ئىش-ئوقەت بىلەن تۇرۇپ قالماقچى بولسىڭىز ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسى،جاھاننىڭ باشقا بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى كۆرۈپ كېلەي دېسىڭىز پاسپورت،چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش كېنىشكىسى،يوليۈرۈش كېنىشكىسى بېجىرىشىڭىزكېرەك. ~el-*=
~krS#\
شۇنداق قىلىپ پانى دۇنيادا بېجىرىشكە تېگىشلىك كېنىشكىلارتۈگەيدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى بىر كېنىشكىنى سىز باقى ئالەمگە كەتكەندە پەرزەنتلىرىڭىز بېجىرىپ قويىدۇ،ئۇ بولسىمۇ ئۆلۈپ كەتكەنلىك كېنىشكىسى.سىزبۇ كېنىشكىنى بېجىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق،دەپ قارىماڭ،مۇبادا بۇ كېنىشكىنى بېجىرمىسىڭىز گۆرلۈك يەر ھەل قىلالماسلىقىڭىز،دەپنە خىراجىتىڭىزنى ئالالماسلىقىڭىز،ھەتتا يەر ئاستىدا تۇرۇپ ھەر ئايدا تازىلىق پۇلى تاپشۇرۇشىڭىز مۈمكىن. }4c/YP"a'E
`U`#I,Ln[
بۇ فېليەتون «كىروران ژورنىلى»نىڭ 2004-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان PE@+w#i7*
*07sK1wW
مەنبە؛شىنجاڭ يازغۇچىلار تورې 6p<`h^
http://www.xjzjxh.com/Views1.aspx?Subid=341 wODvc9p}]
QocQowz