مىدال مەركىزى
يۇمۇرلاردىن بەھىر ئېلىڭ ...
ئۈلگە قىلىش ...
ئوغلى دادىسىنىڭ خاتىرسىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن :
__ دادا ، سىز نىيۇتۇن ، ئېينىشتېيىن ، ئېدىسۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۈلگە قىلماستىن ، ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى ئۆزىڭىزگە ئۈلگە قىلدىڭىز ؟ - دەپ سۇرىغانكەن ، دادىسى كۈلۈپ قويۇپ :
بۇ ئۇلۇغ زاتلارنىڭ دادىللىرى كاتتا ئالىملارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئالىملارنىڭ ئۆزلىرى كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمىدى ، دادا بولغان ئىكەنمەن ، ئۆزۈمگە چوقۇم ئولۇغ زاتلارنىڭ دادىللىرىنى ئۈلگە قىىلشىم كېرەك ، - دەپتۇ .
پەرق ...
مەلۇم بىر لاھىيلەش خادىمى بىر چېرتىيۇژ سىزغاندا ، ئۇنىڭدىكى « 1000 × 1 » نى خاتا ھالدا « 1 × 1000 » قىلىپ يېزىپ قويۇپتۇ ، بۇ تۈرگە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىم بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ، لاھىيەلەش خادىمىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپتۇ . لايھىلەش خادىمى قايىل بولماي ، بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق ئوخشىمايدىغانلىقىنى سۇرىغانكەن ، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى :
__ سىزنىڭ بىر قىز بىلەن 1000 قېتىم كۆرۈشكەنلىكىڭىز 1000 قىزنىڭ ھەربىرى بىلەن بىر قېتىمدىن كۆرۈشكەنلىكىڭىز بىلەن ئوخشاش بىر ئىش ھېسابلىنامدۇ ؟ - دەپ قايتۇرۇپ سۇراپتۇ .
ناركوز ...
بىر ئايال بىمار چىش دوختۇرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ، ھەدەپ سومكىسىنى ئاختۇرغىلى تۇرۇپتۇ :
__ خانىم ، پۇل تۈلەشكە ئالدىرماڭ ، - دەپتۇ دوختۇر .
__ مەن پۇلنى تۈلىۋېتەي دەۋاتقىنىم يوق ، بەلكى سىز ماڭا ناركوز ئوكۇلنى ئۇرشتىن بۇرۇن ، سومكامدا قانچىلىك پۇل بارلىقىنى بىلىۋالاي دەۋاتىمەن ! ...
بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى: LOVE8