ئەسسالاممۇ ئەلايكۇم ئەزىز تورداشلار بەزەن چاغدا ئادەم ئۆزى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بۇلدىكەن
مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيتىن شۇ نىجىس نەرسىنىڭ بۇرۇققىنى بۇراپ قالساممۇ كۆڭلۇم ئىلىشاتتى .
مەن بۇ ئۆمرۇمدە ئىككى قىتىم ھاراق ئىچىمتىمەن بىرىنچى قىتىم مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چىغىمدا ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىدا بىر قىتىم ئىچتىم ئۇ يەردە مۇئەللىممۇ بار ئىدى . ئىچمەيمەن دىسەم ساۋاقداشلار خەتتى ئۇنمىدى
مەن بۇ بىر رومكا ھاراقنى ئىچىمىسەم مۇئەللىمنىڭ ھۆرمۇتىنى قىلمىغان بۇلدىكەنمەن . مەن ھەيران قالدىم مۇئەللىمنىڭ ھۆرمىتى شۇ بىر رومكا ھاراق بىلەن ئۆلچىنەمدۇ ؟
مىنىڭ قارشىمچە ئۇقۇتقۇچىلار ئاتا ئانىدىن قالسىلا بىزگە ئىككىنجى ئاتا ئانا ئاشۇ ئۇقۇتقۇچىلار بىزگە ئىلىم پەن
ئۆگەتتى قاراڭغۇ دىللارنى يۇرىتتى ياخشى ياماننى بۇلدۇردى بۇنىڭغا ئاللامۇ گۇۋا بۇلالايدۇ . ئۇلار ئاشۇنداق
سىڭدۇرگەن ئەجىرنى شۇ نىجىس بولغان يەنى ھاراقنى ئۆلچەم قىلامدىغاندۇ شۇنچە سىڭدۇرگەن ئەجىرنى شۇ بىر
ھاراققا تىگىشەمدىغاندۇ ،،،،،،،،،،،،،، ۋاي ئىسىت ئۇلارغا
ئىككىنجى قىتىم بولسا بىر نەۋرا ئاكام بىلەن ئىچكەن ئىدىم ئۇ كۇنى نەۋرا ئاكام ئۆيگە كىرىپتۇ ماڭ دۇكانغا چىقىمىز دەيدۇ ماقۇل دىدىم ، دۇكانغا چىقساق تۆت بەش ئادەملەر ھە دەپ ئىچىشكىلى تۇرۇپتۇ ،
ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قۇرساق ئاكا ئۇكىلار بار ئىكەن تىخى ئۇلار نەۋرە ئاكامنى سورۇنغا تەكلىپ قىلدى ئاكاممۇ تۇزۇت قىلمايلا ئۇلارغا قىتىلدى ئۇلار ھە دەپ ئىچىشۋاتاتتى . مەن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭغان ئىدىم بىرايلەن
قىشقاردى نىمە گەپ دىسەم ھاراق ئىچىمىز دەيدۇ ، ئىچمەيمەن دىسەم پەقەت بىر رومكا ئىچكىن دىدى مەن پەقەتلا ئۇنمىدىم ئۇ ماڭا ھە دەپ گەپ قىلماقتا ئىدى مەن بولسام بۇ سورۇندا ئاكام بار تۇرسا ئاكام بىلەن بىرگە ئىچىمەنمۇ دىسەم مەنمۇ ئىنىم بىلەن ئىچىۋاتىمەنغۇ دەيدۇ ئاچىقىم خىلىلا كەلگەن ئىدى سەندەك ئىمانسىزلار
ئىچدۇ شۇ دىسەم ئۇ ماڭا ھۇرپەيدى ئاكام ئوتتۇرغا چىقىپ ئىچىمىگەن ئادەمگە زولاپ نىمە قىلىسەن دەپتى ئۇ بۇ يەردىن بىر رومكا ھاراقنى ئىچمەي تۇرۇپ چىقىپ كەتمىسۇن دىدى مەن ئىچمەيمەن قانداق قىلالايتىڭ دەپ
ماڭغان ئىدىم ئۇ تۇسۇۋالدى ئىچە بۇ بىر رەمكا ھاراقنى دەپ ماڭا سۇندى مەن ئاكامغا قارىدىم ئۇمۇ ئىچمە دىيىشنىڭ ئورىغا ئىچىۋەتكىن دىمەسمۇ ئاچىقىمدا ئىچىپ ساپىمەن ئىچتىم يۇ ئاغىزىمدىن يىنىشقا باشلىدى يانغاندىن كىيىنكى ئۇ سىسىقنى بى دىمەڭ مەن شۇنىڭ دىن كىيىن ھاراق ئىچمەيمەن دەپ قەسەم قىلدىم