NLS"eDm
fhPk
EvJ
o+w;PP)+=
كەچۈرگىن ، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . تەقدىر شۇنداقتۇ بەلكىم ، سېنى ماڭا ئۇچراشتۇرۇپ يەنە رەھىمسىزلەرچە ئايرىۋەتتى . شۇنداق ، بىز ناھايىتى تاسادىپىي تونۇشقان ، بۇ دۇنيادا سېنىڭ بارلىقىڭنى بىلگەن شۇ كۈنى دېگەن گەپلىرىڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە . بەلكىم بىر كۆرۈپ مىھرى چۈشۈش دىگەن شۇ بولسا كېرەك . شۇندىن بۇيان تەقدىرگە ئىشىنىدىغان بولۇپ قالدىم . گەرچە ھازىر سەندىن شۇنچە يىراقتا بولساممۇ لىكىن تەقدىردىن قىلچە زارلانمايمەن . تەقدىرنىڭ مۇشۇنداق بولىشىنى بۇرۇنلا بىلگەن بولساممۇ يەنىلا سەن بىلەن تونۇشۇشنى تاللىغان بولاتتىم . Jn:ZYqc
تۇنجى قېتىم ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىرغان ۋاقتىڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە ، ئاۋازىڭ ماڭا دۇنيادىكى ئەڭ يېقىملىق ئاۋاز بولۇپ تۇيۇلغانىدى ، قەلبىم ئاللىقانداقتۇ ھاياجانغا تولۇپ ، يۈرەكلىرىم تىپىرلاپ كەتكەنىدى . قىزىق ، مۇنداق ئاۋازلار جىققۇ دۇنيادا ، نىمىشقا سېنىڭ ئاۋازىڭلا ماڭا بۆلەكچە ئاڭلىنىدۇ ؟ نىمىشقا بىر ئېغىز گېپىڭ ، بىرەر قېتىم كۈلۈشۈڭ ماڭا بۆلەكچە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ ؟ j#r6b]k(Hv
ئادەملەر شۇنداقكەنمىز ، تۇيۇقسىز بىرىنى ناھايىتى مۇھىم بىلىپ كېتىدىكەنمىز ، ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىمۇ شۇنداق يېقىملىق ، ئوماق تۇيۇلىدىكەن . تۇيۇقسىز بىرەيلەنگە بەكلا ياردەم قىلغۇڭ ، خوشال قىلغۇڭ كېلىدىكەن ، كۆڭلى پەقەتلا پەرىشان بولمىسا ، دائىم كۈلۈپ تۇرسىكەن دەيدىكەنسەن . تۇيۇقسىز بىرى ئالدىغا كەلگەندە نىمە دېيىشىڭنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەنسەن . باشقا قىزلار ئالدىدا قانچە سۆزمەن ، يۇمۇرلۇق بول ، مەلۇم بىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز تىللىرىڭ تۇتۇلۇپ قالىدىكەن . ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە ، ھەرىكىتىگە ھەتتا يېنىدىكى ئۇششاق نەرسىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىن تارتىپ دىققەت قىلىپ قالىدىكەنسەن . بەلكىم مۇھەببەت دىگەن شۇ بولسا كېرەك . @"a6fn
:x.7vZzxs
كەچۈرگىن ، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . كىچىكىمدىن ئۆزەمنى يالغۇزلۇققا ئامراق دەپ ماختىناتتىم . بىر چاغلاردا ھەتتا كىيىن شائىر بولسام " تەنھائى" دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلىتىمەن دەپ يۈرەتتىم ، ھەقىقەتەن ھازىرغىچە ھاياتىمنىڭ كۆپ قىسمى يالغۇز ئۆتتى ، بەزى ئالاھىدە ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئىچ سىرىمدىن ، ئويلىغانلىرىمدىن باشقىلارغا دەپ بەرمىگىنىم دەپ بەرگىنىمدىن كۆپ بوپ كەپتۇ ، ئەڭ يېقىن دوسىتلىرىمغىمۇ ھەم شۇنداق . سەن بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن تۇيۇقسىز دوستىنى تولا ئىزدەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم ، بىر ئاماللار قىلىپ سېنىڭ دوسىتلىرىڭ بىلەنمۇ تونۇشۇپ كەتتىم . بىرىنى ياقتۇرۇپ قالساڭ ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى بىلگۈڭ كېلىدىكەن ، ھەممە نەرسىسى سۆيۈملۈك تۇيۇلىدىكەن ، دوسىتلىرى ، ئاتا ئانىسى ، ئېنى سىڭىللىرى ... ھەممىسى خۇددى ئۆزەڭنىڭ دوسىتلىرىدەك ، يېقىن ئادەملىرىڭدەك تۇيۇلىدىكەن . m>USD?i
بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش خاتا ئەمەس ، بولمىسا ئاللا نىمىشقا بىزگە تونۇشۇشقا نىسىپ قىلىدۇ ، نىمىشقا بىرىمىزنى يەنە بىرىمىزگە شۇنچە ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ ؟ لىكىن ئاللا بەزىدە ئۇنچە ئادىل ئەمەسكەن ، كۆيۈكنى بىرىگىلا سەپ قويۇپ تاماشا كۆرىدىكەن . ئەگەر سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى خاتا دەپ ئويلىساڭ مېنى ئىزدىمە ، چۈنكى بۇ خاتالىق مەندىن ئۆتكىنى يوق . ئاللا خالىغان كىشىگە خالىغان كىشىنىڭ ئىشقىنى سالىدىكەن ، بۇنى مەن سەن بىلىپ ، توسۇپ بولمايدىكەنمىز . ,}oM-B
گەرچە ھازىر ئارىمىز شۇنچە يىراق بولسىمۇ ، بۇندىن كىيىن كۆرىشىپ قېلىش ئىھتىماللىقىمىز ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ ، بەزىدە ئىختىيارسىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە مۇشۇنداق تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالساقچۇ دەپ ئارزۇ قىلىپ قالىمەن ، شۇ شىرىن خىياللار بىلەن بىرەر سائەت ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئېسىمگە قايىتقىنىمدا قولۇمدا تۇتۇپ تۇرغان كىتاپقا قاراپ ياكى ئەتراپتىكى پەرۋاسىز ئۆتۈشۈپ تۇرىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ ئىختىيارسىز ئۇھسىنىپ قالىمەن . pl@O
N"=[
خەيىر ، ئامان بولغىن ! گەرچە ھازىر ساڭا ياردەم قىلىش ، ئۇچرىغان مۇشاققەتلىرىڭنى ئاسانلىتىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ ، ئاللادىن ساڭا تىنىچ ئامانلىق ، خوشاللىق تىلەپ تۇرىمەن ... خوشال ياشا ! <,o>Wx*1C
.2d9?p3Y
ojYbR
مەنبە كەڭ ساي تۇرى