دەبدەبىلىك شېئىرلار ، خۇدۈك رومانلار ، قانداقتۇر پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىپ ، ئادەمنى بىسەرەمجان قىلىدىغان ھېكايىلەر،ھېچكىمگە نەپ تەگمەيدىغان پاراكەندە تالاش-تارتىشلار بىردەم چەتتە تۇرۇپ تۇرسۇن . تېرىسىگە سىغمايدىغان سىزنى ، جاھانغا پاتمايدىغان بىزنى غەمگە سېلىپ جىمىقتۇرۋېتىدىغان ، بەزىدە يۈرەككە ئازاب سېلىپ پەرياد چەكتۈرىدىغان ، گاھى ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي غادايتىپ ماڭدۇرۋېتىدىغان ، گاھى ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىغا ھاجەتمەن قىلىپ پالاقشىتىدىغان ، ئاچچىق تۇرمۇشىمىزدىكى گەپلەرنى قىلىپ پاراڭلىشىپ باقمايمىزمۇ ؟ Ak kF6d+
=s]2?m
خوش ، گەپنى يامان يەردىن باشلاي. بۇ يەرگە <يۈرىگى بارلار كىرىڭلار> دەپ چوڭ گەپ قىلىپ قويدۇم . توغرا ، H>;,r,
6-TYOUm
چۈنكى <يۈرىگى بار> ئادەملەرلا بۇ توغۇرلۇق ھەق گەپلەرنى قىلالايدۇ . تۇرمۇش ، جەمئىيەت ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ مەكتەب . سىزنىڭ باش چۆكۈرۈپ يادىلىغان فىزىكىلىق فورمىلالىرىڭىز ، كېچىلەپ ئۇخلىماي ئوقۇغان تارىخى كىتابلىرىڭىز ، مەكتىپىڭىزدىن بەرگەن ئوتقاشتەك قىزىل كېنىشكىلىرىڭىز ، ۋاختى كەلگەندە سىزنىڭ خىزمەت دائىرىڭىزدىن باشقا يەردە كېرەكسىز نەرسە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . رېئالىي تۇرمۇش بىلىملىرىمۇ ھەرگىز سەل قارايدىغان نەرسە ئەمەس . ھەم ھەممىلا ئادەم راۋۇرۇس ئىگەللەپ كېتەلەيدىغانمۇ نەرسە ئەمەس . شۇڭا بۇ تېمىدىمۇ قانداقتۇر غايىۋى چۈشلەرنىڭ ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارمانلارنىڭ ، كىتابىۋى ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى خالىمايمەن . ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن دېگەندەك ماختاشلارنى ئاڭلىمىسام ئاڭلىمايمەنكى، ئاتۇشتىكى دوغاپچىنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك ، قەشقەردىكى مويسىپىتنىڭ ئۆتكۈر گەپلىرىدەك ، خوتەندىكى ساياقنىڭ مىسكىن ئاۋازىدەك تۇرمۇشقا چۆككەن ، ھاياتى كۈچكە ئىگە پاراڭلارغا تەلمۈرىمەن . تۇرمۇش شۇنچىلىك ئەشەددىكى ، تارىخىتىن بۇيان تۇرمۇش ھەققىدە غەم يېمىگەن بىرمۇ جانلىق يوق . شۇڭا بۇ پاراڭلارغا داۋاملىق چۆكمەكچى بولسىڭىز ، ساماۋى خىياللىرىڭىزنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ ، رېئاللىقتىكى ئۆزىڭىزگە نەزەر تاشلاڭ . رېئاللىقتىكى ئۆزىڭىزگە نەزەر تاشلاڭ ... !k*B-@F
?*
+U[*M
'-Cx-=
8#Z)qQWi_t
سىز قەيەردە تۇرۇپ بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتىسىز ؟ تىنجىق تورخانىنىڭ بۇلۇڭىدا ئاچچىق تاماكا چەككەچ ئولتۇردىڭىزمۇ ياكى قايسىبىر گۈزەل ئارالدىكى شەخسى پاراخوتىڭىزدا ئولتۇرۇپ، ئالما ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېرىڭىزدا سىمسىز تورغا چىقىۋاتامسىز ؟ مەيلى قانداق شارائىتتا بولماڭ ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن رازىمۇ ؟ تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەممۇ ؟ ئىشىنىمەنكى ، كۆپ قىسىم ئادەم بۇ سوئالغا ئالدىراقسانلىق بىلەن جاۋاب بەرمەيدۇ . نۇرغۇن ئادەملەر قاقشاپ كېتىشىمۇ مۇمكىن . چۈنكى تۇرمۇش ، <يۈرىگى يوق> ئادەملەرنى قاقشىتىدۇ . ئەمسە ، مەن <يۈرىگى يوق> ئادەملەر دەپ قايسى خىلدىكى ئادەملەرنى كۆزدە تۇتتۇم ؟ <يۈرىگى يوق> ئادەملەر ھايات يوللىرىدا تەمتىرەيدۇ ، باشقىلار مېڭىپ بەرگەن يولدا ماڭىدۇ ، ئۆزىنى ئېتراپ قىلىشتىن قورقىدۇ ، بارغانسېرى ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ . بۇنىڭغا كۆپىنچە ئالى مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرى ، ئالى مەكتەبنى پۈتتۈرۈپ تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشەلمەي ، چوڭ ئىشنى قىلالماي ، كىچىك ئىشنى ياراتماي يۈرۈپ ئۆزىنى ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن زەئىپلەشتۈرىۋاتقان ياشلار تازا مىسال بولالايدۇ . ھازىر شارائىت شۇنداق . ئادەملەر كۆپ ، تۇرمۇش سەۋىيە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . كۈچلۈكلەر چىشلەپ ، ئاجىزلار ئىشلەپ يۈرىۋاتقان بۇ تۇرمۇش ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلى كۈچ ، جۈرئەت ۋە يۈرەك تەلەپ قىلىدۇ . b$fmU"%&|
&|ne!wu
Us'JMZ~
xR&:]M[Vg
بۇنى يېزىپ بولغۇچە جىددى ئىش چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ساقلاپ تۇرماقچى ، ئۆچۈپ كەتمەسلىكىنى ۋە تەستىقلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . داۋامىنى يازىدىغان چاغدا تېپىۋالىمەن ... رەھمەت ... )j~{P