دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 4
يازما: 0
جۇغلانمىسى: 569
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 0 دانە
توردا: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2010-08-14
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-22 12:10

0 ئانا تىلىم

ئەسكەرتىش: بۇ يازما LOVE8 تەرىپىدىن يورۇتۇلدى(2010-09-22)
      ئەي ئانا تىلىم -ئانامنىڭ تىلى ! W5/};K\.  
        ئەي تىلىم ! ئەي ئانام بەرگەن تىل! o+^Eu}[.  
     مەن سىنى ئانامدەك ئەزىزلەيمەن! .,mM%w,^O  
        سېنى ئاڭلىسام ، ئانامنىڭ ئوتلۇق يۈرەك خىتابىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن ؛سېنى سۆزلىسەم ،شۇ خىتابقا جاۋاپ سادايىمنى ياڭراتقاندەك بولىمەن . ][t 6VA  
       ئانام ماڭا تۇنجى قېتىم <<بالام-باغرىم >>دېگىنىدە سەن بىلەن- دەل مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىگەن . مەنمۇ تۇنجى قېتىم <<ئانا ئانام>> دېگىنىمدە ، سەن بىلەن -مۇشۇ تەۋەرۈك تىل بىلەن سۆزلىگەن .  UTX](:TC  
       ئانا تىلىم ،سېنىڭ ھەر بىر تاۋۇشىڭدا ئانامنىڭ يېقىملىق تىنىقلىرى بار؛ سېنىڭ ھەر بىر ئۇرغۇڭدا ئانامنىڭ نەپىس ھېسسىياتىنىڭ ئۇرغۇشلىرى بار ؛ سېنىڭ ھەر بىر ياڭرىشىڭدا ئانامنىڭ غورۇرى بار ، ئىپتىخارى بار. T6=-hA^A  
      مەن سەن ئارقىلىق ئانامنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۇققان؛ سەن ئارقىلىقلا ئەجدادىمنىڭ كىملىكىنى ئۇققان ؛سەن ئارقىلىقلا ئانا ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇققان. CB({Rn  
     شۇنداق، سەن ئارقىلىق مېنىڭ ئۇققان -بىلگەنلىرىم جىق ناھايىتى جىق؛سەن ئارقىلىق ئورخۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ سىرىنى ئۇقتۇم ، ئەجداتلىرىمنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش تارىخى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى .ئۇنىڭدىكى غالىبلىققا بولغان مەدھىيە كۆڭلۈمنى يايراتتى، مەغلۇبىيەتكە ئوقۇلغان مەرسىيە يۈرىكىمنى قاقشاتتى . `[@VxGy_  
    سەن ئارقىلىق <<ئوغۇزنامە>>نى- مەشھۇر قەھىرمانلىق داستانىنى ئوقۇدۇم. ئوغۇز خاقانىنىڭ <<ئاتلان>> دەپ نەرە تارتىشلىرى يۈرۈكىمنى لەرزىگە سالدى ،جەڭ تۇلپارلىرنىڭ تاشقا تەگكەن تۇياقلىرىدىن چاچرىغان ئۇچقۇن كۆزۇمنى چاقناتتى. [ 
     سەن ئارقىلىق <<ئالتۇن يارۇق >>نىڭ نىمىلىكىنى ئۇقتۇم. بېشبالىقلىق تىلشۇناسىمىزنىڭ تاۋغاچ تىلىدىن ئۆرۈگەن بۇددا ھېكايىلىرى مېنى گۈزەل بىر ئەپسانە دۇنياسىغا باشلاپ باردى. بۈگۈنكى ئىدىقۇت خارابىسىگە قاراپ ئۆتمۈشتىكى ئاجايىپ بىر سەلتەنەتنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردىم . J)huy\>,  
      سەن ئارقىلىق << ئىككى تىېگىنىڭ ھېكايىسى>>مۇ ،<<چاستانى ئىلىگ داستانى>> مۇ قەلب سەھىپەمگە نەقىشلەندى. مەن ئۇلارنى ئانام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردەك زوق- ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدىم . 6ZEdihBei  
      سەن ئارقىلىق << مايتىرى سىمىت>> تەك قەدىمكى بىر دارامىنى كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇم ؛مايتردىن مەسھكىچە ، مەسھتىن ئىمام مەھدى ئاخىر زامانغىچە بولغدن باغلىنىش مېنى چوڭقۇر ئويغا  سالدى. f9F2U )  
       سەن ئارقىلىق <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>نى ئوقۇدۇم، <<قۇتاد غۇبىلىك>>نى ئوقۇدۇم، <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>>نى ئوقۇدۇم، قەدىمكى شېئىر -داستانلارنى ئوقۇدۇم ، نۇرغۇن - نۇرغۇن بىباھا ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئوقۇدۇم. % ^!a B  
      سەن ئارقىلىق <<ئون ئىككى مۇقام>>نى ئاڭلىدىم ، سەن ئارقىلىق <<ئون ئىككى مۇقام >> توۋلىدىم ، كۈي -مۇقام دېڭىزىدىكى ھېكىمەت گۆھەرلىرى سەن ئارقىلىق ، پەقەت سەن ئارقىلىقلا ئۆز قىممىتىنى، كارامىتىنى نامايان قىلدى. os_WYQ4>j  
       شۇنداق! ئانا تىلىم- پاراسەتلىك ، باتۇر، ئەمگەكچان مىللىتىمىزنىڭ تىلى!سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈردۈڭ ، سەن ماڭا نۇرغۇن ھىكىمەتلەرنى سىڭدۈردۈڭ . سەنسىز مەن مەۋجۇدىيىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، سەنسىز مەدەنىيىتىمنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. V4\56 0  
     ئەي ئانا تىلىم- ئانىلىرىم سۆزلىگەن تىل، ئاتىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئاكىلىرىم سۆزلىگەن تىل ،ئاچىلىرىم سۆزلىگەن تىل ؛ سەن ئىنىلىرىم سۆزلىگەن تىل ، سىڭىللىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن بالىلىرىمنىڭ تىلى؛ سەن ھەمىمىزنىڭ تىلى! ھەمىمىزنىڭ تىلى سەن بىلەن ، پەقەت سەن بىلەن چىققان. 9m~t j_  
      ئاتامنىڭ<<قارا ،بالام،>> دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى تەرەپنى پەرق قىلىدىغان كومپاسقا ئېرىشمەن . [DhEh@  
       ئانامنىڭ<<ئويلا ،بالام>>دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى قاراڭغۇلۇقنى يورىتىدىغان مەشئەلگە ئېرىشىمەن.  
       جانانىمنىڭ <<بېقىڭ ،جىنىم >>دېيىشلىرىدىن مەن گويا چاڭقىغان يۈرەكنى سۇغىرىدىغان بۇلاققا ئېرىشىمەن . 0@v 2*\D#  
        بالامنىڭ <<مانا، دادا>>دېيىشلىرىدىن مەن گويا مېنى كۆككە ئۆرلىتىدىغان قاناتقا ئېرىشىمەن . QE*%HR'  
          ھەر جۈملەڭدە بىر ھېكىمەت، ھەر جۈملەڭدە زور قىممەت. wo]ks}9  
         ھەر جۈملەڭكى بىر سەنئەت ، ھەر جۈملەڭكى زور رىغبەت . [%? hCc  
         شۇنداق، سەن مەن ئۈچۈن قۇۋۋەت ، سەن مەن ئۈچۈن قۇدرەت . "?[7#d])  
        سەن مەن ئۈچۈن مىللەت ، سەن مەن ئۈچۈن دۆلەت ! 1~L\s}|2d  
       ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆزگىچىلىكى دۇنيادا سەن بىلەن نامايان بولۇپ تۇرىدۇ، سەن گويا ئىنسانىيەت تىل دېڭىزىغا قۇيۇلۇپ تۇرغان بىر دەريا. ئىنسانىيەت دېڭىزىنىڭ شاۋقۇنلىرىدا سېنىڭ پىچىرلاشلىرىڭ بار ، ئانا تىلىم! ~.H~XK w  
       جاھان گۈلىستانىدا تۈمەن مىڭ قۇش ناۋا قىلىدۇ، سەنمۇ ئۇنىڭدا ئۆزگىچە سايراۋاتقان بىر قۇش. سېنىڭ سايرىشىڭدىن باشقىلارمۇ زوق ۋە بەھىر ئالىدۇ. {yU0D*#6  
       ئىنسانىيەت سىمفۇنىيىسى پۈتكۈل ئىنساننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن . ئۇنىڭدا سېنىڭ ئۆزگىچە ياڭراۋاتقان كۈيۈڭ بار . u9,=po=+7f  
        ئانا تىلىم ، سەن بىر گۈل ، ھەر خىلتىلنى ھەر خىل  گۈلگە ئوخشاتقانغا ئوخشاش ، مەنمۇ سېنى بىر گۈلگە ئوخشىتىمەن . گۈلزار بىر خىل گۈل بىلەنلە رەڭدارلىققا ئىگە بولمايدۇ . جاھان گۈلزارىنىڭ رەڭدرلىقىدا سېنىڭمۇ بىر ئۈلۈش جىلۋەڭ بار. Ta^. $O=F  
       ئانا تىلىم - ئانام بەرگەن تىل ! مەن  سېنى ئانام قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن ، ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن . ئانامنى  قەدىرلىگىنىم ئانىلارنى قەدىرلىگىنىم ، ھەممە ئىنساننىڭ ئانىلىرىنى قەدىرلگىنىم ! ئاشۇ ئانىلارنى ئۇلۇغلاۋاتقىنىمۇ مېنىڭ تىلىم ، مېنىڭ مۇشۇ ئانا تىلىم ! _E (x2BS?  
        ئاپتۇرى : ئەخمەت ئىمىن  
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 592
جۇغلانمىسى: 1763
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 594 دانە
توردا: 146(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-17
ئاخىرقى: 2010-09-25
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-22 12:27

رەھمەت . e[d7UV[Knn  
<<چاستانى ئىلىگ داستانى>> دىگىنىڭىز  ‹‹ چاشتانى ئىلىگ بەگ ›› شۇمۇ ئەمەس .
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 384
جۇغلانمىسى: 1155
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
تىللا: 389 دانە
توردا: 48(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2010-09-26
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-22 12:57

رەھمەت ياخشى يېزىپسىز  داۋاملىق  تىرىشىڭ ھارمىغايسىز
anka
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 68
جۇغلانمىسى: 153
شۆھرەت: 12 كىشىلىك
تىللا: 71 دانە
توردا: 17(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2010-09-23
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-22 13:13

بىر قىتىم چوڭ دادام ھەرەمدىن ھەج قىلىپ قايتاشىدا،جوڭگونىڭ ئايرۇپىلانىدا بىر ئۇيغۇر ئانا ۋە بالا بىلەن سەپەرداش بولۇپ قاپتۇ،سەپەر جەريانىدا چوڭ دادام يىنىدا ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئايالنىڭ 6ياشلىق قىزىدىن «قىزىم ئىسمىڭىز نىمە؟»-دەپ سوراپتىكەن،قىز  شۇھامان ئاپىسىغا قاراپ«妈妈,他说什么»-دەپ سوراپتىكەن،ھىلىقى ئايال چوڭ دادامدىن ئەيمىندىمۇ ياكى قاتتىق ئىززا تاىتتىمۇ،قىزىنى قاتتىق بىرنى سىلكىۋىتىپ جىم ئولتۇرۇپتۇ.ئايرۇپىلان يەرگە قونۇپ تاكى چوڭ دادام ئۆيگە كەلگۈچە گىلىدىن ھىچقانداق بىر نەرسە ئۆتمەپتۇ...شۇڭا دەيمەن دوسىتلار...گەپ ئۆزىمىزدە...
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 5
جۇغلانمىسى: 129
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 5 دانە
توردا: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2010-09-22
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-22 17:16

بۇ نەسىرنى ياخشى يوللاپسىز ،گەرچە ئۆزىڭىز يازمىغان بولسىڭىزمۇ~~  !!!!     قولىڭىزغا دەرىت تەگمىسۇن~~تىرىشىڭ!!!
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 5
جۇغلانمىسى: 129
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 5 دانە
توردا: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2010-09-22
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-22 17:19

مەنمۇ ئەخمەت ئمىننڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن .ۋاقتىڭىز يەتسە ‹‹مانا تاماشا ››نىمۇ يوللاپ قويغان بوسىڭىز ،خەت ئۇرۇش نىمە دىگەن تەس~~~     
ئۆزۈڭگە ئىشەن، ئۆزگىلەردىن ئۈمۈت كۈتمە.
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 38
يازما: 2026
جۇغلانمىسى: 21454
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
تىللا: 2035 دانە
توردا: 1037(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-04
ئاخىرقى: 2010-09-25
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-22 18:57

1[!Idl?m  
*G=n${'  
sO6+L #!  
                                 مانا تاماشا
anka
ئۆزۈڭگە ئىشەن، ئۆزگىلەردىن ئۈمۈت كۈتمە.