تېما: تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولىغا سەل قارىمايلى!
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 1
يازما: 28
جۇغلانمىسى: 161
شۆھرەت: 23 كىشىلىك
تىللا: 33 دانە
توردا: 70(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2010-09-23
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 08:14

0 تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولىغا سەل قارىمايلى!

ئەسكەرتىش: بۇ يازما abdukorax تەرىپىدىن يورۇتۇلدى(2010-09-19)
7G%:ckg  
 %e(DPX  
تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولىغا سەل قارىمايلى! "(Nt9K%P)  
\- 8aTF  
a|z@5r%  
ئۆمەر b4 Pa5 w  
9 dK`  
Ey% KbvNv  
      يېزىق ــ بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولالىشىدىكى مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر. ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى، ھازىرىنى ۋە كېلەچىكىنى مۇكەممەل يازمىلىرى ئارقىلىقلا يورۇتۇپ بېرىدۇ. يېزىق ــ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى ئالتۇن كۆۋرۈكتۇر! g}pD%  
      خوش، بىز نۆۋەتتە ئەشۇ تىلسىز، ئىگە-چاقىسىز يېزىقىمىزغا قانداق پوزىتسىيە تۇتىۋاتىمىز؟ ئۇنى ئاسرىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا كۆيۈندۇقمۇ؟ ياق-ياق، قېرىنداشلىرىم، بىز، بولۇپمۇ 90-يىلدىن كېيىنكى ياشلار بۇ بىچارىنى تولىمۇ تەس كۈنگە قويدۇق! قانداق قىلىپ دەمسىز؟! ئۇنى بالا-چاقىسىدىن ئايرىۋېتىپ، بالا دەردىدە ساراڭ قىلىپ قويۇپ بولمامدۇ! ئەمەلىيەتتە، تىنىش بەلگىلىرى يېزىقنىڭ يۈرەك پارىلىرىدۇر. ناۋادا ئۇ، تىنىش بەلگىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، چوقۇملا ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. ( تىنىش بەلگىرىنى قانۇنىيەتسىز ھالدا جىق ياكى ئاز قويۇشمۇ قويمىغانغا باراۋەر ). ساراڭ بولغان يېزىق قانداقمۇ توغرا مەنا ئىپادىلىيەلىسۇن؟ قانداقمۇ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىسۇن؟!... @@cc /S  
      نۆۋەتتە مۇنبەرگە تېما-ئىنكاس يوللاۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنىڭ يېزىقىدىمۇ ئاز بولمىغان مەسىلىلەر ساقلانماقتا! ھەممە ئىشنىڭ قائىدە-قانۇنىيىتى بولغىنىدەك، يېزىقنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قانۇنىيىتى بار، ئەلبەتتە. مەسىلەن: پەشنىڭ جۈملە ئىچىدىكى ئوي-پىكىرنى توغرا ئىپادىلەشتە رولى ئىنتايىن زور. مەسىلەن، مۇنۇ ئوخشاش ئىككى جۈملىدىكى بىرتال پەشنىڭ رولىغا قاراپ باقايلى: بىرىنچى جۈملە، << ياخشى ئوقۇ داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما!>>؛ ئىككىنچى جۈملە، << ياخشى ئوقۇ، داداڭغا ئوخشاش ئېشەك بولما!>> ( بۇ ئىككى جۈملىنىڭ مەنا پەرقىنى ئۆزىڭىز بىلىۋېلىڭ! )؛ چېكىتلىك پەش بولسا مۇرەككەپ جۈملىلەر ئارسىدا كېلىدۇ؛ چېكىت - ئوي-پىكىرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۇراپ جۈملە ئاخىرىدا كېلىدۇ. كۆپ چېكىت ئۈچتاللا بولىدۇ، سوراق، ئۈندەش بەلگىلىرى ھەم ئۈچتالدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەپسۇس بىزچۇ؟ پەش-چېكىتلەرنى جايىغا قويمىغاننى ئاز دەپ، بەكرەك ھاياجانلىنىپ كەتسەك سوراق بەلگىسىدىن سەككىز -ئوننى، ئۈندەش بەلگىسىدىن ئون-ئونبەشنى (چېكىتنىغۇ دېمەيلا قوياي ) قويىۋىتىدىغان سېخىي بايۋەتچىلەردىن بولۇپ كەتتۇق. سىزنىڭچە بۇ ھىچ قانچە ئىش بولمىسا كېرەك. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ ساپاھىيىڭىزغا، ئوبرازىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. يېزىق بىلىمنىڭ يۈزىگە ئوخشايدۇ. بىراۋ بۇ سەت يۈزنى كۆرسە سەسكەنمەي تۇرالارمۇ؟ سىزنىڭ سەۋىيىڭىزدىن ھەم گۇمانلانماي تۇرالارمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭىز ئۈچۈن ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلەرسىزمۇ؟!... مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم ئويلۇنۇپ بېقىڭلار، بۇ قىلغىلى بولمايدىغان شۇنچە تەس ئىشمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنچە تەس ئىشقۇ ئەمەس، گەپ سىزنىڭ بىرەر-يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كىتابخانىغا بېرىپ، << ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تىنىش بەلگىلىرى >> دېگەن كىچىككىنە كىتاپچىنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ بېقىشنى خالاش-خالىماسلىقىڭىزدا!... Yr[& *>S  
      كىتاپخانىغا بېرىشقا ۋاقتى چىقمايدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ئاددىي قوللانمىنى سۇندۇم، مۇشۇنىڭدىن بولسىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارغا تىلەكداشمەن! Mbn;~tY>  
ij1YV2v  
=_CH$F!U  
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولى
[&kz4_  
GJ F &id  
      ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىشلىتىلىدىغان تىنىش بەلگىلەر تۆۋەندىكىچە:   .A0fI";Q  
#qW#>0U  
      1. چېكىت (.) 2.سۇئال بەلگىسى (؟) 3. ئۈندەش (!) 4. پەش (،) 5. چېكىتلىك پەش (؛) 6. قوش چېكىت (:) 7. قوش تىرناق ( << >> ) 8. يالاڭ تىرناق (<>) 9. تىرناق ( () ) 10. سىزىقچە (-) 11. سىزىق ( _ ) 12. كۆپ چېكىت (...) Vcnc=ct  
1jO%\uR/  
      چېكىتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى: Pm, .[5uc  
".2 d{B  
      1. بايان جۈملىنىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويىلىدۇ. M8/:PmR<  
      مەسىلەن: كۈن چىقىپ، ھاۋا ئېچىلدى. Cc;8+Z=a?G  
      2. ئۆتۈنۈش، مەسلىھەت، تىلەك مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملىدىن چېكىت قويىلىدۇ. 9Q!Z9n"8~)  
      مەسىلەن: سىز مېنىڭ ئورنۇمغا نۆۋەتچىلىك قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. vn!3Z!dm(  
      3. قىسقارتىپ يىزىلغان خاس ئىسىمدىن كېيىن چېكىت قويىلىدۇ. PQa0m)H@  
      مەسىلەن: ل.مۇتەلىپ، م.باغراش x,zYNNx5g  
      4. پىكىرنىڭ رەت تەرتىۋىنى بىلدۇرىدىغان قاتار ساندىن كېيىن چېكىت قويىلىدۇ. PG}Roj I  
      مەسىلان: 1. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىمىز. 2. تىرىشىپ ئۈگۈنىمىز. w`=O '0d  
E AZX  
      سۇئال بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى: >\w]i*%  
GdY@$&z{i  
      سۇئال مەنىسنى بىلدۇرگەن جۈملىدىن كېيىن سۇئال بەلگىسى قويىلىدۇ. U^7bj  
79D~Mau#  
      ئۈندەش بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى: )RT?/NW  
}WaZ+Mdg\  
      شۇئار، چاقىرىق مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۇملىدىن كېيىن، ھىس-ھاياجاننى بىلدۇرىدىغان جۈملىدن كېيىن، كۆتۈرەڭگۇ ئىيتىلغان ئىملىق سۆز ۋە قاراتما سۆزدىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويىلىدۇ. >3@3~F%xAX  
      مەسىلەن: تېرىشىپ ئۈگۈنۈپ، ۋەتەننىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇڭلار ! (چاقىرىق) g(;OUkj$Zp  
      تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ يۇرتىمىزنى گۈللەندۇرەيلى ! (شۇئار) 6>oc,=MV/  
      بىزنىڭ يۇرتىمىز نېمېدېگەن گۈزەل-ھە ! (ھاياجان) \"))P1  
      ھوي بالىلار! بۇياققا ئۆتۈڭلار. (كۈچلۈك ئىيتىلغان قاراتما سۆز) d;]m wLB0  
6V%}2YE?X  
      پەشنىڭ ئىشلىىلىش ئورنى: \t&! &R#  
$wp>2  
      1. مۇرەككەپ جۇملە تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىدىن كېيىن پەش قويىلىدۇ. -^2p@^  
      مەسىلەن: بۈگۈن ھاۋا تۇتۇلۇپ، يامغۇر يىغىپ، يوللار تىيىلغاق بولۇپ كەتتى. N6"sXw m  
      2. جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرىنىڭ ئارىسىغا پەش قويىلىدۇ. R/Bjc}J'  
      مەسىلەن: مەن بازاردىن ئالما، ئۆرۈك، ئەنجۇر سېتىۋالدىم. DxNob-F r  
-Pp{aF e  
      سىزىقچىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى: \efDY[j/  
r=0PW_r:  
      1. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتۇرسىغا سىزىقچە (-) قويىلىدۇ. 3 0[Xkz  
      2. جۈملە ئاخىرىغا كەلگەن ھە، دە، يۇ، يە، يا يۈكلىمىلىرىدىن كېيىن سىزىقچە (-) قويىلىدۇ. 1>rQ).eT  
      مەسىلەن: ئۇ يۈگۈرۈپ كىردى-دە، مېنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى.    
b4cTn 6  
      سىزىقنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى : ygnZ9ikh<-  
e8("G[P >  
      دىئالوگلار يىڭى قوردىن باشلانغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا سىزىق ( _ ) قويىلىدۇ، ياكى ئوتۇرغا ئاپتۇر سۆزى قىسىلغاندا، ئاپتۇر سۆزىدىن ئالدى ھەم كەينىگە سىزىق ( _ ) قويىلىدۇ. ~ Ze!F"  
      مەسىلەن: STjb2t,a  
      _نەگە ماڭغان ئىدىڭىز؟ xjbI1qCfe  
      _بازارغا،_ئۇ تەئەجۈپ بىلەن جاۋاپ بېرىپ ياندۇرۇپلا سورىدى،_سىزچۇ؟ [;, E cw^  
Db|JR  
Zqm%qm:  
yg'CL/P  
مەنبە: ئۆزۈم
$7Hwu^c(  
[ بۇ يازمىنىOMERدە2010-09-19 08:21قايتا تەھرىرلىدى ]
بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى: LOVE8
باھالاش خاتىرىسى:
  • تىللا:+1(mrmuhtar) پايدىلىنىش ق ..
  • دەرىجە: چەۋەنداز

    جەۋھەر: 0
    يازما: 346
    جۇغلانمىسى: 553
    شۆھرەت: 27 كىشىلىك
    تىللا: 350 دانە
    توردا: 77(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-07-13
    ئاخىرقى: 2010-09-22
    كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 10:56

    ھازىر ئاتالمىش  قوش تىل مائارىپى يولغا قويۇلدى شۇڭا بۇنڭغا ھىچكىم قىزىقمايدۇ،  ھەم مۇنبەردە ۋاي دىگەن بىلەن  قىرىنداش قولىغا چۇشكەندە ئىشىنى قىلىدۇ.    شۇنچىلىك قىرىندىشىم. V_n tS& 2o  
    قوش تىل مائارىپى پۇتۇنلەي  دۆلەت تىلىمىزنى ئاساس قىلىنىپ ئۆتۇلۇۋاتىدۇ، مەكتەپلىرىمىزدە ھەم  بۇ سىياسەتلەر كۇندىىن كۇنگە يىڭىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى قايرىپ قويۇلۇۋاتىدۇ،  مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە نىمە دىيەلەيمىز!   مەنمۇ ھەر ئويلىسام  ئۇيغۇر يىزىقى ئالدىدا شۇنچىلىك خىجىل بوپ كىتىمەن.
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى

    جەۋھەر: 1
    يازما: 281
    جۇغلانمىسى: 1580
    شۆھرەت: 93 كىشىلىك
    تىللا: 290 دانە
    توردا: 261(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-05-12
    ئاخىرقى: 2010-09-22
    ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 12:27

    ئەجەپ تەپسىلى چۇشەندۇرۇپسىز  ، مەن بىلۋالدىم .  رەخمەت ................؟
    دەرىجە: يىڭى ئەزا

    جەۋھەر: 1
    يازما: 28
    جۇغلانمىسى: 161
    شۆھرەت: 23 كىشىلىك
    تىللا: 33 دانە
    توردا: 70(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2010-09-23
    پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 12:28

    1-قەۋەت(qinuy) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! q 2 ;CvoF  
         ئاددىي يازمامنى ئوقۇپ ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە، ئىملانىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگىنىڭىزگە تەشەككۈر! مەيلى قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلسا قويۇلسۇنكى، ئەمما ئانا تىل-يېزىقىمىزنى چەتكە قاقىدىغان، سەل قارايدىغان ئىللەتلەرنى ئۇچرىتىدىكەنمىز قىلچىمۇ باھانە كۆرسەتمەي كۆرگەنلا يەردە تۈزۈتىشىمىز، مۇرەسسەسىز قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك! مانا بۇ بىچارە نىمجان تىل-يېزىقىمىزنىڭ ئىڭراپ تۇرۇپ سىز-بىزدىن كۈتىۋاتقىنى!... قېرىندىىشىم، مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يەنەبىر قېتىم تەكلىپ بەرسەم: باش سۈرىتىڭىزنى ئالماشتۇرىۋەتكەن بولسىڭىز! جانابى رەسۇلىللا: ‹‹ باشقىلارنى دورىغۇچىلارمۇ بىزدىن ئەمەس!›› دېگەن ئىدى.
    «ئۈمىد»   غەلبە دىمەكتۇر
    دەرىجە: دانىشمەن

    جەۋھەر: 0
    يازما: 987
    جۇغلانمىسى: 2161
    شۆھرەت: 24 كىشىلىك
    تىللا: 992 دانە
    توردا: 670(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-03-01
    ئاخىرقى: 2010-09-23
    4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 12:36

    ياخشى يېزىپسىز ، بىلىمىگەنلەر بىلىۋالسا بولغۇدەك ،  تېمىڭىزغا رەخمەت.
    anka
    ئۆزۈڭگە ئىشەن، ئۆزگىلەردىن ئۈمۈت كۈتمە.
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى

    جەۋھەر: 38
    يازما: 2003
    جۇغلانمىسى: 21025
    شۆھرەت: 45 كىشىلىك
    تىللا: 2012 دانە
    توردا: 1001(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-03-04
    ئاخىرقى: 2010-09-22
    5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 12:51

    2-قەۋەت(rayip) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش

    بىلىۋالغان بولسىڭىز يەنىمۇ دىققەت قىلارسىز . دائىم ئىنكاسىڭىزنىڭ كەينىگە سوراق بەلگىسىنى قۇيۇپ قۇيدىكەنسىز  بۇ نىمىنى ئىپادىلەيدۇ ؟
    بۈگۈن ماڭمىسىڭىز ئەتە يۈگۈرەيسىز ...........

                       LOVE8
    دەرىجە: چەۋەنداز

    جەۋھەر: 0
    يازما: 332
    جۇغلانمىسى: 1112
    شۆھرەت: 29 كىشىلىك
    تىللا: 336 دانە
    توردا: 39(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-08-27
    ئاخىرقى: 2010-09-22
    6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 14:52

    ياخشى يېزىپسىز  رەخمەت. بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق .
    دەرىجە: چەۋەنداز

    جەۋھەر: 0
    يازما: 332
    جۇغلانمىسى: 1112
    شۆھرەت: 29 كىشىلىك
    تىللا: 336 دانە
    توردا: 39(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-08-27
    ئاخىرقى: 2010-09-22
    7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 14:53

    بىراق مەن بۇ ماقالىڭىزنىڭ باش بۆلۈكىنى بىر ياردە  كۆرگەن  راس بىر  ئىملا كىتابىدا
    دەرىجە: يىڭى ئەزا

    جەۋھەر: 4
    يازما: 38
    جۇغلانمىسى: 4204
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    تىللا: 42 دانە
    توردا: 40(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-04-06
    ئاخىرقى: 2010-09-22
    8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 14:55

    ياخشى يىزىپسىز، مەنمۇ بىر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن، «ئويغۇرتىلى» دەرسلىكىدىن تىنىش بەلگىللىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئىشىلتىلىشىنى ئۆگەنگەن بولساممۇ، لىكىن يەنىلا توغرا قوللىنىپ بۇلالمايمەن. ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىدى بۇ.
    anka
    دەرىجە: يىڭى ئەزا

    جەۋھەر: 1
    يازما: 28
    جۇغلانمىسى: 161
    شۆھرەت: 23 كىشىلىك
    تىللا: 33 دانە
    توردا: 70(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2010-09-23
    9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 15:43

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى yikimatدە2010-09-19 14:53يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : !C&!Wj  
    بىراق مەن بۇ ماقالىڭىزنىڭ باش بۆلۈكىنى بىر ياردە  كۆرگەن  راس بىر  ئىملا كىتابىدا 4%#C _pE9  
    u_.`I8qa  
    PqMU&H_  
         ئەپەندىم ماقالامنىڭ ئاخىرىدىكى بۆلىكىنىغۇ سىز دېگەن ئىملا كىتابىدىن پايدىلىنىپ يازدىم، ئەمما باش تەرىپىنى ئۆزۈم بىر ئاي بۇرۇن يازغان ئىدىم، تېخى ئىملا كىتابىغا چىقارغىدەك بولمىدىم. بىراق بەزى مۇنبەرلەرگە باشقىلار كۆچۈرۈپ يوللاپ قويۇپتىكەن. دېمەك بۇ ئاددىي يازما مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم! بولمىسا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ، مەرھەمەت! يېزىقچىلىقتىكى ئەڭ شەرمەندىلىك باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئېگەللىۋېلىشتۇر!...