تېما: ۋەتەنداشلىرى تەرىپىدىن ئالدانغان ۋەتەنپەرۋەر پاھىشە
ئابدۇمىجىت(كۆرەش)
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 2
يازما: 155
جۇغلانمىسى: 759
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
تىللا: 163 دانە
توردا: 100(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-20
ئاخىرقى: 2010-09-20
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 01:10

0 ۋەتەنداشلىرى تەرىپىدىن ئالدانغان ۋەتەنپەرۋەر پاھىشە

R$ +RTG:E  
9D=X3{be#  
">t^jt{  
19-ئەسىردىكى فىرانسىيە يازغۇچىسى مۇپاسسان فىرانسىيە-پرۇسسىيە ئۇرۇش يىللىرىدا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ۋەقەنى يېزىپ قالدۇرىدۇ . ,"#nJC  
   فىرانسىيە-پرۇسسىيە ئۇرۇشى(1870-يىل 7-ئايدىن 1871 يىلى 1-ئايغىچە )ۋاقتىداجەڭگىۋارلىقتىن ئەسەرمۇ قالماي  چىرىپ كەتكەن فىرانسىيە ئارمىيىسى ھوكۈمەتنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن سېدان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ پادىشاھ ناپولېئون111 ۋە مارشال باشلىق 39 گېنىرال ،100مىڭ كوماندىر ئەسكەر ئەسىرگە چۈشىدۇ . 4vG-d)"M2  
  پرۇسسىيەئەسكەرلىرى فىرانسىيە تۇپرىقىغابېسىپ كىرىپشەھەر-بازالارنى ئىشغال قىلىدۇ.... VpHwc!APq  
مانا مۇشۇئۇرۇش مەزگىلىدە  پرۇسسىيەئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان فىرانسىيىنىڭ روئان شەھرىدىن قېچىپ چىققان بىر ھارۋىدىكى سەپەرداشلار فىرانسىيە قوشۇنى ئىگەللەپ تۇرىۋاتقان لىھافور پورتىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ . e#h&Xa  
   ھارۋىدا ئىككى  كارخانىچى،ئىككى يۇقۇرى قاتلامدىكى مەلۇماتلىق ئاقسۆڭەك،ئىككى مۇناخ،ۋە ئىككى سودىگەر بىلەن ئۆزىنى ئىنقىلاۋى ئىدىيەگە ئىگە دەۋالغان بىر زىيالى بار بولۇپ ،ئۇلاردىن باشقا بىر پاھىشە ئايالمۇ ئۇلارغا ھەمرا بولۇپ يولغا چىقىدۇ . z,m3U (  
يېڭى يولغا چىققاندا ھەممىسىلا ھېلىقى پاھىشە ئايالنى كەمسىتىش پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سوزلەشمەي چەتكە قاقىدۇ . UF5_be,D  
   ھارۋىدىكىلەر يول ئۈستىدە پرۇسسىيەئەسكەرلىرى ئىگەللەپ تۇرغان بىر بازادىن ئۆتمەكچى بولىدۇ ،ۋە پرۇسسىيە ئوفىتسېرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزلىرىنى ئۆتكۈزىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. M\CzV$\y  
بىراق ئوفىتسېر ھېلىقى پاھىشە ئايالنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە بۇ ئايال بىلەن بىر كېچە بىللە يېتىۋېلىشنى ئېيتىدۇ.بۇ شەرتنى نۇرغۇن يىللار پاھىشەلىك بىلەن شۇغۇللانغان بۇ ئايال كەسكىن رەت قىلىدۇ ۋە دەسلەپتە ھەمرالىرىنىڭ ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر دەپ مەدھىيلىشىگەۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ . lN5PKsGl  
  ھېلىقى ئوفىتسىر بولسا ئۆزىنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر-خىل سەۋەپلەر بىلەن ئۆتكۈزمەيدۇ. }[PwA[k'  
يولغا چىقىش ۋاقتى كېچىكىپ كېتىۋاتقانلىغى،ئۆزلىرىنىڭ تېخىچە بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتەلمەيۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ،سەپەرداشلارنىڭ دەسلەپكى كەسكىن پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ،ئۇلارپاھىشە ئايالغا ھەر-خىل سىلىق مۇئامىلىلەرنى قىلىپ ،ئۇنى پرۇسسىيە ئوفىتسېرى ئۈچۈن ئالداشقا باشلايدۇ .بەزىلەر ئومومنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قوشۇلۇشنى ئېيتسا يەنە بەزىلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۈچۈن ئازراق بەدەل تۆلەش لازىملىقىنى پۇرىتىدۇ، ETL7|C"  
يەنە بەزىلەر بۇ توھپىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىلگىركى گۇنالىرىنىڭ سۇرۇشتۇرۈلمەيدىغانلىقى توغرىلىقمۇ ۋەزخانلىق قىلىدۇ .بىراق پاھىشە ئايال ئۇلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىنى ئۆز ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ ۋە يەنىلا رەت قىلىدۇ. B\rY\  
ساقلاۋېرىپ تاقىتى تۈگىگەن سەپەرداشلار ئاخىرى بۇ ئايالنى ئاشكارا مەجبۇرلاشقا باشلاپ ئۆزلىرى سولاپ بېرىش دەرىجىسىگە يېتىدۇ . ئۆز سەپەرداشلىرىنىڭ ،ۋەتەنداشلىرىنىڭ قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلەر بىلەن قىلغان مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا بۇ بىچارە پاھىشە ھارۋىدىكى «فىرانسىيە خەلقى» ئۈچۈن پرۇسسىيە ئوفىتسېرى بىلەن ياتىدۇ...... ,{q#U3  
  شۇنداق قىلىپ ھارۋىدىكىلەر «غەلبىلىك» ھالدا پرۇسسىيەئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.ئەمما ئۇلار يولغا چىقىپلا پاھىشە ئايالغا بولغان مۇئامىلىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭغا ئەسلىدىكى پەس كۆرۈش پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ.ئۆزىنىڭ قىلىپ قويغان ئىشىدىن نومۇس قىلىپ بېشىنىمۇ كۆتۈرەلمەي قېلىۋاتقان پاھىشە ئايال ،ھەمرالىرىنىڭ ئۆز قىلىغىدىن نومۇس قىلىش ئورنىغا تەكەببۇرانە،مەغرۇرلارچە ئولتۇرغان قىياپىتىدىن تېخىمۇ قورۇلۇپ كېتىدۇ. 1=IOio4U  
  قانداقلا بولمىسۇن ئازراق بولسىمۇ مۇھەببەت –نەپرەتكە ئىگە بولغان بۇ بىچارە پاھىشە ئېغىزىدا غۇرۇرى بىلەن ياشايدىغان ۋەتەنداش   ھەمرالىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىدۇ ..... Gd\/n*j  
   ھارۋىدىكىلەر سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ لىھافور پورتىغا قاراپ ئاتلىنىدۇ.... Z|a*"@5_  
      كېيىن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان «ئەڭ ئاخىرقى دەرس»تە يېزىلغاندەك فىرانسۇز تىلىنىڭ تىراگىدىيىسى باشلىنىدۇ . ^C^I  
{N{eOa 
            ھورمەت بىلەن : قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت i.On{nB"k  
                                    ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 346
جۇغلانمىسى: 553
شۆھرەت: 27 كىشىلىك
تىللا: 350 دانە
توردا: 77(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-13
ئاخىرقى: 2010-09-22
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 03:22

مەنبە نەكەن!  پاكنۇر مۇنبىرى يوقالماستا  بۇ تىما شۇ يەردە ئىدىغۇ دەيمەن!   [5b[ztN%  
`q \v~FT  
9Y2(.~w6X  
راستىمنى ئىيىتسام بۇ ۋەقە مىنى ئويغا چۆكۇپ قويدى!  چۇنكى بىر پىكىرىم يەنە بىر پىكىرىمنى خاتا دەپ تۇرۇۋالدى ! قىنى تورداشلار بىر نىمە دەپ باقسۇن!
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 3
يازما: 584
جۇغلانمىسى: 4066
شۆھرەت: 11 كىشىلىك
تىللا: 587 دانە
توردا: 134(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2010-09-22
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 11:48

بۇنداق ئىشلار تۇرمۇشىمىزدىمۇ كۆپ؛ئۇچرايدۇ ھەي  بۇتىمىنى كۆرۈپ؛ كۆڭلۈم بىر قىسملا بوپ؛ قالدى.....
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 4
يازما: 38
جۇغلانمىسى: 4204
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 42 دانە
توردا: 40(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-06
ئاخىرقى: 2010-09-22
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 15:11

بۇ ھېكايىنى مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىمدا بىزنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىمىز سۆزلەپ بەرگەنلىكى ئىسىمدە. شۇ چاغدىمۇ ساۋاقداشلار ئارىسىدا تەسىرى زور بولغان ئىدى. ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا ، ئوقۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بىر ھىكايە.