تېما: قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ !
ئابدۇمىجىت(كۆرەش)
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 2
يازما: 155
جۇغلانمىسى: 759
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
تىللا: 163 دانە
توردا: 100(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-20
ئاخىرقى: 2010-09-20
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 01:05

0 قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ !

}ge~Nu>w  
a1Q|su{H  
j-wSsjLk  
قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ ! R;,&s!\<  
aty"6~  
;,T3C:S?  
9(?9yFbj5  
نىچۈك ئەر سانالۇر مىڭلار دۈشمىنى، s*`_Ka57]~  
XWH{+c"  
مىڭ غەيۋەت قىلمىسا ئۇنى ھەر كۈنى. );T0n  
,lK=m~  
كور،ئىتتىن قورققان بۆرە بولۇرمۇ ، `"CIy_m  
~B!O X  
ئاڭلانسا كەينىدىن مىڭ ئىتنىڭ ئۈنى. FEqs4<}E  
@Qw~z0PE 
(يۈسۈپ خاس ھاجىپ) &R$6dG4  
}SL&Y`Y]  
  سەن ھاياتنىڭ مۇشكۇلاتلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ قالغان ،ئۈمۈتسىزلىنىپ ھەسرەت چەككەن چاغلىرىڭدا يىراق ئۆتمۈشتىن كېلىدىغان ئاجايىپ بىر تىۋىشقا قۇلاق سال .ئەجداتلار توغرىسىدىكى مىڭ يىللىق كۈيلەر ،قەھرىمانلىقنىڭ ئىللىق ھەم جەڭگىۋار قان ھىدى كېلىۋاتقان، نىمجانغا-جان قوشۇدىغان ئاھاڭلىرى كېلىپ ، قەلبىڭگە سەن  ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغان  ھېسلارنى ئاتا قىلسۇن .سېنىڭ بىچارە يىتىمسىرىغان روھىڭنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ ،ساماۋى يۈكسەكلىكلەرگە كۆتۈرسۇن .پەقەت نالە قىلىشقىلا كۆنگەن لەۋلىرىڭنى مەھكەم يۇمۇشنى، ساڭا بىر ھەقىقى ئەركەكتەك تىك تۇرۇشنى ئۈگەتسۇن ،بىر زەئىپ يۈرەك ،بىربىچارە تەشنا قەلب ھېس قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەمما ھېس قىلمىغان، ھىسياتلاردىن بەھرىمەن بولۇپ باق ! ئۇ سېنىڭ مەنىسىز، ئۈمۈتسىز ھاياتىڭنى ئۆزگەرتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. #CKPNk c  
[ kI|Thx  
ئىنساننىڭ بارلىق پەزىلەتلىرى ئىچىدە قەھرىمانلىق بىردىنبىر تۈپكى پەزىلەت،تارىختىكى بارلىق مەنىۋى بايلىقلار ئىچىدە قەھرىمانلىق داستانلىرىلا ئەسىر-ئەسىرلەردىن بۇيان قەلىبلەرگە بىردىن-بىر قۇۋۋەت بولۇپ ،ئۇلارنى يىگىلەپ قۇرۇپ كېتىشتىن ساقلاپ كەلدى. 0V*B3V<  
A-5xgp,  
قەھرىمانلار توغرىسىدىكى داستان ۋە چۆچەك رىۋايەتلەر بىر خەلقنىڭ تارىخىي بايانلىرىنىڭ گۈلتاجىسى. بۇ باتۇرلۇق كۇيلىرى ،ئېغىر كۈنلەردە ۋە مۇشەققەتلىك ھايات سەپىرىدە كېلىۋاتقان  كارۋانغا ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بېغىشلاپ جاپالىق سەپەرنىڭ چوقۇم بىر كۈنى ئاياقلىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.بۇ داستانلار ئاجىزلارغا كۈچ ،ئۈمۈتسىزلەرگە ئۈمۈت-ئىشەنچ بېغىشلايدۇ.پەقەت سۇنماس ئىرادىلىك ،تەقدىرگە باش ئەگمەيدىغان ئەزىمەتلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى مەخسەتكە يېتىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ،ۋە يېتەكلەيدۇ. =l6aSr  
;pk4Voo$  
قەھرىماننىڭ ھايات مەخسىتى مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن بولغاچقا ئۇنىڭ شۆھرىتىمۇ چوقۇمكى مىللەت ياكى دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ.مەيلى ئۇنىڭ شۆھرىتى قانچىلىك تارالغان بولسۇن ،ئۇ بۇ شۆھرەتنى ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ.قانداقتۇ ئومومى ئىنسانىيەتكە تەۋە قەھرىمان بولمايدۇ .بۇ خۇددى ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەنپەئەت بولمىغاندەكلا بىر ئىش.مەيلى بىز قانچىلىكلا زورۇقۇپ مۇھەببىتىمىزنى بىلدۈرمەيلى باشقىلارنىڭ قەھرىمانى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بولالمايدۇ.باشقىلارنىڭ قەھرىمانى چوقۇمكى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى ئۆز مىللىتىگە ئېلىپ بېرىش،ياكى ئۆز مىللىتىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغان مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ.بۇ خۇددى ناپولىئۇن شەرقلىقلارنىڭ قەھرىمانى ،ستالىن بىزنىڭ قەھرىمانىمىز بولمىغاندەكلا بىر ئىش. p;;4b@  
RmF,x9  
قەھرىمانلىق ئاۋام تۇرمۇشىدىن ھالقىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ئاۋام ئارىسىدا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ . ئۇ ئورتاق خەۋپ ۋە چاقىرىق كۈچكە ئىگە بولغاندا ھەيران قالارلىق كۈچلىنىپ ئاۋاملىشىدۇ. +NIq}fZn9  
Y0nn n  
ماھىيەتتە ئاۋام ئۇلارنىڭ بوشۈگىدۇر. 9a\H+Y~  
f uzz3#  
پەقەت بىر ئادەمنىڭ شەخسى يۈكىنىلا كۆتۈرۈشتىن ھالقىپ ،قەلبىگە ئومومى خەلقىنىڭ مۇراد-مەخسەتلىرىنى پۈككەن ئادەم ھەقىقى قەھرىمان بولىدۇ.قىلىۋاتقان ھەركىتىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا «خەلقىم ئۈچۈن» دەپ ئىزاھلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمايدىغانلار ،چىن مەنىسىدىن قەھرىمان ئەمەس. bv %Bo4s  
B4tC3r  
ھەقىقى قەھرىمان ئۆز ھەركىتىنىڭ ئۇلۇغۋار مەخسىتىنىڭ كىم؟ ئۈچۈنلىگىنى ئىزاھلاپ يۈرمەيدۇ،ھەتتا ھالقىلىق مىنۇتلاردا ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلسا،بەزىدە كۆپ سانلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاز سانلىقنى قۇربانمۇ قىلىدۇ. بۇ ئۇلاردىكى ئەسلىدىكى ھېسسىي ئەقىلنىڭ كېيىنچە ئەقلىي يەكۈن دەرىجىسىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسۈتىدۇ. قەھرىمان دەۋىرداشلىرى تەرىپىدىن بەزىدە نۇقسانسىز«ئەۋلىيا»لىققا مەجبۇرلىنىپ،ئۆز خىزمىتى بىلەن ئەمەس بەلكى «ئەخلاق»دەپ ئاتىلىدىغان ،شەكىلسىز قىممەتكە ئىگە نۇقتىنەزەر بىلەن باھالىنىپ قارىلىنىدۇ  ۋە ياكى كۆپ سانلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلغان،كەسكىن پوزىتسىيىسى ۋە تەدبىرى بىلەن دەۋرداش ئاۋام تەرىپىدىنلا ئەمەس بەلكى كېيىنكىلەر ئۈچۈنمۇ ئىبرەتلىك تېما ،ۋە قانخور ئالۋاستى سۈپىتىدىمۇ تەسۋىرلىنىدۇ .مانا بۇ ھەقىقى قەھرىماننىڭ ناھەق قىياپىتى ۋە تىراگىدىيىسى ، CC{*'p6  
r~mZ?dI  
  قەھرىماننىڭ ئەخلاقى بىلەن خىزمەت ئىقتىدارىنى باغلاپ كۆنگەن ئاۋامغا /j7e q  
*\#/4_yB}  
قارىغاندا ، قەھرىماننىڭ ئۆزىگىلا مۇناسىۋەتلىك پەزىلىتىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ ، خەلق تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىدىغان ئاۋام تولىمۇ دانادۇر،ئۇلار قەھرىماننىڭ «مېغىزى»نى يەپ«شاكىلى»نى يىمەيدىغان كەڭ قوساقلاردۇر. P X9GiJN"  
TA2HAMx)  
بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئوخشىماسلىق ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى بەلگۈلىگەن. شۇ سەۋەپتىن  ئۇلارنىڭ ئوخشاش زىمىندىكى ،ئوخشاش دەۋىردىكى تەغدىرى، ئوخشاش بولمايدۇ .قەھرىماننىڭ پەزىلىتىدىكى ئۆزىگە ياقمايدىغان نۇقسانلارنى ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى بىلەن باغلىۋالىدىغان كىشىلەر مېغىز بىلەن شاكالنى ئارىلاشتۇرۇپ يەۋېلىپ «بۇ مىۋە بەتتامكەن»دەيدىغان نادانلاردۇر. Zv[D{  
4OX2GH=W  
«قۇم باسقان شەھەر»رومانىنىڭ 11- بابىدا شۇنداق تىراكومىدىيىلىك بىر ۋەقە بار مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ پادىشاھى يوقلىقىنى ھېس قىلغان بىر توپ خەلق ،ئۆزلىرىگە پادىشا سايلاش ئۈچۈن سايلام قىلىدۇ. سايلامدا بىراۋ تۇردى سەرراپنى پادىشا بولسۇن دىگەندە يەنە بىرسى « ياق ،ئۇ بولمايدۇ .ئۇنىڭ مەخپى خوتۇنلىرى بار » دەپ قارشى تۇرىدۇ.يەنە بىراۋ تاشئاخۇن تىۋىپنى كۆرسەتسە ،پادىشا بولغۇسى بارلاردىن بىرسى ئوكتە قوپۇپ «بۇ تىۋىپ ئېرى يوق خوتۇنلارنىڭ كېسىلىنى بەكرەك كۆرۈدۇ»دەپ قارشى تۇرىدۇ.ئارىدىن سادىق تامچىنى كۆرسەتكەندە،ئۇنىڭ ھەقەمسايلىرىدىن بىرسى«ئۇ ئۆتكەن يىلى خوشنىسى بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ قولىدىكى كەكە بىلەن خوشنىسىنى چانىۋەتكىلى ئاز قالغان »دەپ پاش قىلىدۇ.توختى دوكار دەپ بىر سودىگەر كۆرسىتىلسە ئۇنىڭ بىر مەسچىتداشلىرى «بولمايدۇ ،بىر قېتىم ئۇنىڭ ئىشتىنى مەسچىتتىلا سېرىلىپ كېتىپ رەسۋا بولغان» دەپ ئۇنىمايدۇ....ئاپتور ئاخىرىدا بۇ شەھەرگە خۇدا ئاسماندىن پادىشا بولۇشقا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈپ بېرەلمەيدۇدە،دەپ ئاچچىق كىنايە قىلىدۇ. مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئىنسانى مۇكەممەللىك ۋە خىزمەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى يورۇتۇپ بېرىشتە دۇنيا ئەدەبىياتىدا بۇنىڭدەك ئوبرازلىق ئەسەر بولمىسا كېرەك..... \[\4= !v  
3H^0v$S  
بىر ئادەمنىڭ شەخسى پەزىلىتىدىكى نۇقسانلارنى دېرىزە قىلىپ ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىگە نەزەر سېلىنغانلىقى سەۋەبلىك بۇنداق خۇيدىكى ئاۋام ئارىسىدا مەڭگۈ ئىتىپاقلىق بولمايدۇ،ئۇلارئارىسىدىن،ئاسانلىقچە،خەلق،داھىيسى،چىقمايدۇ،«ناماز بىلەن روزىدىن ئەۋزىلى-ئىتىپاقلىق»دەپ كۆرسەتكەن پەيغەمبىرىمىز ئىتىپاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى بولغان نۇقسان ئىزدەش،ئەيىپىنى سۆزلەشنى «ئۇنىڭ گۆشىنى يىيىش بىلەن باراۋەر»دەپ لەنەت ئوقۇيدۇ.، =*0KH##%$  
h#hx(5"6  
ئاۋامنىڭ،ئۆزدۇئالىرىداتوختىماي،تىلەۋاتقان،كانىيىنىڭ،بېرىچەتوۋلايدىغان،ئىتىپاقلىق،ماھىيەتتەباشلىنىش ئەمەس بەلكى مەلۇم جەرياننىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېلىدىغان نەتىجە ، ئىتىپاقلىق نۇرغۇن بەدەللەر ھېساۋىغا قولغا كېلىدۇ، ئەشۇ ئىتىپاقلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن  چوقۇم ئۇنىڭ مەنپەئەتدارلىرى ھەر-بىرى ئايرىم –ئايرىم بەدەل تۆلىشى كېرەك، ،بەزىدە ئاتا دۈشمىنىنىڭ قولىنى سىقىشقا،يەنە بەزىدە ئۆزى بىلەن پىكىر ئىختىلاپى،ياكى شەخسى زىدىيىتى بار ئادەم بىلەن ئورتاقلىشىشقا ،قاچاندۇ بىر چاغلاردا ئۆزىگە ئەخلاقسىزلىق قىلغان ئادەم بىلەن چىرايلىق سالاملىشىشقا،بىر داستىخاندا مۇڭدىشىشقا مەجبۇر بولغاندىلا ۋە خالىغاندىلا ئاندىن ھېلىقى ھەممىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىتىپاقلىق ۋە بىرلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ni2GZ<1j  
GtuA94=!V&  
ئەگەربۇ خىل بەدەل تۆلەيدىغان دېمۇكىراتىك ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمىسە،پەقەت ھوقوق مەركەزلەشكەن ھەمدە مۇرەسسەسىز دېكتاتورا يۇرگۈزۈلگەن تۈزۈم ئاستىدىلا،خۇددى ئۈزۈم دانىسىدەك چېچىلغان ئىختىلاپتىكى ئاۋامنى ئۈزۈم ساپىقىغا مەجبۇرى يىغىش مۈمكىن. ئىتىپاقلىق پەقەت يۈكسەك دېمكىراتىيە ياكى مۇرەسسەسىز دىكتاتورا ئاستىدىلا مەۋجۇت بولالايدۇ.مانا بۇلار مۈشكۈل مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئاۋام تەرىپىدىن لەنەتلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ،يەنىلا ئوز غايىسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان قەھرىماننىڭ يوشۇرۇن ئازابى. 3!l+) g  
9f#~RY|#m  
ئۇلۇغۋارغايە،ئازاپ بىلەن قوش-كېزەك بولىدۇ،بۇ ئازاپ ئۆزىنىڭ شېرىن تەمى ،پەقەت ئۆز ساھىبىلا چۈشىنەلەيدىغان تاشلاپ كەتكۈسىز مېھرى بىلەن تارىختىن بۇيان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرگىلا نېسىپ بولىدۇ.بۇ ئازاپنى ھەممىلا ئادەم بىلىدۇيۇ لېكىن ئۇنىڭ شەكلەن قىياپىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ۋە خاتىرجەم ياشاشنى ئىزدەيدۇ.پەقەت مۇشۇ ئازاپقا جۆرە بولۇش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ئەزىمەتلەرلا ئۇنىڭ ئاشىغى بولۇپ،ھاياتىنى ئۇنىڭغا بېغىشلايدۇ.  بۇ شېرىن ئازاپنىڭ ساھىبى بولغان قەھرىمانلار،ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تارىخى بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى يارىتىدۇ. 34*73WxK  
m&PfZ%'[  
بىزدە ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن رىئالنى شەخىسنى نورمال ئەخلاق قارىشىمىغا سىغدۇرۇشىمىز مۈمكىن ئەمەس.ئەمما يىراقتا قالغان ئوغۇزخاننىڭ مۇكەممەل ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى ئۈمىدىدە ئاتىسى باشلىق قېرىنداشلىرىنى قىرىپ تاشلىشى ئۇنىڭ كەسكىن پوزىتسىيىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ.دىمەك قانداقلا بولمىسۇن ئوغۇزخاننىڭ پوزىتسىيىسىنى چۈشۈنىشكە قادىر بولدۇق. ھ 8=K%7:b  
xNrPj8V 
ئىسلام تارىخىدىكى قانخور نامى پۇر كەتكەن ھەججاج ئەينى ۋاقىتتائىسلام خەلىپىلىگى تەۋەسىدىكى ئۆكتىچىلەرگە نېسبەتەن بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭمۇ تېنى شۈركەندۈرگىدەك باستۇرۇشلارنى قوللانغان ئۇ ۋە ئۇنىڭ سەبداش سەركەردىلىرى ئەتراپتىكى ئەللەرگە ئېلىپ بارغان يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئىسلام خەلىپىلىگى مىسلىسىز نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن،مۇسۇلمان تارىخچىلىرى ئۇنى ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك ،قانخور كىشىلەر قاتارىدا سانىسىمۇ بىراق ئۇنىڭ تۆھپىلىرىگە كۆز يۇمۇشقا ئامالسىزدۇر. uI9eUO  
!1b}M/Wx  
تارىخچىلار مەدھىيلەپ كۆنۈپ قالغان ئەرەپ نەسلىدىن بولغان ئەخلاقلىق،شائىرانە،مۇلايىم.،ئەمما قەھرىمانلىق بابىدا يارىماس پادىشالارنىڭ ياراتقان نەتىجلىرى ھەججاجنىڭ تۆھپىلىرى ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.ھەر قانداق تارىخچى ئەگەر ھاججاج كېيىنكى دەۋىرلەردىكى ئۆكتىچىلىك ئەۋج ئالغان سۇلتان ۋە خەلىپىلەر ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىدا خەلقنى ھالسىرتىۋاتقان دەۋىرلەردە بولغان بولسا ،يېقىنقى زامان ئىسلام تارىخىنىڭ ئۇنچىۋالا ئېچىنىشلىق يېزىلمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك...دىمەك ھەجاجنىڭ دىكتاتورىسى ،ئۆزىنىلا خۇدانىڭ دوستى ساناپ،قارشى تەرەپنى ئاللانىڭ دۈشمىنى ساناشقا خۇشتار تەپرىقپەرەس خەلقنى مەجبۇرى تىنىچلاندۇرۇپ،ئىسلامىيەتنىڭ كېيىنكى گۈللىنىش دەۋرىگە ئاساس سالغان. 0dTHF})m  
'iM#iA8  
چىنشىخۇاڭ مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ئىدىيىنى بىر نۇقتىغا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ،كىتاپ-نامىلەرنى كۆيدۈرگەن .كوڭزىچى ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمگەن. ھەر قايسى بۆلۈنمە بەگلىكلەرگە قارىتا قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان.مۇشۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش بەدىلىگە تۇنجى قېتىم تېروتېرىيىسى ھەممىدىن چوڭ چىن سۇلالىسى دۆلىتى قۇرۇلغان. Z5j\ M  
+TZVx(Z&A  
ناۋادا ھەر قايسى بەگلىكلەر پەقەت ئۆزىنىلا قانۇنلۇق پادىشا ،تەڭرىنىڭ ۋەكىلى ساناپ ئولتارسا ،چىنشىخۇاڭسىز بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش مۈمكىنمۇ .ئۇمۇ بۈگۈنكى كۈندە جوڭگودىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئالدى بولالامتى؟! oW5Ov  
|Q(3rcOrV"  
جاللات ستالىننىڭ باشقا ئەل خەلىقلىرىگە سالغان كۈلپەت قىرغىنچىلىقلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقلىرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغان ئوروس مەنپەئەتى ئۇنى روسلارنىڭ قەھرىمانىغا ئايلاندۇرغان.ھوقۇق مەركەزلەشكەن پارتىيە ،شەخىس نوپۇزىنىڭ قۇدرىتى ،تەلۋىلەرچە سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى..قاتارلىقلار بۇ جاللاتنى ئوروس تارىخىدىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغان شەخس قىلىپ قويدى.دىمەك ئوروسلار ئۈچۈن لېنىنىزىمنىڭ ئىجادكارى بولغان لېنىنغا قارىغاندا بۇ مۇستەبىتنىڭ ئورنى يەنىلا يۇقۇرى .چۈنكى ئىلگىركى تەسىرىدىن كۈنسېرى ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئوروسلار ئۈچۈن ئىدىلوگىيەنىڭ قىممىتىدىن شەخىسنىڭ قۇدرىتى چوڭ كۆرۈنىدۇ.ماركىسىزىم ۋە لېنىنىزىمغا قارىغاندا ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ستالىنىزىم ئوروس مەنپەئەتىگە تېخىمۇ يېقىندۇر.شۇڭا روسىيىدىكى ئاخىرقى داھىنىڭ ھەيكىلى ستالىننىڭ بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر. !V'~<&  
2M+}o"g  
دىمەك خەلقنى ئورتاقلىققا ئىگە قىلىدىغان ھەرقانداق ھەركەت ئېۋەندىن خالى ئەمەس.بۇ ئەيىپنىڭ خاتالىق بولۇش بولماسلىقى ،ئۇنىڭغا باھا بېرىشكە خۇشتار ئاۋام كۆڭلىنىڭ كەڭ-تارلىقى،ۋە پىداكارلىقىنىڭ دەرىجىسىگە باغلىق.ئۆزىنىڭ جانى-جان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق تاللاشتىمۇ پىداكارلىق قىلمايدىغان ئاۋامدىن ئۆتە بىچارە خەلق بولمىسا كېرەك.پىداكارلىقى بولمىغان ئاۋامغا ئەركىن تاللاش پۇرسىتى بېرىلگەندىمۇ كۆپ سانلىقلار ئۇتۇپ چىقسا ،يېڭىلگەن ئاز سانلىق ئۆكتىچىلەر يەنىلا بۇ ئادىل مۇسابىقىدە چىدىماسلىق قىلىدۇ.ۋە بۇزغۇنچىلىققا تەييارلىنىدۇ. {X\%7Zef+  
;b5^) S  
بۇ ھازىر ئۆزىنىلا ئەۋلىيا سانايدىغان شەرق خەلىقلىرىنىڭ ئاجىز پىسخىكىسى بولۇپ قالدى. >"q?P^f/  
S`Xx('!/|  
دۇنيا خەلىقلىرىنى جەلىپ قىلىدىغان ئامرىكا ئەل باشى سايلىمىدا ئەل باشى مۇقۇملاشقاندىن كېيىن يېڭىلگەن پارتىيە ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئۆكتە پىكىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ،دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قارشى تەرەپتىن بولغان رەھبەرگە مۇتلەق بوي سۇنىدۇ،مانا بۇنى ئىتىپاقلىق ئۈچۈن قىلىنغان پىداكارلىق ۋە تۆلىگەن بەدەل دەيمىز.ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن بىزلەر ئەيىپلەۋاتقان باستۇرۇش ۋە دىكتاتورا ئۇلارغىمۇ تەييار. cq`!17"k  
j5gL 67B  
پىداكارلىقى بولمىغان ئاۋامدا سىياسى ئاڭمۇ بولمايدۇ.ئۇلاردا پەقەت تار دۇنيا قاراشتا شەكىللەندۈرگەن ئاددى ئادىمىلىك كۆز قارىشىلا بولىدۇ.ئۇلار قەھرىمانغا باھا بەرگەندە دۇنيا قارىشىدا شەكىللەندۈرگەن ۋۈجۈدىدىكى شەخسىيەتچىلىك بىلەن رامكىلانغان كىچىككىنە دېرىزىسىدىن قاراپ باھا بېرىدۇ، ۋە باھاسىغا مەپتۇن بولۇپ كېتىۋاتقان كارۋانغا قاۋاۋاتقان ئىتتەك قالىۋېرىدۇ. wX4gyr  
0;L.h|R T(  
قەھرىماننىڭ مىجەزىدىكى غەيرىلىكنى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى باھالاش شەرتى قىلىۋېلىش دەۋىرنى ئۆز قەھرىمانلىرىدىن ئايرىپ تاشلايدۇ.ۋە مەزكۈر خەلىقنى داھىسىز ياشاش بىلەن جازالايدۇ.مانا بۇ قەھرىمانلىق چوققىسىغا ئىنتىلىۋاتقان ،ئىرادىسىنى ئەتراپتىكى رىئاللىقى كۆيدۇرۇۋاتقان نۇرغۇن بولغۇسى قەھرىمانلارنىڭ كۆيگەن ئارزۇسىنىڭ ئاچچىق تۈتىنى. jK]An;l{Z  
=E$B0^_2RC  
بۇ خىلدىكى ئاۋام ئۈچۈن ئۆلگەن ئۆلۈك ۋە سۈت ئېمىۋاتقان بوۋاقلا ھەسەت قوزغىمايدۇ.شۇڭا بۇ خەلىقنىڭ تىرىك قەھرىمانى بولمايدۇ،ئەۋلىيالىرى بولسا ئۆلگەن بولۇپ،ئۇلار كوڭلىنى شات ئېتىش ئۈچۈن بەزىلىرى "ھايات غوجام" دەپ تەرىپلىۋالىدۇ. X%98k'h.y  
qoP /` Y6  
دىمەك مۇكەممەللىك پەقەت ئاللاغىلا خاس. Zet80|q  
VBtdx`9  
بىراۋنى ئالىجاناپلارچە ئەيىپلەۋاتقان يەنە بىر ئادەم ئالى جاناپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا نامەرت كېلىدۇ.بىر جەمىيەتنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئىنساننىڭ تۆھپىلىرىدىن قىل ئىزدەۋاتقان يەنە بىر بىچارە ،ھېچكىم بىلەن زىدىيەتلىشىپ بېقىش سورۇنىغا ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇ چوقۇمكى قولىدىن ئائىلىۋى ئىشلارلا كېلىدىغان پىتنىخوردۇر.نۇرغۇن ئاۋام باشقىلارنى ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن ئەيىپلەشكە خۇشتار كېلىدۇ.ئەمما ئۆزلىرى ئەيىپلەۋاتقان ئادەم ئۇچرىغان رىئاللىققا ئۇچرىسا ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە نومۇسسىزلىق قىلىدۇ. ja4zLf(<  
6VtN4c .Q  
tH(g;flO)  
,B:r^(}0j  
خالىد ئىبنى ۋەلىد بىلەن ئەمىر ئىبنى ئاسنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر لۈكچەكلەردىن بولسىمۇ ،مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋە خەلىپە ئۆمەر دەۋرىدە ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ باشلىقى قىلىپ ئىشلىتىلگەن ،خەلىپە ئۆمەر كېيىنچە ئەمىر ئىبنى ئاسنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكىدەك تەقۋادار ئەمەسلىگىنى ،ھىلىگەرلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ ،بىر تەرپلىمە كۆز قاراشلارنى قايرىپ قويۇپ ئۇنى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قورقماي ئىشلەتكەن ،ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەر قوماندانى بولۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. Nwg?(h#  
`n"PHur  
خەلىپە ئۆمەرنىڭ بۇنداق مەرتلەرچە ئومومنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۇتقان پوزىتسىيىسى كېيىنكى خەلىپىلەر دەۋرىدە قوللىنىلغان بولسا(ھەتتا بۈگۈنمۇ ھەچقايسى مۇسۇلمان رەھبىرى بۇنچىلىك مەرتلىك قىلالمايۋاتىدۇ)چوقۇمكى ئىسلامىيەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىچكى ئۇرۇشلىرى يۈز بەرمىگەن بولاتتى. GvBmh.  
MJA;P7g  
دىمەك بارلىق ئىنسانىيەتكە خۇلق قاتارىدا ئوموم بولغان قىرسىز ۋە شەكىلسىز ئەخلاق پەقەت ئائىلە ۋە جەمىيەت مۇھىتىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.ئەخلاق جەمىيەتنى ئىدارە قىلىشتا پەقەتلا قانۇنغا ياردەملىشىدۇ.ئەخلاق ئەسلىدىنلا مۇكەممەل بولمىغاچقا مۇكەممەل ئادەممۇ بولمايدۇ.ئەخلاق جەھەتتە مۇتلەق تاكامۇللاشقان ئادەم بولمايدۇ.ئەمما ياراتقان نەتىجىلىرى بىلەن مۇتلەق قەھرىمان بولىدۇ. P7epBWqDP  
C;%1XFzM  
A`* l+M^z  
q8}he~a  
15-ئەسىردە ئىستىلاچى مۇھەممەت 11 نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان رىۋايەت-چۆچەكلەردە نامى زىكرى قىلىنىپ تۇرغان خىرىستىئان دىنىنىڭ قورغىنى كونىستانتىنپولنى ئىشغال ئىشغال قىلدى . Nj.;mr<  
j XYr&F  
بۇ ۋەقە ئىسلام تارىخىدىلا ئەمەس ياۋروپا تارىخىدىمۇ دەۋر بۆلگۈنچ ۋەقە ھېساپلىنىدۇ.ئىسلام تارىخىدىكى بۇ چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن غازى مۇھەممەت ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش تۇتۇپ تۇرۇشتا ئاۋامنىڭ يۈرەكلىرى سالغۇدەك رەھىمسىز ئۇسۇللارنى قوللانغان ئىدى.بىراق ئۇنىڭ بۇ يېتەرسىزلىكلىرى ئۇنى تۈرك ۋە ئىسلام تارىخىدىكى ئۇلۇغ سەركەردە،قەھرىمان ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچى بولۇپ تونىلىشىغا تەسىر قىلالمىدى。 =z4J[8bb  
8H,k0~D  
ئارىفلىق ۋە مۇكەممەل ئەخلاق ئاۋامنىڭ قۇراشتۇرۇپ چىققان ئالى ئادىمىلىك غايىسىدۇر.تەسەۋۋۇپنىڭ يۈكسەك پەللىسى بولغان ئارىفلىق ماھىيەتتە جەمىيەتتىن ۋە بارلىق مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەتلەردىن ۋاز كېچىپ ئىنسانىيەت بېرىش-كېلىش،توقۇنۇش زىدىيەتلىرىدىن قېچىپ پىنھانە ياشىغاندىلا ۋە ياكى يەسەۋىدەك تىرىك تۇرۇپ گۆرگە كىرىۋالغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان غايىبانە پەللە. 7u:QT2=&  
AzVv- !Y  
ئارىفلىق مۇقامىغا يەتكەن كىشىنى غاژىلداپ تۇرغان بازاردا سودا قىلغۇزغاندا ۋە ياكى تۇرمۇشنىڭ قۇيۇنلىرىدا ياشاشقا مەجبۇرلىغاندىلا ئۇنىڭ ئارىفلىق لىباسىنى سالدۇرۋالغىلى بولىدۇ.شۇندىلا ئۇمۇ بىزدەك ئاددى ئادەمگە ئايلىنىدۇ. /i{V21(%  
}lP`3e  
1710-يىلى چار پادىشا پېتىر ئۆزىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى بىلەن ئوسمانىي تۈرۈكلىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالىدۇ.ئەمدىلا دۇنيا سەھنىسىدە باش كۆتۈرىۋاتقان ئوروسلارنىڭ تەغدىرى قايتا يوقۇلۇش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ.مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا خانىش يېكاتىرانا(كېيىنكى ئايال چار پادىشا يېكاتېرانا) تۈرك سەركەردىسىگە مەخپى ئۇچۇر يوللاپ،ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز كۆرۈشۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ.ۋە ئىشقىۋاز ھەسەنبېكنىڭ يالغۇز قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.يېكاتىرانانىڭ ئاجايىپ نازۇ-كەرەشمىلىرىدىن تولۇق رازى بولۇپ كەتكەن بۇ خائىن قورشاۋدىن ئازراق يوچۇق ئېچىپ بېرىدۇ.ۋە بۇ جىنايىتىگە كېيىن تۈرك سۇلتانى تەرىپىدىن دارغا ئېسىلىدۇ. KV! (   
&(m01  
شۇنداق قىلىپ بىز بىلىدىغان كېيىنكى دەۋىرلەردىكى چار روسسىيە ئىمپىريىسىنىڭ يوقۇلۇش تەغدىرى ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ.يېكاتىرانانىڭ بۇ ئەخلاقسىزلىقى ئۇنىڭ ئوروس تارىخىدىكى ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزمەيدۇ.بەلكى ئۇنتۇپ كېتىلىدۇ.ئۇنىڭ ئوروسلار ئۈچۈن ياراتقان ئىلگىركى ۋە كېيىنكى بارلىق تۆھپىلىرى مەدھىيلىنىدۇ. 6#Rco%07zI  
e>P>DmlW  
پۇرۇلتارىيەتنىڭ ئۇستازى ماركىسنىڭ ئاشنىسى لېسكىن بىلەن بولغان سەتچىلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ دوستى ئېنگىلىس تۇغۇلغان بالىنى ئۆزى بالا قىلىۋالىدۇ. W![~"7?   
HM# |&_gV  
شۇنىڭ بىلەن ماركىسنىڭ بۇ مەخپى ئەخلاقسىزلىقى باستۇرۋېتىلىدۇ.ئۇ ماركىسىزىمچىلارنىڭ داھىسى بولۇش شەرىپىدىنمۇ مەھرۇم بولمايدۇ.ئىنسانىيەتنىڭ پەلسەپە ساھەسىگە يېڭى بىر ئۇقۇم قوشۇلىدۇ.ماركىسىزىم دۇنياغا كېلىدۇ. i.^:xZ  
?Iu=os>*  
تارىخىي قەھرىمانلارغا نېسبەتەن ئەڭ ئادىل باھا ئۇلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ۋە ئومومى خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىدۇر.ھەرگىزمۇ پىداكارلىغى بولمىغان ئاۋامنىڭ ئائىلىۋى غەملەر بىلەن ئۇپراپ كەتكەن كاللىسى بىلەن چىقىرىلغان ھۆكمى ئۇلارغا بېرىلگەن باھا بولالمايدۇ.چۈنكى  تۇرمۇش غەملىرىنى يەپ بولالمايۋاتقان ئاۋام قەھرىماننىڭ ئازابىنى قانداقمۇ چۈشىنەلەيدۇ..! !3{;oU%*  
j 
                                 FV{XPr%   
Cu_-QE  
«سۇ بويىدا» رومانىدىكى شىپالىق يامغۇر سوڭجىياڭ 108 قاپيۈرەك ئەزىمەتكە باش بولۇپ لىياڭشەن تۇراسىدىن چىقىپ تاكى فاڭلانى يوقاتقانغا قەدەر نۇرغۇن غەلبىلىك كۈرەشلەرنى قىلىدۇ.ئەمما ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى ئەسلىدىنلا ئوردا تالىپچاقلىرىغا خاس بولغان ،جوڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئوردىغا سادىق بولۇش دىگەن ئۇقۇمىنىڭ ئاسارىتىدىن چىقالماي ،ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتتىكى بۇرادەرلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆز ئارزۇسىغا يېتىدۇ.  ماۋزېدوڭمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئوتتۇرا قاتلام زىيالىيلىرىدىكى ھالقىلىق ۋاقىتتىكى تەسلىمچىلىك دەپ باھا بەرگەن ئىدى.سوڭجىياڭنىڭ ئەدەپلىك مۇلايىم ئاقكۆڭۈل خاراكتىرى بىلەن قىلغان تەسلىمچىلىكىگە قاراپ، بىز تەبىئى ھالدىلا ساۋاتسىز قارا قۇيۇن لىكۈي بولغان بولسا ئۇنداق بولمايتتى دەپ ئويلاپ قالىمىز. ]<K"`q2  
Qkw?Q V-`k  
ھەقىقى قەھرىمان بىلىم ۋە ئەدەپكە قارىغاندا ئۇلۇغۋار غايىگە مايىل كېلىدۇ.پەقەت ئۇنىڭ غايىسىلا ئۇنى يول باشچى بولۇش قىممىتىگە ئىگە قىلىدۇ.يول باشچىنىڭ تۈپكى بىردىن-بىر ئالاھىدىلىگى غايىگە ئىگە بولۇش.مۇستەقىل ئۇلۇغۋار غايىلا ئۇنى كۈرەش داۋامىدا ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىيالايدۇ.ئورنىنى تاپالمىغان ئادەم ئاسانلا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.ئاۋامغا باشچى بولۇش،دۆلەت باشقۇرۇش ھەممىلا ئادەم قىلالايدىغان كەسپ ئەمەس. 3#Iq5vT  
2qQ;U?:q  
ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى داڭلىق ئاستۇرونۇم ئۇلۇغبەگ تىراگىدىيىسىنى ئويلىنىپ كۆرۈش تامامەن مۈمكىن.ئەسلىدىنلا ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان بۇ ئالىم،تەخت ۋارىسى بولۇپ قالىدۇ. 13*S<\  
?6HnN0A)  
ئىلىم ۋە تەتقىقاتقا چىن كۆڭلىدىن ھەۋەس-ئىجتىھات قىلىدىغان قەلبى دۆلەت ئىشلىرىدىكى قاتتىق-يۇمشاقلىق،ئەپۇ-زالىملىقنى ماسلاشتۇرۇپ بارالمايدۇ.ئاسماندىكى 1018 يۇلتۇزنىڭ ئورۇن-تەرتىۋىنى پۇختا بىلگەن بىلەن،ئۆزى باشقۇرۋاتقان ھاكىمىيەتنى،ئەركە ئوغۇللىرىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى بۇزۇشى سەۋەبىدىن پىتنىچىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىكى سەۋەپ-نەتىجىلەرنى بىلەلمەيدۇ. +"1-W> HV  
]u:_r) T  
ئۆزگۈرۈشچان ئادەم تەبىئىتىگە تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا تۇتقان مۇئامىلىنى ئىشلىتىدۇ .ئەمىر تېمۈر بولسا نەۋرىسى ئۇلۇغبېگكە قارىغاندا ئىلىم بابىدا تولىمۇ يېتەرسىز بولغان بىلەن،ئۇ مۇتلەق ھۆكۈمران بولۇشقا لايىق ئادەم.ئۇ  تۈزگەن قانۇنغا ھەتتا ئۆز پەرزەنتلىرىنىمۇ خىلاپلىق قىلىشقا پېتىنالمايتتى. شۇڭلاشقا بىلىمسىز بولسىمۇ ،غايە ۋە ئادالەتنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان بۇ قەھرىمان دۆلەتنى ئەمىن قىلالىغان. )[u'LgVN/L  
SbQ:vAE*ho  
نىمىشقا ئېينىشتىيىن ،ئايتماتوفلار دۆلەت باشلىقى بولۇش تەكلىۋىنى رەت قىلغان ؟ سەۋەپ دۆلەت ئاتىسى بولۇشقا ئىلىمگە قارىغاندا جاسارەت ۋە پەم-پاراسەت كۆپرەك كېتىدۇ.ئىلىم بولسا ئىزچىل يۈمشاق ھەقىقەت،سىياسەت بولسا بەزىدە تاشتىن قاتتىق يەنە بەزىدە بولسا پاختىدىن يۇمشاق......... drvrj~o:  
Q- w_ @~  
سۇلتان ئابدۇرېشىتخانمۇ ئەسلىدىنلا ئۇلۇغبېگكە ئوخشاشلا ئىلىم خۇمار ئادەم.ئەمما بۇ سۆيۈش ھۆكۈمراننىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىگى ئەمەس.ئۇنىڭدا سەئىدخانغا ئوخشاش مۇستەھكەم جاسارەت ۋە ئالدىن كۆرەر پاراسەت بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن خانلىقىنىمۇ قوغدىيالماي قالغان. RS#C4NG  
http://ablathan.blogbus.com/logs/37387331.html
ئابدۇمىجىت(كۆرەش)
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 2
يازما: 155
جۇغلانمىسى: 759
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
تىللا: 163 دانە
توردا: 100(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-20
ئاخىرقى: 2010-09-20
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 01:08

قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ ! (داۋامى)

تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى مۇستاپا كامال.ئۇ پەقەت تۈرك مىللەتلىرىنىڭلا قەھرىمانى،چۈنكى بۇ ئەزىمەت ئۆز مىللىتىنىڭ جانى-جان مەنپەئەتىنى يوقۇتۇشقا ئاتلانغان بارلىق دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلالىغان.ھەتتاكى تۈركلەرگە قارشى غازات توۋلاپ جەڭگاھقا چۈشكەن دىنداشلىرىنىمۇ ئاياپ ئولتۇرمىغان. % iJ} H6m  
N9y+P sh  
ئۇ بۇ نۇقتىدا ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇيرىقىغا بوي سۇنماي قۇرئان كۆتۈرگەن دۈشمەندىن قېچىپ ئەلىنى ھەسرەتتە قويغان ساھابىلەردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلدى. ئەسلىدىكى خەلىپىلىك تۈزۈلمىگە مىللەتچىلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ قارشى چىققان ئەرەپ ئۆكتىچىلىرى ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنى ئۆزلىرىگە تىرەك قىلغان بولسا ،مۇستاپا كامال تۈرك مىللىتىنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ياۋروپانىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن كۈرەش قىلدى.ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر غەرپنىڭ ھەربى قوغدىنىش كۈنلىكىنىگە مۇراجەت قىلغان بولسا ،مۇستاپا كامال دۆلەت مەنپەئەتىنى قولىدا تۇتۇپ ،ياۋروپانىڭ ئىلغار قانۇن-تۈزۈلمىلىرىدىن پايدىلىنىشنى يولغا قويدى.بىرى شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەملىكىگە چۈشۈشنى خالىدى.يەنە بىرى بولسا مەڭگۈ مۇنقەرز بولمايدىغان تۈرك دۇنياسىغا ئاشقۇن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىلا ئېلىپ كەلدى خالاس.بۇ قەھرىمانمۇ ئۇرۇشتىن كېلىپ چىققان باشقا داھىلارغا ئوخشاشلا تەرەقىيات مۇساپىسىدا قىسمەن ئاشقۇن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ.بىراق ئىسلامىيەتنىڭ بارلىق جاۋاپكارلىقلىرىنى يۈكلەپ قويغۇسى كېلىدىغان بىر قىسىم نەزىرى تار تارىخشۇناسلار ئېيتقاندەك ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناپىقى دەرىجىسىگە بېرىپ قالغىنى يوق. ]0MuXiR  
F%af05L[  
ئۆسمانىيلاردىن مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىپ مۇستەقىل بولۇپ باققان ئاتالمىش سەئىد جەمەتلىرى،فاتىمىيە ئەۋلادلىرى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ھەقىقى ۋارىسلىرى...... قولىغا دۆلەت ھوقۇقىنى ئالغىلى نەچچە ئون يىللار بولدى.بىراق ھېلىقى ئاتالمىش تارىخشۇناسلار ئېيتقان خەلىپىلىك تۈزۈلمىنى ھەممىسىلا ئۇنتۇپ كەتتىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ئۆز ھالىنىمۇ ئوڭشىيالمايدىغان دەرىجىدىن قۇتۇلالمىدى.ئۇلار پەقەت ناماز ۋاقتىنىلا قولىدا تۇتۇپ تۇرالىدى،ئەمما باشقا بەلگىلىمىلىرىنى يەنىلا غەرپ تۈزۈپ بەردى. <`NsX 6t  
<"xqt7f  
مۇستاپا كامال ھەقىقەتەن سەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەس .بىراق بىز ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى قەھرىمان تۈرك خەلقى بىلەن بىرلىكتە مۆجىزىلىك جەڭلەرنى قىلىپ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىنى ساقلاپ قالالىغانلىقىنى بىلىمىز.ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىنى ھىچقانداق بىر مۇسۇلمان باشچىسى ئورۇنلاپ باقمىدى.ئۇنىڭ قارشى تۇرغان دۈشمىنىگە ھەتتاكى غازاتمۇ ئېلان قىلالمىدى. 9s d}Z,l  
8xG"hJR  
ئۇلۇغ خۇدا ! قېنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ فاتىمىيە،سەئىد ئەۋلادلىرى ئىسلامىيەتنىڭ ئاتا تۈركتىنمۇ ئارتۇق جەڭگىۋار پەرزەنتلىرى ؟ !^v~hD$_q  
C5$?Y8B3  
قېنى شۇ تەقۋادارلىق تالىشىپ ياقىلىشىۋاتقاندىكى ھەقىقى باھادىرلىق....؟! uJeJ=7,EO  
+c, ^KHW  
Kp1 F"!  
Y6v#0pT  
ئۇلۇغ تۈرك ئالىمىمىز مەھمۇت كاشغەرى ئۆزىنىڭ بىباھا كىتاۋىنى ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنى بىر قاتارغا چىقىرىش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان.ماھىيەتتىن  ئېيتقاندا بۇ ئىسلام ئورتاقلىقىغا نېسبەتەن ئېنىقلا رەت قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىسىمۇ ئەمما يەنىلا مىللى مۇھەببەتنىڭ ئۆرنىكى بولالايدۇ. t)g %9 k^  
`D$^SHfyz  
ناپولېئون ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ئىستىلاچىلىق قەدىمىنىڭ ئاسان ھەم تېز بولىشى ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى جاكالاپ سەللە يۆگەپ مەسچىتتىن چىقماي ئىبادەت قىلاتتى .ئۇ بەلكىم بۇنى ئۇرۇش زۆرۆرىيىتى ئۈچۈن قىلغان بولىشى مۇقەرەر.ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ياۋروپا قەھرىمانلىرىنىڭ گۈل تاجىلىق ئورنىغا قىلچىلىك دەخلى قىلمىغان . W- nS{v(  
qPWf=s7!  
جېففىرسونمۇ ئامرىكا جەمىيىتىنى دىنسىزلاشتۇرۇشتەك بىر قىسما تەكلىپ بېرىپ قويغانلىقى  سەۋەبىدىن مەشھۇر زوڭتۇڭلار قاتارىدىن چۈشۈپ قالغىنى يوق.قەھرىمان ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرلا چۈشىنىدىغان قەلب ئازابلىرىنى ھەركەتكە ئايلاندۇرۇش بىلەن ئارام تاپىدۇ.ئۇ خاتالىقلاردىن خالى بولالمايدۇ.پەقەت ھاياتىي دۇنيادا مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ ياشايدىغان نامەرت ئادەملەرلا خاتالىشىش تەغدىرىگە ئۇچرىمايدۇ،ئۇلار دانالارچە ياشايدىغان ئالىجاناپ  مىتە-قۇرتلاردۇر. -S&9"=v  
^tWSu?9  
زىدىيەت پەقەت مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىلا يۈز بېرىدۇ.زىدىيەتنىڭ بولىشى قورقۇنۇچلۇق ئەمەس.قورقۇنۇچلىغى قۇرۇپ كېتىشتىن قورقۇپ توختام سۇدەك تاشماستىن دانالارچە ياشاش. i[{*(Y$L   
lN{>.q@V`r  
لىنكولىن ئامىرىكا ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇشىۋاتقان ئىككىلا تەرپنى ۋەتەنپەرۋەرلەر دەپ باھالىغانتى.چۈنكى ئىككى تەرەپ ئۆز تەشەببۇسلىرىنىڭ ئامىرىكا جەمىيىتىنى بەختكە ئېرىشتۈردىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلغان. مانا بۇ يەلكىسىگە ۋەتەن مەسئۇلىيىتىنى يۈكلىيەلەيدىغان باھادىرلارغا بېرىلگەن ھەققانى باھا. 5MZv!N   
E}a.qM'  
پەيغەمبىرىمىز مەككىنى فەتھى قىلىش ئالدىدا ،يول مېڭىپ چارچاپ كەتكەن قوشۇننى ئېغىز ئېچىشقا بۇيرۇيدۇ.بىراق كۆپ قىسىم ساھابىلەر ئېغىز ئاچقان بىلەن يەنە بىر قىسىم ساھەبىلەر ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقىنى بىلدۈرۈش مەخسىتىدە ئېغىز ئاچمايدۇ. pv&iJ7RN  
pY&dw4V  
پەيغەمبىرىمىز قوشۇن ئارىسىدا بىر خەۋپنىڭ باش كۆتۈردىغانلىقىنى بايقايدۇ.ئاددى بىر ئىبادەت سەۋەبىدىن  ئېغىز ئاچقانلار بىلەن ئېغىز ئاچمىغانلارنىڭ ئۆز-ئارا زىدىيەتلىشىش ئۇرۇقىنىڭ تېرىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ.دىمەك ئىتىپاقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتالمىش تەقۋادارلىق قىلغانلارغىمۇ رەھىم قىلمايدۇ.ساھابىلەردىن بىرسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەلۇم مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىنى سورىغاندا ھەزرىتى ئۆمەر «پەيغەمبىرىمىزدىن سوراپ باقمىدىڭمۇ »دەيدۇ.ئۇ ساھابە «سورىدىم،ئەمما سېنىڭمۇ پىكرىڭنى بىلىپ باقاي دىگەنتىم ؟» دىگەندە ھەزرىتى ئۆمەر «يولباشچىمىز رەسۇلىللادىن باشقا بىراۋدىن ھۆكۈم سورىغۇچىنىڭ ھۆكمى ئۆلۈم »دەپ ئۇ ساھەبىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى  فىقھى ئىلمى ۋە تۆت مەزھەپنىڭ شەكىللىنىشى يۇقۇرىدىكى ۋەقەدىنمۇ ئاددى بولغان كۆز قاراشلاردىن شەكىللەنگەن بولسىمۇ ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاساسى پىكىر ئېقىمىنىڭ تارماقلارغا بۆلىنىشىگە كۆرسەتكەن زىيانلىق تەسىرى مىسلىسىزدۇر. 0Js5 ' 9}H  
a|[f%T<<  
قانۇن يەككىلىك ۋە مۇقىملىققا ئىگە.ئۇ ھەرگىزمۇ ئىنسانىيەتنىڭ باشقا ئىجادىيەتلىرى بولغان..پەلسەپە ،ئەدەبىيات-سەنئەت،..لەردەك كۆپ مەزمۇنلۇق ۋە كۆپ قاتلاملىق تۈرلىنىشكە مۇھتاج ئەمەس.قانۇنغا نېسبەتەن ئاددى چۈشەنچىلا ئەڭ مۇۋاپىق .ئىسلام قانۇنى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ سوفى-مەۋلەۋىلەرنىڭ ئۆخشىمىغان تەپەككۈر ۋە پەرقلىق ھېسيات بىلەن قىلغان تەتقىقاتلىرى قۇرئاننىڭ ئەسلىدىكى بىر خىل ماھىيىتىنى كۆپ خىل شەرھىيلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى.قۇرئان ئاۋام چۈشىنەلمەيدىغان مۇرەككەپ سۆز ئويۇنى ئەمەس.ئۇنى ئادەتتىكى ساۋاتسىزمۇ ئوچۇق مەنىسى بىلەن چۈشىنىدىغان قىلىپ نازىل قىلىنغان. ئۇ بىر چۈشىلىك يارىتىلغان قانۇن ! ھەرگىزمۇ بەزىلەر سۈپەتلىگەندەك ئۇنۋېرسال مەناغا ئىگە شېئىر ئەمەس. % W|Sl  
g 2'K3e?.%  
ئوچۇق مەناغا يەنە باشقىچە مەنا ئېيتىشقا تىرىشىش شائىرلارنىڭ ئىشى .ئىنساننىڭ رەڭدار تەپەككۈرى رەڭدار نەتىجە ھاسىل قىلىدۇ.شېئىر-مەسنەۋىلەر چەكسىز مەنالارغا ئىگە بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ.بىراق قانۇن بۇ رەڭدارلىقنى خالىمايدۇ.ئوخشىمىغان پىكىرلەردىكى دېمكىراتىك مەسنەۋى-غەزەللەر پەقەت ئىسلام تارىخىدىكى ئەدەبىيات ھادىسسىدۇر.قانۇن ئۇ مەيلى توغرا ياكى خاتا بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆز ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ئورتاق ھەم رەڭسىز ھالەتتە مەۋجۇت بولىشى زۆرۈر. Yl$ @/xAa  
R[fQ$` M  
مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە خاتا سانالغان غەرپنىڭ قانۇنلىرى ،غەرپلىكلەرگە نېسبەتەن مۇقىم ۋە بىر خىلىققا ئىگە بولغاچقا ئۇلارغا سائادەت كەلتۈرگەن. 6"}F KRR  
yv>uzb`N  
ئەمما قۇرئاندەك مۇتلەق توغرا بولغان قانۇن ئىسلام دۇنياسىدا رەڭدار شەرھىيلەنگەچكە مۇسۇلمانلارنى بىر نۇقتىغا يىغالمىغان.مانا بۇ ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ قانۇن ساھەسىدە گۈللىنىشىنىڭ ئاقىۋىتى. 9Av{>W?  
GkU$Z @  
نېمىس پەلسەپەسىنى مۇتەپەككۈرلىرىمىز دۇنيا پەلسەپە مۇنبىرىنىڭ  چوققىسى دەپ باھالايدۇ.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇشۇ پەلسەپەگە ئىگە بولغان بەخىتلىك نېمىسلار يەھۇدىلارغا قارشى قىرغىن قىلىپ ئۆزىنى ئالى ئىرىق ساناپ پەس ئىرىقلارنى قۇتۇلدۇرۋېلىشقا ئاتلانغان ئىدى.تارىختىكى بۇ ئىشلارنى بىر ئادەمگىلا يۈكلەپ قويۇش ئادالەت بولمىسا كېرەك. /l3O i@\  
\VW":+  
ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە گېرمانىيىلىك بىرانت ۋە مېچىل بارلىق نېمىسلارغا ۋاكالەتەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىلار قەبرىستانلىقىدا يۈكۈندى،ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىنى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلدى.ئەمما ياپونلار تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ تارىختا قىلغان جىنايەتلىرىگە تۆۋۋە قىلغىنى يوق.ھەممىمىز بىلىمىز ياپون مىللىتى بىلەن نېمىس مىللىتىنىڭ پەلسەپە بايلىقىنى سېلىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس.ئەمما نىمىشقا پەلسەپە مىللىتى سانالغان نېمىسلار ئەللىك يىلدىن كېيىنلا ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىغا تۆۋۋە قىلىدۇ؟! ياپون مىللىتى بولسا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى كۆز قارىشىنى ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرتمەيدۇ؟! {Dy,|}7s  
p-rQ'e  
پەلسەپەگە تويۇنغان مىللەت بىر قانچە يۈز يىللىق كەلگۈسىنى ئالدىن بىلەلەيتتىغۇ؟! r;H#cMj  
+ek6}f#  
مانا بۇ بىز غايىۋىلاشتۇرىۋالغان پەلسەپەنىڭ بىچارە ھالى.شۇنداقلا قەھرىمانسىز قالغان كونا جەڭ ھارۋىسى! cd=H4: 
M\IdQY-c  
بىز ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغان مۇھىم تەرىپى بۇ ئىككى مىللەت ئوخشىمىغان يولدا كېتىۋاتسىمۇ ،ئەمما ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى بىرىنىڭ ئۆزگەرمەس ئوخشاشلىقى يەنە بىرىنىڭ بولسا ماسلىشىشچانلىقى. vMn$lT@  
`w@z Fc!"  
تارىختىكى ياپونلار يولباشچىلىرىغا قانداق ئەگەشكەن بولسا بۈگۈنكى ياپونلارنىڭمۇ يەنىلا گۇمانلانماي ئەگىشىۋاتقانلىقى ،نېمىسلارمۇ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن ئىدىيىسىنى ۋە يېڭى چاقىرىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى گېتلېر گېرمانىيىسىنى قوللىغاندەكلا قوللاۋاتقانلىقىدۇر. 7*Zm{r@u  
|Dq?<Ha  
مانا بۇ ۋەتەن-مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان مۇنەۋۋەر خەلقنىڭ پوزىتسىيىسى. "e>9R'y  
Bqk+ne  
دىمەك قەھرىمان بىر مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش نۇقتىسى .بۇ نۇقتا پەرىشتىنى ئەمەس ئادەمنى مەركەز قىلغاچقا كەمچىلىكتىن خالى بولالمايدۇ. خەلق پەقەت ماھىيەتتىكى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى بولغان قەھرىمانىغا كەڭ قوساقلارچە مۇئامىلە قىلالىغاندىلا ئاندىن پۈتۈن خەلق ئىتىپاقلىشىدىغان مەركىزى نۇقتىغا ئېرىشەلەيدۇ . JPj/+f  
1 un!  
بۇ ئىتىپاقلىق بۇ خەلقنى تاغدەك ئېغىر كۈن، قىيامەتنىڭ دەھشىتىدەك تەغدىردىنمۇ قۇتقۇزۇپ چىقالايدۇ....         Nr]guC?rE  
pXh `o20I  
ۋاقىت نۇرغۇن رىۋايەت-ئەپسانىلەرنى يوقاتقان بولسىمۇ قەھرىمانلار توغرىسىدىكى ئەپسانە-بايانلار ئەسىرلەر بويى يوقالماي ئېيتىلىپ-يادلىنىپ كەلمەكتە ئۇلارنىڭ غايىسى ،ئېتىقادى ھەر قېتىملىق تاڭ قۇياشى ۋە يېڭىدىن تەۋەللۈت بولغان بوۋاق ھەم يېڭىدىن كۆكلىگەن گىيا بىلەن قايتا-قايتا تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ........ T` 
"EWq{l_I5$  
قەھرىمانلارنىڭ مەخسەت-نىشانى ئوخشاش بولسىمۇ ئۆز پائالىيىتىنىڭ مۇساپە پەرقى تۈپەيلىدىن ،تارىخنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان باھالىرىغا نائىل بولىدۇ.بىراق كېرەك يوق ،ئۇلار باشقىلارنىڭ باھاسى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قەلبىنىڭ ئارامى ئۈچۈن ياشايدىغانلار ۋە شۇ چاقىرىق ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىدىغانلار . 5,|{|/  
8/u kzY1!  
تارىخ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان نۇرغۇن ئاشكارە قەھرىمانلارنى روياپقا چىقاردى ،ئۇلار ئۆزىنىڭ ياراتقان تۆھپىسى ۋە بېسىپ ئۆتكەن شانلىق ھايات مۇساپىسىنىڭ بەدىلىگە كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تولۇق مۇكاپاتلاندى ۋە مەدھىيەلەر ئوقۇلدى . XZ8]se"C  
&Fk|"f+  
بىراق يەنە نۇرغۇن نامسىز،ئىزسىز ئۆلۈپ كەتكەن قەھرىمانلار ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ئۆمۈر خاتىرىسىنى پەقەت ئۆزى بىلەنلا ئېلىپ كەتكەن بولىدۇ .بۇنداق قەھرىماننىڭ ھەيۋەتلىك مەقبەرىلىرى ۋە ياكى ھەيكەللىرى بولمايدۇ. بۇ زاماننىڭ باشقىلاردىن پەرلىق ھالدا ئۇلارغا قىلغان يەنە بىر ئۆزگىچە ئىلتىپاتى. |^F$Ta  
X~\O]  
ئۇلار بىر بولسا نام-نىشانسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ . ياكى ئۆلتۈرۈلدۇ. iT{[zLz>1  
u `!Dp$P  
ئۇلارنىڭ ئۆلىمىگە پەقەت ئۇنى ئاتقان جاللات ياكى ئۇ سېسىپ ئۆلۈپ كەتكەن قاراڭغۇ كامىر ۋە ياكى ئۇ جەڭ قىلىپ يىقىلغان ئېدىر-سايلىقلار .....شاھىت بولۇپ قالىدۇ. FZ8Qj8  
u{l4O1k/c  
يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ غايىسىنى قەلبىگە يوشۇرغان پېتى جاھاندىن ئارمان بىلەن كېتىدۇ .زاماننىڭ ئىمكانىيىتى ئۇلارغا نېسىپ بولمايدۇ .ئۆز ئەجرىگە يارىشا نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك ئۇلارنى ئۆكۈندۈرسىمۇ بىراق ئ‍ۆز ئېتىقادى ۋە غايىسى يولىدا بوشاشماي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇسىدۇر. 7 VYhRC-  
E2S#REB4  
                     %\!0*(8  
*r!qxiY= r  
تاڭنىڭ ئەسىرىمۇ يوق قاپ-قاراڭغۇ زۇلمەت كېچىلەردە پەقەت ھۇقۇشلا تۈننى قوغلاپ مەغرۇر سايرىيالايدۇ.،ئۇ بىراۋلارنىڭ ئالقىشىغا ياكى تۆھپە يېزىشىغا مۇھتاج ئەمەس.ئۇ پەقەتلا زۇلمەت كېچىنى قوغلاپ بولۇپ نەلەرگىدۇ كېتىدۇ ۋە ئۆمۈر بويى ھېچكىمنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماي ئۈن-تىنسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ  ..... 87+u` ~  
4 .(5m\s!  
ئەمما ئاستا-ئاستا يورۇۋاتقان تاڭنى كۆرۈۋالغان «قىپقىزىل»تاجىلىق چىرايلىققىنە  خوراز  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ «تاڭ ئاتتى» دەپ سايرايدۇ.بۇنىڭ بىلەن نادان ئاۋام تەرىپىدىن «تاڭ ئەلچىسى»دەپ ئالقىشلىنىدۇ. '#Q Zhz(+  
eqWs(`  
مانا بۇ نامۇ-نىشانسىز ئۆلۈپ كېتىدىغان قەھرىمانلارنىڭ تىراگىدىيىسى بولۇپلا قالماي ماھىيەتنى كۆرەلمەيدىغان ئاۋامنىڭمۇ تىراگىدىيىسى. Q,ZV C  
Yb:F,d-Ya  
نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسىنى كېيىنكىلەرنىڭ زىيارەت قىلىپ يوقلىشىنى كۈتمەيدۇ.ئۇلار كەڭ دالىنىڭ قايسىدۇ بىر يېرىدە ياكى بىرەر ئىگىز تاغنىڭ باغرىدا ۋەيا بىرەر تۈپ قارىغاينىڭ سايىسىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولىدۇ.ئۇنىڭ غېرىپ قەبرىسىنى قەھرىتان قىشنىڭ جەسسۇر شىۋىرغانلىرى،تومۇز ئاپتىپىنىڭ مۇھەببەتلىك تەپتى ،چىرايلىق كۈزنىڭ تولغان ياپراقلىرى ،ئۈمۈتلۈك باھارنىڭ ئەگىز سۇلىرى يوقلاپ تۇرىدۇ..... 0AhUH| ]  
A43[i@o  
ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئەپسانە-رىۋايەتلەر نامۇ-نىشانە بولۇپ بولۇپ قالىدۇ.ئوغۇل-قىز ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن مىراس سۈپىتىدە باتۇرلۇق شەجەرىلىرى ۋە داستانلار قالىدۇ. بۇ داستانلار خۇددى ئۈزۈلمەس ئېقىنغا ئوخشاش ئالدىنقى ئەجداتنىڭ ھايات كەچمىشلىرىدىن كېيىنكى ئەۋلاتنىڭ  چۈشلىرىگىچە ئېقىپ كېلىۋېرىدۇ...... {L M Q  
C MGDg}  
قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ ! /6 y;fx  
x Y}.mP  
W{ZJ^QAq/  
H8Z|gq1r  
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت ydE}.0zN  
 0rAuK7  
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان 1Z_ H% (  
5 <7sVd.  
abdurehim ablathan
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 3
يازما: 584
جۇغلانمىسى: 4066
شۆھرەت: 11 كىشىلىك
تىللا: 587 دانە
توردا: 134(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2010-09-22
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 11:27

بەك ئىسىل ئەسەركەن    ئاللا ئىگەم ئەجرىڭىزنى بەرسۇن..
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 4
يازما: 38
جۇغلانمىسى: 4204
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 42 دانە
توردا: 40(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-06
ئاخىرقى: 2010-09-22
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 15:04

ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەركەن بۇ ! قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن