تېما: شەيتاننىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيى
ئابدۇمىجىت(كۆرەش)
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 2
يازما: 155
جۇغلانمىسى: 759
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
تىللا: 163 دانە
توردا: 100(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-20
ئاخىرقى: 2010-09-20
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 00:15

0 شەيتاننىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيى

cHa]xmy%r'  
شەيتاننىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيى Vx @|O%  
>CkjUZu]&  
e${)w-R/e  
)Z %T27r,^  
4- ئاپرېل (سەپەر ئېينىڭ 4- كۈنى) مەستلىكتە زاۋال ۋاقتى بولغاندا ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر چاغدا جىن راكشاس يېنىمغا كېلىپ: S/ibb&  
N~F RM& x  
- بۈگۈن شەيتان ئالىيلىرى 2- قۇرۇلتىيىنى ئاچماقچى، سىنى شۇ كاتتا قۇرۇلتاينىڭ مۇخبىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ كەلدىم،-دىدى. 2}W0 F2*  
Oez>X=Xf  
-نېمە ئۇچۇن مېنى تاللاپ قالدىڭلار؟!-دېدىم ھەيران بولۇپ. &hk-1y9QS  
Q~Z=(rP20  
-مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى. شۇڭا ئاللاھ مۇھەممەد دېگەن بۇ ئىسىمغا بەك ئامراق. ئاتاڭمۇ ئەنە شۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ يولىنى تۇتسۇن دەپ ساڭابۇ مەھەممەد دېگەن ئىسىمنى قويغان. ساڭا بۇ ئىسىم قويۇلغاندا بىز جىنلار خېلىلا چۆچىگەنتۇق. لېكىن ، كىيىن سەن بىز بۇيرىغان بەزى ئىشلارنى خىلى ئوبدانلا قىلدىڭ، شۇڭا شەيتان ئالىيلىرىمۇ سىنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ. قەبىھ، نەرسىلىرىڭنى ئېلىپ مەن بىلەن يۈر. l{D' uI[&  
YTw#J OO  
مەن جىن راكشاسنىڭ يول باشلىشى بىلەن كوھىغەم (غەم تېغى) دېگەن تاغدىن ئۇتۇپ زۇلمەت تېغىدىكى كۇھىقاپ غارىغا كىردىم. راكشاس يالقۇن چاچىرتىدىغان كۆزى بىلەن غار ئىچىنى يورۇتتى: غار سان-ساناقسىز ئىسكىلىتلار، ئىسكىلىتلار ئۈستىدە تىنىم تاپماي يۈ يۈرگەن ئومۇچۇكلەر ۋە ئۆمۈچۈك تورلىرى بىلەن تۇلۇپ كېتىپتۇ. @&} q} D  
07hF2[i  
-بۇلار كىملەرنىڭ ئىسكىلىتلىرى؟- دەپ سورىدىم راكشاستىن. 72,rFYvpK  
@Udf AyL  
-ماۋۇ سەن ئولتۇرغان چوققا ھاراقكەشلەرنىڭ ئىسكىلىتلىرى، ئاۋۇ تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغىنى زىناخورلارنىڭ ئىسكىلىتى. ئۇلارغا ئومۇچۇكلەر سىيىپ ئۇلارنىڭ ھاراملىقىنى ئەبەدىي ساقلاپ تۇرىدۇ. ئەنە ئاۋۇ سەھنە ھاراق ئىشلەپ چىقارغان، پاھىشىخانا ئاچقانلارنىڭ ئىسكىلىتلىرىدىن ياسالغان،-دىدى راكشاس كوزىنى سەھنىگە تىكىپ. i.:. Y  
_$>pw<  
سەھنىدە ئۇزۇن بۇرنىنىڭ ئۇچى قىزىل، چىرايىنىڭ قالغان يەرلىرى كومۇردەك قارا شەيتان، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە چىرايى سېسىغان ئۆپكىدەك كۆكۈش ھەم قىزغۇچ، ياڭاق شوپىكىدەك بۇدۇر-بۇدۇر، ھەر بىر تال چېچىغا ئونچە خىل ھىيلە-مىكىر لىنتىلىرى چىگىلگەن دەججال، ئۇ ئالدىدا ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان بىرىنىڭ ئاغزىغا بىر ئاز سىيىپ قويۇۋېدى، ھېلىقى ئادەم شەيتاننىڭ سول تەرىپىدىكى ئوتتەك قىزىل چاچلىرى يوغان كوكسىگىچە چۈشۈپ تۇرغان ئالۋاستىنى ئالدىغا باردى. ئالۋاستى كۆكۈش كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ، ئۇزۇن ھەم قىزىل تىرناقلىق قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى سوغۇرۋېلىپ، قېنىنى شۇمۇرۇشكە باشلىدى. Sv;_HZ  
|{@FMxn|q  
شەيتان زىنادىن تۆرەلگەن بوۋاق بالىنىڭ ئىسكىلىتى بىلەن ئالدىدىكى زىناخورنىڭ ئىسكىلىتىدىن ياسالغان ئۈستەلگە ئۇرۇپ: r4,VTy2Qe  
+NFzSal  
-ھازىر مېنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىم رەسمىي ئېچىلدى،-دەپ جاكارلىدى. F H1Z 2  
!*`-iQo&  
راكشاس كوزىنى غار سىرتىغا تىكتى. مەن غار سىرتىدىكى ئەرۋەڭ-سەرۋەڭ كىيىڭەن سان-ساناقسىز جىنلارنىڭ ئۇچ ئاچىماق نەيزە، قالقان ۋە بايراقلىرىنى كوتۇرشۇپ، سەكرىشىپ، ۋاقىرشىپ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىغا تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. Rml2"9"`  
nQ GQWg`  
-بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل قانچە-دەپ سورىدىم راكشاستىن. #M!!CX*k  
iH.$f /)N  
-پەقەت ئەنە ئاۋۇ سەھنىدە ئولتۇرغان ئۇچ،- دىدى راكشاس. t&9A ] 
x}twsc`  
-ئۇچ؟! t 5[[JD 1V  
a5G/[[cwTV  
-ھەيران قالما. 1- قۇرۇلتايغا تېخى شەيتان ئالىيلىرى ئۆزى يالغۇزلا قاتناشقان. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاللاھ ئەڭ ئەزىز بىلىپ بارلىق پەرىشتىلەرنى سەجدە قىلدۇرغان ئادەمنى جەننەتتىن قوغلاندى قىلىشتەك ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئۈچەيلەن قاتناشتى. ئەمدى بەلكىم ئادەم يەرشارىدىن قوغلىۋىتىشتەك زور ئىشلار ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. C.kxQ<  
{vo +gRYYv  
- بىزنىڭ ئۇ يەردە يىغىن، قۇرۇلتاي ئېچىلسا يۈزلەپ، مىڭلاپ ئادەم قاتنىشىدۇ، تېخى ھەپتە دېگىنە. \(">K  
]QuM<ms  
-بۇرۇن "قاسىم پارىخۇنىڭ مىڭ جىنى تۆت تۈپ بۇغداينى يۇلالماپتۇ" دەيدىغان گەپ بار ئىدى. ھازىر ئادەملەر مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى. يىغىنلا ئاچىدۇ، قىلغان  ئىشىنىڭ تايىنى يوق. ئادەملەرنىڭ توختىماي يىغىن ئېچىشى- شەيتان ئالىيلىرىنىڭ زەررىدەك مېڭىسىنىڭ كىچىككىنە ھىيلىسى دېگىنە. TT9z_Q5~  
#Oh a(mRY  
شەيتاننىڭ تەكلىپى بىلەن ئالۋاستى ئالدىغا چۈشۈپ قالغان قىزىل چاچلىرىنى كەينىگە قايرىۋېتىپ، ئاغزىدىن تامچىي دەپ تۇرغان قانلارنى يالماپ يۇتۇۋېتىپ دوكلاتىنى ئۇقۇشقا باشلىدى: cJgBI(S5  
.%zy` n  
-سىلى مېنى دۇنيادىكى ئۇچ خىل جانلىققا كۆز قۇلاق بولۇشقا قويغانتىلە. بۇ ئۇچ خىل جانلىقلىقنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: ئادەم بۇ دۇنياغا چىقىشتىن ئىلگىرى يەرشارىنىڭ 65٪تىن كۆپرەك قۇرۇقلىقىنى بۇكباراقسان ئورمان قاپلاپ تۇراتتى. ھازىر يەر شارى قۇرۇقلىقىنىڭ 9٪ يىرىدىلا ئورمان قالدى. 0<TD/1wN  
QORN9SY  
-ئادەملەر ھەر يىلى ئورمان بىنا قىلىۋاتقان تۇرسا، يەنە نېمە ئۇچۇن ئورمان شۇنچە تىز كېمىيىپ كېتىدۇ؟- دەپ سورىدى شەيتان. 8?Z4-6!{V,  
E\u#t$  
-ئادەملەر ھەر يىلى 60 مىليون مو ئورمان بىنا قىلىدۇ. لېكىن ھەر يىلى 750مىليون مو ئورماننى ۋەيران قىلىدۇ. يەنە تېخى بىزنىڭ بۇ كۇھىقاپ غارىمىزدىن ئەۋەتىدىغان بوران، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىمۇ ئوبدانلا زىيان سالالايدۇ.شۇڭا ئورمانىڭ ۋەيران بولۇش سۈرئىتى ئاۋۋالقىدىن 200 ھەسسە ئاشتى، ئالىيلىرى. e:AHVep j{  
*UW=Mdt  
-ھە، مۇنداق دېگىن.ناھايىتى ياخشى بولۇۋېتىپتۇ. ئەمدى ھايۋاناتلار توغرىسىدىكى دوكىلاتىڭنى ئاڭلاي،-دىدى شەيتان. dSCzx .c  
{_U Kttp  
-ئەسلى 1 مىليون 700 خىلدىن كۆپرەك ھايۋان بار ئىدى. ھازىر ئادەملەر ھەر يىلىغا 1000 خىلدىن ئارتۇق ھايۋانىڭ نەسلىنى قۇرۇتماقتا، ئالىيلىرى. rfw-^`&{  
G4 G5PXi  
-ئەسلى ئۆسۈملۈكلەرنى ئادەمنىڭ ئاچىسى، ھايۋانلارنىڭ ئادەمنىڭ ئاكىسى-بىر تۇغقان قېرىندىشى دېيىشكە بولاتتى. مەن ئاللاھنىڭ <> دېگەن سۆزىنى ئوز خاھىشىم بۇيىچە ئادەملەرگە ئازراقلا چۈشەندۈرۈپ قۇيۇۋىدىم، ئادەملەر بۇ ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئۆزلىرىگە يەتكۈزىدىغان مەنپەتىنى ئۇنتۇپ، ئۇلاردىن تېزىپلا كەتتى. قېنى ئەمدى ئادەملەر ھەققىدىكى مەلۇماتىڭنى ئوتتۇرغان قوي،-دىدى شەيتان. !Oi~:Pp  
{J5JYdK  
ئالۋاستى دوكلاتنىڭ بىر ۋارىقىنى قايرىۋېتىپ ئوقۇشقا باشلىدى: D=TL>T.b f  
1 qi@uYDug  
-سىلىگە مەلۇم، بۇ دۇنياغا ئادەم بىلەن ھەۋادىن ئىبارەت ئىككىلا ئادەم چىققان، ئىسا تۇغۇلغان دەۋرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئەۋالاتلىرى 200 مىليونغا يەتكەن. ھازىر ئۇلارنىڭ سانى 8 مىلياردقا يەتتى. يەنە ئاز ئاقىتتىن كېيىن ئۇلار بۇ دۇنياغا سىغىشماي، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار ياشاۋاتقان شۇ كىچىككىنە زىمىننىمۇ تارتىۋالىدۇ. #Dfo#]k(  
vB! |\eJ  
-ئەمىسە ئۇ چاغ بولغاندا يەرشارىدا ئادەملەرلا ياشايدىكەن-دە،-دىدى دەججال. &:=$wc  
I^Z8PEc+  
ئاغزىڭنى يۇم!-دەپ ۋارقىرىدى شەيتان. V,EF'-F  
*V(Fn-6(  
-ئۇ چاغ بولغاندا ئادەملەرنىڭ ئىككى قېرىندىشى ئورنىدا بىز قېرىنداش بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە ياشايمىز. /HZumV?  
F~U!1)  
-ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن، بىزنىڭ ئۆسۈملۈك، ھايۋانلارنى يېگەندەك يېگىلى بولمىسا، ئادەملەر قانداق ياشايدۇ؟-دىدى ئالۋاستى. _y .]3JNm  
Tp<k<uKD  
-شۇنىڭدىنمۇ غەم قىلامسەن؟ -دىدى شەيتان. -ئۇ چاغ بولغاندا ئادەملەر بىر-بىرىنى يەيدۇ،- دىدى شەيتان ۋە دەججالنىڭ دوكىلات بېرىشكە بۇيرىدى. $\AEWFB  
-مېنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپەم ئادەملەرنى ئازدۇرۇش. مەن بۇيرۇقلىرىغا بىنائەن ئالدى بىلەن ئادەملەرنىڭ دىنىنى ھەر خىل قىلىۋەتتىم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى شۇ دەرىجىدە نادانلاشتۇرۋەتتىمكى، ئۇلار ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلارنى خۇدا دەپ سەجدە قىلىدىغان ھالغا يەتتى. ئۇندىن كېيىن ئادەملەرنىڭ ئاشلىق ۋە مىۋىدىن ياسالغان ئىچىملىكىگە سىلىدىن سېغىۋالغان مۇبارەك سۇيدۇكلىرىدىن بىر تامچىنى تېمىتىپ، ئۇنى ھاراققا ئايلاندۇردۇم. سۇيدۇكلىرىدىن ھاسىل بولغان شۇ نىجىسنى ھازىر دۇنيادىكى 200 دۆلەت ئىچىدە 150 دۆلەتتە ئىچىشنى ئومۇملاشتۇردۇم. ھاراق ناھايىتى ئوبدان نەرسە، ئۇنى ئىچسە ئادەمنىڭ شەھۋانىي نەپسىنى قوزغايدۇ. بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ سىلىنىڭ بۇ ئالۋاستى خانىملىرىنىڭ ئۈلگە كورسىتىپ ئۆگىتىشى بىلەن ئادەملەرگە زىناخورلۇقنى ئوگەتتىم. PNSMcakD  
(Y(E%  
- نېمە؟! سەن مېنىڭ خانىمىم تۇرۇپ ئادەملەر بىلەن زىنا قىلىشتىڭما؟-دىدى شەيتان قۇلىدىكى بوۋاق ئىسكىلىتى بىلەن ئالۋاستىنى ئۇرماقچى بولۇپ. x O7IzqY  
H^1gy=kdj  
-شۇنداق! -دىدى ئالۋاستىمۇ شەيتانغا دېۋەيلەپ، - مەن بىلەن زىنا قىلىشقان ئەركەكلەر ماڭا ئوخشاش شەھۋانىي نەپسى مەڭگۈ قانمايدىغان زىناخورلارغا ئايلاندى. ئەمدى سىلىدىن سوراپ باقاي،قېنى ئېيتسىلىچۇ، سىلىنىڭ سۇيدۇكلىرىنى بۇ دەججال قانداق سېغىۋالدى؟ NE|[o0On  
)y7_qxwbV  
-بولدى، ھەر ئىككىلىرىنىڭ بۇ ئىشى ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ، ئاخىر زامانىڭ كېلىشىنى تىزلىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانىمىز ئۇچۇنغۇ. بۇنىمۇ بۇ كاتتا قۇرۇلتايدا تەگەش كىتەمدۇ؟ بولدى قىلىشقايلا،- دەپ شەيتان بىلەن ئالۋاستىغا تەڭلا سالا قىلدى دەججال. 5|$a =UIR  
ZEbLL4n  
}1+%_|Y-E  
- بولىدۇ، بولدى قىلايلى. قېنى دوكىلاتنىڭنىڭ داۋامىنى ئوقۇ. -دىدى شەيتان قولىدىكى بوۋاق ئىسكىلىتىنى ئۈستەلگە قۇيۇپ. K'6[J"dB  
-قاراپ باقسام ئەرلەر كۈچىگە تايىنىپ پۇل تاپالايدىكەن، ئاياللار ئاجىز ئىكەن. شۇڭا ئاياللارنىڭ خورىماس مېلىنى بازارغا سېلىپ پۇل تېپىشقا قىزىقتۇردۇم. بۇنىڭ بىلەن 150 دۆلەتتە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئالدا پاھىشخانىلار قۇرۇلدى. بەزى دۆلەتلەردە زىنا سودىسى ھەتتا يۇقىرى دولقۇندا ئەۋج ئالدى. u@FsLHn  
>Cd9fJ&0gP  
-ئىلگىرى، -دىدى شەيتان ئاسمانغا قاراپ،-ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ئاسماندا تۇرۇپ بۇ زىمىندىكى تارتىنچاق، ھايالىق،ساھىبجامال قىزلارغا ھەۋەسلىنىپ قارايتى. بەزىلىرى ھەتتا نۇرغا ئايلىنىپ ئەڭ چىرايلىق قىزلارنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ ئەۋلادمۇ قالدۇرۇپ قوياتتى. پەرىشتىدىن ھامىلدار بولغان شۇ قىزلار شۇ پەرىشتىنىڭ ئىشقىدا بىر ئۆمۈر باشقا بىرىگە ياتلىق بولماي ئۆتۈپ كېتەتتى. kReG:  
bdc\  
-سىلىنىڭمۇ ئادەم قىزلىرىنىڭ تەمىنى تېپىپ باققۇلىرى بارمۇ؟-دىدى دەججال. 0o&}mKe  
SlT*C6f  
-ئادەم ماڭا لەنەت ياغدۇرۇپ تاش ئاتىدىغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ قىزلىرى ماڭا ئۇنارمۇ؟ a}.Y!O&  
m[2'd  
-ھازىرقى قىزلار بۇرۇنقى قىزلارغا ئوخشىمايدۇ. پۇل بولسا ئۇلارنى ھەر نېمە قىلدۇرغىلى بولىدۇ. 1991- يىلى سىمون كۆچمە مۇزلىقىدىن 5300 يىل بۇرۇن مۇزغا ئايلانغان بىر مۇز ئادەم چىقىۋىدە، نەچچە مىڭ قىز مۇز ئادەمنىڭ ئىسپىرمىسىنى قۇبۇل قىلىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتى،-دىدى دەججال. ,&a`d}g&G  
{`.O|_b  
-مۇز ئادەم ئاق ھەم پاك بولغىنى ئۇچۇن ئۇ قىزلار شۇنداق قىلغاندۇ. لېكىن سىلى قارا ھەم ناپاك تۇرسىئا ئادەم قىزلىرىنىڭ سىلىگە ئۇنىشى ناتايىن. ئەسلىرىدىمۇ مەنمۇ ئەسلى ئەڭ چىرايلىق ئادەم قىزى ئىدىم. سىلىنىڭ پەرىشتە سۈرىتىگە كىرىپ بىر قېتىم زىنا قىلىپ قويۇشلىرىغا ئۇچراپ ئالۋاستىغا ئايلىنىپ، ئادەملەر ئارىسىدا تۇرغىدەك يۈزۈم قالماي، نەدە ئادەم ئاياق باسمايدىغان چۆل جەزىرە ياكى تاشلاندۇق خارابىلەردە مۆكۈپ يۈرۈيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم،-دىدى ئالۋاستى. P6?0r_Y  
$T dC/#7  
- ھازىرقى قىزلارنىڭ بەزىلىرى پۇلنى كۆرگەندە كىيىنلىكىنىڭ قانداق بۇلۇشى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ. مەسىلەن فىرانسىيەلىك چىرايلىق قىز فىراري ئۇچ قېتىم ئەمچەك چوڭايتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، ھەر بىر ئەمچىكىنىڭ ئېغىرلىقىنى 2.8KG، ئايلانمىسىنى 137.2CM غە يەتكۈزۈپ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق يالىڭاچ ئۇسۇلچىسىغا ئايلانغان.بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئون بارمىقى ھەتتا پۇت بارماقلىرىمۇ ئالتۇن ئۈزۈككە تولغان. _GbE ^  
gAE!a Ky  
-دىگىنىگگە قارىغاندا ئادەم قىزلىرىنىڭ ئىچىدە ئەمچىكى مېنىڭ خانىمىم ئالۋاستىنى ئەمچىكىدىنمۇ يوغانلىرى باركەندە،-دىدى شەيتان دەججالنىڭ گېپىگە ھەيران قېلىپ. rH}fLu8,;Q  
kN'Thq/ZE  
-ئالۋاستى خانىمنىڭ ئەمچىكى بۇرۇن دۇنيادا بىر مەمەك ئىدى. لېكىن ئالۋاستى خانىم ئەمچەكنى كۆز-كۆز قىلىشنى ئادەم قىزلىرىغان ئۆگىتىپ قويغاندىن كېيىن ئادەم قىزلىرى ئىچىدە ئەمچىكى ئالۋاستى خانىمنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭلىرى بار بولدى.فىرارىنىڭ ئەمچىكى ئالۋاستى خانىمنىڭكىدىن چوڭ بولۇپلا قالماي، ساڭگىلاپ تۇرمايدۇ. تېرىسى تارتىشىپ ھازىرلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك تۈستە تۇرىدۇ. NoW!xLI  
VbxAd 2')  
-فىرارىنىڭ ئەمچىكىنىڭ مېنىڭ ئەمچىكىمدىن چوڭلىقىغا ئىشەنمەيمەن،-دىدى ئالۋاستى بىر ئەمچىكىگە بىر دەججالغا قاراپ. ]O@"\_}  
`facFt[\  
-ئىشەنمىسىلە كۆرۈپ كەلسىلە بولىدۇ،-دىدى دەججال. Ku%6$C!,  
Fd !iQ  
-ئۇ نەدە؟-دىدى شەيتان بىلەن ئالۋاستى تەڭلا. دەججال: .98.G4J>  
tyXl}$)y  
<3#<I)#  
-فىرارى 30 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ خېرىدارى قالمىدى. شۇڭا ئۇ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي ئاخىر دورا ئىچىپ ئولىۋالدى.ئۇ، بىر سىزغان سىزىقىمىزدا ئۆمۈر بۇيى ماڭغان ئېسىل شاگىرتىمىز بولغاچقا، ئۇنىڭ جەسىتىنى قويغان يەرلىكتىن بۇ غارىمىزغا ئەكىلىۋالدۇق. ئۇ ئەنە ئاۋۇ يەردە،-دىدى. +{&+L0DfH~  
:J%'=_I&H  
-چۈشمۇ بوپ قاپتۇ، يىغىننى ۋاقتىنچە توختىتىپ دەم ئالغاچ بېرىپ فىرارىنى كۆرۈپ كېلەيلى، دىدى شەيتان ئورنىدىن تۇرۇپ. b{HhS6 
y*KC*/'"  
دەججال بىزنى باشلاپ بېرىپ بىر ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن تەڭ بۇرنۇمغا يوقتەك سېسىق بىر نەرسە پۇرىدى. بۇرنۇمنى ئېتىۋېلىپ قاراپ 6-ئاي ئىسسىقىدا ئۆلۈپ سېسىغان تاپتەك بىر نەرسىنىڭ لوم-لوم قۇرۇت بېسىپ كەتكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئىككى يەنىدا قان-يىرىڭ ئارىلاشقان يوقتەك نەرسە قاچىلانغان يوغان خالتىدەك نەرسىنى كۆردۈم. ]piM /v\  
k.>6nho`TV  
-بۇ فىرارىما؟ ئۇ نېمە ئۇچۇن بۇ ھالغا قالىدۇ؟-دەپ سورىدى ئالۋاستى. Kfd_uXL>  
nhT;b,G.Z  
-ئاللاھ ئاياللارنىڭ ئەمچىكىنى بالىسىنى ئېمىتىش ھەم ئەرىنىڭ كۆڭلىنى شاد ئېتىش ئۈچۈنلا ياراتقان. بۇ قىز ئەمچىكىنى بالا ئېمىتىش، ھالال ئېرىنىڭ كۆڭلىنى شاد ئېتىشكە ئىشلەتمەي، ئۇنى ئالاھىدە چوڭايتىپ ، ئۇنى نۇرغۇن كۆز ۋە قول زىنالىرىنىڭ قوبۇل قىلىشقا ئىشلەتكەن. بۇ ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا تارتىۋاتقان ئازابى، ئۇ دۇنيادا بەلكىم ئاشۇ يوغان ئىككى ئەمچىكىنىڭ دارغا ئېسىپ قويۇش جازاسىنى تارتىۋاتقاندۇ،-دىدى شەيتان. AgI>  
g =x"cs/[  
فىرارىنىڭ يېنىدىن قايتىش يولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قىپيالىڭاچ ھالدا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئەركەك كۈتۈۋاتقان قىزلار، سول تەرىپىدە قىزلارغا ئوخشاش ھالدا يېتىپ ئاياللارغا تەشنا بوپ كەتكەن ئەرلەرنى كۆردۈم. =jG?v'X  
uri*lC  
-سە<>ن دېۋىدىڭ، بۇلاردا مەن ئۇنداق نەرسىلەرنى كورمىدىمغۇ؟- دىدى شەيتان ئوڭ تەرەپتىكى قىزلارنى كورسىتىپ. V@Kn24''  
Z*h ;e;  
-ئۇلار ئالۋاستى خانىمنىڭ تۇنجى شاگىرتلىرى بولۇپ، قانماس شەھۋانىي نەپسىگە ئىگە. شۇڭا ئۇلار ھايا دېگەننى قىلچە بىلمەيدۇ. بۇ دېگەن مېنىڭ كىچىككىنە كارامىتىم. سىلىنىڭمۇ خەۋەرلىرىدە باردۇ، يېقىندا مەن2500 نەپەر قىز-يىگىتنى ئامىركىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا مۇشۇ ھالدا ياتقۇزۇۋەتتىم.-دىدى دەججال. n\* JaY  
w #<^RKk  
-ئېسىڭدە مەھكەم ساقلا.ئادەملەر 30 سىكىتلۇق زىنا لەززىتى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادا ئەل ئارىسىدا تۇغۇشلۇق چىقالمايدۇ، ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغا پەس ئاتىقى ھەمراھ بولىدۇ. ئۇ ئالامگە بارغاندىچۇ مەھشەرگاھتا (قىيامەت كۈنى ئىنسانلار جەم بولىدىغان مەيداندا ) يۈزى مېنىڭ يۇزۇمدەك قارا ھالدا رەسۋا بولىدۇ. 30 سىكىنۇتلۇق زىنا لەززىتى ئۇچۇن ئاللاھ ئۇلارنى ئوتتىن ياسالغان تۇلۇقتا 30 مىڭ يىل مىندۈرۇپ قويىدۇ. بۇلاردىن ئادەملەر ھەرگىز خەۋەر تېپىپ قالماسلىقى كېرەك. rkq)&l=ny  
pzAoq)gg:  
شەيتان يالىڭاچلارغا يېقىنلاپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ھاراق پۇرىدى: 9IOGc}  
7 {nl.. `  
-ئۇلار تېخى ھاراق ئىچكەن ئوخشىمامدۇ؟- دەپ سورىدى ئۇ. v#Sj|47  
5<^'Cy  
-ئۇلاردىن ھايانى كەتكۈزۈۋېتىش ئۇچۇن ئۇلارغا ئالدى بىلەن سىلىنىڭ مۇبارەك سۇيدۇكلىرىدىن ھاسىل بولغان سۇيدۇكلىرىنى ئىچكۇزۇش كېرەك،-دىدى دەججال. >kZ6f4  
Z/n3aYM  
-ياخشى، ياخشى قىلىپسەن، ھاراقكەشنىڭ ئاللاھنىڭ قانداق جازالايدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ھاراقكەشنىڭ قېنىغا قوشۇلغان مېنىڭ سۇيدۇكۇمنى قۇرۇتۇش ئۇچۇن ئاللاھ ھارقكەشنىڭ ئاغزىغا دوزاخ ئوتىنى تاشلاپ تۇرىدۇ. ھەي، بۇ قىزلارنىڭ چېچى، كالپۇكى، تىرنىقى قىزىلغۇ؟ :TlAL# s&  
] ZDTn  
-قارىسىلا ئالۋاستى خانىملىرىنىڭمۇ شۇنداق تۇرمامدۇ، ئۇلار ئالۋاستى خانىمدىن ئۆگىنىپ بويۇۋالغان. qj`,qm P  
u7n[f@Eg,%  
-بىر يەرلەردە كۆرسەم ئايالىم ئوخشايدۇ دەپ قۇچاقلاپ سالغۇدەكمەن بۇلارنى،- دىدى شەيتان.  >6IXuq  
6<<'bi  
-ئايالىرى بولمىساقمۇ كىلىۋەرسىلە، تارتىنمىسىلا شەيتان ئالىيلىرى،-دەپ شەيتاننى چاقىرىشتى قىزلار. )) p$vU3  
Ny.*G@&  
شەيتان ئىختىيارسىز قىزلار ئارىسىغا قەدەم باستى. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگىن ئالۋاستىمۇ ئۆزىگە ئىشارەت قىلىپ چاقىرىۋاتقان ئەركەكلەر ئوتتۇرىسىغا ئۆزىنى تاشلىدى. z;[gEA+I  
مەن راكشاسنىڭ قولىدىن تارتىپ: >dyhox2*"  
oPCrD.s  
-ئاتا ئاناڭغۇ ئۇچىغا چىققان شەرمەندە، ھايا دېگەننى قىلچە بىلمەيدۇ. سەن بولساڭمۇ ھايا قىلغىن، يۈر چىقىپ كېتىمىز،-دېدىم. n>br,bQe  
KS b(R/T  
-مەن زىناخورلۇق ھەركەتلىرىنى كۆرۈشكە بەك ئامراق، چىقىپ كەتمەيمەن. سىنئالغۇيىڭنى قۇيۇپ، ئۆزۈڭ كەت. مەن ئاتا-ئانامنىڭ زىناخورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن شەھۋانىي سېرىق فىلىم ئىشلەپ، ئادەملەر ئارىسىغا تارقىتىمەن،-دىدى راكشاس سىنئالغۇغا ئېسىلىپ. مەن ئۇنىڭ بىلەن سىنئالغۇنى تالىشىۋېتىپ، شەيتان بىلەن ئالۋاستىنى ئىشقا كىرىشەيلى دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم-دە، سىنئالغۇنى راكشاسقا تاشلاپ بېرىپ يېنىپ چىقتىم. <{E;s)hD?  
RzpC1nd  
ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۇلار قايتىپ چىقىشتى، ھەر قايسىلىرى ئوز جايلىرىغا كېلىپ ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن شەيتان زىناخورلۇقتىن تۆرەلگەن بوۋاقنىڭ ئىسكىلىتى بىلەن ئالدىدىكى ئۈستەلگە ئۇرۇپ: P@2tR5 
bo&\3  
-ئەمدى چۈشتىن كېيىنكى يىغىنىمىزنى باشلايمىز. بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئاخىر زاماننى تېزراق ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ . قېنى، تەدبىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بېقىڭلار،-دىدى . sS-W~u|C  
u\M4`p!g=  
-فەرارىنىڭ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي 30 يېشىدىلا ئامىل يولىنى تۇتقانلىقىغا قارىغاندىمۇ، دەججالنىڭ ئازدۇرۇش ھىلىسىنىڭمۇ بەك كۈچى چەكلىك ئىكەن. بۇنىڭغا تايىنىپ ئاخىر زاماننى ئىشقا ئاشۇرۇش بەك مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. مېنىڭچە بىر تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئاخىر زاماننى ئەمەلگە ئاشۇرساقلىمىكىن. >~h>#{&  
l8er$8S}  
-ئالۋاستى خانىم بۇ تېخىمۇ مۇمكىن بولماسمىكىن،-دىدى دەججال. tB GkRd!  
jaK'W  
-مۇمكىن بولمايدىغان نىمىسى بار؟ يەنە 8 مىليارد يىلدىن كېيىن قۇياش ئەسلىدىكى قۇياشتىن 10 ھەسسە ئارتۇق ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئۇ چاغدا دېڭىز سۇلىرى قاتنايدۇ. بارلىق جانلىقلار ھايات كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. قۇياش بىر نەچچە مىليون يىل ئەنە شۇنداق دەۋر سۇرۇپ ، يېقىلغۇسى يۇگەيدۇدە ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ. پۈتكۈل جاھان بىزنىڭ بۇ زۇلمەت تەغىمىزدىنمۇ ئۆتە قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ مانا بۇ ئاخىرقى زامان بولماي نېمە؟-دىدى ئالۋاستى. خەجى ئويلانغاندىن كېيىن شەيتان سوز قاتتى: {An8/"bv}  
'uPxEu4 >4  
-ھازىر "مۇھەممەد دۇنيا بۇيىچە تەسىرى ئەڭ زور يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ بىرىنچىسى" دەپ ئەتراپ قىلىندى. مۇسۇلمانلارمۇ كۈندىن كۈنگە كوپۇيىۋاتىدۇ. سېنىڭ دەۋاتقىنىڭ يەنە 8 مىليارد يىلدىن كېيىن بولىدىغان ئىشكەن. ئويلاپ باققىنە، ئۇ كەمگىچە بىزنىڭ ھىلىمىزگە ئىشىنىدىغانلار قالارمۇ؟ مېنىڭ ھىلەمگە ئىشىنىدىغانلار قالمىغان چاغدا ئەمەلگە ئاخىر زاماننىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ماڭا پات يېقىندىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئاخىر زامان كېرەك. چۇنكى ھازىر مېنىڭ ھىلەم بىلەن ئازغان ئادەم ناھايىتى كوپ. مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتتە ئاخىر زامان بولغاندىلا مەھشەرگاھتا مەن ئاللاھتىن ئۇلۇغ سانىلىمەن. +xn&K"]:3  
6lN?) 
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟-دىدى ئالۋاستى بىلەن دەججال تەڭلا. A,3@j@bdy  
Bh\ [ CY  
-سىلەر "شەيتان بىزنى ئادەملەرنى ئازدۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى جىم ياتتى " دەپ ئويلىغانسىلەر. لېكىن مەن جىم ياتمىدىم، ئىنتايىن زىر بىر مەخپىيەتلىكنى ئەگىللىدىم. Tq9,c#}&  
_ u #/u2<  
-قېنى ئېيتسىلىچۇ قانداق مەخپىيەتلىك؟! R"m.&%n  
YnKFcEJrT  
-ھازىر ئادەملەر يىلىغا 800 مىليارد دوللار خەجلەپ قىرغۇچى يادرو قوراللىرى ۋە پارتىلغۇچى ماددىلارنى ياساۋاتىدۇ. ھازىر ياساپ بولغان يادرو قوراللىرى ۋە پارتىلىغۇچى ماددىلارنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 18 مىڭ مىگا توننا بولۇپ، كىشى بېشىغا ئۇچ توننىدىن توغرا كىلىدۇ. قېنى ئېيتىڭلارچۇ، نۇرغۇن پۇل تۆلەپ ياسىغان بۇ قىرغۇچى يادرو قوراللىرى ۋە پارتىلغۇچى ماددىلىرىنى ئادەملەر ھايۋانلارنى قىرىشتا ئىشلىتەمدۇ، ياق، ياق . ئۇلار بۇنى ئوز-ئۆزىنى قىرىشتا ئىشلىتىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئادەملەر پارتۇلغۇچى دورىلارنىڭ پەقەت ئۇچ توننىسىنىلا ئىشلىتىپ 57 مىليون قېرىندىشىنى جېنىدىن جۇدا قىلغان . قېنى ھېسابلاپ كورۇڭلارچۇ، 18 مىڭ مىگا توننا پارتىلغۇچى ماددا تۇللۇق ئىشلىتىلسە قانچىلىك ئادەم جېنىدىن جۇدا بۇلار؟ بولدى ھېسابلاپ ئولتۇرۇشماڭلار، بۇ 18 مىڭ مىگا توننا پارتىلغۇچى ماددىلار ھەر بىر ئادەمگە ئۇچ توننىدىن توغرا كىلىدىغان تۇرسا، ئۇ تۇللۇق پارتىلىسا يەرشارىدا ھايات ئادەم قالاتتىمۇ؟ بەلكىم شارقىراپ ئاققان قاننىڭ ئاۋازىلا قالار. -X`~;=m>U  
d 8xk &za  
ئالۋاستىنى كۆز ئالدىغا دەريا-دەيرا قانلار كېلىپ تامشىپ قويدى. غار سىرتىدىكى جىنلار:" شۇ چاغ تىز كەلگەي، شۇ چاغ تىز كەلگەي!" دەپ ۋارقىراشتى. Iu)L3_+  
z zulVj*  
جىنلارنىڭ چۇقان-سۇرەنلىرى بېسىققاندىن كېيىن شەيتان ئىككى يېنىغا قاراپ: 1j oc 
@).WIs  
ئەمدى گەپ ئۇرۇشخۇمارلارنى تېخىمۇ قۇترىتىپ، ئۇلارنى شۇ 18 مىڭ مىگا توننا پارتلىغۇچى ماددىنى تىزرەك پارتىلاتقۇزۇشتىلا قالدى. ئالۋاستى خانىم سەن ئەھمرەھلىرىڭنى ئېلىپ بوشنىڭ يېنىغا بارساڭ قانداق؟-دىدى. :GN)7|:  
0|],d?-h  
-پاھ سىلىنى تازا كۆڭلۈمدە كۈتكەن ۋەزىپىگە بۇيرىدىلا! مېنىڭ ئەسلىدىنلا بوشتىن ئىبارەت بۇ ئەركەكنىڭ قېنىنى بىر تېپىپ باققۇم كېلىپ تۇراتتى. ھە راست، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشساممۇ بۇلامدۇ؟ G/x3wR  
$k a1X&f  
-نېمە قىلىشساڭ قىلىش ئىش قىلىپ بوشنى قولىدىكى نەچچە 10 مىڭ مىگا توننا پارتىلغۇچى ماددىنىڭ بىلىكىگە ئوت يېقىشقا كوندۇرساڭلا بولدى! nG&w0de<>  
I T*fjUY&  
-مەنچۇ ئالىيلىرى؟_ دىدى دەججال. 27h/6i3  
-سەن ئىسلام دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئۇلارغا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يامان گېپىنى بار كۈچۈڭ بىلەن تەشۋىق قىلىپ بەر. a(Gk~vD;"  
:vn0|7W4  
-سىلى ھەقىقەتەن ئۇلۇغتە! مېنى كوڭلۇمدىكىدەك ۋەزىپىگە ئوقيدىلا! ئىسلام دۆلەتلىرىگە ھاراق ئىچىشنىڭ، زىناخورلۇقنى ئومۇملاشتۇرالماي ئىچىم دەردكە توشۇپ يۈرەتتىم. ئىسلام دۆلەتلىرىگە ھاراق ئىچىشنىڭ زىناخورلۇقنى ئومۇملاشتۇرالمىغىنىم بىلەن، ئۇلارغا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنى دۈشمەنلەشتۈرۈش قۇلۇمدىن كېلىدۇ،-دىدى دەججال مەيدىسىگە ئۇرۇپ. ')C _An>X6  
/u " cl2|  
قۇرۇلتاي ئەھلى شەيتاننىڭ ئاخىر زاماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسلىسىدە ئوتتۇرغا قويغان تەدبىرى ئەقىلگە بەك مۇۋاپىق دەپ قاراپ، ئۇنى قايتا يەنە بىر قېتىم ئۆزلىرىگە "ئۇلۇغ پەشىۋا" قىلىپ سايلىۋالدى. بۇ قېتىمقى ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسىنىڭ قىيىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالۋاستىنى ئوڭ قول پەشىۋالىقىغا، بۇرۇنقى ۋەزىپىسىنىڭ ئۇمىنىمەنىڭ زورلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ دەججالنى سول قول پەشىۋالىققا شەيتان ئۆزى تەيىنلىدى. ? RrC~7~  
@Z3[ c[D)9  
قۇرۇلتاي يېپىلىش مۇراسىمىدا شەيتان قىزغىن ئالقىش بىلەن سۆزگە چىقتى: Og&0Z)%  
\K4CbZ,.  
-ئاللاھ بىر چاغدا "ئاخىر زامان مېنىڭ سەۋەبىمدىنمۇ ئەمەس، ئادەملەرنىڭ ئوز ئارا دۈشمەنلىشىش سەۋەبىدىن بولىدۇ." دېگەنىدى. دۇنيا ئادەملىرى 18 مىڭ مىگا توننا پارتىلغۇچى ماددىلارنى پارتلىتىپ، بىر بىرىنى قىرغىلى تۇرسا بۇ ۋەھشىلىكنى كۆرگەن ئىسرافىل سۇرىنى جەزمەن تارتىدۇ! مەن قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ ئىسرافىلنىڭ سۇرىنى تىزرەك تارتىشنى سىلەرگە ئادەم قېنىدىن زىياپەت بېرىمەن!-دىدى. PuUon6bZ  
a9mr-`<  
چۈشلۈك دەم ئېلىشتا شەيتان ۋە ئالۋاستى بىلەن زىنا قىلىشقان 300 زىناخور غارغا سۆرەپ ئەكىرىشىپ، غار تورۇسىدىكى دارلارغا ئېسىلدى. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى سۇغۇرۇلۇپ قانلىرى سۇمۇرۇلگەندىكى جېنى قىينىلىپ، قاخشاپ چىرقىراشلىرى، قان سۇمۇرگۇچىلەرنىڭ شادلىنىپ ۋارقىراشلىرى غارنى دوزاخنىڭ بىرىگە ئاڭلانغاندەك تۈسكە كىرگۈزدى. W #JVUGYD  
37ri b  
زىياپەتتىن كېيىن ئالۋاستى ھەمراھلىرىنى ئېلىپ غەرب دۆلەتلىرىگە، دەججال ھەمراھلىرىنى ئېلىپ ئىسلام دۆلەتلىرىگە يۈرۈپ كەتتى. شەيتان ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ غەلبە ئۇنىمىدى كۆرۈش ئۇچۇن مەھشەرگاھقا يۈرۈپ كەتتى. ~' PS|  
X*p:&=o  
راكشاس مېنى ئۆيۈمگە ئېلىپ ماڭدى. مەن ئۇنىڭدىن: K4VPmkG  
{~B4F}ES  
- سەن زىياپەتتە نېمە ئۇچۇن قان ئىچمەيسە؟ سېنىڭ ئۇ زىناخورلارغا ئىچىڭ ئاغرىپ قالدىمۇ يە؟- دەپ سورىدىم. a*$1la'Uf  
*}Ae9  
-مەن سەندىن سىنئالغۇنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن مۇخبىر سىياقىغا كىرىپ بىر قىزنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 300 زىناخورنىڭ ھەممىسى زىناخورلۇق قىلىش داۋامىدا ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۋالغانلار ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۆمرى ئاخىرلىشايلا دەپ قالغانلار ئىكەن. ئۇلار نەچچە كۈنلا قالغان ئۆمرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزلىرىنى ئازدۇرغۇچىلاردىن قىساس ئېلىش ئۇچۇن كوھىقاپقا كەلگەنىكەن. شۇڭا مەن ئۇلار بىلەن زىنامۇ قىلمىدىم، قېنىنىمۇ ئىچمىدىم. $48[!QE  
!513rNO  
-زىناخورلاردا ئەيدىز كېسىلى بارلىقىدىن نېمىشقا ئاتا-ئانانىڭنى خەۋەرلەندۇرمەيسە؟ -دەپ سورىدىم. راكشاس بىر تىنىۋېلىپ: wTJMq`sY_  
9N3oVHc?  
-ئاتام ئەرشتە ئاللاھتىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئۇلۇغ پەشىۋا ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭدىكى نۇر پەرىشتىلەرنىڭ دىلىنى پۇرۇتۇپ، ئۇلارنى دائىم توغرا يولغا باشلايتتى. ئاتام يەر يۈزىگە سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن ئاتامدىكى ھېلىقى نۇر ئادەملەرنىڭ ئەقلىنى بۇلغاپ، ئۇلارنى خاتا يوغا باشلايدىغان نۇرغا ئۆزگەردى. ئاتام شۇ نۇرى بولغاچ ئەرشتە پەرىشتىلەرگە، پەرىشتە جىنلارغا كۈرمىڭ يىل پەشىۋا بولدى. كىيىن ئۇنىڭدىكى نۇر ئانام ئالۋاستىغا ئۇتۇپ، ئانام ئالۋاستى ئادەملەر ئۇچۇن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق، بىز ئۇچۇن ئەڭ ئۇلۇغ پەشىۋاغا ئايلاندى. ئۇ نۇر ھازىر مەندە. مەن خالىسام شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەگەنشكۇچىلىرىنىڭ ئادەملەرنى ئازدۇرالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. نۇر كىمدە بولسا، شۇ "ئۇلۇغ پەشىۋا " بولىدۇ. شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئۇلارغا يۇقىشى بەرھەق ،-دىدى. TTw~.x,  
1{uDHB  
"ئاپلا، ئالۋاستى بوشقا ئەيدىز كېسىلىنى يۇختۇرۇپ قويمىغىيدى. بۇشنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويايلى، تېلېفۇن قېنى؟ تېلېفۇن قېنى؟" قۇلۇمغا بىر نەرسە تۇتقۇزۇلدى. @_ tA"E  
0UAr}H.:  
كۆزۈمگە پىلىلدىغان بىر نەرسە كۆرۈندى. "ئاپلا بوش 18 مىڭ مىگا توننا پارتىلغۇچى دورىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان ئوخشايدۇ." قۇلىقىمغا شارىلدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. "بۇ قانىنىڭ ئاۋازىمىدۇ؟" بېشىمنى سەل كۆتۈرۈپ ئايالىمنىڭ مەشكە ئوت يېقىپ، چاي قاينىتىڭ ئۇچۇن قازانغا سۇ قۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە "ئۇھ" دەپ چوڭقۇر بىر تىنىۋېلىپ ئۆزۈمنى قايتا ئورنۇمغا تاشلىدىم:"ئوت يالقۇن ئەرۋاھى راكشاس ئۇلۇغ پەشۋا بولمىغاي ئىلاھىم". oVj A$|  
------------------ uJAB)ti2I  
مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى  2003- يىلى 2- سانى
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 346
جۇغلانمىسى: 553
شۆھرەت: 27 كىشىلىك
تىللا: 350 دانە
توردا: 77(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-13
ئاخىرقى: 2010-09-22
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 11:18

رەھمەت ەلەن تىما ئىكەن ، بەزى تىمىنى مۇنچىۋالا ئەستايىدىل كۆرمەيىتتىم بۇەگۇن بەكمۇ ئەستايىدىل كۆرۇپ كەتتىم .. بولسا مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللاۋەرسىڭىز!  يەنە چۇش كۆرۇشۇڭىزگە تىلەكداشمەن!