تېما: خاتىرەمگە يىزىلغان خەت(چوغلۇق)
بۇ ئۆمۈرنىڭ نىمە قىززىغى، ئوخشاش بولسا باسقان قە ..
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 86
يازما: 25
جۇغلانمىسى: 2249
شۆھرەت: -1 كىشىلىك
تىللا: 34 دانە
توردا: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-03
ئاخىرقى: 2010-09-10
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 14:38

0 خاتىرەمگە يىزىلغان خەت(چوغلۇق)

خاتىرەمگە يىزىلغان خەت EbeSl+iMx_  
   بۈگۈن ئادەتتىكىدەك كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ياتىقىمدا يالغۇز لۇقتىن تىت-تىت بولۇپ تېلىۋۇزۇر كۆرۇپ باقتىم، كىتاپ ئوقۇپ باقتىم.....،بىراق ھىچقايسىسى مىنى قىززىقتۇرالمىدى.كۆڭلۈمدىڭى ھىجىران ئازابىغا تەسەللى بولالمىدى. قولۇمغا قەلەم ئېلىپ كۆڭلۈمدىكىلەرنى خاتىرەمگە يىزىشقا باشلىدىم: J|F!$m{  
<<سۆيۈملۈك گۈلشەن ،مۇشۇ كۈنلەردە مەن سىزنىڭ دەردىڭىزدە ساراڭدەكلا بولۇپ قالدىم ،ئەتتىگەندىن  كەچكىچە خىيالىمدىن چىقمايسىز،چۈنكى مەن سىزنى ئۆمۈرلۇك ھەمرايىم دەپ قارايتىم،دۇنيادا مەندەك بەخىتلىك ئادەم بارمىدۇ دەپ پەخىرلىنەتتىم.....مەنمۇشۇ  كۈنلەردە كېچىدە دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ سىزنى ئەسلەپ خىيالغا چۆمۇدىغان بولۇپ قالدىم. سىزبىلەن تونۇشۇپ ئايرىلغىچە بىللە ئۆتكەن كۈنلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئۆز-ئۆزەمگە تەسەللى بەرمەكچى بولۇمەن. يېقىملىق چىھرىڭىزنى،ئادمنى مەپتۇن قىلىدىغان تاتلىق كۇلكىڭىزنى.....كۇز ئالدىمغا كەلتۇرۇمەن.ئەقلىم يەتمەيدۇ،سىزنىڭ نۇرلۇق ۋە سىھىرلىك كۇزلىرىڭىزمىنى شۇنچەئۆزىگەئەسىرقىلىۋالغاندىمۇ؟ RBfzti6  
ئېسىڭىزدىمۇ؟مەن سىز بىلەن تۇنجى قېتىم كۇرۇشكەندە،يۇرەكلىرىم ھاياجاندىن سەكرەپ ،خوشالىقىمدا گەپلىرىمنىمۇ قاملاشتۇرۇپ دەلەلەلمىگەن ئىدىم ،سىز ئالدىمدا قورۇنۇپ ئولتاغىنىڭىزدا مەن سىزگە تويماي قاراپ، بۇ چۇشۇممۇ،ئوڭۇممۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، چۇنكى مەن ئىلگىرى سىزنى يۇشۇرۇن يا خشى كۇرەتتم.....،سىز بىلەن كۆرۈشكەن ئەشۇ كۇنى مەن ئۆزەمنى جەننەتدىكى ھۆر پەرى بىلەن  بىللە بولۇۋاتقاندەك ھىسقا چۆمگىنىمنى بلەمسىز؟ ئەنە شۇ كۇندىن كېيىن يۈرۇگۈمدىكى يۇشۇرۇن ئوت لاۋۇلداپ،سىزنى  ئەسلەپ قانچىلىغان كېچىلەرنى يۈلتۈزلارغا قاراپ شېرىن خىيال،سېغىنىش ئىلكىدە ئۇيقۇسىز  ئۆتكۈزمىگەن ھە؟. بۇ ھايات سەپىرىمدە خۇدايىم سىزنى ماڭا ئۇچۇراشتۇردى.ئەمما سىزنى ئۇچۇرۇتۇپ بۈگۈنكى كۇندە چوڭقۇر ئازاپ،ھەسرەت ئىچىدە ئوھ تارتىدىغانلىقىمنى ئۆيلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.بىراق مۇنداق ئوھ تارتقىنىم بىلەن  ،ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ سىزنى مەڭگۇ قەلبىمدەساقلاپ،ياد ئېتىپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن.چۇنكى سىز ماڭا مۇھەببەت ئاتا قىلدىڭىز،ماڭا ھاياتنىڭ شېرىن لەززىتىنى تىتىتىڭىز،منى ھاياتقا ئۇمىت ۋە ئىشەنچ بىلەن قاراشقا ئۇگەتكەن ئىدىڭىز..............،ئەجىبا، ئەمدى تۇيۇقسىز ئۆچكەن يۇلتۇزدەك،مىنىڭ كۆڭۇل تۆرۈمدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىسىز! ياق، مىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتىڭىز، سىز مۇشۇئۆز ئېرادىڭىزغا خىلاپ قارارغا كىلىدىغان چاغدا مۇنداق قىلسام ئەشۇ بىچچارە بۇ ئازاپقا چىدارمۇ دەپ ئويلاپ قويغانسىزمۇ؟ ...... J/QqwoR  
     بىز قانچىلىغان كېچىلەرنى سوغۇقنى سوغ دىمەي،شېرىن ھىسيات ئىلكىدە ئۆتكۇزگەن ھە؟،باھارنىڭ يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان كېچىلىردە،  شىلدىرلاپ سۇ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ بويلىرىدا، ياپ–يېشىل ئېتىز قىرغاقلىرىدابىر بىر–بىرمىزگە تويماي ،كىلەچىكىمىز ھەققىدە مۇڭدۇشۇپ ئۆتكەن ئىدۇق ھە؟، ئىككىمىزنىڭ بىرگە ئۆتكەن كۇنلىرىمىز ئۇزۇن بولمىسىمۇ،مەن سىزنى تەشنا كۆزلۇرۇم بىلەن كۇرۇپ ھاياتىمغا نىسبەتەن ئىشەنچ،كۆتۇرەڭگۇ روھقا ئىگە بولاتتىم.خىزمەتلىرىمنىمۇ روھلۇق ئىشلەيتىم. ئەمدى بۇ ئەسلىمىلەر ماڭا روھى ئوزۇق بولارمۇ؟سىز يېڭى  ھايات سەپىرىڭىزدە بۇ گۇزەل   ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كىتەرسىزمۇ؟، ئەشۇ پاك  مۇھەببتىمىزنى رەھىمسىز تەغدىر بىزدىن تارتىپ ئىلىپ كەتتى. سىزدىن ئايرىلغىنىمنى ھىس قىلغىنىمدا،قانچىلىك ئا زاپلانغىنىمنى، يۇرۇگۇمنىڭ پۇشايمان، ھەسىرەت ئوتىدا كۇيۇپ، ھىجىرا ن ئازابىدا تولغانغانلىغىمنى بىلەمسىز؟ سىز بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟...... :r2d%:h%2  
سىز قەلبىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەڭگۈ سۆيۈشكە ئەرزىگىدەك سۈيۈملۈك قىز ئىدىڭز!...سىز ئىتائەتمەنلىكىڭىزنىڭ تەسىرىدىن،گەرچە سىز كۆڭلىڭىزدىن خالىمىسىڭىزمۇ   ئۆزىڭىزياخشى كۆرمىگەن ئەرگە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ زورلىشى بىلەن تۇرمۇشقا چىقىشنى قارار قىلدىڭىز.ئەسلىدە تەغدىر سىزگە مۇنداق چاخچاق قىلماسلىغى كېرەكتى، چۇنكى سىزنىڭمۇسۈيۈش، سۆيۈلۈش، بىر مۇكەممەل كۇڭلىڭىزدىكىدەك ئائىلىدە ياشاش ھوقوقىڭىز بار ئىدى!،ئەمما........،ئەمدىلىكتە تەغدىر مىنى ئوتتا كۆيدۇرۇپ، سىزنىمۇ دوزاق ئوتىغا تاشلىدى.   مەن ئەشۇ ئايرىلىش مىنۇتلىرىنى ئويلىسام مىنى قورقۇنۇچ باسىدۇ،غېرىپلىق  باسىدۇ...... r0@s3/  
مۇشۇ كۈنلەردە ماڭا كېچىلىرى ئۇيقۇ يوق،ئويغانساملا سىز كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ تاڭ ئاتقىچە تورۇسقا قاراپ خىيال ئىچىدە ، ئازاپلىنىمەن!، يۇرۇگۇمنى قانداقتۇر بىر ۋەھشى ھايۋان تاتىلاۋاتقاندەك تولغۇنىمەن! ئەشۇ قورقۇنچلۇق ھايۋان ئۆمرۈمنى ھەسرەت ،نادامەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ..مەن ئاخىرى خىيالىمنى زومۇ–زو ئۇزۇپ تاشلايمەندە كۆزۈمنى يۇمۇۋالىمەن.خۇدادىن ئۆلۈم تىلەيمەن.   چۇنكى سىز منىڭ ھاياتىمنىڭ مەنبەسى،كۆڭۈل تۈۋرۈگۈم،ھۇجۇدۇمنىڭ بىر قىسمى بوپ كەتكەن ئىدىڭىز،سىز مىنىڭ مەڭگۈ سىز بىلەن ئەشۇ جاپالىق تۇرمۇش ھارۋۇسىنى تارتىشىمنى خالىمىدىڭىزمۇ؟ياكى سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قاغىشىدىن، بۇ رەزىل جەميەتنىڭ تاپا–تەنىسىدىن قورقتىڭىزمۇ؟.تۇرمۇش  مەن ۋە سىز گە ئوخشاشلارغا رەھىمسىز بولىدىكەن،مىنىڭ پىشانەمگە بەخىتسىزلىك پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ، ئەمدىلىكتە سىز منى يەنە ئەشۇ بەخىتسىز تۇرمۇش قوينىغا يە  نەتاشلاپ  كەتتىڭىز!،مەن سىزنى ئەيىپلاۋاتىىمەن،ئۆرتەنگەن يۈرۈگۈم ئەيىپلاۋاتىدۇ،بەلكىم سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزمۇ توغرىدۇ؟،ئىلاجىسىزلىقتىن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانسىز.مەن     سىز ھىس قىلغانلارنى ھىس قىلالمىغاندىمەن..... 3mHP=)  
مەن بۈگۈنكىدەك قانچىلىغان كېچىلەرنى يالغۇز،خىيال، ھەسىرەت ئىچىدە ئۆتكۇزگەندىمەن.بەلكىم سىز ئۇزىڭىزنىڭ كەلگۇسىدىكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ مەست–خۇش قىلىشى بىلەن شېرىن ئۇيقىداياتقانسىز.ياكى  ئۆزىڭىزىڭمۇ بەخىتسىزلىكىڭىزگە نەپرەت ئوقۇپ نىدا قىلىۋاتقانسىز!...... wv`ar>qVL  
ھەممە جاھان تىمتاس،ھەممە ئۇيقۇدا،پەقەت مەنلا خىيال ئىلكىدە........مەن يۈرۈگۇمگەقولۇمنى قويدۇم، ئۇ تەغدىر ھەم خۇراپىي،نادان ئادەت تەسىرىدىن مۇجۇۋىتىلگەن،بەختىدىن ئايرىلغان بەخىتسىز بەندىنىڭ ئاجىز،ئەمما سىزگە بولغان سۇيگۇ ئوتدا يەنىلا تىپىچەكلىمەكتە ئىدى.بىراق بۇئوتلارغا ئازاپ،ئېچىنىش ۋە ھەسىرەت ئارلاشقان.مەن ئۆز–ئۆزۈمگە:"بولدىلا ئۇنى ئويلىما، ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىن!"-دەپ تەسەللى بەرسەممۇ كۇڭلۈم رەت قىلاتتى.شۇنداق... سىزنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كېتەي؟سۇيگۇ دىگەن تاشلا دەپلا تاشلىۋىتىدىغان نەرسە ئەمەس....! يەنە ئاز ۋاقىتتىن كېيىن سىزنى كۇندە  كۆرەلمەيمەن، چۇنكى سىز باشقا بىرسىگە تەئەللۇق بوپ كېتىسىز.....شۇ چاغلاردا منى ياد ئىتىپ قويارسىزمۇ؟ مانا مەن قاراڭغۇ تۈن كېچىگە دىرىزىدىن قاراپ:‹‹سىزنى سۆيەتتىم...!››دەپ دەرتلىك خىتاپ قىلىۋاتىمەن.بۇنىدانى سىزئاڭلاسىزمۇ؟ +^jm _+  
مەن ھاياتىمدىكى ئەشۇ بەخىتلىك چاغلاردا ئۆزەمنى دۇنيادا ئەڭ بەخىتلىك ئادەم چاغلايتىم،بىراق بۇ بە خىتنىڭ مۇنداق ئۇزۇنغا بارمايدىغىنىنى،ئۆنى خۇراپىي،نادان ئىدىيە تۈپەيلىدىن ۋەيران قىلىنىدىغىنىنى كىم بىلسۇن! liqVfB%  
مىنىڭ مەغرۇر ئوغۇل بالىلىق غورۇرۇم سىزنىڭ  ئالدىڭىزدايەرگە ئۇرۇلدى! ئەمدى قەددىمنى رۇسلاشقامەندە نە ماغدۇر،نە كۈچ بولسۇن؟بىلسىڭىز،ھاياتىمدا  كۆزۈمدىن ياش چىقارمىغان ئادەم .سىز ‹‹ئاتا-ئانام ئۇنداق يالاڭ تۆشكە بەرمەيمىز،بىز ئاتا كۆرگەن،ئانا كۆرگەن بىر يەر بىلەن كېلىشىپ بولدۇق.گېپىمىزنى يىرىپ بىزنى يەرگە قاراتساڭ  پۇتۇڭنى ئۇرۇپ چېقىۋىتىپ نىمجان قىلىپ ئۆيدە باقىمىز...... دەپ مىنىڭ گىپىمگە، يىغامغا پىسەن قىلمىدى،مەندە نىمە ئامال مىنى كەچۈرۈڭ، خالىمىساممۇ تەغدىرگە تەن بەرمىسەم بولمايدۇ ›› دىگەن كۈندىن باشلاپ مۇھەبىبىتىمنىڭ يۈمۈران مايسىسى كاج تەقدىرنىڭ جۇدۇنىدا نابۇت بولغىنىنى ھىس قىلدىم.مانا ئەمدى  قەلبىمدە سېغىنىش!،ھەسىرەت! پۇشايمان! .تەغدىرىم شۇنداقكەن! بۇ كاج تەغدىرنى پىشانەمدىن كۆرمەي نىمە ئامال....... بۇ بەختسىزلىك مىنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋاتىدۇ،  مەن يۇرۇگى پۇچۇلانغان،ئەمما يەنىلا سىز ئۇچۇن  يۈرىگى سوقۇپ تۇرغان مىسكىن بەندە؟.ئەمدى مەن بۇ ھېجران ئازابىغا بەرداشلىق بىرە لەمەنمۇ؟ @r^s70{}  
تەغدىر!،نىمىشكىمۇ مىنى مۇنچە ئازاپلايسەن؟،...تەغدىر بىزگە نىمىشقا مۇنداق چاخچاق قىلىدۇ؟ بىر قىسىم ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆمۇرلۇك ئىشىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئارلىشىۋالىدىغان ئادەتكە قاچانمۇ خاتىمە بېرىلەر؟ بىزگە ئوخشاش قانچىلىغان ياشلار قاچانغىچە بۇ نادانلىقنىڭ قۇربانى بولار؟مەن تەڭشەلمىگەن،ئادالەتسىز دۇنيادىن نەپرەتلەنىۋاتمە ن!........... K%W;-W*'  
ئېيتىڭا؟ سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئەشۇنداق تۇراقسىز،ئىتائەتمەن كۆڭۈلمىدى؟،مىنىڭ زادى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ،سىزدە ئۆز بەختىڭىز ئۈچۈن تېرىشىش ئېرادىسىمۇ يوقمۇ؟سىز ئۆز بەختىڭىزنى مۇشۇنداقلا نابۇت قىلىۋىتەمسىز؟ توۋا، دۇنيادا مۇنداقمۇ ئالتۇننى تاشقا ئۇرۇدىغان ئىش بولىدىكەن....  ئەمدى بىلدىمكى كۆڭۈل تۇراقسىز نىمىكەن ! 'BUfdb8d  
مىنىڭ بېشىمغا كەلگەن بۇ ئازاپ باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلمىسۇن...بولدىلا بۇلارنى يېزىپ نىمە قىلاي،ھېجىران ئازابى منى قىيناپ،ئۇمۇد، خوشاللىقىمنى مەندىن تارتىپ كەتتى....... WFzM s  
   بىلىمەن،سىز ئەمدى بوينىدىن باغلانغان يىتىم قوزىدەك،ئەركىنلىكىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز، مۇھەببىتىڭىزدىن، سۆيگۇنىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز.ئەمدى بۇلاردىن مەھرۇم بولۇپ يىتىلىسە ماڭىدىغان ھالغا چۇشۇپ قالىدىڭىز ،توي قىلىپ ئوھ...دېسىڭىزئىچىڭىزدىن ھەممە دەرتلىرىڭىز چىقىپ كېتەرمۇ؟ . upaQoX/C  
مەن سىزگە ماڭام ئاتا قىلغان بارلىق مىھرى–مۇھەببىتىڭىز ئۇچۇن رەخمەت ئېيتمەن، تەغدىر–قىسمەتنىڭ مىنىڭ بېشىمغا سالغان ئازاپ، ھەسرىتى ئىچىدە سىزنى ياد ئېتىپ ئۆتىمەن ...،سىز گە بەخىت تىلەيمەن!» *7=`]w5k1  
............................................ `Z#':0Z  
ئەنەتالادا تۇيۇقسىز بوران چىقىپ ئۇچۇرتۇپ كەلگەن نەرسىلەرنى دېرىزىگە ئۇرماقتا.، ئۇ نەرسىلەرمۇھەببەتدىن يارلانغان يۈرۈگۇمگەسانچىلىۋاتقان جۇدالىق ئوقلىرىدەك مىنى بىئارام قىلاتتى....مەن دېرىزە ئالدىدا روھى چىققان ئادەمدەك قاراڭغۇ تۇنگە قاراپ سىزنىڭ سىمايىڭىزنى ئىزدەۋاتىمەن.......! *VH Wvj  
سىرتتا بوران گۇكىرىمەكتە.بوران بەختىمنى ،گۈزەل ئارزۇلىرىمنى ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى.... 8_ascvs5  
مەنبە: چوغلوق
كۈلۈپ قارا ، كۆز يېشىڭنى كۆرمىسۇن دۇنيا !!!~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 0
يازما: 586
جۇغلانمىسى: 2815
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
تىللا: 612 دانە
توردا: 175(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-07
ئاخىرقى: 2010-09-11
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 15:43

بىزمۇ ئاتا-ئانىنىڭ قارشى تۇرشى بىلەن نەچچە يىللىق  مۇھەبەتتنى غازاڭ قىلۋەتتۇق،بەلكىم توي قىلغاندۇ!لىكىن قەلبىمگە ئۆچمەس بىر تامغا بېسىلىپ قالدى،،سىزنىڭ بېشىڭىزدىنمۇ ماڭا ئوخشاش قىسمەتلەر ئۆتۈپتۇ.بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ دوستۇم،،قەيسەر بولۇڭ!
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 265
جۇغلانمىسى: 1042
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 265 دانە
توردا: 84(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-09
ئاخىرقى: 2010-09-08
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 16:14

يا ئاللا مۇھەببەت ئازابى!........  يانبۇلاقكا مۇنداقمۇ ئىش بار دەڭ، ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كىلىدىغان ئىش جۇمۇ، ۋاي خۇدا ئۆزى ساقلىسۇن.    
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 265
جۇغلانمىسى: 1042
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 265 دانە
توردا: 84(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-09
ئاخىرقى: 2010-09-08
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 16:15

ھەي باللا  بۇ توردا نېمانداق باشقۇرغۇچى كۆپىيىپ كەتتى؟ مەن ھەجەپ بىلمەپتىمەن؟؟؟؟........
ئۆزۈڭگە ئىشەن، ئۆزگىلەردىن ئۈمۈت كۈتمە.
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 26
يازما: 1938
جۇغلانمىسى: 20473
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
تىللا: 1945 دانە
توردا: 891(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-04
ئاخىرقى: 2010-09-09
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 16:30

غەيرەتلىك بۇلۇڭ ...................
anka
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 180
جۇغلانمىسى: 485
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
تىللا: 180 دانە
توردا: 48(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-22
ئاخىرقى: 2010-09-11
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 17:41

غەيرەتلىك بولۇڭ  كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ
بۇ ئۆمۈرنىڭ نىمە قىززىغى، ئوخشاش بولسا باسقان قە ..
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 86
يازما: 25
جۇغلانمىسى: 2249
شۆھرەت: -1 كىشىلىك
تىللا: 34 دانە
توردا: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-03
ئاخىرقى: 2010-09-10
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 22:06

بۇ يازمىنى يوللاپ قويۇپ ئۆزەم سەل نومۇس قىلىپ قالدىم.قارىسام مۇنبەردە مۇھەببەت تېمىسىدىكى يازمىلارنىڭ «خېرىدارى» كۆپكەن،شۇڭا بۇ يازمىنى يوللۇدۇم. ئەسلىدە بۇ نى بىر دوستۇمنىڭ دۇچ كەلگەن كەچۇرمىشىگە ئاساسەن يازغان.شۇڭا تورداشلار كۆرۈپ باقسۇن،ئىنكاسىنى كۈرۈپ باقاي دەپ يوللاپ قويدۇم.دىمەكچى بولغۇنۇم، ئاتا-ئانىلار ياشلارنىڭ پاك مۇھەببىتىگە ئورۇنسىز ئارلىشىۋىلىپ ئۇلارنى ھەسرەتكە قويمايلى،خۇراپىي،نادان ئىدىيەدىن قاچانغىچە قۇتۇلالمايمىز..... دىمەكچىتىم. شۇنى ئىپادىلەپ بېرەلىدىممۇ -يوق دوسلار بىر نىمە دىسۇن!