
]~g6#@l بۇرۇن بۇرۇنىسىدا بىر ئوتۇنچى ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. s`W\`w}
ئوتۇنچى بىر كۈنى جاڭگالدا ئوتۇن كېسىۋاتسا، ئالدىدىن بىر توخۇ چىقىپ قاقاقلاپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئوتۇنچى ئالدىغا قارىسا، بىر توخۇنىڭ ئۇۋىسى تۇرۇپتۇ. ئۇۋىدا بىر تۇخۇم يالتىراپ تۇرغان، ئوتۇنچى ھېلىقى تۇخۇمنى ئېلىپ قوينىغا ساپتۇ– دە، كېيىن ئوتۇنلىرىنى ئېشىكىگە ئارتىپ شەھەرگە كىرىپتۇ. ئوتۇننى سېتىپ، پۇلىغا تۆت نان ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا، كۆزى بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا ئېسىقلىق تۇرغان ئالتۇن قەپەسكە چۈشۈپتۇ. ئوتۇنچى ھېلىقى قەپەسكە زەڭ قويۇپ قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە خۇددى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش بىر تۇخۇم يالتىراپ تۇرغۇدەك. ئۇ ئىچىدە:«ئەجەپ مېنىڭ تۇخۇمۇمغا ئوخشايدىكىنا» دەپ، بىر قوينىدىكى تۇخۇمغا، بىر قەپەستىكى تۇخۇمغا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگە ھېلىقى قەپەسنىڭ ئىگىسى ئوتۇنچىغا: R)% Jr.U
- ھە، نېمىشقا قەپەسنى بويلاپ قالدىڭ؟ ئوغرىمۇ سەن؟ كەت نېرى!- دەپ ۋارقىراپتۇ. r`5[6)+P
- يوقسۇ بايۋەچچە،- دەپتۇ ئوتۇنچى،- قەپەسنىڭ ئىچىدىكى تۇخۇم مېنىڭ تۇخۇمۇمغا ئوخشاپ تۇرىدۇ، سېلىشتۇرۇپ بېقىۋاتىمەن. UxI0Of&:
بۇنى ئاڭلىغان بايۋەچچە ھەيران بولۇپ: ?4%'6R
- قېنى ئېلىپ باقە، مەن كۆرۈپ باقاي،- دەپتۇ. f\O)+Vc
ئوتۇنچى كۆرسىتىپتۇ. بايۋەچچە شۇ يەردىلا ئوتۇنچىغا خۇشامەت قىلىپ، ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ. 7'pCFeA>=T
-بۇنى ماڭا سېتىپ بېرىڭ،- دەپ يېپىشىۋاپتۇ بايۋەچچە. '<"eG!O
- بوپتۇ ساتسام ساتاي،- دەپتۇ ئوتۇنچى. FSZQ2*n5
- قانچە بېرەي؟ fx@Hd!nO~"
- ئۆزىڭىز بىلىپ بېرىڭ. V?U->0>Z4
- مىڭ تەڭگە بەرسەم قانداق؟- ئوتۇنچى ھەيران بولۇپ: d&K2\n
ئادەمنى زاڭلىق قىلماڭ،- دەپتۇ ئۇنىڭغا. =KfV;.&
بايۋەچچە ئۆز كۆڭلىدە «بەلكىم بۇنى ئاز دەۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلاپ: G0p|44_~t
- بوپتۇ، بىر يېرىم مىڭ تەڭگە بېرەي،- دەپتۇ. k$`~,LJ p
- زاڭلىق قىلماڭ،- دەپتۇ ئۆز تۇخۇمىنىڭ سىرىنى بىلمىگەن ئوتۇنچى،- راست ئالىدىغان ئىشىڭىز بولسا، ئۆزىنىڭ باھاسىنىلا ئېيتىڭ. Dohq@+] O
بايۋەچچە ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ، ئىككى مىڭ تەڭگىگە چىقىپتۇ. ھەيران بولغان ئوتۇنچى: b e[KNrO
- قېنى ئەكىلىڭ پۇلىڭىزنى،- دەپتۇ. O>e2MT|#k
بايۋەچچە دەرھال ئىككى مىڭ تەڭگىنى ساناپ بېرىپ، ئوتۇنچىنى يولغا ساپتۇ. بايۋەچچە ئىچ– ئىچىدىن خۇشال بوپتۇ. سەۋەبى، بايا ئۇ تۇخۇم ئەمەس، بەلكى گۆھەر سېتىۋالغانىكەن. EVc
Ees
ئوتۇنچى ئۆيىگە بېرىپ، بولغان ئەھۋالنى خوتۇنىغا ئېيتىپ، ئىككى مىڭ تەڭگىنى يانچۇقىدىن چىقارغاندا، خوتۇنى ھەيران بولۇپ: t,
$4J6
- ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئوتۇنچىلىقنى تاشلاپ، ھەر كۈنى شۇ تۇخۇمدىن ئەكىلىپ ساتسىلا، پات ئارىدا باي بولۇپ كېتىمىز،- دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. 6 R}]RuFQ
خوتۇنىنىڭ بۇ مەسلىھەتى بىلەن ئوتۇنچى ھەر كۈنى جاڭگالغا بېرىپ، ھېلىقى گۆھەر تۇخۇمدىن بىرنى ئەكىلىپ سېتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ناھايىتى باي بولۇپ كېتىپتۇ. NoS|lT
بىر كۈنى خوتۇنى مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: ] h3~>8<
- ئەمدى ھەر كۈنى گۆھەر تۇخۇم ئەكىلىمەن، دەپ ئاۋارە بولغۇچە، شۇ توخۇنىڭ ئۆزىنىلا تۇتۇپ كەلسىلە، ئۆيدە تۇغدۇرايلى. JR/:XYS+
ئوتۇنچى خوتۇنىنىڭ بۇ مەسلىھەتىنى ماقۇل كۆرۈپ، جاڭگالدىن ھېلىقى توخۇنى تۇتۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. توخۇ ھەر كۈنى ئۆيدە بىردىن گۆھەر تۇغىۋېرىپتۇ. @]r,cPx0Y
ھەر كۈنى گۆھەرنى سېتىۋېلىپ تۇرغان بايۋەچچە ئوتۇنچىنىڭ بۇ سىرىنى بىلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. ئاخىر ئوتۇنچىنىڭ گۆھەر تۇغىدىغان توخۇسى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش قەستىدە بوپتۇ. بايۋەچچە بىر كىتابتىن: «كىمكى گۆھەر تۇغىدىغان توخۇنىڭ بېشىنى يېسە پادىشاھ، قانىتىنى يېسە ۋەزىر بولىدۇ» دېگەن گەپنى كۆرگەنىكەن. بايۋەچچە شۇ توخۇنى يېيىش ئۈچۈن ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنىنى ئازدۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى ياش ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلى كۆپىيىپ، قېرى ئوتۇنچىدىن كۆرە ياش يىگىتلەر بىلەن كەيپ– ساپا قىلىش نىيىتىگە كەلگەنىكەن. خوتۇننىڭ بۇ نىيىتى بايۋەچچىگە تازا ئەپ كەپتۇ. ئاخىر بايۋەچچە بۇ خوتۇن بىلەن ئاشنا بوپتۇ، لېكىن ئوتۇنچىنىڭ ئۆيدە بولۇشى بايۋەچچىنىڭ ھېلىقى توخۇنى يېيىش قەستىگە يار بەرمەپتۇ. بىر كۈنى ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى بايۋەچچىنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئېرىگە: QDCu
- خۇدايىم شۇنچە كۆپ دۇنيا بەرگەندىن كېيىن شۇنىڭ شۈكۈرانىسىگە ئەمدى بىر ھەج قىلىپ كەلسىلە،- دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. ` #Qlr+X
ئوتۇنچى ئويلاپ قارىغۇدەك بولسا، خوتۇنىنىڭ بۇ مەسلىھەتى دۇرۇس. ئارتۇق ئىككىلەنمەي تەرەددۇتلىنىپ ھەرەمگە كېتىپتۇ. ھىيلىگەر بايۋەچچە ئاخىر بۇ خوتۇننى ئۆزىگە رام قىلىۋالغاندىن كېيىن، خوتۇننى نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىدىغان يەرگە يەتكۈزۈپتۇ. UH=pQm^W
بايۋەچچە بىر كۈنى خوتۇنغا: 94bmKV_
- ئەگەر مېنى رازى قىلىمەن، ئۆمۈرلۈك ئاشنا قىلىمەن دېسىڭىز، توخۇيىڭىزنى سويۇپ، بېشى بىلەن قانىتىنى ماڭا يېگۈزۈڭ. ئەگەر ماقۇل بولمىسىڭىز، ماڭا قىلمايسىز، ئۆزىڭىزگە قىلىسىز،- دەپ قورقىتىپتۇ. bt3v`q+V
بۇنى ئاڭلىغان خوتۇن دەسلەپتە غەمگە پېتىپتۇ. بۇ شەرتنى ئورۇنداش بىر قىيىن، ئورۇندىماسلىق ئاندىن قىيىن. ئاخىر بايۋەچچىنىڭ ئاشنىدارچىلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، «مەيلى ئۆلتۈرسەم ئۆلتۈرەي، دۇنيامۇ كۆپىيىپ قالدىغۇ» دېگەن يەرگە كەپتۇ– دە، توخۇنى سويۇپ، بايۋەچچىنى ئۆيىگە باشلاپ ئەكەپتۇ. `I|$U)'
ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى ئېرى ھەرەمگە كەتكەندىن كېيىن بىر قۇلمۇ سېتىۋالغانىكەن. ئۇ توخۇنى قازانغا سېلىپ، قۇلغا ئوت قالاتقۇزۇپ، ئۆزى سارايدا بايۋەچچە بىلەن ئەيش– ئىشرەتكە چۈشۈپتۇ. e1$T%?(&[
بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئىككى بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسە، قازاندا بىر نەرسە قايناۋاتقان، قورسىقى ئېچىپ تۇرغان بالىلار تۇۋاقنى ئېچىپ قارىسا، قازاندا توخۇ گۆشى تۇرغان. دەررۇ توخۇنىڭ بېشىنى ھەم ئىككى قانىتىنى ئاپتۇ- دە، چوڭ بالىسى بېشىنى، كىچىكى ئوڭ قانىتىنى يەپتۇ، سول قانىتىنى بولسا قۇلغا بېرىپتۇ. Bw^*6P^l
بىر چاغدا خوتۇن چىقىپ قازاندا قالغان گۆشلەرنى تاۋاققا ئېلىپ، بايۋەچچىنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ. بايۋەچچە قارىسا توخۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتى يوق. ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ: o^P/ -&T
- قېنى بۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتى؟! بېشى بىلەن قانىتى بولمىسا، نېمە قىلىمەن بۇنى؟! ئاچىقىپ ئىتقا تاشلاپ بېرىڭ!- دەپتۇ. /NvHM$5O%
ھەيران بولغان خوتۇن دەررۇ چىقىپ قۇلدىن سوراپتۇ. ئۇ: *o
- يېڭىراقتا ئىككى ئوغۇللىرى كېلىپ بېشى بىلەن قانىتىنى يەپ كەتتى،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ~DYUI#x
بۇنى ئۇققان بايۋەچچە بەك تېرىكىپتۇ. كېيىن ئۆز– ئۆزىگە:«توختا، كىتابتا ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، شۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتىنى يېگەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى يېسىمۇ بولىدۇ، دېگەنىكەن، ھېلىمۇ بولسا شۇنداق قىلاي» دەپتۇ– دە، خوتۇنغا: r8.R?5F@
- ئۇنداق بولسا شۇ ئىككى بالىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىنى ماڭا يېگۈزۈڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز، ئىشىڭىز چاتاق،- دەپ شەرت قويۇپتۇ. ئىلاجسىز قالغان خوتۇن ئاخىر بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپتۇ. دەررۇ قۇلىغا: T,z7U2O
- سەن بېرىپ، ئىككى بالامنى شەھەر سىرتىدىكى بىر چۆلگە ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكنى ئېلىپ كەل. ئەگەر مۇشۇ ئىشنى ئورۇندىساڭ قۇللۇقتىن ئازاد قىلىمەن، بولمىسا ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرىمەن!- دەپتۇ. قۇل «ماقۇل» دەپ، ئىككى بالىنى باشلاپ، شەھەرنىڭ بىر چۆللۈككە ئاپىرىپتۇ، بالىلار ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: Z$qLY
- بىزنى نەگە ئاپىرىسەن؟ نېمە قىلىسەن؟ S ]_iobWK
قۇل بالىلارغا ئانىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ– دە، ئۆزىنىڭ شۇ يەردە كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ. ئىچىدە:«بۇ بالىلاردا نېمە گۇناھ بار؟ مەيلى، قۇللۇقتىن ئازاد قىلمىسىمۇ قىلمىسۇن، ئۆلتۈرسىمۇ مېنى ئۆلتۈرسۇن، بۇ ياش بالىلار كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسۇن» دەپ ئويلاپتۇ– دە، كۆڭلىدىكىنى بالىلارغا ئېيتىپتۇ. بالىلار: X>}-UHKV+
- ئۇنداق بولسا، سەنمۇ بىكاردىن– بىكار ئۆلۈپ كەتمە، ئىككى كۈچۈك تاپايلى، شۇنى ئۆلتۈرۈپ يۈرىكىنى ئاپىرىپ بەرسەڭ، سەنمۇ قۇتۇلىسەن،- دەپتۇ. #.1+-^TQk
قۇلمۇ ماقۇل بوپتۇ. ئۈچەيلەن ئىككى كۈچۈكنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. قۇل ئىككى كۈچۈكنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئىككى بالا: «بىز ئەمدى ئۆيىمىزنى ئۇنتۇيلى، مۇشۇ كۆرۈنگە تاغقا قاراپ ماڭايلى، باشقا بىر يۇرتقا بېرىپ جېنىمىزنى جان ئېتەيلى» دەپ يولغا راۋان بوپتۇ. ^{f^%)X
ئاكا– ئۇكا ئىككىسى يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، چۆللۈكلەرنى بېسىپ، نەچچە تاغلارنى ئېشىپ، بىر يەرگە– ئىككى ئاچا يولنىڭ ئاغزىغا كېلىپ توختاپتۇ، قارىسا بىر يولدا «بارسا كېلەر» يەنە بىرسىدە «بارسا كەلمەس» دېگەن خەت يېزىلغان تاختاي تۇرغۇدەك. ھەر ئىككىسى بېشىمىزغا كەلگەنى كۆرەيلى دېيىشىپ، كىچىكى «بارسا كەلمەس»، چوڭى «بارسا كېلەر» دېگەن يولغا چۈشۈپ مېڭىپتۇ. S\
$=b_.
ئاكىسى بىر قانچە ئاي جاپالىق يوللارنى بېسىپ، بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، شەھەردە ئادەم دىدارى يوق، ھەممىلا ئادەم شەھەر سىرتىغا چىقىپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن بالىمۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپتۇ. ئەتراپقا نەزەر سالسا، كەڭ تۈزلەڭلىكتە مىغ– مىغ ئادەم ئاسمانغا قارىشىپ تۇرغان. بالا ئاسمانغا قارىسا، بىر قۇش ئادەملەرنىڭ بېشىدا ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگۈدەك، ئادەملەرنىڭ بەزىسى قوللىرىدا ئۆپكە، بېغىرغا ئوخشاش نەرسىلەرنى پۇلاڭلىتىپ، قۇشقا قاراپ «گەھ– گەھ» دېيىشىۋاتقان، بالا ھەيران بولۇپ، سۈرۈشتۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ تېگى– تەكتىنى چۈشىنىپتۇ: بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى يېقىندا ئۆلگەنىكەن، لېكىن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بىرمۇ پەرزەنتى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ ئۆلەر ۋاقتىدا:«سارىيىمدىكى بەخت قۇشىنى ئۇچۇرۇڭلار، قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا، شۇ پادىشاھ بولسۇن» دەپ ۋەسىيەت قىلغانىكەن. بۈگۈن بولسا پادىشاھنىڭ شۇ ۋەسىيىتى بويىچە قۇشنى ئۇچۇرۇپ، ھەر كىم ئۆز بەختىنى سىناش ئۈچۈن بۇياققا چىققانىكەن. l/WQqT
بالا بىر چاغدا ئاسمانغا قارىسا قۇش ئۇنىڭغا قاراپ شۇڭغۇپ كېلىۋاتقان. ئادەملەر قۇشنى نەگە قوناركىن دەپ، كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرۇپتۇ. قۇش شۇڭغۇپ كەلگەن پېتى بالىنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. بالا «پادىشاھلىقنى نېمە قىلاي» دەپ قۇشنى بېشىدىن ئېلىپ ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ. باشقىلار بالىغا ھەيران بوپتۇ. ھېلىقى قۇش ئايلىنىپ كېلىپ يەنە ئۇنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. بالا يەنە ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ. ئۈچىنچى قېتىم يەنە كېلىپ قونغاندا، كىشىلەر بالىنى مۇبارەكلەپ، ئۇنىمىغىنىغا قويماي پادىشاھلىققا ئولتۇرغۇزۇپتۇ. Tj0qq .
بۇ ئىش مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، بىز ئەمدى گەپنى ئۇنىڭ ئىنىسىدىن ئاڭلايلى. 7$"{&