g"!cO^GkT ئەقىلسىز دوسىتتىن ،ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى
n}9<7e~/
'8R5Tl دوستۇم ! دانالار ئىيىتقانكى:«ئەقىلسىز دوسىتتىن ،ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى » چۈنكى ،ئەقىلسىز دوسىتتىن زىيان يىتىش ئىھتىمالى بار .ئەقىللىق دۈشمەندىن پايدا يىتىش ئىھتىمالى بار .
K}n.k[Do دوستۇم ! دۇنيادا ھېچ كىشىنى ئەيىپسىز دەپ قىياس قىلماڭ ۋە بىلىمسىز ، ھۈنەرسىز كىشىلەرنى دوسىت تۇتماڭ . چۈنكى ، ھۈنەرسىز ئادەمدىن ياخشىلىق كەلمەيدۇ .
y%
!.:7Y شاراپ سورۇنىدا سىز بىلەن شاراپ ئىچكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قارا قويۇق دوستۇم دەپ ھىساپلىماڭ . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھاراق _ شاراپ دوسىتلىرىدۇر .
7[L%j;)bw يالغۇزلۇقنى يامان ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاندىن ئەلا بىلىڭ . يامان ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتىن يالغۇزلۇق ياخشى .
)_Hv9!U]e ياخشى دوسىتنىڭ ئالامەتلىرى شۇكى ، دوستىدىن ھىچ نەرسىسىنى ئايىمايدۇ . دوستىنىڭ قولى قىسقا بولۇپ ،ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كۆرمىسىمۇ يۈز ئۆرۈمەيدۇ . دوستى ۋاپات بولغاندا ، دوستىنىڭ بالا _ چاقىلىرىغا ، تۇققانلىرىغا ياخشىلىق قىلىدۇ . قەبرىگە بىرىپ خۇدادىن مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەيدۇ ، دوستىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىدۇ.
^K8XY@{& دوستۇم ! دوسىتلىرىڭىزنىڭ كۆپلڭگىگە قاراپ ئۇنىڭدىن بىپەرۋا بولماڭ .1000 دوستىڭىز بولسىمۇ ،ئۆزىڭىزنى _ ئۆزىڭىز سۆيگەندىن ئارتۇق سۆيمەيدۇ .
%y_pF?2@q دوستۇم ،راھەت _ پاراغەت ۋە مىھنەت ، يوقسۇللۇق ۋاقىتلىرىدا دوسۇتلۇقنى بۇزمىغان دوسىت ھەقىقى دوسىتتۇر . مۇنداق دوسىت بەك ئاز تىپىلىدۇ ... سىزنىڭ بىشىڭىزغا ئىغىر كۈنلەر كىلىپ ،بالا ۋە مىھنەتكە دۇچار بولغاندا ، سىزدىن قىچىپ دۈشمىنىڭىزگە دوسىت بولغان ئادەم سىزگە دوسىت ئەمەس ...
p.MLKp-' دوستۇم ،دوسىتلىرىڭىزدىن كۆڭلىڭىز ئاغرىغان ۋاقىتلاردىمۇ ، بۇرۇنقى خۇشاللىق ۋاقىتلاردىكىدەك مۇئامىلە قىلىڭ ...دوستىڭىزغا ھەرگىز سىرىڭىزنى بىلدۈرمەڭ . چۈنكى ، ئاراڭلاردا ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا بولسا سىزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ ، بۇ چاغدا پۇشايمان پايدا قىلمايدۇ .
3*{l^<`:gA دوستۇم ، يوقسۇل بولسىڭىز، بايلار بىلەن دوسىت بولماڭ . كەمبىغەل بىلەن ھىچ كىشى دوسىت بولمايدۇ . خۇسۇسەن بايلار كەمبىغەل بىلەن دوسىت بولمايدۇ . ھەر قاچان ئۆز دەرىجىڭىز ، ئۆز مەرتىۋىڭىزدىكى ئادەملەر بىلەن دوسىت بولۇڭ . ئەمما ، سىز باي بولسىڭىز ، كەمبىغەل ، يوقسۇللار بىلەن دوسىت بولسىڭىز بۇ ئېسىل پەزىلەتتۇر ...
C>-}BeY! دوستۇم ، ئەگەر كىشىلەر بىلەن دوسىت بولسىڭىز ،دوسىتلىققا رۇئايە قىلىڭ . شۇندىلا دوستىڭىزمۇ دوسىتلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ .
S<*1b 6%D دوسىتلىرىڭىزغا نىسبىتەن كۆڭلىڭىزنى راسىت تۇتۇپ ،ئاق كۆڭۈل بولۈڭ . ئەگەر راستىنلا ئاشۇنداق قىلالىسىڭىزلا ، ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ ...
SN7_^F دوستۇم ، ئەگەر دوستىڭىز ھەققىدە سىزدىن گۇناھ ئۆتمەي ، ئۇ سىزدىن كۆڭۈل ئۈزسە ، ئۇنىڭغا ئۆزۈر ئىيتىشقا ئالدىرماڭ . سىزدىن سەۋەپسىز كۆڭۈل ئۈزگەن كىشى دوسىتلىققا يارىمايدۇ . سىزدىن پايدا ئۈمىد قىلىپ دوسىت بولغان ئادەم بىلەن دوسىت بولماڭ ...