كەچۈرۈڭ قېرىندىىشم، مىنىڭ بۇ تىمىنى يولىشىمدىكى مەقسىدىم سىز ئويلىغاندەك بلوگىمنى تەشۋىق قىلىش، زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋە ياكى باشقا بىر مەقسەت ئۈچۈنمۇ ئەمەس. ھەم بۇ مىنىڭ بىردىن-بىر كىرىم مەنبەيىممۇ ئەمەس. ھەر ھالدا ئېشىپ-تېشىپ تۇرمىسىمۇ ئۆزەمنىڭ تاپقان -تەرگىنى ھازىرچە ئۆزەمگە ھەم تۇرمۇشۇمغا يىتىپ ئاشىدۇ... ]APvp.Tw:
ئىلگىرى تور ئۈزۈلگەن مەزگىللەردە نۇرغۇن تىمىلىرىم ھەم ماتىرىيالىم بىراقلا يوقاپ كەتتى. ئەينى چاغدا مۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىنى بىلمىگەچ ئارگىنال ساقلاپ قويماپتىكەنمەن، پەقەت ئىكران ئالدىدا، نەق مەيداندىلا يېزىپ ئادەتلىنىپ قاپتىكەنمەن. شۇ سەۋەپ بۇدا ماتىرىياللىرىمنى توپلام قىلىپ ساقلاپ قۇيۇش مەقسىدىدە ئۇ بىلوگنى ئىشلەپ قويدۇم. _MWM;f`b
ئەمدى ئېلان چىكىش مەسىلىسىگە كەلسەك؛ نۇرغۇن تور بەتلەردە بۇ ھەقتە تىمىلار يوللاندى. لىكىن ئاخىرىغا بېرىپ قانائەتلىنەرلىك بىر ىىرجاۋاپ يوق. باشقىلار ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ پۇلىنى ئالاي دىگەندە تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ قارىسى كۈۈنمەيدىكەن. ئەجىر قىلىپ جاپادا ئېلان چەككۈچىلەر يەنىلا زىيان تارتىدىكەن. شوڭا مەن ئۆزەمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجىرىبەمنىلا چۈشەندۈرۈپ قويدۇم خالاس. m,')&{Rd
ئائىلىمىزدە، ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز ئاتا-ئانىسىنىڭ نەچچە تۈمەنلەپ پۇلىنى خەجلەپ ئۇقۇدى، ئەمما چىقىپلا قىلاي دىسە بىر خىزمەت يوق. كۈزى مىدىراپ تۇرغان جاننىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق خىراجىتى بولىدۇ. يەنە ئاتا-ئانىسىدىن پۇل سوراشقا خىجالەت بۇلۇپ تۈرلۈك يامان يوللارغا كىرىپ كىتىۋاتقان ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىمۇ كۈرۈۋاتىمىز. قېنى سىز بىلەن بىز شۇلارنىڭ قايسى بىرىگە ياردەم قىلالىدۇق؟ ئۇلارنى پالانى-پۇكۇنى دەيدىغانغا نىمە ھەققىمىز بار؟ دۇرۇس بۇرۇتقا چاپلاشقان ئاشتا قوساق تويمايدۇ، ئەمما خەت يېزىش ئۈچۈن قەغەز-قەلەم كېرەك بولغىنىدەك دەماللىققا كۆز ئالدىدىكى ئۆتكەلدىن ئۈتۈۋېلىش ئۈچۈنمۇ بىر پىشاڭ بۇلۇش كېرەك. بىز باشقىلار تەۋسىيە قىلغان ئېلان بىتىگە كىرىپ خەققە تاغنى يۆلەپ بەرمەيمسىز. ئىقتىدارىمىز ، تىرىشچانلىقىمىز قانچىلىك بولسا شۇنىڭغا چۇشلۇق نەپ ئالىمىز خالاس. تور بەت قۇرۇشتىن مەقسەتنىڭ نىمىلىكىمۇ سىز بىلەن ماڭا بەش قولدەك ئايان. شوڭا بۇ ھەقتە سىز بىلەن تالاشقۇم يوق. ئەگەر قايىل بولماي بىۋاستە پاراڭلاشقۇڭىز بولسا قانداق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى مۇشۇ تور بەتنىڭ ئۈزىدىلا بار.