تېما: مەن جالاپ ئەمەس-ئانىنىڭ بالىلىرىغا قالدۇرغان سۇملىقى
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 94
جۇغلانمىسى: 2600
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
تىللا: 96 دانە
توردا: 74(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2010-09-16
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 19:37

0 مەن جالاپ ئەمەس-ئانىنىڭ بالىلىرىغا قالدۇرغان سۇملىقى

مەن جالاپ ئەمەس(راست ئىشلار خاتىرىسى)  ئاحىرى +Yi=W o/  
EzNmsbtZ(  
4. ئانىنىڭ بالىلىرىغا قالدۇرغان سۇملىقى }GkEv}~t  
~A g !wj  
مەن ئەمدى  WDzov9ot  
ئانا دېگەن ئۇلۇغ ئىنسان، fiw~"2 U  
دەيمىز ئۇنى «پەرىشتە» ybS7uo  
پەرىشتىلىك سۈپەت بىلەن، qsJA|z&6x  
ئورنى ئۇنىڭ ئەرىشتە. 6bb=;  
دېگەن مەدھىيىلىرىمىزگە خىلاپ ھالدا ئانىلار ھەققىدە سۆزلەيمەن.  دوستۇم خاسىيەتنىڭ ئۆلۈمى دەل ئاشۇنداق شەھۋانى ئانىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان  يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.  مەرھۇم دوستۇم خاسىيەت بۇغداي ئۆڭلۈك، چاچلىرى ئۇزۇن ھەم توم، قارا قاش، بۇلاق كۆز، بۇنچە بوي تولىمۇ چىرايلىق قىز ئىدى. ئۇنىڭ بارغۇسى كەلگەن يەرگە ۈارىدىغان، ئالغۇسى كەلگەننى ئالىدىغان يېنىدا قانچىلىك پۇلى بولسا شۇ كۈن ئاتلاتماي تۈگىتىپ خەجلەيدىغان ئاجايىپ تەۋەككۈلچىلىكى «مەرت»لىكى ھەممىمىزنى ھەيران ھەم جەلپ قىلاتتى. ئۇنىڭ 2001 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى گەپ - سۆزلىرى زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىرقانچە دوستلار بىللە توي مەشرىپىدە ئولتۇراتتۇق، ئارىمىزدىكى بىرسى سورىدى خاسىيەتتىن: <S\S @3  
ئاداش، بۈگۈن ئاناڭلا قايسى ئاشنىسى بىلەن  مىڭىپتۇ؟ %J|EDf ,M  
ئابلىمىت ئاشنىسى بىلەن. WO)K*c1F  
خاسىيەت شۇنچىۋالا ئادەم توپلاشقان سورۇندا قىلچە تارتىنمايلا جاۋاب بەردى ئۈنلۈك ئاۋازدا. ; $y.+5 q  
دىلبەر ھاجىمنىڭ شۇنچە قىلغان نەسىھىتى كار قىلماپتۇ - دە ئاناڭلىغا. ئەسلىدە ئاناڭلارچۇ كونا جالاپ يېڭى جالاپ بولغان بولسا گەپ ئۆتەر ئىدى. بەلكىم سورۇندىكىلەر قاقاقلاپ كۈلۈشتى. خاسىيەت بولسا «چىداڭ، ئەينا» دەپ قويۇپ غىمىدە يوق ئولتۇرىۋەردى. خاسىيەتنىڭ ئانىسىنىڭ شۇنداق يولدىكى ئايال ئىكەنلىكىنى شۇ ئىشتىن كېيىن بىلدىم. بىر كۈنى كەچتە يول بويىدىكى كاۋاپخانىدا ئولتۇراتتىم، بىردىنلا دۇككان ئالدىدا خاسىيەتنىڭ بىر قولىدا ھاراق دەڭدەڭشىگىنىچە كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. دەرھال چىقىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ھاراقنى تارتىۋېلىپ تاشلىۋەتتىم. باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئۇنى ئاستا ئۆيۈمگە ئەكىرىپ قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ ياتقۇزۇپ قويدۇم.  }Bc6:a  
مېنى ئىچكىلى قويۇڭ، ئىچكىلى قويۇڭ. مېنىڭ دەردىم بار، ھۇ ئانام دېگەن جالاپ خوتۇن. مەن سەندىن ھېساب ئالىمەن. MH !CzV&  
ئۇ توختىماي سۆزلەيتتى. ;OdUH   
خاسىيەت، جىنىم ئاداش، بوش گەپ قىل. ئاۋۇ ئۆيدە چوڭلار بار. ئاڭلاپ قالمىسۇن، ھېلى چاتاق چىقىدۇ باكا. خاسىيەت توختىماستىن «ئانام دېگەن جالاپ خوتۇن» دەپ تەكرارلايتتى. ئاخىرى مەن خاسىيەتنىڭ ئانىسىغا (ئۆيىگە) تېلېفون قىلدىم. بىرنەچچە مىنۇتلاردىن كېيىن ناتونۇش بىر ئەر كىرىپ، خاسىيەتنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئەتىسى كەچتە يەنى 2001 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە خاسىيەتنى ئۆيۈمگە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدىم. تاماقتىن كېيىن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن - ئازادە سۆھبەتلەشتىم.  (b{ {B$O  
ئاخشام سىزنى مالال قىپتىمەن. نۇرئىمانگۈل، ئالدىڭىزدا خىجىلمەن، دەپ قىزاردى خاسىيەت. "jeJV,%  
ياق، ھېچقىسى يوق. ئۇ دېگەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. قاراپ تۇرۇپ سېنىڭ ھاراق كۆتۈرۈپ يۈرگەن ھالىتىڭ ئاشكارىلىنىپ قالسا سەت ئەمەسمۇ. مېنى ئەڭ خاپا قىلغىنى سېنىڭ ئاناڭنى تىللاپ، ئوڭ - تەتۈر سەتلىشىڭ بولدى. ئاناڭنىڭ تېلېفوندىكى ئىپادىسىگە قارىسام ساڭا بەكلا كۆيۈنىدىكەن. لېكىن سەن ئۇدۇل كەلگەن يەردە «ئانام دېگەن جالاپ خوتۇن» دەپ جۆيلۈپ يۈرىيدىكەنسەن، بۇ... "%.#/!RG  
مېنىڭ سۆزۈم ئاخىرلاشمايلا ئۇ پېشىنى قىقىپ دەس ئورنىدىن تۇرۇپ چالۋاقاپلا كەتتى. 8AefgjE  
بولدى، چىچىلما ئاداش، ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ ئاناڭدە. ساڭا بۇ ھاياتلىقنى كىم بەرگەن؟ ئۇ بولمىسا سېنىڭ بۈگۈنىڭ بولامتى؟  
ئۇ سەل يۇمشاپ قالدى «سىزگە دېسەم» ئۇ بىرپەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بىرنى خۇرسىنىپ قويۇپ سۆز باشلىدى. e,4!/|H:  
سىزگە دېسەم نۇئىمانگۈل. مەن ئانامغا بەك ئۆچ. بولۇپمۇ ئاچام قازا قىلغاندىن كېيىن... ئۇ «جالاپ خوتۇن» بىزنى دادىمىزدىن ئايرىدى، ئۇنى ئاز دەپ ئاچامنىڭمۇ جىنىغا زامىن بولدى. JGO>X| T  
قانداق قىلىپ؟ u*9C(je  
ھېچكىمگە دېمەيدىغان گەپتى بۇ. بوپتۇ دېسەم دەپ بېرەي. بىراق سىر ساقلاڭ جۇمۇڭ، بولمىسا ئانام مېنى ئۇرىدۇ. Cog:6Gnw  
خاتىرجەم بول ئاداش، مەن سىر ساقلايمەن.  2XI% 4  
ئانام بىلەن دادا ئاجرىشىپ كەتكەندە مەن ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم. ئاچام ئىككىمىز بەزىدە دادامنىڭ قېشىدا بەزىدە ئانامنىڭ قىشىدا تۇراتتۇق. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دادام توي قىلدى. ئىلگىرى ئىللىق ئائىلە مېھرىدىن مەھرۇم بولغان بولساق، مانا ئەمدى دادا مېھرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇق. بىز ئەمدى ئانامنىڭ قېشىدا تۇرىدىغان بولدۇق. بارا - بارا چوڭ بولغانسىرى كىچىكلىكىمدە ھېس قىلالمىغان ئىشلارنى ھېس قىلغۇدەك بولدۇم. ئاچام بىلەن مەن ئىچكىرى ئۆيدە ياتاتتۇق، تاشقىرقى ئۆيدە بولسا ئانام ئاشنىلىرىنى كۈتەتتى. ئانامنىڭ قىلغانلىرىدىن شۇنچىلىك يىرگىنەتتۇق، ئازاپلىناتتۇق. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى «كۆنۈپمۇ» قالدۇق. كۆنمىسەك نېمە ئامال، دادامنىڭ يىنىغا بارساق ئۆگەي ئانامنىڭ ئېچىلماس چىرايىغا قارايدىغان گەپ. دادامنىڭ  بولسا بىز بىلەن ئانچە كارى بولمايتتى. بىر كۈنى كىچىدە مۇنداق ئىش يۈز بەردى. بىز ئىچكىركى ئۆيدە ياتاتتۇق، تاشقىرقى ئۆيدىن ئاڭلانغان ۋارى - ۋارى ئاۋازلار بىزنىڭ ئۇيقۇمىزنى بۇزدى. ئالدىراپ - تىنەپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق ۋە تاشقىرقى ئۆينىڭ ئىشىگىدىن مارىلاپ قارىساق، ئانام ئالا قەغەز ئوينايدىغانلر بىلەن سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئانامنىڭ كۆزلىرى ياش. بىزنى كىرىپ كېتىشكە شەرەت قىلدى. بىز كىرىپ كەتتۇق. «قەرزنى قايتۇرالمىسىڭىز قىزىڭىز، قىزىڭىزنى...» دېگەندەك ناتونۇش ئاۋازلار قۇلىقىمىزغا كىرىپ تۇراتتۇ. ئانام يىغلاپ بوغۇلۇپ سۆزلىگەچكە سۆزلىرىنى ئايرىيالمىدۇق. قانداق ئەھۋال بولغىنىنى بىلىپ بولغۇچە قاراماتاق گەۋدىلىك بىر ئەر كىرىپ ئاچامنى سۆرىگىنىچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.  IvO3*{k ,  
ئاچامنى نەگە ئېلىپ بارىدۇ؟... PkVXn  
سوئالىم جاۋابسىز قالدى. كېيىن بىلسەم ئانامنىڭ پۇل خۇمار ئىشقىۋازلىقى تۈپەيلىدىن ئائىلىسى ۋەيران قىلىنغان بىر ئايال تەرىپىدىن پىلانلانغان بۇ قېتىملىق قىمار سورۇنى گۇناھسىز ئاچامنى قىزلىقىنى يوقۇتۇپتۇ. ئاچام يېتىپ قالدى. خۇن سۈرۈپ كەتكەن بولغاچقا تېنى بەكلا ئاجىزلىشىپ كېتىپ باراتتى. بۇ ئىشلارنى ئېغىزدىن چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىچارە ئاچام يا بىرسىگە تىنالماي، دەردىنى ئۆزى يالغۇز تارتىپ  بولالماي تولىمۇ ئىزىلىپ كەتتى. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتتى. كېيىنچە ئاچامنىڭ ياخشى كۆرۈشكەن بىر يىگىتى بولىدىغان بولۇپ قايسىبىر ئىدارىدە شوپۇرلۇق قىلاتتى. ئانام دەل ئاشۇ يىگىت ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان ئىدارە باشلىقى بىلەن ئاشنا - ئاداش بولۇپ قىلىشىپتۇ. بىر كۈنى كىچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم، ئاچام مېنى ئويغۇتۇپ «ئۇياققا قارا» دەيدۇ. قارىسام ئاچامنىڭ يىگىتىنىڭ باشلىقى خورۇلداپ ئۇخلاپ كېتىپتۇ. ئانام بولسا ھېلىقى شوپۇر بالا بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ يۇمۇلاشقىلى تۇرۇپتۇ. ئاچام نېمە بولۇپ كەتتىكىن مەن جىنىمدا ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگىدەك بولدۇم. ئاچامنىڭمۇ باشقىلارغا تىنالمايدىغان دەرتلىرى كۈنسىرى ئاۋۇشقا باشلىدى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ھېلىقى شوپۇر بالا «ئاتا - ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشسەم بولاتتى. ئۆيىڭىزگە ئەلچى كىرگۈزسەم بولاتتى» دەپ ئاچام بىلەن تېزرەك توي قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپتۇ. ئاچام ئۇلارنى قانداقمۇ يۈز كۆرۈشتۈرەلىسۇن. بىچارە ئاچام  شۇ كۈنلەردە كېچە - كۈندۈز يىغلايتتى. ئۇ يىگىت بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچىمۇ بولدى - يۇ، مۇۋاپىق بانا تاپالمىدى. ئېھتىمال ئۇ يىگىت قوشۇلمىدى بولغاي، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاچام زەھەر يەپ ئۆلۈۋالدى. بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر غەمگۈزارىم، مۇڭداشچىم بولغان ئاچاممۇ يوق بولدى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ماڭا ئالەمچە قايغۇ، ئازاپ - ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى.  ئاچام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن دوپپامنى ئاتسام خۇدانىڭ زېمىنىغا چۈغىدۇ دەپ جاھاندىن بىزار بولۇپ ئۆزۈمنى تاشلاپ يۈرىيمەن. دادامنىڭ يېنىغا بارسام ئۆگەي ئانامنىڭ زۇلمى، ئانامنىڭ يېنىدا تۇرسام، ئانام مېنى قىلچە كۆزگە ئىلماي قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدۇ. كوچىدا ماڭسام كىشىلەر «ئەنە، خالىدەم جالاپنىڭ قىزى» دەپ مېنى شەرەتلىشىدۇ. تولۇقسىزنى پۈتتۈردۈم، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساممۇ دادامغا بىرەر پۇللۇق مەكتەپ بولسىمۇ ئوقۇياي دېدىم، مەقسىدىم بىرەر كۈن بولسىمۇ «جالاپنىڭ بالىسى» دېگەن نامدىن قۇتۇلسام دەيتتىم. لېكىن دادام قوشۇلمىدى. تولۇق ئوتتۇرىغا ئەكىرىپ بەردى. بۇنداق ئەھۋالدا كاللامغا دەرس چۈشەتتىمۇ. مەن بىلەن بىللە ئوقۇغانلار 3 - يىللىققا چىقتى. مەنچۇ 2 - يىللىقتىمۇ جايلاپ ئوقۇيالمىدىم، دەسلەپتە مەكتەپكە بارىمەن دەپ قويۇپ كىتابخانىلاردا كۈن ئۆتكۈزدۈم. ھازىر ھەممىگە ئايان، سىز كۆرگەندەك يۈرىۋېرىمەن. Zv-6H*zM6  
شۇنچە ئاچچىقلىنىپ كوچىدا ھاراق كۆتۈرۈپ يۈرگىدەك نېمىش بولغانتى تۈنۈگۈن؟ سورىدىم مەن. خاسىيەت  تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى ئېيتقاچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى: mWGT (`|~/  
شۇنچە ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتىمەن، ئەمدى بۇنى دېيىشتىن نومۇس قىلىمەن، بولدى سورىماڭ. Hv`Zc*  
نومۇس قىلغۇدەك شۇنچە ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىڭ. ئەمدى دېيەلمىگۈدەك قانچىلىك مۇھىم ئىشتۇ ئۇ؟ سېنىڭمۇ قىزلىقىڭ يوقالمىغاندۇ؟ Tl1?5  
نېمە؟ مېنى ئۇنداق قىلىدىغان بولسا ئۇنداق خوتۇننى ئۆلتۈرىۋېتىپ، ھەر بالا كۆرسەم مەيلىتىم. مېنى ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ. -#i%4[v  
ئاداش، ئۇنداق قورقۇنچلۇق گەپنى قىلمىساڭچۇ؟ ئۇنداق قىززىققانلىق قىلما - ھە. زادى قانداق ئىش بولغان ئىدى، ئېيتقىنە؟ ,>g 6OU2~6  
ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش ۋە ئاستا چىقاتتى. !l\pwfXP&%  
مېنىڭ يۈرگەن يىگىتىم ئەركىننى بىلىسىزغۇ دەيمەن؟  Bo0y"W[+  
ھەئە، ئۇنى بىلىمەن. ئەركىنگە نېمە بولدى؟ Z6*RIdD>  
بىز بىللە يۈرىۋاتقىلى ئىككى يىل بولغان. ئانامنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنىمۇ ئۇ تەپسىلى بىلەتتى. مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرەتتى، چۈشىنەتتى. بىز ناھايىتى بەختلىك ئىدۇق. مېنىڭ خىلى ھالىمغا يېتەتتى. بىراق ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ھاجىم بولغاچقا بىزنىڭ ئىشىمىزغا قېتىلمىدى. مېنىڭ ئاناممۇ ئۆزىچە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىز ھەقىقەتەن ئامالسىز ئىدۇق. ئەركىننىڭ ئاتا - ئانىسى باشقا يەردىن ئۆيلەپ قويماقچى بولۇشقانىكەن. ئەركىن قەتئىي ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى تۈنۈگۈن چۈشتە مېنى چاقىرتىپ ئىككىمىزنى دەرقەمدە تۇرغۇزۇپ بارلىق ئەھۋالنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى. گەپ ئارىلىقىدا مېنىڭ ئانامنى چىشلەپ تارتتى. تېخى «كىم بىلىدۇ، ئەركىن بىلەن ئىككىىڭلار دادا بىر ئانا باشقا ئاكا - ئۇكا چىقىپ قالامسىلەر بەلكىم» دېگەننىمۇ كۈچەپ ئېيتىپ قوشۇپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈردى. ئۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە ئەركىننىڭ كېلەر ئايدا تويى بولارمىش. مېنىڭ ئەمدى ھېچنەرسەم قالمايدۇ، قانداقمۇ قىلارمەن. نۇرئىمانگۈل چوڭلارنىڭ گۇناھىنىڭ سورىقىنى بىزلا تارتىپ ئۆتەمدۇق؟ wXZ-%,R -D  
ئۇنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى كىشىنىڭ باغرىنى تىنماي ئىزەتتى. مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بەردىم. ئۈمىدۋار بولۇشقا، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاشقا دەۋەت قىلدىم. بىر - بىرىمىز بىلەن خىلى ئۇزاق سىردىشىپ خوشلاشتۇق. + X ?jf. 4  
2002 - يىلى نويابىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى دوستۇم خاسىيەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىمدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان ئىدىم. دەرھال كېسەل كارىۋىتىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ مەھەللىسىگە بارسام خاسىيەتنىڭ جەسىتى سېلىنغان جىنازا يول بويىغا چىقىپ بوپتۇ. دۇنيادا بەلكىم بۇنىڭدەك غەمكىن ۋە يالغۇز، دەرتمەن جەسەت بولمىسا كېرەك. ئاھ، يۈرەك، ئاھ يۈرەك. ياقا يىرتىپ قان - زار يىغلىدىم. قەلبىمدە ياش تۇرۇپ ياشلىقىنىڭ بىرەر گۈلىنى پۇراشقىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان بىچارە دوستۇم خاسىيەتنىڭ سىماسى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. مۇسىبەت قايغۇسىدا يۈرگەن كۈنۈمنىڭ 3 - كۈنى بىرقانچە دوستلىرىم مېنى يوقلاپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ غەمكىنلىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىدى. مەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ساىاۋىتىنىڭ ئەڭ كاتتىسى  سەۋر - تاقەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا تەسەللى بەردىم. ئارىدىن بىرسى ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا: [Dt\E4  
ھەي نۇرئىمانگۈل، ئەسلىدە خاسىيەت ئۆلمىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئۇيقۇ دورىسى بىلەن خەت چىقىپتۇ. JBYQ7SsAS0  
خاسىيەتنى «كېچە سائەت 8 دە جان ئۈزدى» دەپ ئەتىسى ئەتىگەندە بامدات نامىزىدىلا يەرلىكىدە قويۇپ بوپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە مەن خاسىيەتنىڭ ئۆيىگە بارغانتىم. تەلىسىنى ① (تەلە ئوقۇش  مىيىتنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى تىلەپ ئايەت ئوقۇلىدىغان پائالىيەت.) ئوقۇشۇپ بەردىم. قارىسام ئۇنىڭ جەسىدىمۇ سوۋۇمىغانئىكەن. تېخى پۇت - قوللىرىمۇ قاتماپتىكەن. دوستلىرىم بەس - بەس بىلەن قايغۇ - ئەلەملىرىنى ئېيتىشىپ، زار - زار يىغلىشاتتى. F-R`'{ ka  
ئانىسىچۇ؟ ئانىسىمۇ بىلەمدۇ بۇ ئىشلارنى؟ #zQkQvAT9  
بىلمەي قالامدۇ؟ دەسلەپتە باش - ئاخىرىنى ئويلىمايلا يەرلىكىدە قويۇۋېتىپ، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە بولسا، «يەرلىكىنى ئاچىمىز» دەپ تۇرىۋالدى. لېكىن ھېچكىشى قويمىغان بولغاچقا، يىغلاپ ئولتۇرماقتىن باشقا نېمە ئامالى ئەمدى. NMDNls&)k  
ئىككىكۈندىن بېرى بەلكىم مۇزلاپ ئۆلۈپمۇ بولغاندۇ. دوستلىرىم بەس - بەس بىلەن چۇرۇقلىشىپ، ھەركىم ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەشمەكتە ئىدى. قەلبىم ئېغىر ئازاپ ئىلكىدە، ئەسلىدىمۇ يارىلانغان يۈرىگىمنى مانا ئەمدى يېڭى - يېڭى جاراھەتلەر تاتىلىماقتا ئىدى. «پەرزەنت مېھرىنىڭ ھامىسى، پەرزەنتلەرنىڭ نورلۇق قۇياشى» دەپ تەرىپلەنگەن «ئانا» تۈپەيلىدىن، ئانىنىڭ ئىشقىۋازلىقى تۈپەيلىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قىز ياشلىق باھارىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىماي تۇرۇپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يەنە نەچچە پەرزەنت مانا مۇشۇنداق ئاتا - ئانىلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن خانىۋەيران بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقاندۇ - ھە!...  [: k'VXL  
 ysa"f+/  
5. تەڭرىنىڭ كۆزى e}?t[aK4#  
a=J?[qrx  
مەن يەكەن ناھىيىسىدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن ھېلىقى بۇ زېمىن شۇنچىۋالا گۇناھى كەبىرلەرنى كۆتۈرۈپ، بەرداشلىق بېرىپ كەپتۇ، دەپ ئويلۇدۇم. چۈنكى بوۋام ماڭا «زېمىندا گۇناھى كەبىر ئېشىپ كەتسە زېمىن بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىلىدۇ» دەپ تەلىم بەرگەن. بىراق بىزنىڭ بۇ زېمىن يىرىلماي، بەرداشلىق بىلەن يەكەن خەلقىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. بەلكىم زېمىن ئۆزى ئۈستىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلاردىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى، تۆۋە قىلىپ ياخشى، توغرا يولغا مىڭىشنى كۈتىۋاتقاندۇ؟... كۈتە - كۈتە شۇ كۈتۈشلىرىمگە يارىشا نەۋرە ئاچام ئاينۇرمۇ گۇناھ يولىدىن قولىنى ئۈزۈپ ھىدايەت يولىغا قايتىپ كەلدى. يەنى يىزىمىزدا كىچىك بىر «ئۆي تائاملىرى ئاشخانىسى» ئاچتى. سودىسىمۇ يامان ئەمەس، مانا ئەمدى كۈنلەر ئاستا - ئاستا ئىزىغا چۈشمەكتە ئىدى. دەل شۇ چاغلار قاغىلار تۇيۇقسىز قاقىلدىغاندەك، قاپاقلار پىتۇيۇق تارتقاندەك، يۈرەك بىۋاقىت ئاغقاندەك دەھشەتلىك بىر خەۋەر «مارالبېشى، چوڭقۇرچاقتا يەر تەۋرەپتۇ، ئاپەت خىلى ئېغىر بوپتۇ»... قۇلاج مىڭەمنى يىگۈدەك دەھشىتى بىلەن جاراڭلىغان بۇ خەۋەر مېنى يەنە ھەسسىلەپ ئازاپ پاتقىقىغا پاتۇردى. ئاھ، بىچارە خەلق. بىچارە دېھقان، ئاجىز بالىلار... يۈرىكىمدىكى تەشۋىش كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى. ئاخىر مەن ئازراق بولسىمۇ ئاپەت رايونىدىكى دېھقان قىرىنداشلىرىمغا بولغان ساخاۋىتىمنى، كۆڭلۈمنى ئىپادىلەي دەپ ئويلاپ يىقىلغاننى تەپكەندەك ئاۋۇپ يىغىۋاتقان قارغىمۇ پەرۋا قىلماستىن چۇڭقۇرچاق يېزىسىغا  قاراپ يول ئالدىم. قولۇمدىكى ئېلىپ كەلگەن نەخ پۇل، نان ۋە ئۇن قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇش ئورنىغا تاپشۇرۇۋېتىپ تۇرۇشۇمغىلا تونۇش بىر ئاۋاز قۇلۇقۇمغا ئاڭلاندى. jmb\eOq+~V  
بۇ تونۇش ئاۋازلىق ئايالنىڭ بىراقلا 25 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئىئانە قىلىشى مېنى ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا تىكىلدۈردى. ئۇ ئايالنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى تونۇشتەكمۇ قىلاتتى. مەن بارلىق خىياللىرىمنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇنى ئەسلەشكە ئېسىمگە كەلتۈرۈشكە تىرىشاتتىم. ھە ئاخىرى ئېسىمگە كەلدى. H z6H,h  
ۋاي بۇ يەكەندىكى بەش ئىشرەتخانىنىڭ خەنزۇ خوجايىنى xxx نىڭ ئايالى بۇرابىغۇ. ]@f6O *&=  
ئاۋازىم ئۈنلۈكرەك چىقىپ كەتتىمىكىن دەپ ئەتراپقا ھودۇقۇپ قارىدىم. ھېچكىشى ماڭا قارىمىغاندەكمۇ قىلىدۇ. ھەي، مېنى كۆرگەنلا يەردە قوپاللىق قىلىپ  تىللىغان، ناھايىتى ھاكاۋۇر، ئىدىيىسى قاتمال بۇرابى دەل ئالدىمدىلا تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا  يا خەنزۇغا يا ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىغان 8 - 9 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالا تۇراتتى. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرى ئىلگىرى مەن كۆردەندىكىدىن ئسمان - زېمىن پەرقلىنەتتى. ئۇ ئۇچىسىغا تىپىك  ئۇيغۇرچە كىيىم كىيىۋالغانىدى. مەن يىراقتىن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپلا قالدىم. ئۇمۇ مېنى تونۇدى. بىز قىزغىن سالاملاشتۇق. lz*PNT{E  
ھۇي، مەن تېخى يەكەنگە بارماقچى، سىزنى ئىزدىمەكچى ئىدىم. ئەجەپ ئوبدان بولدى، بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق. يۈرىڭە پاراڭلىشايلى، دېدى ئۇ. ~ U1iB  
ۋاييەي، ئىلگىرى ئۆزلىرى بىلەن پاراڭلاشماق خۇيمۇ قىيىن ئىدىغۇ؟ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. =UV?Pi*M>  
ئادەمنى خىجىل قىلماڭ نۇرئىمانگۈل، دەيتتى ئۇ مىيىغىدا كۈلۈپ. بىز پاراڭلشقاچ كىتىۋاتاتتۇق، ئۇ توساتتىنلا: 0L1P'*LRU  
ھېلىقى چاغدا دوختۇرىانىدا ياتقاندا چىقىمىڭىزنى بىرسى تۆلىۋېتىپتىمىش - ھە؟ }}2 kA  
ھەئە، مەن شۇ كىشىنى ئىزدەپ يۈرۈيمەن. ھۇي سىز بۇ ئىشلارنى قانداق بىلىسىز؟ مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم. j@ "`!uPz  
ئۇ كىشى مەن بولىمەن، دېدى بۇرابى. x B?:G  
ماڭا نېمىشقا ياردەم قىلدىڭىز؟ سورىدىم مەن. ? vlGr5#  
چۈنكى سىزنى ئىككى قېتىم قاتتىق ئۇرغۇزۇۋەتكەن مەن ئىدىم. ئەينى چاغدا مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم. كېيىنكى قېتىم سىزنى ئۇرغىلى تۇرغاندا مەن ئۆزۈم ماشىنىدا بار ئىدىم. سىز شۇنچىلىك ئېغىر يارىلاندىڭىز. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن سىزنى ئۆلۈكمۇ ياكى تىرىكمۇ دەپ سۈرۈشتۈرسەم سوختۇرخانىدا ئىكەنسىز. دوختۇرخانىغا بارسام مېنى خۇش چىراي كۈتىۋالدىڭىز. بىشىڭىز قاتمۇ - قات تېڭىلغان، قول ۋە پۇتىڭىزغا قوشلاپ ئوكۇل ئىسىغلىق تۇرۇپمۇ مېنى ھەقىقەتقە قايتىشقا دالالەت قىلدىڭىز. مېنىڭمۇ يۈرىكىم تاش ئەمەستە. سىزنىڭ چىدام - غەيرىتىڭىز مېنى قايىل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ شۇنچىۋالا ئېغىر كېسەل بولۇشىڭىزغا مەن سەۋەپچى بولدۇمدە. شۇڭلاشقا دوختۇرخانا چىقىمىڭىزنى مەن... ZChY:I$<  
توختاڭ! ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدۈم مەن. .~8+s.y  
2002 - يىل 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئۇرۇلغان ئىدىم، ئەجەبا ئۇمۇ... :}-u`K*  
ياق، ياق ماڭا ئىشىنىڭ ئۇ مەن ئەمەس. مەن ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئۇ شەھىرىڭىزدىن ئايرىلىپ بولغان. ئۇ «سىزگە قول سىلىشىم مۇمكىن ئەمەس» دەپ جىددىي سۆزلەيتتى. SQ!lgm1bA  
ھازىر نەدە نېمىش قىلىۋاتىسىز؟ سورىدىم مەن. N|j. @K  
دېسەم ئىشەنەمسلىكىڭىز مۇمكىن. مەن ھازىر ئىلگىرىكى بۇرابى ئەمەس. مەن ئىلگىرى ھېلىقى خەنزۇ لوبەننىڭ كىچىك خوتۇنى (توقال) ئەمەسمىدىم. ئۇ ماڭا كارامەت ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشرەتخانىلىرى بولغاچقا ئېقىپ يۈرۈپ باشقۇراتتى. پۇل دېگەننى سۇدەك بۇزۇپ خەجلەيتتى. بىر قېتىم ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ئۆزۈم باشقۇرغان بەش ئىشرەتخانىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىنى ئالدىم. دۇكاندا پۇلغا يارايدىغانلىكى نەرسىلەرنى بىر كىچىدىلا ئىلىشىغىلا ساتتىم. ھەقىقەتكە قايتقۇسى بارلا قىزنى ئېلىپ شۇ كىچىدىلا سىزنىڭ ئۇ شەھىرىڭىزدىن يوقالدىم. بىر ئۈلپىتىم ئارقىلىق ئازراق تىرىكچىلىكنىڭ ئېپىنى بىلىۋالغانىدىم. كېيىنچە xxx ۋىلايەتتىن 500 مو يەر ئالدۇق. بىرىنچىيىلىلا كېۋەز تىرىپ يامان ئەمەس پايدا ئاپتىمىز. كېيىن لوبەن بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭغا تەۋە پۇللىرىنى بانكا ئارقىلىق يوللاپ بەردىم. ئۇ مېنى ئىزدىمەيدىغان مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىمايدىغان بولۇشتۇق. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنى ئۇنتۇپلا كەتتىم. ھازىر ھەرھالدا يامان ئەمەس ياشاۋاتىمىز. كۈنىمىزمۇ ياخشى. ئوغلۇمنى بىقىپ قاتارغا قوشساملا. [E^X=+Jnz  
ئوغلىڭىزنىڭ دادىسى ئاشۇ لوبەن شۇمۇ؟ ئەجىبا ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلمايدۇ دېيەلەمسىز؟ oL@ou{iQ  
مەن ئۇنىڭ توقىلى بولغاچقا بىزنىڭ توي خېتىمىزمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مېنىڭ پۇلۇممۇ، يۈز - ئابرويۇممۇ بار بولدى. نېمىدىن غەم قىلاتتىم. h=tu +pn  
ۋاھ، بەك ياخشى بوپتۇ. ئەمدى بۇ پۇللىرىڭىزنى قانداقمۇ خەجلەپ بولارسىز. L,Nr,QC-  
سۆزۈمگە ئۇلاپلا «چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ» دەپ ئۇلاپ قويدۇم. V[M#qZS  
ئۇ تەرىپىنىمۇ ئويلاپ قويدۇم. مەن كەلگۈسىدە شۇ پۇللىرىمنى ئوقۇشسىز قالغان قىزلارغا سەرپ قىلسام، مۇمكىن بولسا مەكتەپ سالسام دەيمەن. مېنىڭ ئوقۇغۇم بولسىمۇ ئائىلە شارائىتىمنىڭ ناچارلىقىدىن ئوقۇيالمىغانتىم. شۇڭلاشقا ھەرقانداق بىر قىزنى ئوقۇشسىز قالمىسىكەن دەيمەن. M;Rw]M  
ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل سۆيۈنۈش ۋە ئىچكى ھاياجان چىقىپ تۇراتتى. Ib\G{$r  
ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز. يارايسىز بۇرابى. ھەرھالدا يىگەن تايىقىم زايا كەتمەپتۇ. شۇ 15 قىزنىڭ ھەممىسى يىنىڭىزدا بارمۇ؟ GN9_ZlC  
10 نەپەر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ رايىغا ئاساسەن يەتكۈدەك پۇل بېرىپ قايتۇرىۋەتتىم. قالغانلىرى يېنىمدا بار. #[W[ |m  
نۇرئايچۇ؟ ئۇنى قايتۇرىۋەتتىڭىزمۇ ياكى يىنىڭىزدا بارمۇ؟ ئەركىنلىككە بەكلا ئىنتىلەتتى ئۇ بىچارە. @qDrTH]5  
بىردىنلا بۇرابىنىڭ چىرايى تۇمانلاشتى. «نۇرئاي» دىگىنى ئەسلى خەنزۇ قىز بولۇپ ئەسلى ئىسمى 小麦 شاڭخەيدە تۇغۇلغان. تۆت يىشىدا قارا جەمئىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈپ قىلىپ قولدىن - قولغا سىتىلىپ نۇرغۇن ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. 14 يىشىدا ئۇلارنىڭ قولىدىن قىچىپ چىقىپ يۇرتىمىزغا كېلىپ قالغان ھەم لوبەن تەرىپىدىن شۇ يولغا مەجبۇرلانغان قىز ئىكەن. قىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان، ئۇقىز بەكلا چىرايلىق بولغاچقا ئۇ يەردىكىلەر ئۇ قىزنى «نۇرئاي» دەپ چاقىرىشاتتىكەن. بۇرابىنىڭ «نۇرئاي قازا قىلدى» دېگەن سۆزى بىلەن تەڭ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.  +E~`H^  
قانداق قازا قىلدى؟ weV#%6=5\  
ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلىۋالدى. =.oWguzu  
شۇئان كۆز ئالدىمغا نۇرئاينىڭ ئاپئاق بەدەنلىرىگە ئويۇلغان قامچا، تاياقنىڭ ئىزلىرى، تاماكىنىڭ يىقىلغان كۆيۈك ئىزلىرى... «مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى بىرەر قاچا تاماقنىمۇ خاتىرجەم يەپ، بىرەر كېچە خاتىرجەم ئۇخلاپ باقمىدىم... ئەركىن ئازادە يول يۈرۈپ باقمىدىم، ئاچا، مەن ئاتا - ئانامدىن نەپرەتلىنىمەن...» دەپ يىغلاۋاتقان تۇرقى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى... D,j5k3< #  
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇرابىنىڭ ياقىسىغا قول سالدىم. FBAC9}V"  
سىز ئۇنى يەنە نەگە ساتتىڭىز؟ تولا يالغاننى توقۇماڭ، نۇرئاي ھەرگىز ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمايدۇ. ئۇ ماڭا چوقۇم ياخشى ياشاشقا ۋەدە بەرگەن، بۇ مۇمكىن ئەمەس. uW~ ,H}E  
ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمايتتىم. بۇرابىنىڭ يۈزىگە ئىككى كاچات سالدىم، ئەتراپىمغا باقماستىن سۆزلەپلا كېتىپتىمەن. !O6Is'%B  
كىلىڭە سىز بەك قالتىس بولۇپ كېتىپسىز. ئىلگىرىمۇ مېنى ئۇرغۇزۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان ئادەم سىز شۇ. يەنە مېنى ئالدايمەن دېگىچە ئۆلتۈرۈپلاۋىتىڭا. {l&2Kd*  
بۇرابىنىڭ يۈزۈمگە سالغان كاچىتىدىن كۆزۈمدىن ئوت چىقىپ كەتتى. ^(JHRH~=h  
سىزگە سەمىمى بولغانلىقىم مېنىڭ خاتالىقىمما؟ نۇرئىمانگۈل نېمانچە ھەددىڭىزدىن ئاشىسىز. ئىلگىرى سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرىۋالغۇچى مانا مەن. سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى ئۆلۈكتىن پەرقسىز مىيىپ قىلىۋېتىش ماڭا شۇنچىلىكلا ئىش ئىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىمغۇ. شۇنچە يىل ئىشرەتخانىغا خوجايىن بوپتىمەن. قايسى قىز پۇل ئۈچۈن قايسى قىز ھەۋەس ئۈچۈن بىر قاراپلا بىلەلەيمەن. مۇشۇ قولۇمدىكى پۇل بىلەنلا نۇرغۇن قىزلارنى ئازدۇرۇپ نى - نى ئىشلارنى قىلالايمەن. لېكىن قىلمىدىمغۇ. مانا مەن ھەق يولغا قايتتىمغۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ گەرچە ئىشرەتخانىدا ئىشلىگەن بولساممۇ، خەنزۇغا خوتۇن بولغان بولساممۇ مەندىكى ئىنسانى پەزىلەت ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس بولغان ۋىجدان يوقالغىنى يوق. مەن ئاجىبا ئاشۇ بىچارە قىزنى ساتارمەنما؟ مەن دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، كىچىك بالا يالغان سۆزلىمەيدۇ. ئوغلۇم ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار. ئۇ سۆزلىسۇن، بالام كېلە، نۇرئىمانگۈل ئاچاڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەرگىن. نۇرئاي ئاچاڭ بەرگەن كونۋرتنى بەرگىن. %`'z^W  
كىلىڭە يىگىت. نۇرئاي دېگەن ئاچىڭىز قانداق بولۇپ قازا قىلدى؟ سورىدىم مەن بۇرابىنىڭ ئوغلىدىن. &jZ|@K?  
بىز بىللە ئۆستەڭ بويىغا چىقتۇق. نۇرئاي ئاچام «مەنمۇ مۇشۇ سۇدەك ئېقىپ كەلگەن، جەسىدىممۇ شۇنداق ئېقىپ كەتسۇن» دېگەندەك قىلىۋىدى. مېنى ئەركىلىتىپ دېگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. كېيىن مەنمۇ تۇيمايلا قالدىم، ئۆزىنى سۇغا ئاتتى. بۇنى سىزگە قالدۇردى. |K;Txe_  
كونۋېرت ئۈستىگە «نۇرئىمانگۈل ئاچامغا تەگسۇن» دەپ يىزىقلىق ئىكەن. كونۋېرتنى ئاچسام ئىچىدىن بىر بەت خەت ۋە مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان كۆز مۇنچاق چىقتى. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى. p}DF$k%`  
ھۆرمەتلىك نۇرئىمانگۈل ئاچا، مەن سىزگە چوقۇم ياشاشقا ۋەدە بەرگەن ئىدىم. قاتتىق ئاغرىق ئازابى ماڭا بىر نەپەس ئارامچىلىق بەرمىدى. قاتمۇ - قات قىيىنچىلىقلارغا، ئازاپلارغا چىدىغان تېنىم كېسەلگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. بۇرابى ئاچام نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالاتقان بولسىمۇ كېسىلىم ئازراقمۇ ياخشىلانمىدى. ئەمدىمەن ھاياتتىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم. مېنى قارا جەمئىيەت كىشىلىرىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئاتا - ئانامدىن نەپرەتلىنىمەن. ماڭا بەرگەن سوۋغىڭىز ئۆزىڭىزگە قالسۇن، سىزنى سىغىنىپ: ]MLLr'6?  
نۇرئاي  (E}cA&{  
2002 - يىل 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى» 6a?$=y  
دەپ يېزىلغان ئىكەن. 5%+bWI{w  
ئۇ ساۋاتسىزتىغۇ. بۇ خەتنى كىم يازغان؟ گۇمانى نەزەردە سورىدىم مەن. {&E Z>r-  
ئۇ دېدى مەن يازدىم، دەپ جاۋاب بەردى بۇرابىنىڭ ئوغلى. شۇ ئىزىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم. كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلايتتى. شۇ چاغدىكى ئازابىمغا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيتتى. بۇرابى قولۇمدىكى خەتكە كۆز يۈگۈرتتى. $%%>n ^??  
مانا، بۇخەتنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتىمەن. مانىڭغا قاراڭ، بۇرابىنىڭ قولىدا نۇرئاينى داۋالاتقان دوختۇرخانىنىڭ ھېساۋات ھۆججىتى تۇراتتى. I,<54? vS  
رەھمەتلىك نۇرئاي كېچە - كۈندۈز ئىچىم ئېچىشىدۇ، دەپ بىردەم ئارام ئالمايتتى. بەلكىم شۇ تاياق زەربىسىنىڭ تەسىرى ب ولسا كېرەك. بۇرابى كۆزىگە ياش ئالدى. /D$+b9FR<  
سىزنىڭ ھازىرقى ئىپادىڭىزگە قاراپ ئىشەنگەن بولاي. ئىشەنچىم يەردە قالمىسىكەن دەيمەن. نۇرئاي ئۆلمىگەن ياكى ئۆلۈشىدە بۇنىڭدىن باشقا سەۋەبنىڭ بارلىقىنى بىلىپلا قالسام سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىمەن. ئاللامۇ سىزنى ھەرگىز بوش قويمايدۇ. سىز بۇنى ئوبدان بىلىسىز. 9X$#x90  
نېمە سىز يەنە ماڭا ئىشەنمەمسىز؟ سىزنىڭچە مەن شۇنچە ئەسكىما؟ بۇرابى ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالەتتە سۆزلەيتتى.  /1W7<']>xV  
بۇنى بىرنەرسە دەپ بولمايدۇ. بۇرابى، سىز ياخشى ئايال بولسىڭىز ئۇنداقتا مەن ئوسال ئايال ئوخشايمەن. بۇرابى مەن سىزگە قىلچە يامانلىق قىلمىغان ئىدىمغۇ؟ سىزنى ئەكسىچە ھەق يولغا دالالەت قىلغان ئىدىمغۇ؟ سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈمدۈم. لېكىن سىز قانداق قىلدىڭىز؟ ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلدىڭىز. تىل - دەشنام قىلدىڭىز. خۇددى ھايۋاننى باغلىغاندەك مېنى باغلىتىپ ئۇرغۇزدىڭىز. مېنى باغلىغان ھېلىقى چىنار دەرىخى ئىسىڭىزدىدۇ. پۈتۈن ئەزايىمنى قانغا مىلەپ، بېشىمنى يىرىۋەتتىڭىز. مېنى دەل چالا ئۆلۈك قىلغان دەل سىز. بۇرابى، بىراق مەن ھىلىغىچە سىزدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلاپ باقمىدىم. چۈنكى سىز مېنىڭ نەزىرىمدە بەك بىچارە قىز. گەرچە تاشقى قىياپىتىڭىز شۇنچىلىك ئېسىل ھەشەمەتلىك بولغىنى بىلەن ۋىجدانىڭىز ئالدىدا گۆردىكى ئۆلۈكتىن پەرقىڭىز يوق. چۈنكى سىز ھاراق ساتتىم دەپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ھايىنىغا ساتتىڭىز. ئۆز مىللەت، ئۆز قىرىنداشلىرىنى ساتقان سىزدەك ئايالغا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن. wz*A 
بولدى، بولدى قىلىڭ نۇرئىمانگۈل. مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بار. سەۋەبسىز ئىش يوق جاھاندا. g{W6a2  
بۇرابى سىز داۋاملىق «سەۋەبى بار» دېگەننى باھانە قىلىپ كېلىۋاتىسىز. دەل تۆت يىل بولدى. سىزنىڭ نېمە سەۋەپتىن خەنزۇ بىلەن ئۆي تۇتۇپ، ئىشرەتخانا خوجايىنى بولغىنىڭىز ھازىرغىچە ماڭا نامەلۇم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە «نۇرئاينى سېتىپ، سىزگە يالغان سۆزلىشىمنىڭمۇ سەۋەبى بار» دەيسىز، كاشكى. HCx%_9xlm  
نۇرئىمانگۈل، ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ. نۇرئاي ھەقىقەتەن قازا قىلدى، ماڭا ئىشىنىڭ. B3>Uba*-)}  
بۇرابى مەن سىزگە ئىشەنسەم بولاتتى، بىراق سىز ئىلگىرى مېنىڭ قىلغان ئەڭ چىرايلىق سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىغان ئىدىڭىزغۇ؟  سىزنى شەرىئەت ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلدۇرالمىغان ئىدىمغۇ؟ ئۇيغۇر تۇرۇپ شەرىئەت ھۆكۈمىنى تۇتمىغان ئايالنى نېمە دېگۈلۈك... =,d* {m~A  
نۇرئىمانگۈل توختاڭ. مەن سىزگە دەي. مەن سىزگە ئۆچمەنلىك قىلغان، چۈنكى سىز ئىسلام قىزى ئىكەنسىز. مەن ئىسلام شەرىئىتى، ھاجىم، قارىم دېگەنلەرگە چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ. بۇرابى ئۇياقتىن كەلگەن سانتانا ماركىلىق پىكاپتىن بىرنى توستى، قېنى چىقىڭ. مەن ھازىر سىزگە ھەممىنى دەپ بېرىمەن. ئۇستام يەكەنگە ھەيدەڭ، باشقا ئادەم ئالماڭ! 9Z0CF~Y5  
مەن سىزگە ھەممىنى دەپ بېرىمەن، تېخى مېنىڭ مۇشۇنداق يولدا مىڭىشىمدا سەۋەبچى بولغان ئادەمنى سىزگە كۆرسىتىمەن. ئەسلىدە بۇ ئىشنى سىزگە كېيىنچىرەك ئېيتماقچى ئىدىم. ئەمدى دېمىسەم بولمايدىغان يىرىگە يەتتى. ;o)=XEh8P  
`\ef0  
ئاحىرى بار
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 299
جۇغلانمىسى: 3262
شۆھرەت: 17 كىشىلىك
تىللا: 301 دانە
توردا: 91(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-09-20
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 21:12

ئادەمنىڭ ئەجەپمۇ ئىچىنى سىرىدىغان ئىشلاركەن بۇ....................................
دەرىجە: زېرەكشاھ

جەۋھەر: 0
يازما: 1656
جۇغلانمىسى: 1234
شۆھرەت: 224 كىشىلىك
تىللا: 1665 دانە
توردا: 217(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-03
ئاخىرقى: 2010-09-20
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 22:41

ئالامەت تېما
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 1
يازما: 36
جۇغلانمىسى: 13348
شۆھرەت: 11 كىشىلىك
تىللا: 37 دانە
توردا: 50(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-06
ئاخىرقى: 2010-09-20
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-17 02:21

كۆڭلۇم يىرىم بولىۋاتىدۇ
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 4
يازما: 2
جۇغلانمىسى: 111
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 2 دانە
توردا: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-17
ئاخىرقى: 2010-07-18
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-17 10:17

سىلەرگە يازغۇدەك تىما چىقمىدىمۇ؟،ئەدىبىياتىمىز مۇشۇنداق جالاپ ،پاسكىنا قاتارلىق سۆزلەر بىلەن تەسىرلىك بولۇپ قالدىما،بۇنىڭدىن باشقا تىمىلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمامدىكىن يا؟؟؟،تەسۋىرلىسەڭلار پاك مۇھەببەتنى تەسۋىرلەڭلار،ئۇنداق مەينەت كىشىلەر بىزنىڭ ھىسداشلىقىمىزنى قوزغاپ كىيىن جەمىيىتىمىز ئۇلارنى يەكلىمەيدىغان بولۇپ قالمىسۇن.
anka
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 52
جۇغلانمىسى: 2324
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 52 دانە
توردا: 102(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-12
ئاخىرقى: 2010-09-12
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-17 12:01

         ئۇلۇغ ئاللا  ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە  .ئىنساپ  بەرسۇن !!!!
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 94
جۇغلانمىسى: 2600
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
تىللا: 96 دانە
توردا: 74(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2010-09-16
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-19 10:12

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى sweetcoffeدە2010-07-17 10:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : aPm`^ q  
سىلەرگە يازغۇدەك تىما چىقمىدىمۇ؟،ئەدىبىياتىمىز مۇشۇنداق جالاپ ،پاسكىنا قاتارلىق سۆزلەر بىلەن تەسىرلىك بولۇپ قالدىما،بۇنىڭدىن باشقا تىمىلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمامدىكىن يا؟؟؟،تەسۋىرلىسەڭلار پاك مۇھەببەتنى تەسۋىرلەڭلار،ئۇنداق مەينەت كىشىلەر بىزنىڭ ھىسداشلىقىمىزنى قوزغاپ كىيىن جەمىيىتىمىز ئۇلارنى يەكلىمەيدىغان بولۇپ قالمىسۇن. 9 mmCp&~Z  
< c qbUL  
>JC  
{6_|/KE9_  
!AKg m'Nw  
سىز بۇ تېمىنى ياخشى ئوقۇمىدىڭىزمۇ قېرىندىشىم،ئازغان قىز - ئاياللىرىمىزنى توغرا تولغا باشلاش،ئۇلارغا توغرا نەسھەت قىلىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.پاك مۇھەببەتمۇ ئەلۋەتتە تەسۋىرلەشكە لايىق.لىكىن بىر مىللەتنىڭ توغرا يولغا مېڭىشنى تېخىمۇ بەك تەسۋىرلەشكە لايىق دەپ قارايمەن. ئازغان شۇ قىز ئاياللىرىمىز -بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى قېرىندىشىم.بىز ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىتى ئۈچۈن سۆزلىمىسەك،شۇلار ئۈچۈن باش قاتتۇرمىساق ،كەلگۈسىگە يۈز كىلەلمەي قالمايلى يەنە.شۇڭا بۇنداق ئىنكاسلارنى يازماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. خاتا گەپ قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرەرسىز.