boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:57:21

چىك ئا.....
توردىن تىلىفون ئالىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار باللا. بۇلتۇر مەن ئېپ باققان 1500گە سونىي تېلېفوندىن بىرنى. بىر قېتىم سۆزلىشەلىگەن بولسام نېمە دەي....
بىرلەشمىنىڭ كارتىسىنى قوللايدىكەن. كارتا بىجرىپ بولغۇچە 2-3كۈن تۇرۇپ قالدى. كارتىنى بىجىرىپ سالدىم. ئىقتىدارلىرىنى كۆرۈۋاتسام ئۆچۈپ قالدى، «توكى تۈگىگەن ئوخشايدۇ» دەپ بىر كېچە توكقا چېتىپ قويۇپ ئەتىگىنى ئاچسام «بىرنىمىنى بىرنىمە قىلىڭ» دېگەندەك ئۇچۇرلار چىققىلى تۇردى. شۇ بىرنىمىسىنى بىرنىمە قىپ بولغۇچە يەنە ئۆچتى(بولمىسا %80 ئەتراپىدا توكى بارتى). يەنە توكقا چاتتىم، ئىككى سائەتتىن كىيىن يەنە قوزغىتىپ، ئۇ يەر- بۇ يېرىنى كۆرۈۋاتسام يەنە . . .
ھازىر 4ئاي بولدى، تېلېفون رىمونتخانىسىنىڭ ICU سىدا جىددى قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ....

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:47:35

udun007 يوللىغان ۋاقتى2015-3-2 12:50 static/image/common/back.gif
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a220m.1000862.1000725.6.Mx8J37&id=40713341460&is_b=1&cat_id=2&q ...

http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a220m.1000862.1000725.81.d00NrE&id=41207474079&is_b=1&cat_id=2&q=&rn=03d8a7f867284e750ee6e62840ccc5be

3-ئادىرىستىكى ياخشىدەك قىلىدۇ. ماڭا يارىدى.
سىزگە خەيشىن يارىمىدىمۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:02:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-3 00:13

Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى2015-3-2 23:47 static/image/common/back.gif
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a220m.1000862.1000725.81.d00NrE&id=41207474079&is_b=1&cat_id= ...

مەن خەيشىن ماركىسىدىكى تىلىۋىزۇر مەھسۇلاتلارىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىدىم.


خەيشىن قايسى دۆلەتنىڭ ماركىسى؟


ساختا ماركىغا ئۇچراپ قىلىشتىن قورقىمەن.
بۇرۇن شارىپنىڭ نۇسخا ئالغۇلىرىنى 2 يىل ئىشلىتىپ باققان. چىدامچانلىقى يۇقىرى ئىدى.

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:07:37

مەن تاۋباۋدىن ئاندىروئىد تېلېۋىزوور ئېلىپ باققان ھازىرچىغۇ يامان ئەمەس چىقتى

BIMAR يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:20:58

gepnoz يوللىغان ۋاقتى2015-3-2 14:18 static/image/common/back.gif
قىممەت ، نورمال باھادىن 300 يۈەن قىممەتكەن

ئۇنچىۋالا ئەمەستۇ ؟ سىز قەيەردىكى نورمال باھانى كۆزدە تۇتقانسىز ؟

BIMAR يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:22:42

ھەي ، ماۋۇ يانفۇننى ئېلىپ بولغىچە باشقا ئاق چۈشۈپ كېتەمدۇ - نېمە ...{:136:}{:136:}{:136:}

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:31:03

كىم دەيدۇ تاۋبادىن تىلپۇن ئالماڭلاردەپ ! ماۋۇ تىلگىراف كارتامغا ، LG نىڭ قېپىنى ئالماشتۇرغان نىمكەش ئەمىرىكا نۇسخۇسىدىكى تىلپۇنىدىن بىر ئالغان400 سومغا :lol بىر GB ئىجراساقلىغۇچ،قوش يادرۇ،كۈچمە ،بىرلەشمە ،تىلگىرافنىڭ 4GB لىق كارتىلىرىنى تۇلۇق قۇللايدۇ{:220:} لىكىنزە كاساپەتنىڭ ئىكرانى شۇنداق سۈزۈككى ،نۇچچى رەسىمدىن بىرنى چىقىرىپ قۇيۇپ ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ كىتىمەن قاراپ.{:92:}ئەڭ نۇچىرى يېرى ۋاقتىنى ئۈرۈمچى ۋاقتىغا توغۇرلىغىلى بۇلىدۇ.{:114:}يېرىم يىل بولدى كۈتۈكتەك ئىشلەۋاتىدىغۇ نەچچە قېتىم قۇلۇمدىن چۈشۈپ كەتسىمۇ،،،،،،{:106:}

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:58:51

udun007 يوللىغان ۋاقتى2015-03-02 22:02:12 static/image/common/back.gif


مەن خەيشىن ماركىسىدىكى تىلىۋىزۇر مەھسۇلاتلارىنى ئان
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مېلى،يانفۇنمۇ ياسايدۇ جۇما…

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 23:00:36

BIMAR يوللىغان ۋاقتى2015-03-02 22:22:42 static/image/common/back.gif
ھەي ، ماۋۇ يانفۇننى ئېلىپ بولغىچە باشقا ئاق چۈشۈپ كېتە
ئاناڭ بازار، داداڭ بازار دەپتىكەن كونىلار، باش قاتۇرماي بازارغىلا بېرىڭە، ئەڭ ئاسىنى شۇ…

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 23:34:23

مېيزۇ ئويلۇشۇپ بىقىڭ ئاۋۇ سەنشىڭنىڭ ئورنىغا… قوش كارتىلىق يانفۇنلىرىمۇ بار باھاسى 799999 1200ئەتراپىدا بەك چىرايلىق سىپتا چىقىدۇ

aziz101 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 02:21:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aziz101 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-3 02:27

مىنىڭچە بۇلىدىكەن بىراق باھاسى سەل قىممەتكەن ھازىر بۇتىلفۇننى ئۇزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىن ئالسىڭىزمۇ 1000 يۇئەن ئەتىراپىدا ئالالايسىز توردىن ئالسىڭىزمۇ ئۇزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىن ئالسىڭىزمۇ پەنشىڭ چىقىدۇ ،مىنىڭچە ئۇزىڭىز   كۇرۇپ بېقىڭ note3 تۇرۇشلۇق جايدىنسامسوڭ

aziz101 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 02:28:46

نىمانداق خەتنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كەتكەندۇ تۇزتۇپ ئۇقاسىلە

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 08:30:18

ھاياتنى قەدىرلەپ چۇخەي ماركىلىقلاردىن يىراقراق تۇرۇڭ
سامساڭ تازا بولىدىغان تېلېفون،سونىي،ل ج ،نوكىيا،گوگىل نېكساس،قارا بۆلجۈرگەن…قاتارلىقلاردىن بىرىنى تاللاڭ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 08:32:14

توردىن ئېلىۋەرمەمسىز؟ مەن ئون يىل بولدى چوڭ كىچىك نەرسە ئېلىۋاتقىلى،تېخى ساختا نەرسە ئېلىپ باقمىدىم

BIMAR يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 10:56:45

مەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3 جى كارتىسىدا تورغا چىقىمەن. يەنە ئىشلىتىۋاتقىلى ئون يىلچە بولغان كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىمۇ بار . مەن ئىچكى ساقلىغۇچى 2جى، ئاساسى چاچتوتىسى 1.6ئەتىراپىدا،كامىراسى 8 مىليۇن پېكسىلدىن يۇقىرى بولغان ، ئېكران 4.8 ياكى 5 دىيۇملۇق ، ئۆزى ئىشەنچلىك قوش كارتىلىق يانغۇندىن بىرنى سېتىۋالسام بۇلاتتى. بولسا توردىن مۇشۇنداقراق تېلفۇندىن بىرنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار ... ئاۋۇ سامسۇڭنىڭ ئېكرانىنى سەل چوڭ كۆرۈپ قالدىم ...

BIMAR يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 10:59:57

پۇلى 1000 سوم ئەتىراپىدا ...

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 11:58:12

红米2S نى كۆرۈپ بېقىڭ

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 12:26:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErkinQush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-3 12:28

مەنمۇ بىر ئىشنى سورىۋالاي

مەن 12- ئايلاردا ئاپامغا بىر ئوكسىگىن ئىشلەش ماشنىسى ئېلىپ بەرگەن ئىدىم تاۋباۋدىن، ھازىر ئۇ نەرسىدىن مەسىلە چىقىپ قالدى. زاۋۇت تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشسام ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ ئەۋەتسەڭ شۇلار ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ دېدى،. مەن ئۇلارغا ئاپامغا ئوكسىگىن ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلار ئاۋۋال بىرنى ئەۋەتىپ بەرسە ئاندىن مەن قايتۇرۇپ ئئەۋەتىپ بېرىدىغىنىمنى دېسەم ئۇلار قۇشۇلغان.
زاۋۇت تەرەپتىكىلەر مېنىڭچەر خېلى سەمىمىيكەن.
لېكىن ما تاۋباۋدىكى ساتقۇچىبىلەن ئالاقىلاشسام ئۇلار ئۇنى بۇنى دەپ گەپ يورغىلىتىپ يۈرىيدۇ. تاۋباۋنىڭ申请售后, 投诉卖家دېگەنلىرى ئىشلىمەيدىكەن 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، مەن بۇلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمان قىلىپ قالدىم، ئۇنى قايتۇرۇپ ئەۋەتىپ بەرسەممۇ ئۇلارنىڭ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىشىگە ئىشەنمىدىم.

مۇشۇ خىل ئەھۋالدا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

بۇ خىل ئىشقا خىيالچىنىڭ خېلى ئېپى بارتى@hiyalqi

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 12:27:08

@hiyalqi

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 17:03:05

salambay يوللىغان ۋاقتى2015-3-3 00:58 static/image/common/back.gif
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مېلى،يانفۇنمۇ ياسايدۇ جۇما…

ئوتتورا تۈزلەڭلىك دىگىنى چوڭ قۇرۇقلۇق تەۋەلىكىدىما؟

تىيەنماۋدا دەسسىمۇ سۇنمايدىغان نىپىز ئىكرانى بار تىلىۋىزۇرلارنى تەشۋىق قىلىپ كۆرسەتكەن ۋىدىئۇلىرى بار ئىكەن.
قىززىقى; دەسسىسە سۇنمايدىغان ئىكران نەدە بار؟

يەنىلا ياپۇننىڭ شارىپ تىلىۋىزۇرلىرى قالتىسمىكىن دەپ قالدىم.
بەت: 1 [2] 3 4
: ماۋۇ تېلفۇننى ئالاي دېگەن ...