niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 00:29:00

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 00:06 static/image/common/back.gif
بىلگەجان قېرىندىشىم، ئىسمىڭىزنى يازغىنىڭىز توپتوغرا ...

بۇرۇن جېك بىر تونۇشتۇرغان.جېكنىڭ يازمىسىدىن بۇ قېرىندىشىمنىڭ  ئېسىللىكىنى بىلگەن ھەم ماتىماتىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان پەرنەنتلەرگە تونۇشتۇتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. بىلگەجاننىڭ يەنە بىر تەكىتلىگىنى تېخىمۇ ئېسىل ئىش دەپ قارىدىم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 00:33:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 00:38  

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 00:29 static/image/common/back.gif
بۇرۇن جېك بىر تونۇشتۇرغان.جېكنىڭ يازمىسىدىن بۇ قېرىن ...

شۇنداق، رەيھان ھەدەمنى ئىلگىرى جىك تونۇشتۇرغان ۋە جىك بىلوگىغا تەكلىپ قىلغان. مەن ئاساسلىقى مەندىن باشقىلارغا كۆپىنچە كىشىلەرگە نامەلۇم بولغان ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقىشنى ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ھازىر ئۇنى مەن ئۆزۈمنىڭ بىلوگى بولغان «بىلگە بىلوگى»غا تەكلىپ قىلدىم. بىز بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك «سوئال-جاۋاب» سەھپىسىگە تۇتۇش قىلدۇق، ھازىرغىچە ئۇ 5 سوئالىمغا جاۋاب بېرىپ بولدى. ئۇنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىس بولغاچقا بىر ئايدا بىرەر سوئالغا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ. ۋاقتى چىقسىلا جاۋاب يازىدىغانلىقىنى ئېيتقاچ يېڭى سوئاللارنى تەييارلاپ ئەۋەتكەچ تۇردۇم. بەزىدە تامىقىنى ئىسسىتقاچ ياكى قىزىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ دېگەندەك بىرەر 5 مېنۇت ۋاقىت تاپسا جاۋاب يازىدۇ، تولۇق يېزىپ بولمىسىمۇ يازغانلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. پات ئارىدا بۇ سۆھبەتلەرنى ئېلان قىلىمەن. رەيھان ھەدەم بىزگە ئۆگىتىپ قويالايدىغان ئىشلار بەكمۇ كۆپ.  :)

ئەڭ ياخشى يېرى، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىغا كىلىپ بىر مەزگىل ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئانا مەكتىپى چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى ئۇنى بۇ يىل يازدىن باشلاپ 6 ئايلىق زىيارەتچى پىروفىسور سۈپىتىدە تۇرۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھېچبولمىغاندا 3 ئاي شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا تۇرۇشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 00:44:12

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 00:33 static/image/common/back.gif
شۇنداق، رەيھان ھەدەمنى ئىلگىرى جىك تونۇشتۇرغان ۋە جى ...

ياخشى ئويلاپسىز قېرىندىشىىم. رەيھان بەكتۇ4 خانىمنىڭ ئانا مەكتىپىزدە تۇرۇشى ئىستۇدېنتلىرىمىزغا نىسبەتەن چوڭ ئىلھام بېرىدۇ.

Bilgar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 01:52:22

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 17:52 static/image/common/back.gif
بەكتۇر تورىنى مۇشۇ بەكتۇر خانىم قۇرغانمۇ ؟ www.bektur.com

بەكتۇر تورىنى 2010-يىلى بىر قانچەيلەن بىرلىكتە قۇرغان .  رەيھان بەكتۇر ھەدىمىزنىڭ بۇ توربەت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق ، مېنىڭمۇ ھەدىمىز بىلەن تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىم يوق . ئۇقۇشماسلىق بولمىغاي . بۇ سۇئاللار كۆپ سورالغاچقا بۇ يەردە ئىزاھلاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم .

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 09:17:15

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 21:57 static/image/common/back.gif
قاراڭ، مەن ئىسمىمنىڭ توغرا يېزىلىشىنى ئۆگىنىپ بولالم ...

شۇنداقمۇ؟

alafasy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:48:18

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 23:05 static/image/common/back.gif
ئۇمۇن باغۇ

راس دەيسىز:lol

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:36:44

بىزدىن چىققان   ياخشى ئىش .ياخشى ئادەملەر توغرىسىدا گەپلەرنى ئاڭلىسا ئادەمگە ئىلھام بولىدىكەن ،پەخىرلىنىپ قالىدىكەن كىشى..{:112:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 04:55:15

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 00:06 static/image/common/back.gif
بىلگەجان قېرىندىشىم، ئىسمىڭىزنى يازغىنىڭىز توپتوغرا ...

رەھمەت قېرىندىشىم! مۇمكىن بولسا شۇ 2009-يىللىق يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىنكاس شەكلىدە چاپلاپ قويالارسىزمۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:05:54

http://lab.uyghurdev.net/
http://imla.uyghurdev.net/
مۇشۇ تور بەتتىن خېلى جىق پايدىلىنىمەن مەن. بۇرۇن ئىملا لۇغەت ئىقتىدارى ئوچۇقتى، ھازىر تاقاپ قويۇپتۇ. بۇنڭ توردىلا تۇرۇپ ئىشلىتىدىغان گەپ، قاچىلاش ھاجەتسىز، خاتا دېگەن سۆزنى قىزىل سىزىپ چىقىرىپ بېرىدىكەن، خاتا سۆزنىڭ ئۈستىگە چەكسە شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان توغرا سۆزلەرنى چىقىرىپ بېرىدىكەن. پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى يېزىشتا بەك قولايلىق.

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:52:14

ئوكيان ئاتلاپ  مىھېرلەر تۇتاشتى. ئويلاپ باقسام ئۇيغۇرنىڭ قېرىنداش بولىشى ئۈچۈن بىر قارىندا يېتىشى شەرت ئەمەسكەن، پەقەت نەدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر زىغىردەك ئۇيغۇر روھى بولسىلا كۇپايىكەن.بىلمىنىڭ زاكىتنى كۆپلەپ بېرىۋاتىسىز قېرىندىشىم ،بىز پەقەت سىزگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنىلا بىلدۈرەلەيدىكەنمىز.
نامىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ لىكن ئۇتۇقلىرىنى تولۇق بىلمەيدىغان بىر ئالىمىمىزنىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدىمىزدا تېخىمۇ رۇشەنلەشتۈرىۋاتىسىز.بۇ يازمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنابىز.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 07:40:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 01:31  

(1) رەيھان ھەدەم بىلەن تونۇشۇش - ئوقۇش ۋە تەتقىقات ھاياتىمدىكى ماياك (داۋامى)

رەيھان ھەدەمنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى تاماملاش جەريانىدا قىلغان ياردەملىرى ناھايىتى كۆپ. بەزىدە ياشىنىپ قالغان پىروفىسورۇمدىن تېرىكىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇ ماڭا بىر پىروفىسورنىڭ قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلايدىغانلىقىنى زېرىكمەي-تېرىكمەي تەپسىلىي چۈشەندۈرەتتى. ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ھال ئېيتقىنىمدا ئۇ پىروفىسورۇمنى بىر قوساق ئەيىپلىشىپ بەرمەي ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىنتايىن تەلەپچان ۋە مۇنەۋۋەر بىر پىروفىسور ئىكەنلىكىنى، بۇنداق پىروفىسورلارنى ئۇچرىتىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ماڭا تەسەللىي بەرگەچ ئۇنىڭدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتەتتى. دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدىكى مۇھىم ئۆتكەللەرگە يۈزلەنگىنىمدە بولسا ئۇ مېنى قاتتىق ئىلھاملاندۇرۇپ بىردەمدە مەن قورققان ئىشنىڭ كىچىككىنە ئىشلىقىغا قايىل قىلاتتى ۋە ئىشەنچىمنى ئاشۇراتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشلار راستىنلا كىچىك ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى. ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇش بەزىدە كىشىگە ئۇچى يوق قاراڭغۇ تونىلدەك بىلىنىدۇ چۈنكى بىر قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتسىڭىز يەنە بىر ئىش سىزگە جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرغىنى تۇرغان. شۇنچە جاپالىق ئىشلەپ تەجىرىبە نەتىجىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغىنىدا، رەيھان ھەدەم گەرچە باشقا كەسىپتە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشكە ئامراق ئىدى چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم سۆزلەشسەم روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ "مەغلۇپ بولۇشنىڭ سېنىقىدىن ئۆتمىگەن ئادەم دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا لايىق كەلمەيدۇ، ئەگەر مەغلۇپ بولمىغان بولسىڭىز ھەيران قالاتتىم" دەيتتى ۋە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۋالسام ئىشلارنىڭ ئاسان بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ ماڭا يېڭىچە ئۈمىد بېغىشلايتتى. مەن ئۇنىڭدىن تەجىرىبىلىك دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

رەيھان ھەدەم كەسىپىي جەھەتلەردە مەن ھۆرمەتلەيدىغان بىر ياخشى يېتەكچىم بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان ئۇ تۇرمۇشۇمدا بىر ئىشەنچلىك دوستقا ئايلاندى. چەتئەللەردە بىر مەزگىل ياشاپ باققانلارغا مەلۇمكى، بىز يات بىر ئەلگە قەدەم باسقان دەسلەپكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە سېغىنىمىز. يۇرت، قېرىنداشلىقنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە تەبىئيلا ئەتراپىمىزدىن بىزگە ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى ئىزدەشكە باشلايمىز. بولۇپمۇ ھېيت-ئايەم كۈنلەردە يالغۇزلۇق تېخىمۇ بىلىنىدۇ. چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېغىر ئۆگىنىش بېسىمىغا قوشۇلۇپ كەلگەن يالغۇزلۇق خىلى زور روھىي بېسىم ئىلىپ كىلىدۇ. 2012-يىلى 8-ئايدا كەلگەن روزا ھېيىت مەن ئامېرىكىدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ خۇشال بىر ھېيت، دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. بۇ قېتىم مەن ئامېرىكىغا كىلىپ تونۇشقان يېقىن دوستلىرىم بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ئايداھو شىتاتىغا بارغان ئىدىم. رەيھان ھەدەم يۇتاھ شىتاتىدىن 2 سائەت ماشىنا ھەيدەپ ئائىلسىدىكىلەر بىلەن كەلدى. شۇنداق قىلىپ چوڭى نەۋرە كۆرگەنلەردىن تارتىپ كىچىكى ئەمدى تۇغۇلغان بوۋاقلارغىچە بولغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان  4-5 ئائىلە ئەزالىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر يەرگە جەم بولۇپ روزا ھېيتنى ناھايىتى خۇشال ئۆتكۈزدۇق.

بۇ مېنىڭ رەيھان ھەدەم ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن 2-قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشۈم بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇردۇق ۋە بۇ جەرياندا ئۇنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇ يەردە ئالدى بىلەن ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان بەكتۇر ئائىلىسىدىكىلەرنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمەن. دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ تولۇق ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بولۇپ، دادىسى گايىت ئاكا ئاقسۇدىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا ئىككى مۇنەۋۋەر قىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقان پىشقەدەملەر بىلەن ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزۈپ يات ئەلدە خۇددى ئائىلىمىزدىكىلەر جەم بولغاندەك ھېسسىياتتا بولدۇق. مەن رەيھان ھەدەمنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن تەپسىلىي ئەسرارلاشقاندىن كېين ئۇنىڭ ياپياش تۇرۇپ ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق تەتقىقات ئۇنىۋېرستېتىدا مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىنغان پىروفىسور بولۇپ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىدىكى بەزى مۇھىم سەۋەبلەرىنى تاپقان بولدۇم. قارىشىمچە، رەيھان ھەدەمنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىدا، ئۇنىڭ باشقا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇ ئېرىشكەن ياخشى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدا قىلچە شەك يوق. دوكتور رەيھان بەكتۇرنى ھەدەم دەپ چاقىرىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قائىدە بويىچە گايىت دادا ۋە ئامىنە ئاپا دەپ چاقىرىمەن. گايىت دادام بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ مول تارىخ بىلىمى ۋە كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھېكىمەتلىك كۆز قاراشلىرىدىن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قايىل بولدۇم. بۇنچىۋالا كۆپ تارىخنى بىلىدىغان ۋە ئېيتسا ھېكايىلىرى تۈگىمەيدىغان مويسىپىت بىلەن پاراڭلاشسىڭىز ھەرگىز زېرىكىپ قالمايدىكەنسىز. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ راۋان ئېنگىلىزتىلىدا ئامېرىكىلىقلار بىلەن سۆزلەشكىنىدە بولسا تاڭ قېتىپلا قالدىم. گايىت دادام 90-يىللاردىلا ئۆزلۈكىدىن ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگەن بولۇپ ئېنگىلىزچە كىتابلارنى بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان بىر ئىستىداتلىق تەرجىمان ئىكەن. مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ يېشىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ كۆز ئالدىمدا ئېنگىلىزتىلىنى شۇنچە راۋان سۆزلىگىنىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا بەكلا ھەيران قالدىم ۋە ئۇنىڭغا ئىچىمدە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.

ئۆزى شۇنچە يىللار بۇرۇن ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگەنگەن گايىت ئاكىنىڭ بىر قىزى جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرستېت بولغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەڭ داڭلىق فاكۇلتېتى بولغان ئېلىكتېر ئېنژىنىرلىقى فاكۇلتىتىدا ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇسنى ئوقۇپ، ئىلغار نەتىجىسى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسىدە ماگىستر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا، ئامېرىكىدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن كىلەمسېن ئۇنىۋېرستېتىدەك داڭلىق بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىدىكى مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش سىستىمىسى بويىچە تەكلىپ قىلىنغان تۇنجى ئۇيغۇر پىروفىسورغا ئايلىنىدۇ. يەنە بىر پەرزەنتى رەنا بەكتۇر بولسا بېيجىڭ سانائەت-تەبئىي پەنلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ ئاچىسى ئىشلەۋاتقان يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىئو-ئېنژىنىرلىقى كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان GE ساغلاملىق (GE Healthcare) شىركىتىدە خىزمەتكە چۈشتى ۋە يېقىندا دەرىجىسى ئۆسۈپ ئالىملىق سالاھىيەت بىلەن خىزمەت قىلماقتا. بەكتۇر دېگەن سۆز «بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بول» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ يىراقنى كۆرەر گايىت ئاكا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى، ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ فامىلىنى قوللانغان ئىكەن. رەيھان ھەدەم فامىلىسىگە يارىشا ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا كۈچلۈك ئىشەنگەن ۋە شۇ يولدا چىڭ تۇرغان. رەيھان ھەدەم ئىنتايىن تۈز كۆڭۈل ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ياسالمىلىقتىن پۈتۈنلەي خالىي سەمىمىىيلىكى، ئاددى-ساددا ۋە كىچىك پىئىللىقى تىزلا كىشىنى ئۆزىگە يېقىن ھېس قىلدۇرىدىكەن. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ تولىمۇ غەمسىز كۆرۈنىدىغان، كۈلۈپلا تۇرىدىغان چىرايى، ئاددىي ۋە قىزىقارلىق چاقچاقلىرىدىن ئۇنىڭ دوستانە مىجەزىگە بىردەمدىلا ئىچەكىشىپ قالىدىكەنسىز. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىكەن. بىز شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھېچبولمىسا ھەپتىدە بىر دېگۈدەك ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز. مەيلى كەسپىي جەھەتتىكى غەملىرىم بولسۇن ياكى تۇرمۇشتىكى تىلغا ئىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئىشلار بولسۇن، ئۇنىڭغا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىمەن چۈنكى ئۇ ھەر ۋاقىت ياخشى ئاماللارنى كۆرسىتىپ ئادەمنى غەمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. قولىدىن كەلسىلا سورىمىسىڭىزمۇ ياردىمىنى ئايىمايدۇ، ئەڭ بولمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم پاراڭلاشقاندا بىر قېتىم پۇخادىن چىققۇچە كۈلۈۋالىمەن. مەن ھەممە ئادەمنىڭ مۇشۇنداق كىشىلەردىن دوستىلىرى بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئەسكەرتىش: ئۈستىدىكى رەسىم دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ يېقىنقى ئەسىرى.
داۋامى بار....

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:54:13

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 11:05 static/image/common/back.gif
http://lab.uyghurdev.net/
http://imla.uyghurdev.net/
مۇشۇ تور بەتتىن خېلى جىق پ ...

مەيلى سىز تەۋسىيە قىلغان تور دىتالى بولسۇن، مەيلى مەن بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان يۇلغۇ ئىملا تەكشۈرۈش دىتالى بولسۇن، نۇرغۇن كەمچىلىكلىرى بار ئىكەن. مېنىڭ يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىگە ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى. بۇلارنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سىتۇدېنىت دېگەن سۆز ھازىر ئىستۇدېنت دەپ يېزىلىدىكەن. يەنە بىر مۇنچە تۈزىتىشلەر كىرگۈزگەنلىكىنى بايقىدىم. مېنىڭ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتنىڭ نەق ئۆزىنى كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى. سىز ياكى بىرەرسى ياردەم قىلالىغان بولسا بەكمۇ مەمنۇن بولار ئىدىم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 11:30:30

سالام بىلگەجان!
ئىملا لۇغەت كىتابىنىڭ ھۆججىتى بار. djvu فورماتىدا، شۇنى ئەۋەتىپ بېرەي.

koxtag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:59:41

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 21:57 static/image/common/back.gif
قاراڭ، مەن ئىسمىمنىڭ توغرا يېزىلىشىنى ئۆگىنىپ بولالم ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت! قانداق ئەھۋالىڭىز؟
گەرچە مەن نەقىل ئالغان بۇ ئىنكاس بىلەن مېنىڭ بىۋاستە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىم بولمىسىمۇ، يەنىلا مۇشۇ نەقىل مۇناسىۋىتى بىلەن سىزگە ئىككى ئىلىك ئىلتىماس سۇنغۇم كەلدى.
مەن ئىزدىنىشقا ئەزا بولغىلى تېخى نەچچە كۈنلا بولدى. كىرىپلا سىز يوللىغان خىلى كۆپ تېمىلارنى زىيارەت قىلدىم، ھەقىقەتەن بىزگە تولا مەنپەئەتلىك تېمىلارنى يوللاۋېتىپسىز. نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپسىز، بۇ تەرەپلەردىن تولا تەسىرلەندىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك، يولىڭىز داغدام بولغۇسى، ئىنشائاللاھ...
مەقسەتكە كەلسەم، ئالىپ ناملىق توردىشىمىز سىزگە كىچىككىنە بىر تەكلىپ بەرگەنىكەن، ئەسلىدە بۇ تەكلىپ سىز ئۆڭۈپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەسكەنتۇق، مەنچە. ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ تورداشلار ۋە باشقا ھەۋەسكارلىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكى ئوبرازىڭىزغا يات ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇپسىز. ئويلاپ قالدىم، سىز دېگەن بىر خەلقئارا سەھنىلەرگە قەدەم قويغان بىر دوكتۇر. ئالىپ ناملىق توردىشىمىز يازغان تەكلىپكە بۇ قەدەر قاتتىق جاۋاپ قايتۇرۇشىڭىز زۆرۈرىيىتى بارمۇ ئەسىلىدە؟! مەن دۇنيادا ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنىڭ رەنجىشىنى راۋا كۆرمەيدىغان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئالىپقا قايتۇرغان جاۋابىڭىزدىن بىر ئاز ھەيران قالدىم. تەرجىمىھالىڭىزدىن بىلدىمكى، ھازىرغىچە ھاياتلىق سەپىرىڭىز تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋام ئېتىپتۇ، مەن ئويلايمەن، بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتى، ئاندىن قالسا شۇ كىشىنىڭ زور تېرىشچانلىقى، ئاندىن قالسا ئەتراپتىكى ئاتا-ئانا، ئەل-جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئەلۋەتتە ئالىپ توردىشىمىزمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پارچىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم سىزنىڭ ئۇتۇقلىڭىرىڭىزدىن تەڭ خۇش بولۇپ ئۆتكەن بولۇشى تەبىئىي. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىككىنە بىر ئىشلاردا ئۆز ئارا يول قويۇشۇپ، قوبۇل قىلغۇدەك تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا قوبۇل قىلىپ، بولمىسا چىرايلىقچە جاۋاپ قايتۇرساق ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئەمما بۇ يەردە دىن نۇقتىسىدىن ياكى تىل نۇقتىسىدىن سىزنىڭ يازغىنىڭىز ياكى ئالىپنىڭ تەكلىپ بەرگىنىنىڭ قايسىسى توغرا دېگەن مەسىلىگە چۆكمەيمەن. ئەمما ھېچكىشىنىڭ كۆڭۈل ئازارى تارتىپ قالماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر - بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلىساق، ھېسسىياتىنى قەدىرلىسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:31:48

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 14:28 static/image/common/back.gif
«نوچى» دېگەن گەپنى ئىشلىتىپسىزدە  ھەممىمىز ئىشلىتىپ  ...

سىز ھېلقى مەستۇرە بۇلامسىز  ؟

ھەمشىرلەرنىڭ ئاپتۇرى ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:39:01

باشقۇرغۇچىلاردىن ئىنكاس تازلاشنى تەلەپ قىلمەن .... ئاشقا چىۋىن چۈشۈپتۇ ... ئالىمىمزنىڭ ئىش ئىزلىرنى ئۇقۇۋاتسام پۇتلىۋاتىدۇ !

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 18:15:17

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 20:23:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 20:26  

koxtag يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 15:59 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت! قانداق ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سالىمىڭىزغا رەھمەت. سىز يېڭى تورداش ئىكەنسىز، شۇڭا ئەھۋالنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. ئالىف توردىشىمىز ئىلگىرىمۇ ئىسمىمغا كۆپ قېتىم تۈزىتىش بەرگەن ئىدى. ئالىف توردىشىمىز ئالدىنقى قېتىملاردا تەكلىپ بەرگەندە چىرايلىقچە قوبۇل قىلدىم، ئەمما ھەر بىر تېمامغا كىرىپ بىر مۇنچە ۋقىت چىقىرىپ يازغان ماقالەمگە ھېچقانداق پىكىر بەرمەي، مېنىڭ ئىسمىمنى توغرىلايمەن دەپ ئۈندەش بەلگىسى بىلەن گەپ قىلىشى مېنى سەل بىزار قىلىپ قويدى ۋە كۆڭلۈمگە كەلدى. ئۇستازلىرىم ئۈندەش بەلگىلىك گەپ قىلسا كۆتۈرىمەن، تەكلىپ بەرگۈچىلەر تەكلىپنى چىرايلىق بەرمىسە خۇددى ئۆز ئىسمىنى يازالمايدىغان بىرسىكەن ماۋۇ دېگەندەك تۇيغۇ بېرىپ كىشىگە ھاقارەتتەك بىلىنىدىكەن. نۇرمەمەت دېگەنمۇ ئەمەلىيەتتە خاتا ئەمەسكەن، شۇڭا بۇندىن كېيىن بۇ توردىشىمىزنى باشقا ئىشلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلسۇن دەپ مەيدانىمنى دەپ قويدۇم. باشقىلارنى ھاقارەتلىگىنىم يوق. شۇڭا بەك نازۇكلىشىپ كەتمەي، ئەھۋالنى توغرا بىلىۋالسىڭىز. توردا بىر مەزگىل تۇرسىڭىز بەزى ئىشلارنى ئوبدانراق چۈشىنىپ قالىسىز... تەكلىپىڭىزگە رەھمەت.

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 22:00:57

ئەسسالامۇ
ئەلەيكۇم بىلگەجان، ئىملا مەسىلىسى، شۇنىڭدەك
ئىملا قائىدىسى توغرىسىدا ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئىملا تەكشۈرگۈچىسىدىن پايدىلىنىپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.بىلمدان ژۇرنىلىنىڭ ئىملاسىنى شۇنىڭدا توغرىلىساڭلارمۇ كۆپ قۇلاي بولىدۇ.ئالىم ئەھەت بىلوگىنى زىيارەت قىلىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرۈپ باققايسىز.قىلىۋاتقان ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ ئەجرى بولغاي!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 22:43:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 22:45  

anur77 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 22:00 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ
ئەلەيكۇم بىلگەجان، ئىملا مەسىلىسى، شۇنىڭدە ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بىز شۇنداق قىلدۇق. ئەمما ئۇ ئىملا تەكشۈرگۈچمۇ مۇكەممەل ئەمەسكەن، بەزىدە ئېنىقلا خاتا تەكلىپلەرنى بېرىدىكەن ۋە توغرا يېزىلغانلىقىنى 100% بىلىدىغان ئەھۋالدىمۇ خاتا دەپ چىقىرىپ قويىدىكەن. مەن ماقالىلىرىمدە ئىمكانقەدەر ئىملاغا دېققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن، بىلىمدان بۇنىڭغا تېخىمۇ كۈچەيدۇ. تۇنجى سانىدا بىز تۆت كىشى ھەم ماقالە تەييارلاپ ھەم ژۇرنالنىڭ پۈتكۈل تەھرىرلىكى ۋە فورماتلاش ئىشلىرىنى ئۆزىمىز قىلىشىمىزغا توغرا كەلگەچكە بىر قىسىم تورداشلار ئويلاپ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىشقا توغرا كەلدى، نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇق ۋە بەزى كەمچىلىكلەر ساقلاندى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تەھرىرلەش، بەت ياساش ئىشلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم تەكلىپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز، كېيىنچە بۇ مەسىلىلەر تۈگەيدۇ. بىز كەمچىلىكلەرنى بىلىمىز، قانداق قىلساق ئىنتايىن ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز، پەقەت شۇنداق قىلىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت بارمۇ-يوق دېگەن مەسىلە بار. بىز ئۆز خىزمەتلىرىمىز، ئائىلىمىز ۋە باشقا ئىشلاردىن قانچىلىك ۋاقىت ئېشىنالايمىز ۋە قانچىلىك ۋاقتىمىزنى بۇ ئىشقا سەرپ قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە ھېلىھەم ئويلىنىش باسقۇچىدا. پۈتۈنلەي خالىسانە، ھېچقانداق پايدا كۆزلىمەي قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىمىزدا بىز تورداشلارنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج. ياخشى تەكلىپلەرنى ئەلۋەتتە ئاڭلاشنى خالايمىز، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭمۇ بىلىمدانغا نۇرغۇن يېڭى تەكلىپلىرىمىز بار ۋە باشقىلارنىڭ تەكلىپلىرىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن ئەھۋالدا قايسىلىرىنى ئورۇنداپ بولۇش بىر رېئال مەسىلە. قىسقىسى، مەن شەخسەن كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا تەلەپنى بەك يۇقىرى قويۇۋىلىش پىسخىكىسى بارلىقىنى دائىم ھېس قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، بىز كۆپرەك مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشكە مۇھتاج، دەپ قارايمەن.
بەت: 1 [2] 3
: ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پىروفىسور-رەيھان بەكتۇر