ماۋۇ تىمدا ئىككى شەۋقى پەيدا بۇلۇپ قالدىغۇ ئەمدى،تۇلوقسىزدا ئوقۋاتقىنىمىزدا رەھمەتلىك ئەدبىيات ئوقۇتقۇچمىز،شئېر توغرىسدا بىرىنجى سائەتلىك دەرىستە،قۇتلۇق شەۋقىي نىڭ مۇنۇ قۇشاقلىرنى يازدۇرغىنى ئىسىمدە.(قوشاق دەپ ئالدىم)
بىر قىلىچ بەرسە خۇدا كەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرىسام،
ئۈززە خەلىقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن زەنجىرىنى.
گەر خاراپكەن ئەل -ۋەتەن ،كاللامنى ئۈزسۇن ئۇقىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۈزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى. dadash يوللىغان ۋاقتى2015-2-14 18:34 static/image/common/back.gif
دولقون روزى ، يالقۇن روزىلارنىڭ دىربىلىرىنى كۆرۈپكال ...
ئىككى روزى تارىخچى ئەمەس.:lol :lol :lol تۆھمەت دىسە تېخى نىمە گەپتۇ دەپتىمەن .....
ماقالا ئاپتۇرىغا تەكلىپ قىلىدىغىنىم ئۈتۈپ كەتكەن ئىشلارغا قارىتا :
بۇنىڭغا ھىچقانداق پاكىت يوق ، دىگەن گەپنى ئالدىراپ ئوتتۇرىغا قويغىلى بۇلىدىغان گەپ ئەمەس ، بۇنى پەقەت مەن شۇنداق پاكىتنى كۆرمىدىم دەپ ئېلىشقىلا بۇلىدۇ....
نوقتىنەزەرنى ئىسپاتلىغۇچى ئۆزى پاكىت كۆرسەتسە ، شۇ بۇيىچە ئۆزىنىڭ نوقتىنەزىرىنى ئىسپاتلىسا بۇلىدۇ ، ئۆزىنىڭ شۇ ئىسپاتنى كۆرمىگىنى باشقىلارنىڭ ياكى كۆپچىلىكنىڭ نوقتىنەزىرىنى ئاغدۇرۇشتىكى ئىسپات بۇلالمايدۇ .... pis-pas يوللىغان ۋاقتى2015-2-14 14:02 static/image/common/back.gif
لوپنۇرى ئەپەندىم، بۇ ھەركەت ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان ب ...
بۇ ئۇلۇغ ئادەمنىڭ ئىسمى ئىسمائىل گاسپىرىسكي ئەمەسئىسمائىل غاسپىرالىي . بۇ روزاننننىڭبالىلىرى ئەجەپ يامان كېلەمدۇ-نېمە؟ «تۆھمەت» دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغان گەپمىكىن؟!
ھەي توۋا! ئىلمىي ماقالە بوپتۇ مۇشۇمۇ؟!! ئۈنداردا كۆرۈپ كىلىپ مۇنبەرنى ئاچسام مۇنبەرگىمۇ چاچراپ بوپتۇ.
ماقالە ئاپتۇرى ئالدى بىلەن تېمىدىلا كەتكۈزۈپ قويۇپتۇ. ئاندىن دەلىللىرىمۇ يېتەرسىز ئىكەن. ئاۋۇ ئاستىدىكى ئىستاتا مەنبەلىرىمۇ پىكىرنىقۇۋۋەتلەش ئۈچۈن دېگەندەك ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالماپتۇ.پىكىرلىرىدىمۇ يوچۇق جىق… ماقالە ناھايتى ئوبدان يىزىلىپتۇ. بىرىنچى ئىنكاستا ماقالىغا تەتۈر مۇقام توۋلاپ قويسا ئاخىرغىچە تەنقىد دىگەننى ياغدۇرۋىتىدىكەنسىلەر... ئاشۇلارنى قۇتلۇق شەۋقى قىلغان دىگۈچىلەر بولسائىسپاتلارنى ئوتتۇرغا قويسا بولىدىغۇ. tashadem يوللىغان ۋاقتى2015-2-15 09:47 static/image/common/back.gif
بۇ ئۇلۇغ ئادەمنىڭ ئىسمى ئىسمائىل گاسپىرىسكي ئەمەسئى ...
بۇ ئېھتىمال روسچە ئاتىلىشى بىلەن ئەرەپچە ئاتىلىشنىڭ پەرقى بولۇشى مۈمكىن .
ئىسمايىل گاسپرىنسكى(Ismail Gasprinski) ، ئىسمايىل گاسپىرئالى (Ismail Gaspirali)
ھەممىسى توغرا
http://ismailgaspirali.org/ تىما يازغۇچىسى ساراڭلارغا پىسەنىت قىلماڭ .
ئۇيغۇرلاردا يىڭىچە مائارىپ قايسى يۇرتتا باشلانسا مەيلىغۇ ،بۇنىڭغىمۇ تالىشىش كېرەكما بەزەنلەر .يۇرتۋازلىقدەبۇ ،ئۇيات ،ئۇيات .
« ئۇيغۇرلاردا يىڭىچە مائارىپ 1882-يىللىرى ھازىرقى خوتەن شەھرى لاسكۇي بازىرى كۆللەك كەنتىدە باشلىنىپ ،مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنەچچەكۈن ئوقۇمايلا پاجىئەلىك باستۇرۇلغان . گەرچە ئۇمەكتەپ نەچچەكۈنلا ياشىغان بولسىمۇ زور تەسىر قوزغىغانكەن .»مۇشۇ مەزمۇن بار ژورنالنى تاپالمىدىم ،تاپسام سىكانىرلاپ يوللايمان .
بەت:
1
[2]