GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 07:16:25

ئاھ خۇدا، ھې باللا كۈلىۋەمەي ماڭا بىر ئادەم تېپىپ بەرسەڭلا بوممامدا:dizzy:

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 08:27:47

torqicom يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 17:01 static/image/common/back.gif
مەن بىر ئۇلىنىش بىتى يازدۇراي دىگەن  بىردىغان پۇلۇم 1000  ...

http://uycom.uzdil.com/?ug-p-d-69.html

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 08:27:56

:lol

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 09:14:07

شىركىتىمىز يېڭى تۈرلەرنىڭ ئىھتىياجى سەۋەبلىك بىر نەپەر CS پروگراممىرى قوبۇل قىلىدۇ

مۇلازىمىتېر - ئابونت شەكلىدە پىروگرامما ئاچقۇچى دىمەكچىمۇ ، يۇمشاق دېتال ئېچېش تىلىغا نىسبەتەن تەلەپ بارمۇ ؟ ساندانغا نىسبەتەنچۇ ؟  قاتلامغا نىسبەتەنچۇ ؟

ئۇنىڭدىن باشقا تەرەققىياتقا ئەگىشىپ مەن بىلىدىغان كۆپىنچە بالىلار  B/S结构(Browser/Server结构 مۇھىتىغا ئۈتۈپ كەتتى ، مۇشۇنداق يۇمشاق دىتال ئاچقۇچىلار بولسىمۇ بۇلامدۇ ؟
يۇقارقىلارنى سورىشىمدا ھەر بىر پىروگراممېرنىڭ ئۈزى پىششىق بولغان ئېچېش تىلى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولماسلىقى تەبىئى ئەھۋال ، بارلىق ئېچېش مۇھىتلىرى ۋە تىللىرىغا پىششىق بولغان يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك ، شۇڭا مۇمكىن بولسا تېخىمۇ تەپسىلىرەك ئۇچۇر بەرسىڭىز ، مۇۋاپىق ئادەم تېپېشقا سىزگىمۇ ئاسان ، ئىش ئىزدىگۈچىگىمۇ قۇلاي بۇلاتتى ،
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر نەرسىنى قىستۇرۇپ قۇياي ،  شىركىتىڭىزلار ياساپ تارقاتقان زىلبىلىگ ھاۋارايى يۇمشاق دېتالى مۇقىم ئەمەس ، بىر قىسىم يانفونلاردا قوزغاتقاندىن كىيىن قوزغىلىپلا چىكىنىپ كىتىدىغان ئەھۋال بىر قەدەر ئېغېركەن (تېرىق 3 ، تېرېق 4 ، كولپەد نىڭ بىر قىسىم تېلېفونلىرىغا سىناپ قاچىلاپ باققاندىكى ئەھۋال ) ، مەن ئۈزەم ئىشلىتىدىغان سامسۇڭ تېلېفونىدىمۇ ھەر قېتېم قوزغاتسام يىڭىلامسىز دەپ سورايدۇ ، ھەئە دىسەملا چىكىنىپ كىتىدۇ ، مەن تېلېفوننىڭ ئۈزىنىڭ سېستىمىسىدن گۇمانلىنىپ سېستىمىنى قايتا يېزېپ سىنىساممۇ يەنىلا ئوخشاش ، رەھمەت .

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 09:15:44

يەنە بىر نەرسە ، مۇمكىن بولسا زىلبىلىگ ھاۋارايى يۇمشاق دېتالىغا ئىكران قىستۇرمىسى ئىقتىدارى قېتېۋەتكەن بولساڭلار تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن ، يىڭى نەشىرىدە بارمۇ يوق بىلمىدىم .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 09:28:06

بۇنداق يېزىشىمدا تەلەپ بەك تار دائىرىلىك بوپ قاممىسۇن دېمەكچى، خالىغان بىر تىلنى پىششىق ئىگەللىگەن پروگراممىر باشقا تىل ياكى ئېچىش مۇھىتلىرىغا ناھايتى تىزلا كۆنۈپ كېتىدۇ. ساندان مەشخۇلاتى، پروگرامما يېزىش قوراللىرىنى ئىشلىتىش مەشخۇلاتى دېگەنلەر پروگراممىرغا قويۇلىدىغان ئەقەللى تەلەپ، بۇنى قىلالمىسا پروگراممىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، شۇڭا ئۇنى تىلغا ئالمىدىم.

ھاۋا رايى ئەپ دېتالىنى بىز ئۆزىمىزدە بار تېلېفونلاردا تولۇق سىناپ مەسىلە بولمىغاندا ئېلان قىلغان، يەنە بىر قىسىم تېلېفونلاردا مەسىلە بارلىقىنى ئۇقماپتۇق. كېيىنكى نەشىرلىرىدە بۇ مەسىلىلەر تۈگىتىلىدۇ. قىستۇرما قوشۇش ئىشىنىمۇ بىز ئويلاشقان، قىلىۋاتقان ئىشىمىز سەل جىق بولغاچ يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمىز، ئۇزۇن قالماي بۇمۇ ھەل بولىدۇ.
تەكلىپىڭىزگە رەھمەت:handshake

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 09:32:40

يەنە بىرسى، تەرەققىياتقا ئەگىشىپ BS كە ئۆتۈپ كەتتى دەپ ئېيتقىلىمۇ بوممايدۇ. ھەتتاكى BS بارا بارا ئاساسى ئېقىمدىن چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئالقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايتىمۇ تىز بولىۋاتىدۇ.
مەيلى CS بولسۇن مەيلى BS بولسۇن بۇ پەقەت ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىھتىياجى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئازراقلا پەرق. پروگرامما قۇرۇلمىسى، لوگىكىسى يەنىلا ئوخشاش.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 09:59:35

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 21:30 static/image/common/back.gif
vba بىلىدىغان ئادەمنى ھېچكىم ئالمايدىغان ئوخشايدۇ، بول ...

ئۇ پىروگرامما تىلى پەقەت مەكتەپتە ئىمتىھاندىن ئۆتۈش، كىنىشكە ئېلىشقىلا ئەز قاتىدۇ. شىركەتلەرگە، جۈملىدىن ئەمەلىي تېخنىكا ئورۇنلىرىغا ئۇنداق پاخپاق پىروگرامما تىللىرى(80-90-يىللاردىكى ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ) ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ بېرەلىشى بەك تۆۋەن.

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 10:07:57

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 18:29 static/image/common/back.gif
ئىش قىلدۇرىدىغانلارنىڭ ئەلپازى مۇشۇ تۇرسا ئاينا

سىزنىڭچە 2000يۈئەن ئادەتتىكى بىر ئۇلىنىش بىتى يېزىش ئۈچۈن بەك تۈۋەن باھاما ؟

ئەمما كىچىنىڭ ياقى نەچچە ئۇچۇر كەپتۇ ماڭا مەن يېزىپ بىرەي دەپ :lol

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 10:22:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 10:28  

گۇدلاكچان سۇيقاچنىڭ پۇلىنى ئېلىپ سۇيقاچ ئېتىپ بىرشنى ئۆگۈنۈپ قۇيۇڭلار! 1500كە دىيىشسەڭلارمۇ ،بۇ پولغا مۈڭگۈزى بار،قۇچقارنىڭ گۈشى كىلىدۇ.توڭلاتقۇغا سىلىپ قۇيساڭلار بىر ئاي يەيسىلەر:lol
لىكىن ئىسىڭلىدە بولسۇن سۇيقاچنىڭ پۇلىنى بەرگەن ئادەمگە پەقەت سۇيقاشلا ئىتىپ بىرىمىز،لەغمەن ئېتىپ بەرسەك ،ئۆزىمىز زىيان تارتىپ قالىمىز.:lol

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 10:58:51

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 09:32 static/image/common/back.gif
يەنە بىرسى، تەرەققىياتقا ئەگىشىپ BS كە ئۆتۈپ كەتتى دەپ  ...

ئېيتقىنىڭىز دۇرۇس ، نۇرغۇن ئىش پىروگراممىلىرىنىڭ ئالقان مەھسۇلاتلىرىغا كۈچۈۋاتقىنى ھەقىقەت ، ئالقان مەھسۇلاتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارمۇ  نىگىزىدىن ئېيتقاندا BS  تۈرىگە تەۋە يۇمشاق  دېتال ، مىنىڭ چۈشىنىشىمدە BS  ۋە CS قارىماقققا ھەر ئىكىكىلىسى مۇلازىمىتېر ۋە ئابونت تەرەپ سۈپىتىدە خىزمەت قىلسىمۇ لېكىن پىروگرامما لايھىلەش جەريانى ۋە ئىدىيىسى ، مودېل ، مەسىلىلەرنى  ھەل قىلىش ئۇسۇلى دىگەندەك نۇرغۇن ئىچكى قىسىم تېخنىكىلىرىدا يەنىلا غايەت زور پەرىقلەر مەۋجۇت ، مەن يېقىندىلا بىر ئىشنى قۇبۇل قىلغان ، ئەسلىدە CS شەكلىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر كەسپى يۇمشاق دېتال (نەچچە يىللار ئالدىدا ھاۋالىگە ئاساسەن مەن ۋە بىر قانچە بۇرادەر ياساپ بەرگەن  ) نى BS  شەكلىدە خىزمەت قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلدى ، لايھە تۈزۈلۈپ بولغاندىن كىيىن قارىسام  ئەسلىدىكى پىروگراممىنى پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۆزگەرتىپ چىقىشقا توغرا كىلىدىكەن ، كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ساندان قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قالغاندىن سېرت (سانداندا نەچچە يىللىق غايەت زور سانلىق مەلۇمات بولغاندىن سېرت ، ئارىدا كەسىپ ئىھتىياجى ئۈچۈن ساندانغا يەنە ئۈچىنچى تەرەپ ئاچقان بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار ئۇلانغان بۇلۇپ ، ساندان قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتسەم يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكۈچى تەرەپكە نۇرغۇن ئىقتتىسادى يۈك ۋە قىيىنچىلىق  ئېلېپ كىلىدىكەن )، قايتىدىن يېزېپ چىقىشىنى توغرا تاپتىم .
شۇنىڭغا قاراپ شۇنداق دىگۈم كەلدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە BS  شەكلىدە تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتاللار ھېچقانداق مەشخۇلات سۇپىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ ، گېزى كەلسە ئابونت تەرەپ بىۋاستە تور كۆرگۈ بىلەن ئېچېپلا پايدىلىنالايدۇ ، زۈرۈرىيەت بۇلۇپ قالسا ئابونت ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئازراقلا ئىش قۇشۇپ ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇپ قۇيۇلسىلا بۇلىدۇ .

ئەلۋەتتە گۇدلاك ئەپەندىنىڭ دىگەنلىرىنىمۇ ھەرگىز خاتا دىمەكچى ئەمەس ، قوللايمەن .

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:06:22

ئۇنىڭدىن باشقا گۇدلاك ئەپەندىنىڭ باھانىسىدا بىر ئىشنى سورىۋالاي ، يېقىندا بىر ئۇرۇننىڭ كەسىپ ئىھتىياجى تۈپەيلى ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان كەسپى يۇمشاق دېتالدىن سانلىق مەلۇمات ئۇقۇپ ئالغاندىن كىيىن ، يەنە بىر يۇمشاق دېتالغا يوللاش زۈرۈر بۇلۇپ قالدى ،
بۇ يەردە ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بۇ ئۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان كەسپى يۇمشاق دېتالنىڭ ساندىن قۇرۇلمىسىنى تامامەن كۈرۈپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ ، لېكىن سانلىق مەلۇمات يوللانماقچى بولغان تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى كۈرۈپ بېقېش ئىمكانىيىتى يوق ، قۇلىمىزدا بار بولغىنى پەقەت سانلىق مەلۇمات يوللانماقچى بولغان تەرەپنىڭ ئابونت يۇمشاق دېتالى ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلاش پىروگراممىسى ياساش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ ، بار بولسا نىمە شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرۈش كىرەك ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:26:07

alpbeg يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 09:59 static/image/common/back.gif
ئۇ پىروگرامما تىلى پەقەت مەكتەپتە ئىمتىھاندىن ئۆتۈش، ...

ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى ، VBA  گەرچە Visual Basic  نىڭ مىكروسوفت يۇمشاق دېتاللىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىر كىڭەيتمىسى بولسىمۇ (Visual Basic For Application )  لېكىن نۇرغۇن كونكېرت مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ ، مەسىلىنىڭ نىگىزى مەيلى نىمىلا بولمىسۇن شۇ نەرسىگە پىششىق بۇلۇش ۋە ياخشى پايدىنالايدىغان بۇلۇش ،  ئەلۋەتتە تاۋۇزنى پىچاقتا ئوڭاي ۋە سۈپەتلىك تىلغىلى بۇلىدۇ ، قايچىدىمۇ تاۋۇزنى تىلغىلى بۇلىشى مۇمكىن ، لېكىن قەغەز كىسىشتە قايچا پىچاقتىنمۇ ئەپلىك . ،. . . . . لېكىن تاۋۇز يىمەكچى بولغان ئادەم كۈپىنچە تاۋۇزنىڭ نىمىدە تىلىنغانلىقىغا ئەمەس ، ئۈزىنىڭ ئىھتىياجىغا مۇۋاپىق تىلىنغان تىلىنمىغانلىغىغا قارايدۇ ، قايچىنى پىششىق ئىشلىتىلەيدىغان ئادەمنىڭ يەنە نۇرغۇن ۋاقت سەرپ قىلىپ پىچاق ئىشلىتىشىنى ئۈگىنىشى مىنىڭ چۈشەنچەمدە ئۇشۇقچە ئىش ، پەقەت زادىلا پىچاقتىن باشقا نەرسە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان تەقدىردە ئاندىن پىچاق ئىشلتىشىنى ئۈگىنىش ئاقىلانىلىق .

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزگە ، ماڭا ۋە كۆپ قىسىم كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىسىدىغان ۋە شۇنىڭ نېنىنى يەيدىغان بالىلارغا ئايان بولغىنىدەك تېخنىكىنىڭ يىڭىلىنىش سۈرئىتى دائىم بىزنىڭ ئۈگىنىپ ئىگەللەپ ئىشلىتىش سۈرئىتىمىزدىن نەچچە ھەسسە تىز بۇلىدۇ .

مىنىڭ چۈشىنىمدە پىروگرامما يېزېشتا ئەڭ مۇھىم نەرسە ھەل قىلماقچى بولغان نەرسىنى ئىنىق چۈشىنىش ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىش تەدبىرىنى تېپېپ چىقىش ، مەسىلە ئايدىڭ بولغاندىن كىيىن قالغان ئىشلاردا تەبىئى يۇسۇندا ئاددىلىشىدۇ ،

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:29:02

گۇدلاك ئەپەندىگە :
خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئىلانىڭىزنىڭ كۈمۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، جىق كۈچەۋاتىمەن ، كۈڭۈلدىكىدەك خىزمەتچى تاپالىسىڭىز مىنى مىھمان قىلىپ قۇيۇشنى ئويلىشىپ باقارسىز . . . . . .  خې  خې خې :P:P:P:P

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:38:35

Abdikadir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 11:06 static/image/common/back.gif
ئۇنىڭدىن باشقا گۇدلاك ئەپەندىنىڭ باھانىسىدا بىر ئىشنى ...

ئۇلار بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغانىكەن ئېغىز(接口) ۋە ئېغىز قوللانمىسى(接口规范) تەمىنلىشى كېرەكقۇ.
ئەگەر بۇ ئۇچۇرنى قارشى تەرەپنىڭ خەۋىرى يوقلا ئۇلارنىڭ ساندانىغا يېزىش زۆرۆر بولسا نەدە بۇنداق ئاسان ئىش بار، سانداننىڭ ئاساسلىق رولى شۇ ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش تۇرسا، ھەركىم خالىغانچە ئۇچۇر يېزىۋەرسە ئۇچۇرلارنى قانداقمۇ بىخەتەر دېگىلى بولىدۇ.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 10:23:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 10:24  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بىر ئۇچۇر بېتى ۋە بۇنىڭغا لايىقلاشقان ئەپ ياساتماقچى ،تەپسىلى سۆزلەشسەك ، : 643390606

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 10:25:50

18609032333 غا تېلىفون قىلىپ تەپسىلى سۆزلەشسىڭىز بولىدۇ،مەخسۇس توربىكەت ۋە ئەپ ياساش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ!
http://hembehir.com/contact.php

President يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 18:51:56

نېمە كۈلىۋېرىسىلە؟ پروگراممېر بولغان يامان ئىشما؟ :lol:lol

ئا پۇلغا مەن ھەرگىز ئىشلىمەيمە.

چۈنكى، مەن سىلەرنىڭ گېپىڭلارنىمۇ چۈشەنمەيۋاتسام! :lol

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 02:38:14

:lol:lol
بەت: 1 [2] 3
: بىر نەپەر پروگراممىر قوبۇل قىلىنىدۇ