9292 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:04:00

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى2015-2-23 13:27 static/image/common/back.gif
نەدىمۇ ئوغرى نەشىرى دەپ نەشىر بولسۇن

كىتاپچىلاردىن ئاڭلىسام. كىتاپلار جىڭبەن،داۋبەن‹مەن ھەقىقى نەشرى ۋەئوغرى نەشرى دەپ ئويلىدىمغۇ،ئۈزەمچە› دەپ ئايرىلىدىكەن.لىكىن ئىككىلىسىدە بىرىنجى نەشرى دەپ باكەن.جىڭبىنىدىن داۋبىنى بىر ھەسسە ھەتتا بىر نەچچە ھەسسە ئەرزانكەن،

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:14:23

9292 يوللىغان ۋاقتى2015-2-23 16:04 static/image/common/back.gif
كىتاپچىلاردىن ئاڭلىسام. كىتاپلار جىڭبەن،داۋبەن‹مەن...

جىڭبەن،داۋبەن ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاشمىدۇ؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:46:00

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى2015-02-23 19:14:23 static/image/common/back.gif


جىڭبەن،داۋبەن ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاشمىدۇ؟
مەزمۇنى ئوپمۇ ئوخشاش، قەغەز سۈپىتى، باسما سۈپىتى ئوخشىمايدۇ، ئوغرى نەشىرلىرىنىڭ خەتلىرى خېلىلا چاپاق كېلىدۇ، بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ…

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 17:11:16

salambay يوللىغان ۋاقتى2015-2-23 19:46 static/image/common/back.gif
مەزمۇنى ئوپمۇ ئوخشاش، قەغەز سۈپىتى، باسما سۈپىتى ئوخش ...

توغرا، ئۇيغۇرچە ساختا كىتابلارنىڭ قەغىزىدە زىيادە ئاپپاق ئىكەن ھەم قارىسا بەك پاقىرايدىكەن. ھەقىقى نەشىردىكى كىتابلارنىڭ قەغىزى قايماقرەڭ قەغەزلەر بولۇپ، قارىسا كۆزنى ئانچە چاقمايدۇ.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 17:14:15

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى2015-2-23 19:14 static/image/common/back.gif
جىڭبەن،داۋبەن ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاشمىدۇ؟

مەزمۇن ئوخشاش، لېكىن بېسىلىش سۈپىتى پەرقلىنىدۇ. مۇمكىن بولسا، ساختا نەشىردىكى كىتابلارنى ئالماسلىق كېرەك.پۇ خەجلىگەنگە چۇشلۇق يەنىلا ھەقىقىي نەشىردىكى كىتابلارنى ئېلىپ ساقلىغان ياخشى دەپ ئويلايمەن. مەنمۇ بۇرۇن بىر قىسىم كىتابلارغا ساختا نەشىرلىرىنى ئاپتىكەنمەن. ھازىر ھەممىسىنى دېگۈدەك ھەقىقىي نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇپ بولدۇم.

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 17:42:49

ئۆيدىكى كىتاپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋەتسەم بىر سومكا پۇل تاپقۇدەكمەن خېلىلا قىممەت سېتىلىدىكەنغۇ ئەسكى كىتاپلار

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 21:00:16

altunxan يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 17:42 static/image/common/back.gif
ئۆيدىكى كىتاپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋەتسەم بىر سومكا...

ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كېلىۋەرمەيدۇ، مەن ھازىرغا كەلگۈچە كىتاب سېتىپ بەك باي بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ باقمىدىم. كىتابچىلار سودا قىلىۋاتقانلار ئىچىدە جىنىنى ئاران بېقىپ كېتىۋاتقانلار قاتارىغا تىزىلىدۇ. :lol

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 08:04:09

lopnuri يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 17:14 static/image/common/back.gif
مەزمۇن ئوخشاش، لېكىن بېسىلىش سۈپىتى پەرقلىنىدۇ. مۇمك ...

مەنغۇكىتاپ ئالسامشۇشىنخۇا كىتابخانىسىدىن ئالىمەن،ئۇ يەرلەرگە ساختا نەشرلەر ئېزىپ تېزىپ كىرىپ قالمايدىغاندۇ ھە، ئىش قىلىپ كىتابلار بەك ئەرزان،ئۇيغۇر جەمىئىتىدە نېمە ئەرزان دېسە كىتاب دەپ جاۋاب بەرسە خاتا كەتمەس دەپ ئويلايمەن ، 15 يۈۋەنلىك بىر كىتابنى نۇسخىلاش توغرا كەلسىمۇ 40،50 يۈۋەن كېتىدۇ ئەمەسمۇ{:92:}

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 08:07:00

ئۆزۈڭلارغا تەسىر قىلغان ،پەلسەپەگە ئائىت ئېسىل كىتابلار بولسا تەۋىسيە قىلۋەتمەمسىلە ئەزىز قىرىنداشلىرىم

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 11:52:02

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى2015-2-25 08:04 static/image/common/back.gif
مەنغۇكىتاپ ئالسامشۇشىنخۇا كىتابخانىسىدىن ئالىمە ...

شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا ئادەتتە ئۇنداق كىتابلار كىرمەيدۇ مېنىڭچە.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 11:55:08

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى2015-2-25 08:07 static/image/common/back.gif
ئۆزۈڭلارغا تەسىر قىلغان ،پەلسەپەگە ئائىت ئېسىل كىتابل ...

پەلسەپەگە ئائىت كىتابلاردىن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «سوفىيەنىڭ دۇنياسى»، «ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە»، «ئىسلام پەلسەپىسى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى»، «قۇرئان كەرىمدىكى پەلسەپىۋىي ئىدىيەلەر» دېگەن كىتابلار ياخشى دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك. قېنى قالغانلار بىر نېمە دەپ باقسۇن!

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 20:42:55

ھازىر قولۇمدا بار كىتابلار:

شىنجاڭ سودا-بازار تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات، ئابلەت نۇردۇن، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 2009-يىلى 1-نەشرى
يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات، شاڭيەنبىن، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 2012-يىلى 1-نەشرى
تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 1999-يىلى 1-نەشرى

بۇ ئۈچ كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 200 يۇەن

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەسەرلىرى

ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە ، قاتتىق مۇقاۋىلىق 1980-يىل 1-نەشرى
فارابىي ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى ، 1986-يىل 1-نەشرى، يۇمشاق مۇقاۋا
ئائىلە، يۇمشاق مۇقاۋا، 2013-يىلى 3-ئاي3-بېسىلىشى
غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى، قاتتىق مۇقاۋىلىق، 1998-يىل 1-نەشرى
قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا، يۇمشاق مۇقاۋا، 2002-يىلى 1-نەشرى
ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەت، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 2002-يىل 1-نەشرى
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت، يۇمشاق مۇقاۋا،2001-يىلى 1-نەشرى

بۇ يەتتە كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 600 يۇەن


ئابدۇللا قادىرى ئەسەرلىرى
1. ئۆتكەن كۈنلەر، يۇمشاق مۇقاۋا، 1983-يىلى 1-نەشرى
2.مىھراپتىن چايان، يۇمشاق مۇقاۋا، 1983-يىل 1-نەشرى 3-بېسىلىشى

بۇ ئىككى كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 200يۇەن

ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر، ئىسلامجان شېرىپ، ئابدۇكېرىم راخمان، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 1981-يىلى 1-نەشرى
ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە، مۇسا مۇساۋىي، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 2001-يىلى 1-نەشرى

بۇ ئىككى كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 200يۇەن

كىتاب ئىسمى : شىنجاڭدىكى ئەللىك يىلىم
ئاپتۇرى: بۇرھان شەھىدى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1999-يىلى 2-نەشرى
بۇ كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 120 يۇەن

كىتاب ئىسمى: ئېلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى
ئاپتۇرى: مەمتىمىن ھۇشۇر
نەشرى: 2006-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: قاتتىق
باھاسى: 60 يۇەن



كىتاب ئىسمى : ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تېنچ ئازاد بولغانغا قەدەر
ئاپتۇرى: جاڭ جىجۇڭ
نەشىرى:1987-يىلى 12-ئاي1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
باھاسى :100 يۇەن

كىتاب ئىسمى : ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك
تۈزگۈچىلەر: غولام غۇپۇر، مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى، خوجائەخمەت يۇنۇس
نەشرى:1986-يىل 11-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق (بەت سانى 785-بەت) كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆرۈشتىكى قورال كىتاب
باھاسى : 150 يۇەن

koklam02 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 23:46:57

كىتابلارستىلىدۇ.9-12-ئەسىرلەرىدىكى ئۇيغۇردۈلەتىلىرى 1994-يىلى 8-ئاي بىرنجى نەشىرى.شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى23-سان2دانە،24-سان2دانە ،39،41،42،سانىلىرى1دانىدىن،يۇقارىقى8پارىچەكىتاب1000يۈەنگەسىتلىدۇ.ئۇنىدىن باشقا1980-يىللارىدىن2007-يىللارغىچەبولغان،ئارلقىتانەشىرقىلنغان.تۇنجى نەشىرىدىكى،ۋەھازىرئاسان تاپقىلى بولمايىدىغان بىرتۈركۈم،ئەدەبى،تارىخى،سىياسى،جەميەت،ۋەتىبابەتكە،دائىركىتابلارسىتىلىدۇ.كىتاب ستۋالغۇچىلارتورغائۇچۇرقالدۇرساڭلاربولىدۇ.

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 12:23:57

سۇتۇق بۇغراخان دىگەن كىتابنى مەن ئالاي

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 12:34:12

ئالتۇنشان ناملىق تورداشقا:سىز ئەسكى دەپ قارىغان شۇ كىتابلاربەلكىم گۆھەردىن قىممەتلىك. قارىغاندا سىز كىتابنىڭ قىممىتىنى پەقەت چۈشەنمەيدىكەنسىز

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:37:50

000000000 يوللىغان ۋاقتى2015-2-27 12:23 static/image/common/back.gif
سۇتۇق بۇغراخان دىگەن كىتابنى مەن ئالاي

سىزگە ئايرىم ئۇچۇر قالدۇردۇم.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:39:23

koklam02 يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 23:46 static/image/common/back.gif
كىتابلارستىلىدۇ.9-12-ئەسىرلەرىدىكى ئۇيغۇردۈلەتىلىرى 1994 ...

ئەھمەت ۋاھىدىنىڭ «بورانلىق كېچە» دېگەن كىتابى بارمۇ؟

xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:00:43

   كىتاب ھەققىدە گەپ بولسا جېنىم يايراپ كېتىدۇ. مېنىڭ 40-يىللاردا نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن تارتىپ نۇرغۇن كىتابلىرىم بار. ئېھتىمال بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمرۈم(ھەممە نەرسە ئىگىمىزنىڭ ئىلكىدە ئەمەسمۇ) ئۆيۈمدىكى كىتابلارنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا يەتمەس. بۇ ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنىم،مەن كىتابلارنى سېتىشنى يامان ئىش دەپ قارىمايمەن، چۈنكى ئۇنىڭدىن ساتقۇچى قارىماققا كىتابلىرىنى سېتىۋالغان چاغدىكى پۇلىنى قايتۇرۋېلىپ يەنە باشقا ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتەر(جاننى ياخشى بېقىشمۇ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرىغۇ)، ئەلۋەتتە، سېتىۋالغۇچىمۇ مەنىۋىي جەھەتتىن خېلى چوڭ نەپ ئالىدۇ. بۇمۇ ياخشى ئىش. لېكىن مۇشۇنچىۋالا ھەرھالدا ياخشى كىتابلارنى يىغقان كىشى كىتابىنى سېتىپ پۇلىنى قولىغا ئالغاندا يۈرىكى «پىژ»ژىدە قىلىپ قالارمىكىن دەيمەن...

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:07:59

xotenbeg يوللىغان ۋاقتى2015-2-27 22:00 static/image/common/back.gif
كىتاب ھەققىدە گەپ بولسا جېنىم يايراپ كېتىدۇ. مېنىڭ 40 ...

ئەلۋەتتە مەنمۇ كىتاب ساقلايمەن. ساتماقچى بولغان كىتابلار ئارتۇق كىتابلار. مەن ئۆزۈمدىكى ئارتۇق كىتابلارنى سېتىۋىتىپ، يوقلىرىنى تولۇقلاۋاتىمەن. كىتاب سېتىپ پايدىغا ئېرىشىش ئاساسىي مەقسەت ئەمەس. ئۆزۈم ياقتۇردىغان كىتاب بولسا، يېنىمدا بىر تىيىن پۇل قالمىسىمۇ ساتمايمەن.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 09:42:27


كىتاب ئىسمى : شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئاپتۇرى: ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق
نەشرى::1999-يىلى 1-نەشرى 2-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
باھاسى: 250 يۇەن

كىتاب ئىسمى: شىمپەنزىلەر چاقىرماقتا
ئاپتۇرى:جېين گۇدئول
نەشرى:1985-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: گورىيو بوۋاي
ئاپتۇرى: بالزاك
نەشرى:1981-يىل 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: ھايۋاناتلار قورۇقى
ئاپتۇرى: جورج ئورۋىل
نەشىرى:2013-يىل 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

بۇ ئۈچ پارچە كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 100 يۇەن

بۇ كىتابلار سېتىپ بولۇندى.

بەت: 1 2 [3] 4 5
: نادىر تارىخى كىتابلار سېتىلىدۇ