nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 20:14:47

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 17:18 static/image/common/back.gif
ئەمىر تۆمۈر چىڭگىزخان بىلەن ئۇرۇق-تۇققان كىلەمدۇ؟ ئەم ...

ئۇ ئىككىسى تۇققان كەلمەيدۇ.  تۇغلۇق تۆمۈر چىڭگىزخاننىڭ كۈكۈن ئەۋرىسى ، جىڭ مۇڭغۇل، خان ئەۋلادى . ئەمىر تېمۇر  تولۇق ئۇيغۇرلاشقان مۇڭغۇل ، جىڭ مۇڭغۇل دېگىلى بولمايدۇ، خانلىق تەختتە ئولتۇرمىغان ، پەقەت زور قۇشۇنىغا تايىنىپ ، نۇرغۇن زېمىنلارنى بېسىۋالغان ئەمىر .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:21:24

durak يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 19:37 static/image/common/back.gif
ئاتتىلا رىمغا بېسىپ كىرمىگەن ، پاپىنىڭ قۇلىغىغا دىگ ...

    شۇنداق گەپلەرنىمۇ ئۇقۇغان ، نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن چىقىپ كەتتى ، ئەمما چىڭگىزخاننىڭ ئاشۇ دەھشەتلىك قىرغىنچلىلىقلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسىدە شۇ ......

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:51:07

kinoqi1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 19:27 static/image/common/back.gif
نىمىشقا ئەمدى؟

بەزى بىر مىللەتنىڭ ۋە باشقا مىللى ئىشلارغا چىتىلىپ قالغانلىقى بولسا كىرەك ،
ئادىل ئەمەلدار باۋگۇڭ بىلەن چىڭگىزخاننى  تىلۋىزىيە قانالدا قويۇشنى چەكلىگەنلىك خەۋىرىنى كۆرگەن بىر خەنچە بەتتىن .

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:56:13

قازاقلار چىڭگىزخان بولاپ كېلىنگەن قازاق ئايالدىن توغۇلغان، شۇڭا چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى قازاق دەيدىكەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:37:45

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 21:56 static/image/common/back.gif
قازاقلار چىڭگىزخان بولاپ كېلىنگەن قازاق ئايالدىن توغۇ ...

قازاق ئايالدىن
ئۇ چاغدا قازاق دەپ گەپ بولمىسە، نەدىكى قازاق ئايالكەن ئۇ ؟ {:90:}
گۇمان مۇنداق بىر نەچچە:
1.ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخاننىڭ داداسى  چىڭگىزخاننىڭ ئانىسىنى بولاپ كەلگەندە ، ئۇنىڭ قوسىقىدا ھامىلە بار دەپ گۇمان قىلىشىدىكەن، ئۇنىڭ ئانىسى خونېرات  قەبىلىسىدىن بولغاچقا، قازاقلاردىمۇ مۇشۇ قەبىلە بولغاچقا،  ھاھاھا
2. چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى بىر قېتىم مەركىت قەبىلىسى تەرىپىدىن بۇلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىكەن، قايتىپ كەلگەندە، ئانىسى ئېغى-ئاياق ، شۇڭا بۇ ئائىلە شۇ چاغدىكى موڭغۇللارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان(يۈزۈمىزنى تۆكتى دەپ) ، .. قازاقلاردىمۇ  مەركىت قەبىلىسى بار .. ھاھاھا .
3.( بۇ چاقچاق پاراڭمىكىن دەيمەن) : چىڭگىزخان نىمە ئۈچۈن دادا بىر ئانا باشقا  ئىنىسنى بەكتىر( bektir)نى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالغاندا،  چىڭگىزخاننى ھاراملىق دەپ تىللىغان .ھاھاھا .

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:48:16

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 19:38 static/image/common/back.gif
يىپەك يولىنىڭ ۋەيران بولىشىدا كۇلۇمبۇنىڭ تۆھپىسى چوڭ ...

شۇ كولومبو نىمىشقا دېڭىز سەپرىگە چىقىدۇ؟

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:49:32

. چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى بىر قېتىم مەركىت قەبىلىسى تەرىپىدىن بۇلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىكەن، قايتىپ كەلگەندە، ئانىسى ئېغى-ئاياق ، شۇڭا بۇ ئائىلە شۇ چاغدىكى موڭغۇللارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان(يۈزۈمىزنى تۆكتى دەپ) ، .. قازاقلاردىمۇ  مەركىت قەبىلىسى بار .. ھاھاھا .
   چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى ئەمەس،بەلكى ئايالىدۇ؟ كىنودا شۇنداق كۆرگەندەك قىلغان .
   

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:59:35

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 08:49 static/image/common/back.gif
. چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى بىر قېتىم مەركىت قەبىلىسى تەرىپى ...

ھە، توغرا،  ئايالىنى مەركىتلەر ئېلىپ قاچىدۇ،
شۇڭا چوڭ ئوغلى جۇرچىنى چىڭگىزخان بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل گۇمان بار ، بۇ گۇمان تاكى جۇرچى ئۆلگىچە داۋاملىشىدۇ، جۇرچى تىمۇرچىندىن بۇرۇن ئۆلگەن .
قازاقلار دەل مۇشۇ جۇرچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .{:90:}

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:59:49

...

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:40:30

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 08:48 static/image/common/back.gif
شۇ كولومبو نىمىشقا دېڭىز سەپرىگە چىقىدۇ؟

دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ شۇ توغرىسىدا يازغانلىرى بار.
مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:09:25

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 09:40 static/image/common/back.gif
دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ شۇ توغرىسىدا يازغانلىرى بار ...

مىنىڭ سورىغۇنۇم شۇ كولومبو نىمىشقا دېڭىز سەپرىگە چىقىدۇ دىگەن گەپ، سىزنىڭ كىتاپتىن كۆرگىنىڭىزمۇ ھىساپتا ئاڭلىغانغا ھىساپ.
چىڭگىزخان شەرقى دېڭىزدىن تارتىپ تاكى باغدادقىچە، تەكلىماكاندىن تارتىپ  دوناي ۋادسىغىچە بويسۇندارغاندىن كىيىن بۇ زىمىنلارنى باللىرغا بۆلۈپ بېرىدۇ، باللىرى زېمنغا ئىگە بولغاندىن كىيىن بىر-بىرى بىلەن تالىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىىيادىكى يىپەك يولىنى ئۇرۇش قاپلايدۇ،  قالايمىقانچىلىق ئەلۋەتتە سودىگەرلەرگە زىيانلىق ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدا قاچاق ئەسكەرنىڭ بۇلاڭ-تالىڭىغا ئۇچرىشى ئېنىق. ئوسمانلارمۇ شەرىققە يۈرۈش قىلىپ تۈركلەشكەن موڭغۇل ئاقساق تۆمۈردىن پەشۋا يەپ ھۇجۇمنى غەرىپكە قارىتىپ، ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلغان، دەل مۇشۇ بىر قاتار ئىشلارسەۋەبىدىن ياۋروپاغا لازىملىق ماتېرياللار ياۋروپاغا بارالماي باشقا بىر يول ئېچىش لازىم بۇلۇپ ، ئىسپانىيە پادىشاھى كولومبونى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ بۇ قېتىملىق دېڭىز سەپرىنى باشلايدۇ.

مۇنۇ ئۈچ پارچە رەسىمگە دىققەت قىلساق كاسپىى دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان يولنىڭ بارغانسىرى يوق بولغانلىقىنى بايقايمىز.

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:36:05

ئەمەلىيەتتە دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى ، يىپەك يولىنىڭ خاراپلىشىشى قاتارلىقىلارنىڭ سەۋەبىنى كۇلۇمبۇ، ۋەچىڭگىزخان قاتارلىق تارىخىي شەخىسلەرگە باغلىۋىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىكى مۇقەررەرلىككە مەنسۇپ تەرەپلەرنى نەزەردىن سىاقىت قىلىش خاتادۇر. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى يكسىلىشىگگ ئەگىشىپ شۇ دەۋردە ئىنسانلار دېڭىزدا سەپەر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان . بولمىسا ئۇرۇش ۋە پاراكەندىچىلىكلەر بۇرۇنقى دەۋرلەردىمۇ بولغان لىكىن ئۇ چاغلاردا كىشىلار تېخى دېڭىزنى بويسۇندۇرمىغان بولغاچقا ئامالسىز شۇ قورۇقلۇق يولى ئارقىلىق سودىسىنى داۋاملاشتۇرغان،  كۇلۇمبۇ ياشىغان شۇ دەۋرلەردە بىز يەنە كۇلۇمبۇغۇ ئوخشاش باشقا دېڭىزچىلارنىمۇ ئۇچرىتالايمىز.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 13:22:48

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 12:09 static/image/common/back.gif
مىنىڭ سورىغۇنۇم شۇ كولومبو نىمىشقا دېڭىز سەپرىگە چىق ...

تۈركلەر سودا يولىنى كونتىرول قىلدى ھەم دورا-دەرمەكلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئۆزلىرى كونتىرول قىلىپ باھاسىنى ئۆرلىتىپ بەك يۇقىرى پايدا ئالغان بۇنىڭغا ياۋروپالىقلارنىڭ ئىچى ئېچىشىپ باشقا بىر يول ئارقىلىق ھىندىستانغا بېرىپ بىۋاسىتە ئەكېلىپ تۈركلەرگە بېرىۋاتقان پۇل يانچۇقتا قالسىۇن دەيدىغان ئىدىيەسى كولومبودەك ئادەملەرنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. كولومبونى دېڭىزغا چىقارغان نەرسە يىغىپ كەلگەندە پۇلدە.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 13:45:12

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 18:35 static/image/common/back.gif
تۇغلۇق تۆمۈر چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى، ماۋۇ ئاقساق تۆمۈر ...

ئەمىر تېمۇر ئانا تەرەپتىن چىڭگىزخان ئەۋلادى. ئەمىر تېمۇر مەنسۇپ بولغان بارلاس ئۇرۇقىمۇ چىڭگىزخانغا ئەڭ يېقىن بولغان ئۇرۇق. ھەم ئەمىر تېمۇرنىڭ ئەجدادلىرى ئىزچىل بارلاس قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ كەلگەن. ئۇلار چاغاتاي جەمەتى بىلەن قۇدا-باجا بولۇشۇپ ئۆتكەن، تۇققانچىلىقى بەك چىڭمىش.

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 14:04:18

رېنې گرۇسسى يازغان « ئىمپىراتۇر ـ تۆمۈرلەڭ » دىگەن كىتاپتا مۇنداق بايانلار بار :
.....
تۆمۈرلەڭنى تەتقىق قىلغۇچى تارخىشۇناسلار چىڭگىز خاننىڭ بىر سەبدىشىنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىگىنى دەلىللىدى ، ھەتتا ئۇنى چىڭگىز خان ئۇرىقى قاتارىغا قۇيۇشتى . ئەمىليەتتە تۆمۈرلەڭ تۈرك ، مۇڭغۇل ئەمەس . ئۇ ماۋەرەئۇننەھەردىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . بۇ ئائىلە بارلاس ئۇرۇقىغا تەۋە ئىدى . ئۇلار ھۆكۈمەت قۇرغان شەھرى سەبز ئەتراپىدا زىمىن ئىگىلىگەن .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 19:56:04

ئۇچرىغاننى سۈپۈرۈپ ماڭغان چىڭگىزخان قوشۇنىڭنىڭ ئىدىقۇت خانلىقىنى ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمۇ ئاجايىپ ھە.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 21:46:44

15-چىڭگىزخان بىر مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرىتىۋەتكەن.
مۇشۇنداقراق بىر مەزمۇننى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلغان، لىكىن پەقەت ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن. بەلكىم خاتا بولىشىمۇ مۇمكىن.

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 23:47:23

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 19:56 static/image/common/back.gif
ئۇچرىغاننى سۈپۈرۈپ ماڭغان چىڭگىزخان قوشۇنىڭنىڭ ئىدىق ...

مېنىڭچىمۇ شۇنداق.....

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:22:28

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 19:56 static/image/common/back.gif
ئۇچرىغاننى سۈپۈرۈپ ماڭغان چىڭگىزخان قوشۇنىڭنىڭ ئىدىق ...

قوشۇن كىلە-كەلمەستىن ئەل بولۇپ،  قوشۇن چىقىرىپ بىللە جەڭ قىلىلى دىسە، ئەلبەتتە يايلاق يولى بىلەن ماڭىدۇ دە .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:11:21

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 19:56 static/image/common/back.gif
ئۇچرىغاننى سۈپۈرۈپ ماڭغان چىڭگىزخان قوشۇنىڭنىڭ ئىدىق ...

ئۇيغۇرلار پادىشاھى ئاتايىن چىڭگىزخانغا ئەلچى ئەۋەتىپ بىز سىزگە تەۋە بولىمىز دەپ ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرۈۋاتسا، چىڭگىزخان يەنە ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ كۆيدۈرۈپ ئۆتۈپ كەتمەس.
بەت: 1 2 3 [4] 5
: چىڭگىزخان ياراتقان تارىختىكى 10«ئەڭ»