jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 03:15:31

« 86 » سىز قېنى! گۇندىپايلار نەگە كەتتى؟

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 05:23:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 05:26  

قۇرۇق شۇئار توۋلاپ مىللەت سۆيەرلىك قىلماي شۇنداراق ئونتۇلۇپ كەتكەن ئىسىملارنى رەتلەپ ، توپلاپ ئېلان قىلغان بولساڭلا مىللەت ئۈچۈن راسلا ئىش قىلغان بولىتىڭلا.
بۇنداق مەسىلىلەرنى بۇرۇنلام تۇنۇپ يەتكەن يازغۇچىلار بۇندىن 10 يىل ئىلگىرىلام ئۇيغۇر ئسىملىرى تۆغۇرلۇق نەچىلىگەن كىتاپلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى .
ئۇلارنىڭ دىيىشىچە 21- ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۇچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا  ئۇزىنى تۇنۇش يەنى ئۇزىنىڭ مىللى كىملىكىنى تۇنۇش ئېڭى كۇچۇيۇشكە باشلايدىكەن ئۇلاردا يىنە  باشقا مىللەتلەر بىلەن رۆشەن  پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۇزىنىڭ مىللى خاسلىغى نامايەن قىلىدىغان ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قۆللىنىش كۇچىيىدىكەن ۋە  بۇرۇن باشقا تىلدىكى ئىسىملارنى قۆللانغان بولسا ئۆز ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە ئىسىملارغا ئۆزگەرتىش  دۆلقۇنى كۇچىيىدىكەن  . بۇ گەپلەر دىيىلگىلى  ئەمدى 10 بولدى  قالغىنىنى كىيىن كۇرىمىز .. بۇنىڭ نەتىنجىسىنى بۇندىن كىيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزىنى تۇنۇش ئېڭىنىڭ تەرەقىياتىدىن  ۋە بۇندىن كىيىنكى تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنڭ كۇچىيىش تەرەقىياتىدىن  كۇرىمىز ..

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 09:57:30

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 11:13 static/image/common/back.gif
مەن ئىككى قىزىمغا ئايقۇت، ئايچىن دەپ ئىسىم قويغان ، ئا ...

ئىچىۋاتقان سۈيىنى ئېكرانغا پۈركىۋەتكەن چىراي ئىپادىسى.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 10:08:07

ئۈچ ئېكىس نى كۈچلۈك قوللايمەن، لېكىن ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشتا چىڭ تۇرۇش پەقەت ئۆزى چۈشەندۈرگەندەك ئاددىلا ئەرەب پارىستىن پەرقلىنىش بولۇپ قالماسلىقى ئۈمىد قىلىمەن.
قايسى بىر تېمىدا شۇنداقراق بىر گەپلە بولغان. بىر قەۋم يەنە باشقا بىر قەۋمگە ئوخشىۋالماسلىقى كېرەك دېگەندەك. مۇشۇ ئىسىمغا كەلگەندە مۇشۇ ئوخشىۋالماسلىق كېرەك دېگەن گەپ بولۇنمىدىغۇ دەيمەن ھە.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 14:30:49

بىر ئىنگىلىز ئىسلامغا كىرسە ئىسمىنى دەرھال ئۆزگەرتىدۇ، بىر خەنزۇ ئىسلامغا كىرسىمۇ ئىسمىنى دەرھال ئۆزگەرتىدۇ. نىمىگە ئۆزگەرتىدۇ؟ ئەرەپچىگىمۇ؟
   دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان مىللەتتە ئۆز تىلىدا بولمىغان ئىسىملارنى قويۇش ئوخشىمىغان نىسبەتتە ساقلانغان. بۇ ئۆز تىلىدا بولمىغان ئىسىم ئەرەپچىمۇ؟ ياق، مىڭ مەرتىۋە ياق. ئۇيغۇرغا نىسبەتەن تېخىمۇ ياق! ئەخمەتجان ئىبنى قاسىم ئەمەس، ئەخمەتجان قاسىم! ئابدۇشۈكۈر ئىبنى مۇھەممەت ئىمىن ئەمەس، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن. دىمەك بۇ ئەرەپچە ئىسىم ئەمەس. ئەمىسە قانداق ئىسىم؟ قوللانغۇچىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىگىنى ياكى مۇسۇلمانلىق ئارزۇسىنى، ئىسلامغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسلامچە ئىسىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۆزەل ئىسىملارنى، يېقىملىق ئىسىملارنى سالىھ-ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ياخشى كۆرۈپ قوللىناتتى ۋە تەۋسىيە قىلاتتى. ناچار مەنىسى بار ياكى قوپال ئىسىملارنى ئۆزگەرتەتتى. مەشھۇر ساھابىلەر ئىچىدە ئەرەپ ئەمەس كىشىلەرمۇ بار ئىدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئەرەپچىگە يۆتكىۋەتكەن ئەمەس. دىمەك ئىسلامچە ئىسىم دىگەنلىك ئەرەپچە ئىسىم دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئاڭلىماققا ئىسلام بىلەن ئاز-تولا مۇناسىۋەتلىك ئىسىملارنى، يەنى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىجابى يۇسۇندا تىلغا ئالغان ئادەم ۋە باشقا شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئىسىم -سۈپەتلىرىنى، بەزى سۈرىلەرنىڭ ناملىرىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى، ساھابە-تابىئىنلەنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى، كېيىنكىلەر ئىچىدىكى مەشھۇر ئالىم-سالىھلارنىڭ، قوماندانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ... كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ مىللەت بىلەن ئەمەس، دىن بىلەن ئالاقىسى بار. شۇڭا دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن مۇشۇ ئىسىملارنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئۆز تىلىدىكى مەناسى ياخشى، يېقىملىق ئىسىملارنى ئىشلىتىشنى ئىسلام چەكلىگىنى يوق. ئەبۇ جەھىل ئەرەپچە ئىسىم، بۇنى قوللىنىدىغان مۇسۇلمان نىمىشكە يوق؟ چۈنكى ئۇ ئىسلامچە ئىسىم ئەمەس. بۇندىن باشقىمۇ نۇرغۇن مىساللار بار. ئەرەپلەدىمۇ باشقا تىلدىكى ئىسلامچە ئىسىملار بار.
    ماۋۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغا باھانىلەپ قۇرۇق شوئار توۋلاپ، پىتنە تېرىغۇچى غەلىتە بەلگە، غەلىتە باش سۈرەت، غەلىتە ناملىقلار جامائىتى، بولسا ئىسىمنى كۆرسىتىپ موللىنى، ئەرەپنى كۆرسىتىپ ئىسلامنى يەنە ھاقارەتلەڭلار!

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 22:40:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 00:00  

بىر ئىنگىلىز ئىسلامغا كىرسە ئىسمىنى دەرھال ئۆزگەرتىدۇ، بىر خەنزۇ ئىسلامغا كىرسىمۇ ئىسمىنى دەرھال ئۆزگەرتىدۇ.
قۇرۇق گەپ  .. :lol:lol
ئۇلار ھېچ بولمىغاندا سىلەردەك بۇنداق دۆت ئەمەس ..
ئۇلار ئەرەپچە ئىسىمنى پەقەت تەخەللۇس شەكلىدە قۆللىنىدۇ  . ئادەتتە ئۇزىنىڭ ئىسىمىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىدۇ  زۇرۇر تىپىلمىسا ئۇزىنىڭ ئەرەپچە تەخەللۇسىنى ئاغىزىغىمۇ ئېلىپ قۆيمايدۇ  .. :lol
نىمىگە ئۆزگەرتىدۇ؟ ئەرەپچىگىمۇ؟
ئەرەپچە بولماي نىمە ئەمسە ئۇ ... :lol
سىلەر چىرايلىق شەكىلدە مۇسۇلمانچە دەپ تۆن كىيدۇرۇپ كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان  شۇ ئىسىملار ئەجىبا ئەرەپ تىلىدىكى ئىسىملار ئەمەسما  ..  ئۇ ئىسىملارنىڭ مەناسى ئەرەپچە ئەمەسما .. سىلەر شۇ ئىسمىڭلارنىڭ قانداق مەنا بىلدۇردىغانلىقىنى  بىلىش ئۇچۇن يىنە شۇ ئەرەپنىڭ كىتاپلىرىغا  ئەرەپ تىلىدىكى مەناسىغا قاراپ تۇرۇپ   بىلىدىغانسىلەر ...  ئەمىلىيەتتە بۇ  ئەرەپ ئىمپىرىيىسى زامانىسىدىلام  ئەرەپ مىللەتچىلىرىنىڭ ئاستىرىتتىن  باشقا مىللەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئۇچۇن قۇرۇپ قۆيغان تۆزىقى  .. سىلەر بولساڭلار بۇ تۆزاققا ئۆزلىگىڭلاردىن دەسسەيسىلەر خالاس .. ئۇزەڭلەرلام دەسساپ قالماي ھەتتا كىيىنكى ئەۋلادىڭلارنى ۋە ئەتىراپىڭلاردىكىلەرنىمۇ قۇشۇپ بۇ تۆزاققا دەسسىتىسىلەر ..
ئەخمەتجان ئىبنى قاسىم ئەمەس، ئەخمەتجان قاسىم!
شۇ شۇ   .ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بۇ ئەرەپچە ئىسىملارنى ئۆزلىرىنىڭ تىلىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇ ئەخمەت ، مەمەت  ئىمىن دەپ ئاتاپ كەلگەن بولسا ئەمدىلىكتە سىلەر بۇنى بۇ خاتاكەن  ئەرەپچىدە ئۇنداق ئەمەسكەن دەپ ئەھمەد .. مۇھەممەد   ئەمىن  دەپ  تەشۋىق قىلىپ ئۆزلەشتۇرۇپ كىلىۋاتىسىلەر  .. سىلەر مۇشنداق قارغۇلارچە دۆراپ كىتىۋەرسەڭلار  كىيىن ئاۋۇ ئەرپنىڭ ‹‹ ئىبنى ››   دىگەن ئىسىملىرىنىمۇ  تەتۇر تەشۋىق قىلىپ ئۇيغۇرغا زۆرلاپ تېڭىشتىن يانمايسىلەر  .. سىلەرنىڭ قىلمىغان شۇ قىلىقىڭلار قالغان ھازىر بولسا شۇنىمۇ قۇشۇپ قىلىڭلار ..
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۆزەل ئىسىملارنى، يېقىملىق ئىسىملارنى سالىھ-ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ياخشى كۆرۈپ قوللىناتتى ۋە تەۋسىيە قىلاتتى. ناچار مەنىسى بار ياكى قوپال ئىسىملارنى ئۆزگەرتەتتى
تۆغرا لىكىن بۇ دىگەنلىك بىلەن باشقا قەۋىملەر ئۇزىنىڭ ئىسىملىرىدىن ۋاز كىچىپ ئەرەپچى ئىسىمنى قۆللانسۇن دىگەن مەنە چىقمايدۇ ... ھەر قانداق قەۋىم ئۇزىنىڭ ئانا تىلىدىكى ئۇزىگە خاس  گۇزەل ئىسىملارنى  تاللاپ قۆللانسانۇن دىگنلىك بۇلىدۇ  ھەدىسلەردىمۇ  بىر قەۋىمنىڭ باشقا بىر قەۋىمنى دۆرىۋېلىشى قىسقىسى باشقا قەۋىمدەك بۇلىۋېلىشى  چەكلىنىدۇ ..
دىيىشسەك  گەپ تۆلا سىلەر ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ ئەرەپچە ئىسىملارنى ئۇيغۇرنىڭ پىشانىسىگە قانۇنلۇق قىلىپ زۆرلاپ تاڭالمايسىلەر   چۇنكى بۇ تىل  بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئەمەس  ..  بىزنىڭمۇ ئۇزىمىزگە خاس بولغان تىلىمىز مەدىنىيىتىمىز بار .. ھەر قايسى قەۋىمنىڭ ئۆزىنىڭ تىلىنى ۋە مەدىنىيىتى قۆللىنىش ۋە تەرەقى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكى بار  ئىسلام دىنى ھەم بۇ ئەركىنلىكنى قۆغدايدۇ ھەم شۇنىڭغا تەششەببۇس قىلىدۇ .. ئەمىلىيەتتە سىلەر ئۇيغۇرنىڭ مەدىنىيىتىنى ، تىلىنى  ۋە ئىسىم ئاتالغۇلىرىنى قوغدىشىڭلار كىرەك  لىكىن سىلەر ئۇنداق قىلمىدىڭلار   ئەرەپچە ئىسىمنى ئۇيغۇرنىڭ پىشانىسىگە ئۆمۇرلۇك تامغا قىلىپ بىكىتىۋەتتىڭلار بۇ سىلەردەك ئەرەپنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئىلغىماي قارا قۇيۇق قۇبۇل قىلىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ سەۋەلىكى  

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 22:41:43

ياخىشى تېما يوللاپسىز  رەھمەت {:112:}

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 23:52:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 00:12  

بولسا ئىسىمنى كۆرسىتىپ موللىنى، ئەرەپنى كۆرسىتىپ ئىسلامنى يەنە ھاقارەتلەڭلار
ئەمىلىيەتتە بۇ يەردە ھاقارەت قىلىدىغان ئىش يوق سىلەر باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھورمەت قىلمايسىلەر  مەسىلە بايقالغان ئىكەن بۇنىڭ يىلتىزىنى ماھىيىتىنى ئويلۇنۇپ كۇرۇشكە تىرىشمايسىلەر  ھەممە ئىشتا ئۇزەڭلارنىڭ تار دائىرىدىكى قېلىپلىشىپ  فورمۇلا شەكىلىگە كىرىپ قالغان ئۇي پىكرىڭلار ئارقىلق ھەممە ئىشنى بىر تاياقتا ھەيدەپ باھا بېرىشكىلام ئالدىرايسىلەر ... مەيلى بىزنىڭ موللىلاردا بولسۇن مەيلى ئەرەپلەردە بولسۇن سەۋەللىك يىتىپ ئاشقۇچە بار  لىكىن سىلەر بۇنى قۇبۇل قىلىشنى سەۋەلىكلىرىڭلار ئۇستىدە لىللا تۇرۇپ ئويلۇنۇپ كۇرۇشنى خالىمايسىلەر  ئۇزەڭلەرنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك قۇبۇل قىلىۋالغان ئىدىيىڭلارنى قوغداپ ھەم بۇنى كۇچەپ ئاخلاپ  خاتالىقلارنى ھەقىقەت قىلىپ كورسۇتۇشكىلام تىرىشىسىلەر ..

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 00:26:45

ئۈچ ئېكىس نى كۈچلۈك قوللايمەن، لېكىن ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشتا چىڭ تۇرۇش پەقەت ئۆزى چۈشەندۈرگەندەك ئاددىلا ئەرەب پارىستىن پەرقلىنىش بولۇپ قالماسلىقى ئۈمىد قىلىمەن
ھەر قانداق ئىنسان بىر بىرىدىن پەرىقلىق قىلىنىپ يارىتىلغان  . ئىسىم ئىنسان ئۇچۇن ئەڭ  مۇھىم بولغان  بىر ئومۇرلۇك بەلگە ئىنسانغا بۇ ئىسىم تاكى ئومۇرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمىرا بۇلىدۇ   بەزەنلەر ھەتتا ئۇلۇپ كەتكەندىن كىيىنمۇ نامى قالىدۇ  .. ئۇيغۇرلاردا تەكرار ئىسىملار ھەددى ھىساپسىز تولا  . بۇمۇ باشقىلارغا قارغۇلارچە ئەگەشكەنلىكنىڭ نەتىنجىسى  
ئۇيغۇرلارغا يات تىلدا ئىسىم قۇيۇپ قۇيۇش ئىچكىرىدە ئىشلەنگەن خەنلەرنىڭ كەمپۇتلىرىگە ئۇيغۇرچە ماركىلىق قەغەز ئوراپ قويغاندەكلەم بىمەنا ئىش ،،  ئىچىگە قارىسا ئۇيغۇر تىشىغا قارىسا ئەرەپچە ماركا   كۇلكۇلۇك ئىشتە بۇ ..  

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 00:37:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 01:11  

قايسى بىر تېمىدا شۇنداقراق بىر گەپلە بولغان. بىر قەۋم يەنە باشقا بىر قەۋمگە ئوخشىۋالماسلىقى كېرەك دېگەندەك. مۇشۇ ئىسىمغا كەلگەندە مۇشۇ ئوخشىۋالماسلىق كېرەك دېگەن گەپ بولۇنمىدىغۇ دەيمەن ھە
بۇنداق يەرگە كەلگەندە ئاتلاپ ئۇتۇپ كىتىدۇ بۇلا ..
دىققەت قىلىپ باقساق مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىشىپ بىر بىرى بىلەن زىدىيەتلىشىۋاتقان ھەتتا بىر بىرى بىلەن قانلىق ئۇرۇشلارنى قىلىۋاتقانلارنىڭ كۇپۇنچىسى  دەل مۇشۇنداق قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى ئۇزىگە پايدىلق مەزمۇنلارنى كىسىپ ئېلىپ بۇنى ئۇزىنىڭ مەنپەتىگە بۇرمىلاپ  ئىشلىتىپ   مەنپەتىگە تاقىشىپ قالىدىغىنىنى باسۇرۇپ قۇيۇپ  ئۇزىنىڭكىنىلام ھەقىقەت قىلپ كورسۇتۇپ كۇچەپ تەشۋىق قىلىشىۋاتىدۇ .. بىلمىگەنلەر بۇلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئالدىنىپ  بۇلارغا سادىق مۇرىت بۇلۇشۇپ بىرىى بىلەن ئۇستۇنلۇك تالىشىپ پۇت تىپىشىپ يۇرىشىدۇ    بىلگەنلەر بۇنىڭ ئىچىدىكى سىياسى ئۇيۇننىڭ ماھىتىنى تۇنۇپ يىتىپ  مۇۋاپىق يول تۇتىدۇ  ،،

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:12:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 09:35  

تەپەككۇرۇڭغا قايىل بولدۇم،
ئەسلى سۆغۆققانلىق بىلەن ئۆيلۇنۇپ كۇرۇشۇڭ كىرەك ئىدى  لىكىن ساپلام تەنە گەپلەر بىلەن تۆشقۇزۇپۋېتىپسەن  .
ئىختىيارىڭ قانداق ئۆيلىساڭ ئۆيلا   .  
ئەرپچە خەت دەپ قۆي .. شۇ سىلەردەك كىشىلەرنىڭ تۆھپىسىدە  ئۇزىمىزنىڭ يېزىقىنى تاشلاپ ئەرپەنىڭ يېزىقىنى  ئىشلىتىپ ئولتۇرۇپتىمىز مانا  .
ئەرەپچە سۆزلەر دەمسەن .. ...... بۇمۇ سىلەردەك  ئەرەپ تىلى شىكەرىس پارىس تىلى ھەسەلىس دەيدىغان  ئۇزىنىڭكىنى خار باشقىلارنىڭكىنى ئەتىۋار بىلىدىغان  كىشىلەرنىڭ شاپائىتىڭ نەتىنجىسى .... شۇڭا ئۇيغۇر  تىلدىكى سۆزلۇكنىڭ ئۆرنىنى %30 ئەرەپچە %21 پارىسچە  %11 خەنچە   %6 رۆسچە   %3 ئېنگىلسچە  ۋە %1 باششقا تىللار ئىگەللەپ بولدى .
ئەمدى قېپ  قالغان %30 تەكلەم يەرلىك ئۇيغۇرچە ئىسىم ئاتالغۇلارلام قالدى بولسا يىنە بىر كۇچەپ مۇشۇنىمۇ بىر يۆقۇتۇپ  ئۇلۇغ ۋەزىپەڭلارنى بىر تاماملىۋەتمەمسىلە  .
كىم ئۇيغۇرۇم  دەپ مەيدانغا چىقسا شۇنىڭغا مىلىلەتچى دىگەن قالپاق تەييار  سىلەرنىڭ مەنتىقەڭلاردا ئۆز مىللىتىنى سۇيۇش گۇناھ .. .. مىللەتنى سۇيۇش مىللەتچىلىك قىلغانلىق ..
سىلەر ئۇيغۇر بولماي نىمە ..  ئەجىبا  سىلەرنى سۇيۇش  سىلەرنىڭ غىمىڭلارنى قىلىش گۇناھمۇ  .. ؟
ئىسلام مۇسۇلمانلارنى نىمىگە بۇيرۇيدۇ  ... ؟   ھاۋاغا بۇيرۇمدۇ  .. ئاسمانغا بۇيرۇمدۇ ..
ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانلارنى كۆپ خىل مىللەت قىلىپ يارىتىشىنىڭ ھىكمىتى نىمە  .. ؟
ھەر قايسى قەۋىم ئەڭ ئاۋال ئۇزىگە ئۇزىى مەسئۇل .. ھەركىم  ئەڭ ئاۋال ئۇزىدىن ئاندىن ئاھىلىسىدىن ئاندىن  ئۇزنىڭ  تەۋەلىگىدىن  جاۋاب بېرىلىدۇ  .. ساڭا تەۋە بولغان بۇ تەۋەلىك سىنىڭ قان قېرىنداشلىرىڭ  بىللە ئۆيناپ چۆڭ بولغان جان جىگەر دۆسلۇرۇڭ  ۋە ئۆخشاش بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان  ئۆخشاش بىر مەدىنىيەتنىڭ ساھبى بولغان ئۇيغۇرلۇرۇڭ بولماي  نىمە ...  ؟
دۇئا قىلغاندا نىمە ئۇچۇن ئەڭ ئاۋال  ‹‹ مىنى مەخفىرەت قىلغىن ›› دەپ دۇئا قىلىمىز  .. ؟  بۇنىڭ ھىكمىتى نىمە ... ؟ ...
بۇنداق  مىسال ئېلىپ سۆزلەپ كەلسەم  گەپ تۆلا  ..
بىلسەڭ ئۇيغۇرلۇق بىلەن ئىسلامنىڭ زىدىيىتى يۆق  .. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى ئۇچۇن  ئەرەپ تىلىنى ئەرەپ مەدىنىيىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئەرەپلىشىپ كىتىشى شەرىت ئەمەس  ... بىز مىللىتىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆز قەۋىمىنى قانداق شەكىلدە سۆيگەن بولسا بىزمۇ شۇنداق شەكىلدە سۇيىمىز  .. لىكىن سىلەر بىرەرسى مىللىتىم دەپ بولغىچە ئۇنىڭغا قالپاقنى كىيدۇرۇشكە تەييار تۇرىسىلەر ...؟  نىمىشقا مىللەتنى بىر تەرەپتىن ئىتىراپ قىلىپ تۇرۇپ يىنە بىر تەرەپتىن مىللەتكە زىيانلىق ئىشنى قىلىسىلەر  ... ؟
سىنىڭ بۇ سۇئاللارغا  تۇلۇق جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن  .. بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلسەڭ ئىدىڭ  مىنىڭ گەپلىرىمنى سۆغۆققانلىق بىلەن ئۆيلۇشۇپ كۆررۇشنىڭ ئۆرنىغا بۇنداق بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ ئۆلتۇرمايتىڭ ..  
بىلسەڭ بۇ يەردە  باشقىلارنىڭ قەستەن دىن نامىدىن ئايەتلەرنى بۇرمىلاپ سىلەرنىڭ مىڭەڭلەرگە سىڭدۇرىۋەتكەن  سىياسى ئۇيىنى بار ..
ئەگەر  سەندە   مىللىتىڭگە  ، قەۋىم قېرىنداشلىرىڭغا بولغان ھەقىقى سۆيگۇ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بۆلسىلام سۆغۆققانلىق بىلەن ئۆيلىساڭ  بۇنىڭ جاۋابىنى تالالايسەن ...  بولمىسا باشقىلار سىنى بۇرنۇڭدىن يىتىلەپ قاياققا باشلىسا شۇ ياققا يىتلىنىپ كىتىۋېرىسەن ...

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:55:23

ئېغىزىمنى چىڭ ئەتكەن گىلاسقا تەشەككۈر، ھاياتنى قەدىرلەپ باتىلنى قارشى ئالايلى!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:15:58

باشقىلارنىڭ ئىسىم قۇيۇش ھۇقۇقىغىمۇ ئارلىشىۋېلىشامسە لاۋزا گۇيلار  
ئەرەبچە قۇيۇۋېلىپ پاھىشخانىدىن چىقمىغاننى ، ئۇيغۇرچە قۇيۇۋېلىپ بەسەي بىلەن توي قىلغاننى كۆرگەنمەن .  

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:39:33

بالىنى تاپقان ئادەم ئەرەپچە قۇيامدۇ بىر نىمىچىمۇ ئىششىڭنى قىلمامسە !
سەن ئۈزۈڭگە ۋەكىللىك قىلىسە شۇنداق بولغاندىكىن ئۈزۈڭدىن باشلاپ باللىرىڭغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويسااڭ بولدى . ئاۋۇ ئىككى ئىسىمنى قەستەن ئاغزىڭغۇ ئالدىڭغۇ دەيمەن .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 17:37:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erktekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 17:38  

xXx يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 09:12 static/image/common/back.gif
ئەسلى سۆغۆققانلىق بىلەن ئۆيلۇنۇپ كۇرۇشۇڭ كىرەك ئىدى   ...

بىر ئوبدان گەپ قىلىپ كېلىۋېتىپ،كېيىنكى ئىنكاسىڭىزدا (ئۆچۈرۈلگەن ئىنكاسىڭىزنى دىدىم )ئېزىپ كېتىپسىز،پىكرىڭىزنى باشقىلارنىڭ دىنىي ھىسسىياتىنى ئويلاشقان ،باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇڭ .

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:50:19

بالىنى تاپقان ئادەم ئەرەپچە قۇيامدۇ بىر نىمىچىمۇ ئىششىڭنى قىلمامسە !
گەپ چۇشىنەمسەن ياكى سەنمۇ ھېلىقىدەكلەمۇ   ...   دىدىمغۇ دىگىنىڭ توغرا دەپ   ..  بۇ سۇئالنى ئاۋال دىن نامىدىن دىننى بۇرمىلاپ باشقىلارنىڭ دىنى چۇشەنچىسىنىڭ كەملىكىدىن پايدىلىنىپ  پەتىۋا تۇقۇپ باشقىلارنىڭ تاپقان بالىىلىغا ئەرەپچە ئىسىمنى زۆرلاپ دىگۇدەك تېڭىپ  قۇيۇپ قۇيىۋاتقان  ئۇيغۇر جەمىيىتىدە  بىرمۇنچە ئەرەپسىمان ئۇيغۇر مەخلۇقلارنى پەيدا قىلىۋەتكەن موللىلارغا دىمەمسەن  .. شۇلار شۇنداق قىممىسا  بىزگە نىمە كەپتۇ بۇ يەردە كاپشىپ ..

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:17:03

ئىسلامغا بولغان مۇھاببىتى ئەرەپلەرگە بولغان مۇھاببەتكە ئايلانغان مۇسۇلمانلاردا مىللەت ئەرەپلىشىدۇ،ئىتىقاد چاكىنىلىشدۇ.
ئۇ مىللەتتىكى ئۆزگۈرۈش قارىماققا ئىسلاملىشىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ماھىيەتتە ئۆزگۈرۈشنىڭ يۆنىلىشى ئىسلامدىن يىراقلىشىپ ئەرەپلىشىشكە مايىللاشۋاتقان بولىدۇ.

دىننىڭ تاشقى پوستى دەپ خاتا قارىلىۋاتقان دىنى شەكىلنىڭ تەرەققى قىلىشى تەتۈر تاناسىپ بىلەن دىننىڭ ماھىيىتى چۆكۈرىدۇ.بۇنداق  جەمىيەتتە كىشىلەر ھەقىقەتتىن قورقۇپ سەپسەتىگە باغلىنىپ ياشايدۇ.

تەڭرىنىڭ مىللەتلەرنى يارتىپ كەينىدىن ھەممىسىنى ئەرەپ بولۇشقا قىستايدىغان دىننى ئەمەس،مىھىر-مۇھاببەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان،مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىننى چۈشۈرگەنلىكىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىگە يىتەلەيدۇ دەپ قارايمەن.

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:20:33

بىر ئوبدان گەپ قىلىپ كېلىۋېتىپ،كېيىنكى ئىنكاسىڭىزدا (ئۆچۈرۈلگەن ئىنكاسىڭىزنى دىدىم )ئېزىپ كېتىپسىز،پىكرىڭىزنى باشقىلارنىڭ دىنىي ھىسسىياتىنى ئويلاشقان ،باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇڭ .
دىگىنىڭىز توغرا بۇ يەردە بىر بىرىمىزگە قوپال گەپلەرنى ئىشلىتىپ گەپ قىلىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ ئەسلى ھېچ زۇرۇرىيىتى يوق ...  « قول ئىچىگە ئىگىلىدۇ »  دەيدۇ كونىلار  لىكىن بىزنىڭ خەقلەرنىڭ قۇلى داۋاملىق تىشىغا ئىگىلىۋالدىكەن .. بۇنىڭ زىيىنىنى تارىختىن بېرى ئەجداتلىتىمىز تارتىپ كىلىۋاتىدۇ   
ئەرەپنىڭ بىر قىسىم دىنغا يات بولغان ئاخلاپمۇ ئاخلىغىلى بولمايدىغان قىلمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا  بۇنى بەرىبىر ئاخلىغىلى بولمىغاندىكىن   ئەرەپ دىگەن باشقا مۇسۇلمانلىق دىگەن باشقا  بۇلارنى بىر قىلىپ باغلاپ چۇشىنىۋالماڭلار دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ بولمىسا  .. كاللىسى خېلە ساقكەن دىسەك  مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇرنىڭ پىشانىسىگە ئەرەپچە تامغىنى مەجبۇر بېسىۋىتىدىغان ئىشلارغا كەلگەندە ئەرەپ بىلەن مۇسۇلمانلىقنى ئۇزىلىرى بىر قىلىپ باغلىۋېلىشىدۇ  
خۇددى ئەرەپچە ئىسىم مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتىدەك قىلىۋېلىشىدۇ  . خۇددى ئەرەپچە ئىسىم قۇيىۋالسىلام ھەممە ئىشى ھەل بۇلۇپ كىتىدىغاندەك  ،، سۆزلەپ كەلسەك بۇنداق مىساللار بەك كوپ   .... . ئىش قىلپ بۇ يەردە بىر ئۇيۇن بارلىغى ئېنىق  زۆر كوپ سانلىق كىشىلەر بۇنداق ئۇيۇنلارغا تۇزۇك ئويلۇشۇپ ئولتۇرمايلام ئەگىشىۋېرىدۇ   

turan1001 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:25:00

سادىغاڭ كىتەي باللار، بىر تېما يوللاپ قويسام، بۇرۇن-قۇلاققىچە تويغۇزۋىتىپسىلەرغۇ؟ ئۇنداق تالاش-تارتىش قىلىپ كەتمەيلى جامائەت...

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:32:01

xXx يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 20:20:33 static/image/common/back.gif

دىگىنىڭىز توغرا بۇ يەردە بىر بىرىمىزگە قوپال گەپلەرنى
سۆزلە، داۋاملىق سۆزلە، بولسا قۇرۇلتايغا تەكلىپ سۇن، بەختىڭ بولسا بىر قاتار ئىسلاھاتلاردىن كېيىنكى ئسىم ئىسلاھاتىغا مۇشەررەپ بولۇپ قالارسەن. ھاراق ئىچسەڭ يۈز يۇئەن بەرگەن يەردە... ما ئسمىمىزنى خېلى پۇلغا ساتقۇدەكمىز. ئەلنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ ياشاپ كەت. قارىچى
بەت: 1 2 [3] 4
: بىر قىسم ئىسملار ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرى