birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 16:20:42

ماشىنا ساز بولسا ، ئۇنداق تىز كاردىن چىقىدىغان ئىش يوق .

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 18:44:33

يەنىلاماي سەرپىياتى تۆۋەن ماشىنا بولدىكەن      

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 19:50:22

باھاسى جىق پەرقلەنمىسە تويوتانى ئېلىڭ

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 20:37:00

ئىزچىل مايدا ماڭغان ماشىنا بىلەن مايدا ماڭغان ماشىنا ماتورىدا پەرق بولۇشى مۇقەررەر. گازدا ماڭغان ماشىنىنىڭ ماتورى كاكىراپ كېتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئادەتتە ماشىنىنى كۆپ ئىشلىتىپ كەتمەيدىغان كىشىنىڭ مايدا مېڭىشى ئەڭ ئەۋزەل. ھەممە ئىش يانچۇققا باغلىق. ئەمما، مايلىق ماشىنا ھەيدەپ كۆنسىڭىز گازلىق ماشىنىنى ھەيدىگىڭىز كەلمەيدۇ.
ماشىنىسىغا گاز قويۇپ، گاز قويۇش ئارقىلىق مايدىن تېجەپ قالغان پۇلىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشقا رىغبەت بولسا دەپ ئويلاپ قالدىم.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 05:12:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lutpulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-17 05:22

UFO114 يوللىغان ۋاقتى2014-9-16 15:53 static/image/common/back.gif
باشقلاردىنئاڭلسام ماشىنىغا گاز قويدۇرساماتۇر ئىتت ...

قايسى كۈنى بەگتاش دەپ بىرەيلەننىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىسىغا ئىنكاس يازغان ھەم بەش تورداشنىڭ ئىنكاسىنى نەقىل ئېلىپ يېزىپ بولۇپ ئۆچۈرۋەتكەنتىم، نەدىن كەلگەن ئاتىكاچىلىقماڭا بۇ دەپ.

باشقىلاردىن ئاڭلىسا ھەرخىل گەپ ئاڭلايدۇ ئادەم،10 ئادەمدىن گەپ ئاڭلىسا 20 خىل جاۋاب چىقىدۇ.:lol
گاز قويسا ماتور ئىتتىك بۇزۇلىدۇ دىگەن گەپكە مەن تازا ئىشەنمەيمەن . سىلىقلاش مېيىنى ۋاقىتىدا ئالماشتۇرۇپ ، گازدىمۇ ، مايدىمۇ ئالماشتۇرۇپ ھەيدىسە ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ.لېكىن ،گاز ئورناتقان ماشىنىدىن ئانچە -مۇنچە ئۇششاق چاتاقلار چىقىپ تۇرىدۇ،چۈنكى ماشىنا ياسىغان زاۋۇت ماشىنىنى تەبىئى گازغا ئاتاپ ياسىمىغان.
كۆرۈۋاتىمىز ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسلار، 50 توننىلىق 100 توننىلىق ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىلىرىمۇ گاز ئورنىتىپ گازدا مېڭۋاتىدۇ،چاتاق چىقىسا ئاشۇ ماشىنىلاردىن چىقسا بولاتتى.

مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم،بېنزىننى يېقىلغۇ قىلىدىغان ماشنىلارنى ھەيدىسە كۆزلىگەن يانداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ،ئازىراقلا ماي دەپسەپ قويسا ئالدىغا ئېتلىپلا تۇرىدۇ.

لېكىن باشقىلارنىڭ ماشىنىسىغا گاز ئورنىتىش ئورناتماسلىق ئۆزىنىڭ ئىشى .ماشىنا ئۆزىنىڭ گازدا ماڭامدۇ، بېنزىندا ماڭامدۇ،دېزىلدا ماڭامدۇ ماشىنا ئۆزىنىڭ.

بىر بىلەن زاۋۇتتىن چىققان ماشىنىغا گاز ئورناتتىم دەپ ،يوغان بىر تۇڭنى، ماتورنىڭ ئۆپچۆرىسىگە ھەرخىل سىم ۋە ئەلەي -بەلەينى ئورناتقان ئىش ياخشى ئىشمۇ؟ بۇ گاز ئورنىتىدىغانلار ياپۇن ياكى ئامېرىكىدىن كىرگەن ئېنجىنىرلار ئەمەس ،

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 05:14:34

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى2014-9-16 15:55 static/image/common/back.gif
مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان

سىلى نېمە دەپ ئاڭلىغان؟ ماتورى ئىتتىك بۇزۇلىدۇ چوڭ رېمۇنىت قىلمىسا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغانما.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 05:16:07

birmoo يوللىغان ۋاقتى2014-9-16 16:20 static/image/common/back.gif
ماشىنا ساز بولسا ، ئۇنداق تىز كاردىن چىقىدىغان ئىش يوق...

قانداق ماشىنا ساز ماشىنا بولىدۇ؟

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 05:27:56

ERTURUK يوللىغان ۋاقتى2014-9-13 13:59 static/image/common/back.gif
قانداق دەيسىز ؟ تەپسىلىي چۈشەنچە بەرسىڭىز ، پىراۋامم ...

مازدا ماشىنىلىرىنىڭ ئاستى پەسرەك دائىم يېزا يوللىرىداھەيدىسىڭىز بولمايدۇ.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 05:31:13

bibaris يوللىغان ۋاقتى2014-9-13 18:22 static/image/common/back.gif
تەكلىپىم ماشىنا ئالسىڭىز ئاق ياكى قارا رەڭلىكنى ئېلىڭ ...

مېنىڭ تەكلىپىم ياخشى كۆرگەننى ،ياقتۇرغاننى ئالسۇن .

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 05:39:30

ERTURUK يوللىغان ۋاقتى2014-9-13 21:08 static/image/common/back.gif
‏ما مەن تاللىغان كاساپەتنىڭ قول خوتلۇقنىڭ تۈڭلۈكلىكى...

نېمە قىلىسىز تۈڭلۈكنى ؟ ماشىنىڭىزنىڭ تۆت ئەتراپى دېرىزە تۇرسا ، ماشىنامغا ئاپتاپ چۈشمىدى دەپ تۈڭلۈكى بار ماشىنا ئالامسىز؟

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 05:46:55

يېزا يوللىرىدا ھەيدەيمەن ،يوللار بەك توپا دەيسىز ،ئۇنداقتا بۇ ماشىنىلارنىڭھېچقايسىسىغا يېقىن يولىماڭ.

RGB يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 12:14:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   RGB تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-17 12:19

ئەگەر چوقۇم مۇشۇ ئىككى ماشىنىدىن بىرنى تاللايتىم دىسىڭىز ئىككىلەنمەي تويوتانىڭ 1.8 لېتىرلىقىنى تاللاڭ ،(گاز قىلىدىكەنسىز ئەمەسمۇ) . تويوتا1966-يىلى تۇنجى ئەۋلاد كوروللانى بازارغا سالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 11 ئەۋلاد نۇسخىسىنى ياساپ چىقتى ، پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا40 مىليون ئابونتى بار ، سىز ئالماقچى بولغىنى دەل 11- ئەۋلاد كوروللا ، تويوتانىڭ ماشىنىلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقلىمىغا بەكلە ماس كېلىدۇ مەيلى ماتور ياكى توك يوللىرى بولسۇن شۇنداق پىششىق ياسىلىدۇ ، گازغا ئەڭ ماس كېلىدۇ ، ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقى بازار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، ئويلاپ بېقىڭ تويوتا ئوخشاش تىپتىكى بىرخىل ماشىنىنى 11 ئەۋلاد ياساپ بازارغا ساپتۇ ، ناچار بولسا ئاللىبۇرۇن شاللىناتتى . ياپونەكلا شۇڭا قورقماي پونى ئاتىدىغۇ ، يوللا بولىدىكەن چوقۇم تويوتا ماشىنىسى بولىدۇ ددپ ، خوندا بىلەن سېلىشتۇرساق سىلىق مېڭىش جەھەتتىن يەنىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ ، چوقۇم 1.8 لىكىنى ئېلىڭ ، 1.6 لىكنىڭ ئانچە كۈچى يوق ،پۇشايمان قىلمايسىز



ERTURUK يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 15:07:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ERTURUK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-17 15:09

RGB يوللىغان ۋاقتى2014-9-17 12:14 static/image/common/back.gif
ئەگەر چوقۇم مۇشۇ ئىككى ماشىنىدىن بىرنى تاللايتىم دىسى ...

بۇگۈن بارغان 4Sدۇكانغا تەپسىلىي قارىسام سىرتقى كۆرنىش ۋە ئىچكى سەپلىمىلىرى خوندانىڭكىدىن تۈۋەن كۆرىندىماڭا   :'(

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 22:59:22

ياپوننىڭ ماشىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ياخشى ئەمەس دىگەننىڭ ھەممىسى ئەپقاچتى گەپلەر،خوندا سىۋىك ماشىنامغا خۇدايىم بۇيرىسا 11 ئايدا يەتتە يىل بولىدۇ،نورمال ئاسراشتىن باشقا ھېچ ئىش يوق،ماتورى يېڭى ئالغان ۋاقتىدىكىدەكلا!!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 00:08:33

1.6 لىك نىمىشقا بولمايدىكەن،توپا توشۇغىلى،يەر كولىغىلى سالمايدىغاندۇ ئۇ ماشىنىنى ؟تۆت بەش ئادەم چىقىپ ماڭغانغا كۈچى يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ…
ماشىنا سېتىۋالغاندا ئېھتىياج ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى ئاندىن يانچۇقنىمۇ ئويلايمىز،سۇدا ماڭمايدۇ ماشىنا دىگەن ، توختىماي ماي قاچىلايمىز!
نەدىن يۇقتى مۇشۇ ناچار ئادەت گاز چىقىرىش مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى ، ماشىنا شۇنچە ئېسىل بولىدۇ دەيدىغان ئادەت،بەسەيلەردىن كىردى ھەر قاچان…
گاز چىقىرىش مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا ماي قاچىلىغاندا يانچۇققا چۈشىدىغان بېسىممۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ…
1.0 لىك شالىلارمۇ ۋاش ۋاش مېڭىۋاتمامدۇ يوللاردا بىزنى يانداپ
گاز چىقىرىشى قانچە كۆپ بولسا مۇھىتنى بۇلغىشى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ،قەيەر بۇلغىنىدۇ؟مۇشۇ بىز ياشايدىغان يەر
ماشىنىنى ئارقان تارتىش،كۈچ سىنىشىش،ئۈسسۈشۈش،تۈرتۈشۈش مۇسابىقىسىغا سېلىش ئۈچۈن، گاز چىقىرىش مىقدارى مۇنداق يۇقىرى دەپ تونۇشلارنىڭ ئالدىدا ئاقسا ئولتۇرۇپ ماختىنىش،كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈن ئالسىڭىز ، ھەر ماي قاچىلىغاندا لېۋىڭىزنى چىشلەپ تونۇش بىلىشلەرنىڭ ئالدىدا دەردىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتۇپمەغرۇر تۇرالىسىڭىز ۋە ياكى ماشىنىغا گاز ئورنىتاي دىسىڭىزۋە ياكى پۇلىڭىزنى يىغىشتۇرالماي قالغان بولسىڭىز مېنىڭ بۇ گەپلىرىم سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز…

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 00:13:40

مېنىڭ بىلىشىمچە تانكىنىڭ،ئېغىر تىپلىق كىران،يۈك ماشىنىسىنىڭ گاز چىقىرىشى ئەڭ يۇقىرى،پەيچىلىياڭ يۇقىرى ماشىنا ئېلىشنى ياقتۇرىدىغانلاربۇلارنىمۇ ئويلىشىپ باققاي

RGB يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 12:28:08

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 00:08 static/image/common/back.gif
1.6 لىك نىمىشقا بولمايدىكەن،توپا توشۇغىلى،يەر كولىغىلى ...

ماشىنىنى گاز قىلىمەن دەيدىكەنمىز ئامال بار يۇقىرىراق گاز چىقىرىش مىقدارىدىكىنى سېتىۋالغان ياخشى ، گاز قىلدۇقمۇ ماتورنىڭ كۈچى چوقۇم ئاجىزلايدۇ ، 1.6 بىلەن 1.8 نىڭ كۈچىدە پەرق بار ، ئات ھارۋىسىنى ئېشىككە قاتقاندەك ئىش قىلغاندىن ئات ھارۋىسىنى ئاتنىڭ ئۆزى تاتقىنى ياخشى.... چىدىغانغا چىقارغان ، ئامال بار مايدا ھەيدىگۈلۈك يېقىندا گازنىڭ باھاسى يەنە قايتا ئۆسىدۇ ، گاز قىلىشنىڭمۇ ئانچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ ،    ھەيدەۋاتقىنىم 1.6 لىك ماتور ، گاز قىلماي مايدا مېڭىۋاتىمەن ، تۆت ئادەمنى بېسىپ دۆڭگە ماڭغاندا ماشىنا ئوبدانلا ھالسىرايدۇ ، 1.8 ، 2.0 ياكىT 1.4 لىق ماتورلارغا قارىغاندا يەنىلا ئاجىز ، ماي پۇلىنىڭ پەرقى 50 كويدىن 100 كويغىچە پەرق قىلىدىكەن ،1.0 لىك شالىمۇ ماڭىدۇ توغرا ، لېكىن ھەيدىگەن ئادەم ئۆزى بىلىدۇ ماتور ئايلانمىسىنىڭ قانچىگە چىكىتىدىغىنىنى ، ماتورنىڭ نىڭ قانچىلىك كاكىراپ قالىدىغىنىنى ،ماشىنىنى راھەت ھەيدەيمەن دەيدىكەنمىز ئامال باربەك تۆۋەن لىتىرلىقنى ئويلاشمىغان ياخشى گاز قىلىشنى تېخىمۇ ھەم .....

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 09:29:22

凌派   雪飞兰

okojan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 22:08:51

ئچنىڭ بىزلشگە قاراپ تاللايمەن دىسڭىز ،بولدى خوندانلا ئلىڭ ...... چۇنكى خۇندا تپتكى ماشنلارنىڭ ماشنا ئچنىڭ بىزلشى بەك ئۆزگىچە ،ئالددا ئولتۇرغان ئادەم خۇددى ئايرۇپلاندا ئولتۇرغانىدەك ،ئادەمگە بىر خل راھەت تۇيغۇ بىردۇ ،،،،،، لىكىن چىدامچانلق جەھەتتە يەنلا كالباشقا يەتمەيدۇ ...............
نىملا دىگەن بىلەن ھەر ئككى ماشننىڭ ئۆز ئالدىغا چۇشلۇق ئارتۇقچلقى بار ، لىكىن سىز گاز قويماقچى ئكەنسىز ،ئۇنىداق بولغانكەن سز ئىككلەنمەيلا كالباش ئلىڭ ، خوندانىڭ ماشنلىرى گازغا ئانچە بەك ماس كەلمەيدۇ .. بۇنى بەك ئىزىپ چوشەندۇرسەك تولا گەپ بولاپكتىدۇ ،
يۇقىردا بىرسى گاز قويسا ماشنا موتورغا زىينى يوق،ماي بىلەن ئوخشاش دەپتۇ ، بۇ ناھايتى بەك خاتا گەپ .....
گازنىڭ ئوكسدلاش ،چىرتىش قاتارلق پايدىسز تەرەپلىرى بىنزندىنخللا كۇچلۇكشۇڭلاشقا گازدا ماڭغان ماشنلارنىڭ بىر مەزگلدىن كىين ئاۋاز چىقۋلشى ،موتورنىڭ ئىچدىكى سايمانلارنىڭ گازنىڭ تەسىردە ئۇپرشى تىزراقبولۇپ ،يىملق دەرجسگە تەسىر كۆرستدىغان بولغاچقا ماشندا ئاۋاز چىقۋالدىغان گەپ،شۇڭلاشقا ماشننى يىڭى ئالغاندا ئىمكان بار ،1،2 يىلغىچە گاز قويماي ھەيدەڭلا دەپ بىكارغا چققان گەپ ئەمەس ...
بەت: 1 2 3 4 [5]
: «ياردەم» ماشىنا سىتىۋىلىشتىن