esir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 17:14:33

ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان ھەمدە سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان شار جىسىمنى شۇ ھەرىكەت ھالىتىدە ئوڭ- سول ئىككى يېرىم شارغا بۆلەيلى، شارنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى ئوڭ تەرەپكە دەپ پەرەز قىلايلى. بۇ چاغدا شارنىڭ ئوڭ- سول ئىككى يېرىم شارىدا (پەرىزىمچە) ئىككى خىل تەسىر كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى يۈز بېرىدۇ:
1. ئاقار جىسىملار مېخانىكىسىدىن مەلۇمكى، ئېقىۋاتقان ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى ئېقىش تېزلىكىگە تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىۋاتقان شارنىڭ ئوڭ يېرىم شارى ئەتراپىدىكى ھاۋانىڭ شارغا نىسبەتەن ئېقىش تېزلىكى ئاستىراق، سول يېرىم شارىنىڭكى تېزراق بولۇپ، شارنىڭ سول يېرىم شارى ئۇچرىغان ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى ئوڭ يېرىم شارى ئۇچرىغان ھاۋانىڭ بېسىم كۈچىدىن كىچىك بولىدۇ. بۇ تەڭپۇڭسىزلىق شارنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنىڭ قارشى يۆنىلىشىگە ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى كېرەك.
2. ئۆز ئوقىدا ئوڭ تەرەپ يۆنىلىشكە ئايلىنىۋاتقان ھەمدە سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان شارنىڭ سول يېرىم شارىنىڭ يەر يۈزىگە نىسبەتەن تېزلىكى ئوڭ يېرىم شارىنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ، دېمەك، سول يېرىم شارىنىڭ مەركەزدىن قېچىش كۈچى ئوڭ يېرىم شارىنىڭ مەركەزدىن قېچىش كۈچىدىن چوڭ بولىدۇ.

ئەگەر ئىككى خىل تەسىر كۈچ پەرقى نۆلگە تەڭ بولمىسا، شار چوقۇم مەلۇم بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئاغىدۇ. 1- دىكى كۈچ پەرقى 2- دىكى كۈچ پەرقىدىن كىچىك بولغاندا شار ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىگە ئوخشاش يۆنىلىشكە ئاغىدۇ.

ئەمەلىيەتتە پۇتبول ۋە تىكتاكتوپتىكى «ياي توپ» ھادىسىسى بۇنىڭغا مىسال بولالىشى مۇمكىن.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 17:14:54

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 17:22:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-1 17:27

esir يوللىغان ۋاقتى2014-7-1 17:14 static/image/common/back.gif
ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان ھەمدە سىزىقلىق ھەرىكەت قىلى ...

دىگەنلىرىڭىز تامامەن ئورۇنلۇق، ئەمما بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز مۇشۇنداق ئېغىشنىڭ ۋاكىوم شارائىتىدىمۇ يۇز بېرىشى-بەرمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىش.
ئىككىنجى مەزمۇنىڭىزبويىچە 29- تىيورمىنى توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ . تەھلىلىڭىز كىشىنى قايىل قىلارلىق. ئۇنداقتا ئارلىقتا بىرلىككە كىلەلمەيدىغان زىدىيەت يوق دىسەك بولامدۇ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 19:38:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-1 19:55

دېمەكچى بولغانلىرىمنى تولۇقلاپ يانفوندا يوللىغان ئىنكاسىم يوق بولدى، قىسقىچە قىلغاندا، يۇقىرىدىكى ھادىسە ۋاكۇئۇمدا دەپ پەرەز قىلىنىپ ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا (بىرىنچى پەرەزدىكى تەسىر كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى يۈز بەرمىدى دېگەندە)، ئىككىنچى پەرەزدىكى تەسىر كۈچ پەرقى چوقۇم نۆلدىن چوڭ بولىدۇ: بۇ ۋاقىتتا 29- تېئورىما كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بەلكى شارنىڭ ئېغىشىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرىنچى پەرەزدىكى تەسىر كۈچ ئېلىۋېتىلگەنلىكتىن، شارنىڭ ئېغىشى ھاۋادىكىدىن چوڭراق بولۇشى كېرەك. مەن ئويلاپ يېتەلمىگەن نۇقتىلار بولۇشى مۇمكىن.

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 21:41:45

esir يوللىغان ۋاقتى2014-7-1 19:38 static/image/common/back.gif
دېمەكچى بولغانلىرىمنى تولۇقلاپ يانفوندا يوللىغان ئىن ...

شارىكنىڭ مۇتلەق ماركىزىنى تېپىش ۋەئىككى يېرىم شارنىڭ مۇتلەق تەڭپۇڭ ىھلىتىنى تېپىش بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزدا مۇنكىن بولمايدىغان ئىش. يەنە بىر جەھەتتىن 29- تىيورمىنىڭ تەلىپىدىمۇ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىم دىيىلگەن،شۇڭا ئېغىشنىڭ تەلىپى چوقۇم ئېغىرلىق مەركىزى مۇتلەق توغرا بولغان شارىك ئەمەس، ئەگەر شۇنداق شارىك بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 22:00:52

ئىلگىرى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئىلىم ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان نەزەرىيەلەردىن پايدىلىنىپ ئىسپاتلاشمۇ ئېتىراپقا ئېلىنىدۇ.
سىز دېگەندەك، شارنىڭ مۇتلەق مەركىزىنى تېپىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ئىشلەنگەن شارنى ئايلاندۇرۇپ تاشلاش تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسىمۇ يېتەرلىك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، شارنىڭ ئۆزىنىڭ ئايلىنىش ئوقى چوقۇم ۋە چوقۇم مۇتلەق ئېغىرلىق مەركىزىدىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلار ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.

يەنە بىر قارىساق، شارنىڭ ئېنىق ئېغىرلىق مەركىزىنى تېپىشمۇ مۇمكىن بولمىغۇدەك ئىش ئەمەستەك، خاتا چۈشىنىۋالمىغانلا بولسام…

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 22:06:23

esir يوللىغان ۋاقتى2014-7-1 22:00 static/image/common/back.gif
ئىلگىرى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئىلىم ساھەسىدە ئېتىراپ قىل ...

بۇ جەھەتتىن بىز تىرىشىپ كوردۇق. ھەم شۇنداق قىلدۇق. بۇنىڭدا شارىكنى ئەينەك ئۈستىگە قويۇپ ئىغىرلىق مەركىزىنى تېپىش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق. بىزنىڭ ھازىرچە قىلالايدىغىنىمىزمۇ شۇكەن.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 10:22:57

تىئورمىدا ئېغىش كۈچىنىڭ شار ياكى غەلتەكنىڭ دىيامىتىرى بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتى،يەنەماسسىسى بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىنىڭ گېپى يوقمىكەن؟پەقەتلا ئايلىنىش سۈرئىتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىكمىكەن؟

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:31:46

86 يوللىغان ۋاقتى2014-7-2 10:22 static/image/common/back.gif
تىئورمىدا ئېغىش كۈچىنىڭ شار ياكى غەلتەكنىڭ دىيامىتىرى ...

زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

________ قاسىم سىدىق
بەت: 1 [2]
: ۋاكىئوم تەجىربىسىنىڭ ئالدى - كەينىدە