bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:27:19

- ھەي ، ماروژناڭغا بىر تال چىۋىن چۈشۈپ قالدى .
- خوپ بوپتۇ ! توڭلاپ ئۆلسۈن ……

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:27:42

بىر كۈنى 1 بىلەن 10 ئۇچرىشىپ قاپتۇ
1 : پاھ ئاداش، بۇياق كىم؟
10: قىزدوستۇم……
1: ھەجەپ بودەك قىزدوست تۇتىۋاپسەن، تامىقىغا يېتىش قىلىۋاتامسەن؟
10: مەن ھېچقانچە ئەمەس، ئانىڭغا قارا
1 بىشىنى كۆتىرىپ قارىسا 100 كېلىۋاتقۇدەك……
شۇ چاغدا 11 كەپتىكەن، ھەممەيلەن:
-مېڭىشە ، توڭ شىڭلىيەن
مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:28:14

تىزىملىغۇچى: ئىسمىڭىز نىمە
ئەر: ئا،ئا،ئا،ئابدۇ دۇ دۇ قاقاقادىر……
تىزىملىغۇچى: كەچۈرۈڭ، سىز كىكەچما؟
ئەر: مەن كىكەچ ئەمەس، دادام كىكەچتى، مېنى نۇپۇسقا خەتلەتكەندە ماۋۇ نوپۇسقا ئىسىم يازىدىغان گۇي كاللىسى ئىشلىمەيدىغان نىمىكەن، دادام نىم دىسە شۇنى يېزىپتۇ……
مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:28:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 17:32  

2- يۇمۇردىكى زىيالى لاۋزىدىن ئېشىپ كۇڭزىلىق مۇقامىغا يىتىپتىغۇ {:92:}
3- يۇمۇردىكى ھەركەتنىڭ ھەممىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ كۆرۈپ باققانلار قول كۆتۈرۈڭلار :lol  ئەمما شوپۇرنىڭ ئىككىنچى ھەركىتىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ چىقىرالمىدىم

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:28:46

ئاپتۇبۇستا بىر قىز سۇقۇلۇپ كېتىپ ‹ئەييۇ ›دېۋىدى ،بىر ياشقا چوڭراق بىرەيلەن ئېيتتى ؛
- نەرىڭىز خەنزۇچە ئاغرىپ كەتتى قىزىم ؟

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:53:17

بولىدىغان  يۇمۇرلاركەن    ،  بولۇپمۇ  ئاۋۇ  بۆرىچاقنىڭ   سەۋزەمنى  قايتۇرۇپ  بەر  دېگەن  يېرىگە  تازا  كۈلۈپتىمەن  :lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 19:25:54

بىر كۈنى qassap  تىن گۆش ئالغىلى باردىم.{:87:}
بىر جېنىمغا ئازراق 20 يۈەنلىك ئالاي دېسەم قاسساپ ئاز كۆردىمۇ ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ باشقا خېرىدار بىلەن بولىۋەردى.:'(
-qassap كا..........، gapbar تېمىسىغا بىر ئۇزۇندا ئىنكاس يازغاندەك سوزىماي 20 يۈەنلىك گۆشنى گاچچىدە كېسىپ بەرمەمسىز؟{:92:}
-ئۇكەم................، ھېلىمۇ ياخشى ئالغىنىڭ 20 يۈەنلىك كالا گۆشىكەن، بىر پۈتۈن قوينى ئالغان بولساڭ مۇشۇ پىچاقتا lata كەسكەندەك كېسىپ بەر دەيدىغان ئوخشىمامسەن؟{:101:}

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 19:36:30

بىر كۇنى يەسلى ئوقۇتقۇچىسى،باللارغا ‹يۇرەك›نى چۇشەندۇرمەكچى بولۇپ دەرىس باشلاپتۇ
باللىرىم ماياققا قاراڭلا- يۇرەك قەيىرىڭلادا بولىدۇ؟؟؟؟
يەسلى باللىرى_بىلمەيمىز!!!!
مانا  ماياققا  قاراڭلا مەن كۆرسۇتۇپ قوياي_دەپ نەق يۇرىكى بار يەرنى كۆرسىتىدۇ....مانا  مۇشۇيەدە  نىمە  بار  
يەسلى باللىرى_مەممە......  ياق ياق خاتا  بولۇپ قالدى،ياخشىراق قاراپ بىقىڭلا
يەسلى باللىرى_شۇت ت ت ت ت

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 20:05:07

يىڭىدىن خىزمەتكە چۇشكەن خانىم تەييارلىق سىنىپ  باللارغا تۇخۇم سىزىشنى ئۇگەتمەكچى بولۇپ دوسكىغا تۇخۇمدىن بىرنى سىزىپتۇدە:
باللاردىن سوراپتۇ :ماۋۇ نىمە؟؟؟
بالىلار:قوڭ ڭ ڭ ڭ ڭ ڭ ڭ .................
خانىمنىڭ سەت ئاچچىغى كەپتۇ.بىر تۇرۇپ باللارنى كىچىك ئىش بىلمەيدۇ دەپ كۆڭلىگە تەسەللى بىرىپتۇ،بىر تۇرۇپ ئاران تەستە سىزغان 《تۇخۇم》نى باللارنىڭ 《قوڭ》غا ئوخشاتقىنى سەت ھار كەپتۇ .ئاخىرى بولماي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قىشىغا چىقىپ،باللارنىڭ ئۆزىنى بوزەك قىلغىننى پاش قىلىپتۇ..
مەكتەپ مۇدىرىمۇ تازا سەپرا مىجەز ئادەمكەن،ئۇدۇل سىنىپقا كىرىپ باللارغا ۋارقىراپتۇ
قايسىڭ ماۋۇ يىڭىدىن كەلگەن خانقىزنى بوزەك قىلغان.....ھىچكىم مەن دىمىگەندىكىن مەكتەپ مۇدىرى چىقىپ كىتەي دەپ كەينىگە ئۆرۇلۇپ دوسكىغا قاراپ باللارغا ۋارقىرىغىدەك
قايسىڭ سىزدىڭ ما قوڭنى:lol:lol:lol:lol

xjks يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 12:45:56

قىز :قەدىرلىكىم، ئاخشام مېنى چۈشۈڭدە كۆردۈڭمۇ
‏ئوغۇل :ياق
قىز :نېمىشقا؟ ‏  
ئوغۇل :چۈنكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئايتەلكۇرسىنى ئوقۇغان ئىدىم:lol:lol   

‏0 بىر  كۈنى  8گە دەپتۇ:  سەمىرىسەڭ  نېمە بوپتۇ؟ بېلىڭنى  تېڭىۋېلىپ نىمە  قىلىسەن؟  .  7بولسا  2گە دەپتۇ، «ئۆلگۈچە  تىزلانساڭمۇ ساڭا  تەگمەيمەن»     6يەنە  9غا  دەپتۇ: ئورنۇڭدىن  تۇرە،  ھازىرغىچە  تەتۈر  تۇرۇشنى  مەشىق  قىلىۋاتامسەن؟   8مۇ  3كە  دەپتۇ: قېرىندىشىم،  بىقىنىڭنى كىم  چېپىۋەتتى؟  


بىر كۈنى……                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ئا:توۋا ،توۋا،ئاخشام ياقامنى چىشلىدىم.                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ب:نىمىگە ئااش؟                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ئا:تۈنۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم،بىر ئات بىر پىلنى پۈتۈن يۈتىۋەتتى قارا،يەنە بىر پىل بىر يوغان توپنى قاراسلىتىپ يەۋەتتى،ئاندىن يەنە يوغان توپ كەينى كەينىدىن بىر ئات ،بىر پىلنى پۈتۈن يۇتىۋەتتى……                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ب:توۋا،دۇنيادا ئەجەپ ئىشلار يۈز بېرىدۇ ھە،نەدە بولغان ئىش بۇ؟                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ئا:شاخمات تاختىسىنىڭ ئۈستىدە……                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ب:يوقىلە كۆزۈمدىن!   

ئا:—ئاداش ھېلقى بەك گەپ قىلىدىغان شاتۇتۇڭ بامۇيا?
ب:-ئۆلۈپ قالدى……~~~~~~~~~~~~~~~
ئا:-ئاغرىپ ئۈلۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ?……~
ب:-ياق ئايالىم بىلەن گەپ تالشىپ تىنىقى يېتىشمەي ئۆلۈپ قالدى.


ئوقۇتقۇچى : ساۋاتسىز دىگەن گەپنى ئەمەلىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ .
ئوقوغۇچى : چىۋىن ساۋاتسىز بولغاچقا قاراپ تۇرۇپ "چىۋىن ئۆلتۈرۈش قەغىزى" دەپ يېزىلغان قەغەزگە چاپلىشىپ ئۆلۈپ قالىدۇ ...............



‏ئوماق قىزىمنى كۆتۈرۈپ باغچىدا كېتىپ بېرىپ كۆرۈشمىگىلى ‏ئۇزۇن بولغان بۇرۇنقى قىزساۋاقدىشىمغا ‏ئۇچرىشىپ قالدىم , قىزنىڭ قۇچىقىدا بىر سەت يوڭلۇق كۈچۈك بار ‏ئىكەن          قىز:قىزىڭىز قانچىلىك بولدى ?‏مەن :ئەمدى ‏ئالتە ‏ئايلىق بولدى          قىز قوينىدىكى كۈچۈككە قاراپ دېدى:  قارا سەن بۇ سىڭلىڭدىن ‏ئۈچ ‏ئايلىق چوڭ ‏ئىكەنسەن ھى ھى ھى          تازا ‏ئاچچىقى‏م كېلپ بىر نەرسە دەي دەپ تۇرۇشۇمغا ‏ئۇ قىز كۈچۈكىگە يەنە : قارىغىنە , سەن چىرايلىقمۇ ياكى سىڭلىڭ چىرايلىق ? ھى ھى          پەقەت چىدىغۇچىلىكى‏م قالماي ‏ئاخىرى پارتلاپ تاشلىدىم دە ‏ئۇنىڭدىن سورىدىم : ‏ئۆزىڭىز توغدىڭىزمۇ يا ‏ئوپىراتسىيە قىلدىڭىزمۇ ?        

xjks يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 12:52:15

ئارتىس خۇشال ساز بىلەن
يوتقان خۇشال ماز بىلەن
چىۋىن خۇشال تاز بىلەن
شوپۇر خۇشال گاز بىلەن:lol:lol:lol:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 14:09:17

  ساغلام يۇمۇرلار  تېخمۇ قىزىيدىكەن .... پەيلاسوپقا  تازا  كۈلۈپتىمەن مەن {:87:}{:87:}{:87:}{:87:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:24:31

bireylen يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 17:26 static/image/common/back.gif
ئايروپىلاندا بىر قاغا ئايروخانقىزغا توۋلاپتۇ:
- ئاكاڭ  ...

ماۋۇ قالتىسكەن

kapitan3067 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 22:12:39

ما گەپنىڭ جىڭ ياڭزسى باكەن ، بىر          كۈنى ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارغا ئەتىدىن باشلاپ دەرىسنى خەنزۇچە سۆزلەيدىغان بولدۇق دەپتۇ،ئارىدىن بىر ئۇقۇغۇچى بىز قانداق چۈشىنىمىز؟ دىسە. ئۇقۇتقۇچى كۈندە سۆزلەۋەرسەم چۈشىنىپ قالىسلە دەپتۇ .ئۇ ئۇقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ؛ ئەمسە مەن ئىت باققىلى 2  يىل بولدى. كۈندە قاۋايدۇ لىكىن مەن ئىتنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى   چۈشەنمىدىم  دىگۇدەك……

kapitan3067 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 22:17:15

‏   شاكىر ئورمانلىقتا كىتىۋاتسا، ئالدىدا بىر شىر پەيدا بولۇپتۇ. شاكىر قورققىنىدىن تىزلىنىپ كۆزىنى يۇمغۇنىچە خۇدادىن شىرنى كەتكۈزۋىتىشنى تىلەپتۇ. ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، شىرمۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ ،قۇلىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىۋاتقۇدەك، بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگەن شاكىر شىردىن:« سەنمۇ خۇداغا ئىشىنەمسە دىسە؟»، شىر قوپاپ:« ھەي كاپىر گۇي، سەن تاماق يىيىشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دىمەمسە؟» دىگۈدەك..

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 17:40:16

مۇۋاپىق بانا
جون ئىشتىن كەچ قايتپتۇ،ئويگە بالدۇر بىرىشقا ئالدىرغاچقىمۇ ماشىنىنىڭ سۇرئىتى سەل ئىشىپ كىتىپتۇ، بىر دەمدىلا ماشىنا ئەينىكىدىن بىر ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىراق ياندۇرۇپ قوغلاپ كىلىۋاتقانلىغىنى كۆرۇپ « بەرىبىر سۇرئەت ئىشىپ كەتتى، قىچىپلا قۇتلايچۇ » دەپ ئويلاپ ماينى كۈچەپ دەسسەپتۇ، ماشىنا تىز سۇرئەتلىك تاشيولدا 60، 70، 80،90،100 گە چىقىپتۇ، ساقچىدىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن جون ماشىنىنى يول ياقىسىغا تارتىپ توختىتىپتۇ .
ساقچى ماشىنسىنى ئالدىغا ئۆتكۇزۇپ توختۇتۇپ، جوننىڭ قىشىغا كىلىپ، ماشىنىسىغا يولۇنۇپ تۇرۇپ ـ
-ئاڭلاڭ ئەپەندىم، بۇگۇن مىنى نەس باسقان بىر كۇن بولدى، مەنمۇ ئويگە ئالدىرايمەن، ئەگەر سىز ماڭا ماشىنىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنگە مۇۋاپىق بانا كۆرسەتسىڭىز سىزنى قويۇپ بەرسەم بولىدۇ – دەپتۇ .
بىر دەم ئويلىنىۋالغان جون:
- ئۇچ ھەپتە ئىلگىرى، مىنىڭ ئايالىم بىر ساقچى ئەمەلدارى بىلەن قىچىپ كەتكەن ئىدى، ماشىنا ئەينىكىدىن سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى كۆرگەندە، ھىلقى ساقچى ئەمەلدارى شۇ بولسا، ئايالىمنى قايتۇرۇپ بىرىپ يۇرمىسۇن يەنە دەپ ئويلاپ  قاپتىمەن - دەپتۇ .
گۇدلاك بىلەن پاقا
بىر كۇنى گۇدلاك يولدا كىتىپ بارسا بىر پاقا ئېرىقتىن سەكىرەپ چىقىپ:
-ھوي بالا –دەپ تولاپتۇ –ئەگەر سەن مىنى بىرنى سۆيۇپ قويساڭ گۇزەل بىر مەلىكىگە ئايلىنىمەن- دەپتۇ.
گۇدلاك دەرھال توختاپ پاقىنى قولىغا ئىلىپ كۇلۇپ كىتىپ يانچۇقىغا سىلىۋاپتۇ، بىردەم ماڭغاندىن كىيىن پاقا يەنە تولاپتۇ:
-ھوي بالا ئەگەر سەن مىنى بىرنى سۆيۇپ قويساڭ، مەن بىر گۇزەل مەلىكىگە ئايلىنىمەن، سەندىن بىر ھەپتە ئايرىلمايمەن. –دەپتۇ .
گۇدلاك پاقىنى قولىغا ئىلىپ كۇلۇپ قويۇپ يەنە يانچۇقىغا سىلىپ مىڭىپتۇ. بىر ئازدىن كىيىن پاقا يەنە سۆزلەپتۇ:
- ئاڭلاپتۇر بالا، ئەگەر مىنى بىرنى سۆيۇپ گۇزەل مەلىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويساڭ مىنى نىمە قىلساڭ مەيلى ئىدى .- دەپتۇ .
گۇدلاك بۇ قېتىممۇ يەنە قولىغا ئىلىپ كۇلۇپ كىتىپ يانچۇقىغا سىلىپ قويۇپتۇ . بۇ قىتىم پاقا يىغلاپ تۇرۇپ :
-ساڭا زادى نىمە بولدى، سەن مىنى بىرنى سۆيۇپ گۇزەل مەلىكىگە ئايلاندۇرساڭ، مىنى يىنڭغا ئىلىپ قىلىپ ئاندىن نىمە قىلساڭ مەيلى ئەمەسمۇ ، بۇ شۇنچە تەس ئىشمۇ ؟ دەپتۇ .
بۇ قىتىم گۇدلاك پاقىنى يەنە قولىغا ئىلىپ كۇلۇپ تۇرۇپ :
-قاراڭ مەن بىر ئىزدىنىشنىڭ كومپىيۇتىر مۇتەخىسىسى، قىزلار بىلەن ئارلىشىدىغانغا ۋاختىم يوق ، ئەمما بىر پاقا گەپ قىلسا بەك پەيزى بولىدىكەن . -دەپتۇ .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 19:46:50

سېستىرالارغا چاقچاق​

  …​

بىر ئادەم بارئىكەندە، ئۇنىڭ بىر سېستىرا ئايالى باركەن،بىركۈنى ئۇ ئادەم ئەتىگەندە ئشقا ماڭاي دەپ تۇرسا ،ئايالى دەپتۇدە، بۈگۈن مەن دەم ئالدىم چۈشتە تاماقنى سىرىتتا يىمەي ئۆيگە كىلىڭ مەن تاماق ئىتىپ بېرەي دەپتۇ، ئۇئادەم ھە  ئۇنداقتا ياخشى ، چۈشتە ئوخشىتىپ بىر چۆچۈرە ئەتكىن .! ئايالى ماقۇل بوپتۇ،ئۇ ئادەم چۈشتە ئشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرسە، ئايالى ھە دەپ تۆگۈپ قويغان چۆچۈرگە شىپىرىسنى سانجىپ ئوكۇل ئۇرۋاتقان،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ ئەرۋايى مىڭ گەز ئۆرلەپتۇدە ،ھەي ساراڭ سىنىڭ كەسپى كېسىلىڭ قوزغىلىپ قالدىمۇيا،كاللاڭدىن كىتىپ قېلۋاتامسەن،نىمىش قىلغىنىڭ بۇ دەپ قاخشاپلا كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايالى ۋاي نىمىگە قاخشايسىز باياتىن ئالدىراشچىلىقتا چۆچۈرنىڭ قىيمىسىغا تۇز سېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن شۇڭا تۇز سۈيىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۋاتىمەن دەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم توۋا ھېلىمۇ ساڭا مانتا ئەت دىمەپتىمەن بولمىسا مانتىغا ئاسما ئاساكەنسەن دەپتۇ​...

jangal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 20:25:11

ئىككى كىشى يېڭى ئالغان ماشىنىسىنى ماختاپ پو ئېتىشىپ قاپتۇ؛ بىرسى: مىنىڭ ماشىنام بەك تېز ماڭىدۇ، ئادەتتە ھەيدىگەندە مەن ماينى دەسسىمەيمەن، ماينى دەسسىمىسەممۇ ماشىنام 80دىلا ماڭىدۇ- دىسە، يەنە بىرسى: مىنىڭ ماشىنام جايىدا جىم تۇرسىمۇ 80دىلا تۇرىدۇ-دىگىدەك.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 17:14:33

قالتىس ئورۇقلاش
ناھايىتى سىمىز بىر ئايال تادۇبەگدىن قانداق قىلسا ياخشى ئورۇقلىغىلى بولىدىغانلىغى توغرىسىدا مەسلەھەت سوراپ كىرىپتۇ  .
-سىز چوقۇم سەي كۆكتات بىلەن قوناق تامىغىنى ئىككى كۇن ئىستىمال قىلىڭ، ئاندىن ئۇچىنچى كۇنى تانا سەكىرەپ بىرىڭ ،مۇشۇ يوسۇندا ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسىڭىز، باغلىشىمەنكى سىز كام دىگەندە 10 كىلو ئورۇقلايسىز. –دەپتۇ تادۇبەگ .
ئۇ ئايال قايىتپ كىتىپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن كەپتۇ،  20 كىلو ئورۇقلاپ كەتكەن ئايالغا قاراپ تادۇبەگ تولىمۇ ھەيرانلىقتا سوراپتۇ :
- قالتىس ئورۇققلاپسىزغۇ ،مىنىڭ دىگىنىمدەك پەرىز تۇتقانمىدىڭىز ؟
ھىلقى ئايال باش لىڭشىتىپ تۇرۇپ :
-شۇنداق ،سىزگە دىسەم ، ئۇچىنچى كۇنىگە بارغاندا چىدىماي ئولەيلا دەپ قالغان ئىدىم .
-ئاچلىققا چىدىماي دىمەكچىمۇ ؟ - سوراپتۇ تادۇبەگ
-ياق ، تانا سەكىرەپ ئۇچىنچى كۇنىگە كەلگەندە – دەپتۇ ئايال .

تەبىركلەش
يۇقىرى سۇرئەتلىك تاشيولدا ئىككى پىكاپ قاتتىق سوقۇشۇپتۇ ،ئىككىلى پىكاپ ئاساسەن كاردىن چىقىپتۇ ئەمما ماشىنا ئىگلىرى يېنىك  زەخمىلىنىپتۇ، ماشىنا ئىگىسى بولسا بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئىكەن .ئۇلار ماشىنىللىرىدىن تەستە چىقىۋالغاندىن كىيىن ئايال ئەرگە قاراپ :
-سىز ئەر كىشى ئىكەنسىز، قىززىق، مەن بىر ئايال كىشى، قاراڭ، ماشىنىمىز پۇتۇنلەي كادىن چىقتى، ئەمما ئىككىلەيلەن ئامان قاپتۇ، بۇ بىر تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىمۇ قانداق، بىزنى مۇشۇنداق ئۇچىراشتۇرۇپ ، مەڭگۇ بىللە تۇرمۇش كەچۇرەمدۇق تىخى. – دەپتۇ .
– دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق ، بۇ بىر تەقدىر بولىشى مومكىن. - دەپتۇ ئەر .
- قاراڭ ماۋۇ مۆجىزىنى،- دەپتۇ ئايال – شۇنچە بۇزۇلغان ماشىنامدا يەنە بىر بوتۇلكا ھاراقمۇ ساق تۇرۇپتۇ، بۇنىمۇ تەقدىر بىزگە گۇزەل كەلگۇسىنى تەبىرىكلەش ئۇچۇن قالدۇرغان بولىشى مومكىن بىر تەبىركلىۋەتمەيلىمۇ.
دەپ ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئىچىپ ئەرگە تەڭلەپتۇ، ئەر قوشۇلغانلىغىنى بىلدۇرۇپ، بوتۇلكىسى بىلەنلا بىر نەچچە يۇتۇم ئىچكەندىن كىيىن، بوتۇلكىنى ئايالغا سۇنۇپتۇ . ئايال بوتۇلكىنى قولىغا ئىلىپ ئاغزىنى ئېتىۋەتكەندىن كىيىن ئەرگە قايتۇرۇپ بىرىپتۇ .
-نىمە سىز ئىچەلمەمسىز ؟ سوراپتۇ ئەر .
- ياق- دەپتۇ ئايال – ئەمدى ساقچىنىڭ كىلىشىنى ساقلايلى  . . . .

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 11:38:09

:lol:lol:lol
بەت: 1 [2] 3
: يۇمۇرغا تاۋىڭلار بارمۇ ؟