tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 17:18:46

بۇ تېمىنىڭ داۋامىنى يازماي بولمىدى :lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 16:20:58


قەھۋەنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشىگە كەلگەن شۇ يەردىن داۋام قىلايلى:
مەزكۇر تېۋىپلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ قاينىتىلمىسىنى ئىچسە  ئۆزىدىكى زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى بىلەن توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئاغرىقلارنى، قاننىڭ قاينىشىنى، سەپرا سەۋدا ۋە ئۇلارنىڭ كۆيۈشىنى پەسەيتىدۇ، خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ ۋە ئۇچۇچانلاشتۇرىدۇ، تازىلايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن  ئۇ قان ۋە سەپرادىن بولغان تەپلەرگە بولۇپمۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە پايدا  قىلىدۇ، چېچەك ۋە سۇ چېچەك چىققاندىن كېيىن ئىشلەتسە پايدا قىلىدۇ، تۆت كۈندە بىر تۇتىدىغان تەپ، قاندىن بولغان تىلما  كېسەل، يەرقانغا شىپا  بولىدۇ. چوڭ تەرەتنى بوشىتىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدۇ. بەلغەمدىن بولغان  يۆتەل، نەزلىلەرگە پايدا قىلىدۇ. ھارغىنلىقنى ئالىدۇ.

ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ ، باش ئاغرىقىنىڭ كۆپ قىسمى ، كۆز ئاغرىقى، مالىخۇلىيا، بولۇپمۇ ماددىنىڭ كۆيۈشى ۋە خىلىتلارنىڭ قۇيۇلىشى، ئۇيۇشىدىن  مالىخۇلىياغا پايدا قىلىدۇ. ئاۋازنى ساپلاشتۇرىدۇ، خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ، بۇخاراتلارنىڭ ئۆرلىشىنى توسىدۇ، بۇۋاسىرغا پايدا قىلىدۇ، ھەسەل بىلەن  ئارىلاشتۇرۇپ  قوزغالغان ئەزاغا سۈركەپ تاڭسا جايىغا كەلتۈرۈپ تۇتتۇرىدۇ. ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ  يالىسا ھۆل ئىسسىقتىن بولغان  يۆتەلنى پەسەيتىدۇ، ھەكىم مىر ئىمادۇددىن مەھمۇد مەن ئۇنى شۇ سەۋەبتىن جۇزامغىمۇ پايدا  قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن دەيدۇ.

ئۇ يەنە بەلغەمدىن بولغان يۆتەل، نەزلىلەرگە پايدا قىلىدۇ، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇپ ، ئاشقازاننى چىڭىتىدۇ، مېڭىگە ئۇنىڭدىن بۇخارات ئۆرلەشنى چەكلەيدۇ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ چالا قورۇلغۇنىنىڭ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش  رولى تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۇيقۇنى نورماللاشتۇرىدۇ. ئۇيقۇنى نورماللاشتۇرىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ،ماغدۇرسىزلىق، سەپەرلەردىكى ھارغىنلىق ۋە ھۇرۇنلۇقنى ئالىدۇ. ئۇنى ئىچىشكە ھېرىسمەن كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك  رۇبائى تۇقۇشقان:

راھىيسىت قەھۋە روھ ئەفزا ۋە كەسلى كەسەل،
ئارامى جانۇ قۇۋۋەتى ئەئزا ئۇ قۇۋۋەتى دىل.
تەقرىبى ئىجتىمائى جەۋانانى پارىسا،
تەفەررۇھ بەخش خاتىرى پىيرانى مۇزمەھىل.
(تەرجىمىسى: ئۇ شۇنداق شارابكى، روھنى ئۇرغۇتىدۇ، ھۇرۇنلۇقنى ئالىدۇ، جانغا ئارام بېرىدۇ. ئەزالارنى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ياش قېرىلارنى بىرگە يىغىدۇ، ھەتتا جۈدىگەن قېرىغىمۇ شادلىق بېرىدۇ.

يەنە بىرى ئۇنى مەدھىيەلەپ تۆۋەندىكى بېيىتنى ئوقۇغان:
قەھۋە ھەممام سەفەر ئاش خۇمارى تەرياك،
پەرى تاۋۇس نەزەر ئەفشۇردەئى تەنباكۇست.


بەت: 1 [2]
: بىر ئىستاكاندىن قەھۋە ئىچىشكەچ ....