oygak2005
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:12:15
Qarabeg يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 06:19 static/image/common/back.gif
خوشمىسى بىلەن ئالماشتۇرغان پۇل تەڭگە تەڭ ئالمىشىدۇ. 50 ...
توغرا،40 كوي زىيان تارتىدىكەن !
elxat421
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:17:23
قانچە ئاددى ئويلىساڭلار شۇنچە ئاسان تاپسىلەر،
ئەگەر 50 يۈەن ساختا بولمىغان بولسا ، ئۇ سودىگەن 10 يۈەن پايدا ئالاتتى، ھازىر 50 يۈەن ساختا چىقىتى، ئۇنىڭدىن ئاۋۇ پايدا 10 يۈەننى چىقىرۋەسەكلا زىيان 40سوم بولدى دىگەن گەپ
Comeon
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:44:19
پايدىسىنى ھېسابلىمىغاندا 40 يۈەن زىيان تارتىدۇ ... لېكىن پايدىسىنى چوقۇملا ھېسابلاش كېرەك ، چۈنكى ساختا پۇلغا ساتمىغان چاغدا ئېنىقلا ئالىدىغان 10 يۈەن پايدا مۇشۇنىڭ بىلەن يوق بولۇپ كەتسە بۇ قىپقىزىل زىيان ... شۇڭا تارتقان زىيان ئەللىك سوم ...
ئەمەلىيەتتە زىيالىنىڭ دېگىنى توغرا ، بۇ ئىشتا باشقا جەريانلارغا قاراپ يۈرمەي ، قولىدىكى تۇتۇپ قالغان ئەللىك يۈەن ساختا پۇل ، پەقەت شۇلام زىيان ...ئۇ 50 يۈەن ئەسلى ساختا بولماسلىقى كېرەك ئىدى ...
PashshaXan
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 17:53:09
yigana523 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:06 static/image/common/back.gif
مۇشۇ قەيەدىكى دۇكانكەن بى ماڭا دەپ بېرىڭلا،ساقلاپ يۈر ...
تادۇ بەگنىڭ دۇكىنى بولمامدۇ؟!
PashshaXan
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 17:55:25
50ن يۈەن زىيان تارتىدۇ، مال پۇلىسى+ پايدا .
ئاخىرى تۇتۇپ قالغىنى 50 يۈەن ساختا پۇل بولدى .
bigboy
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 21:22:19
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bigboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 21:25
70سوم
boran0998
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 21:57:26
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 22:01
زىيان تارتقىنى:
1) مال كىرگۈزگەن پۇل20 سوم (مالنى خېرىدار ئەكەتتى)
2) خېرىدارغا قايتۇرغان 20 سوم پۇل (خېرىدار قوشنا دۇكاندىن ئېلىپ چىقىلغان 20 سوم ھەقىقى پۇلنى ئېلىپ ماڭدى)
قالغان گەپكە كەلسەك، قوشنا دۇكاندار ساختا 50 سومنى قايتۇرۇپ بېرىپ، راست 50 سومنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. قوشنا دۇكاندار ئېلىپ چىقىپ كەتكەن راست 50 سومنىڭ 30 سومى ئۆزى بەرگەن راست پۇل. دۇكاندار بۇنىڭغا ئۆز يېنىدىن 20 سوم قوشۇپ 50 سوم قىلىپ بېرىدۇ. بۇ جەرياندا قارىماققا 20 سومدىن ئۈچى زىيان بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، خېرىدار ئېلىپ كەتكەن 20 سوم دەل دۇكاندار تولۇقلاپ تۆلەيدىغان 20 سومنىڭ ئۆزى شۇ.
دۇكاندارنىڭ زىيان تارتىدىغىنى 40 سوم.
ئەگەر زىيالى دېگەندەك ھېساب- كىتاب قىلىشىپ قالساق، مەسىلە بەك مورەككەپلىشىپ كېتەرمىكى؟!
Comeon
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:14:49
ماۋۇنى بىلەمسىلەر...؟
بىر ئادەم بازارغا كىرىپ 10 يۈەنگە بىر توخۇ ئاپتۇ . ئاندىن ئۇنى 20 يۈەنگە سېتىپتۇ ، سېتىپ بولۇپ كۆزى قىيماي 30 يۈەنگە قايتۇرۋاپتۇ...ئاندىن يەنە بىر ئادەمگە 40 يۈەنگە سېتىپتۇ . بۇنىڭدىكى پايدا-زىيان نەچچە ؟ بۇنىڭغا ھەرخىل تىپتىكى كىشىلەر ھەرخىل جاۋاب بېرىدۇ ...
hiyalqi
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:57:54
ھەي مۇشۇ يەردىمۇ شۇ گەپ ، زىيالىينىڭ تەھلىلى توغرىكەن .....
مەنمۇ ھىساپلاپ 40 يۈەن چىقارغان ، ئاۋۇ ئون يۈەن پايدىنى چىقىرىۋېتىپ .....
بۇ يەردە ئۇ ئاشۇ 50 يۈەن ساختا پۇلنى ئېلىپ قىېلىش سەۋەبىدىن زىيان تارتىۋاتىدۇ ، دىمەك بۇ سودىدا 50 يۈەن زىيان بولدى دىسەكمۇ خاتا ئەمەس ......
amanpahri
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 00:09:27
ziyali
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 00:12:41
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-19 00:17
بۇ سۇئالدا ئەسلى مەسلە بار
خەق 50كوي ساختا پۇل ئەكەلدى.ئەسلى بۇ قەلەندەدە 20كوي پارچە پۇل بولغان بولسا قوشنىسىدىن پۇل پارچىلاتماستى.
پۇل پارچىلىتىپ،20كوينى ئا ئوغرىغا بەرگەندىن كىيىن يېنىدا ئاياق ساتقان 30كوي قالامدۇ.
بىردەمدىن كىيىن قوشنىسى پۇلۇڭ يالغانكەن دەپ قايتۇرغىلى كىلىدۇ.
بۇ قەلەندە قوشنىسىغا 50كوي قايتۇرىدۇ.
بۇنىڭدا بارى ئاياق ساتقان 30كوي تۇرسا قانداق قىلىپ 50كوي قايتۇرىدۇ؟
ئۈزىنىڭ يېنىدىن يەنە 20كوي چىقىرىپ قايتۇردىما؟
پارچە20كوي پۇلى بار بولسا قوشنىسىدىن پۇل پارچىلاپ نىمە قىلىدۇ؟
بۇ سۇئالنىڭ بىر يېرى بىرنىمە:lol
amanpahri
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 00:16:34
سودا،ئالمىشىش 6 قەدەم بىلەن بولغان،ئىسخىمىدىكىدەك.
تېپىشماقتا مالنىڭ تەننەرقىدىن سىرتىدا ئېلىنىدىغان پايدا نىسبىتى،تىجارەتكە مۇناسىۋەتلىك باج،ئىجارە،ئىش ھەققى،ۋە ئۇچى بۇچى چىقىملار ئەسكەرتىلمىگەن،بۇنداق تېپىشماقتا ئۇلارنى ئويلاش،ئادەتتىكى ئەھۋالدا تېپىشماق تۈزۈش قائىدىسىگە توغرا كەلمەيدۇ.
ئەمدى بەك بولمىسا ئۈچ ئادەم ئەمىلى مانىۋېر قىلىپ ئويناپ جاۋابىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقارسىلەر.
ziyali
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 00:20:15
تېپىشماقنى تۈزىۋالسىلا ھىساپ ئەمەس
ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرىسىدىكى لوگىكىلىق باغلىنىشنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك
بولمىسا شوركىلار سىماگۋاڭ نىمىشقا كوزا چاقتى دەپ تولا سۇئال سوراپ ئادەمنى يۈرەك كىسىلى قىلىۋېتىدۇ
amanpahri
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 00:48:31
ئەمدىكى نەتىجىچۇ؟
amanpahri
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 01:07:37
بۇ سىخىمىغا قارىسىڭىز 60 يۇەن زىياندەك كۆرىنىدۇ،ئەمىلىيەتتە خېرىدارغا قايتۇرغىنى پارچىلانغان پۇلدىن 20 يۇئەننى خېرىدارغا قايتۇرغان،ئاخىرىدا قالغان 30 يۇئەنگە خېرىدارغا بېرىۋەتكەن پارچىلانغان پۇلدىن 20 يۇئەننى يېنىدىن چىقىرىپ،50 كوي قىلىپ قايتۇرىشى كېرەك ئەلۋەتتە،دىمەك دۇكانداردىن چىقىم بولغىنى 20 يۇئەنلىك مال ۋە 20 يۇئەن يېنىدىن چىقارغان نەخ پۇل،بۇ يەردىكى 50 كوي ساختا پۇل 20 يۇئەنلىك مال بىلەن 20 يۇئەن نەخ پۇل ئېلىشتىكى قىممەت ئۆزگەرمىگەن قەغەزدۇر.
ھىچقايسىڭلار تەجرىبىسىنى ئىشلەپ باقمىدىڭلار،ئىشلىسەڭلار مانا مەن دەپ چىقاتتى.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەمنىڭ ھەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسىنى مەلۇم دەرىجىدىدە سىنايدىغان ئويۇنكەن.يەنى پارچىلانغان پۇلدىن خېرىدارغا بېرىلگەن 20 يۇئەننى دۇكاندار بەرگەن دەپ ئويلايمىز،ئەمىلىيەتتە ئۇ پارچىلاپ بەرگۈچىنىڭ پۇلىدىن بېرىلگەن،پەقەت دوكاندار پارچىلاپ بەرگۈچىگە قايتۇرغاندا يېنىدىن 20 يۇئەنتۇلۇقلاپ قايتۇرىدۇ.
جاۋابىنى ئىزدىگەنلەر ئۆزىمىزنى دۇكاندار ئورنىدا قويساق جاۋاپ ئاساسەن خاتا چىقىدۇ،خېرىدار ئورنىغا قويساق جاۋاپ 100% توغرا چىقىدۇ،شۇڭا بۇنى بىر خىل پىسخىك تەكشۈرۈش دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ.
atella0997
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 01:19:07
-20+50-20-50=40
atella0997
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 01:21:53
Comeon يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 22:14 static/image/common/back.gif
ماۋۇنى بىلەمسىلەر...؟
بىر ئادەم بازارغا كىرىپ 10 يۈەنگە ...
-10+20-30+40=20
20يۈەن پايدا
atella0997
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 01:22:46
ئالامەت بەلگلىلىرى ئالمىشىپ كېتىدىكەن،ئاخرىدىكى مەنفى ئالامەت بىرىنچى سانغا مەنسۇپ
Qarabeg
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 02:27:16
ئەڭ ئاددى ھىساپلاش ئۇسۇلى-خېرىدارنىڭ پايدىسىنى ھىساپلاش، چۈنكى خېىدارنىڭ ئالغان پايدىسى مەنتىقە جەھەتتىن دۇكاندارنىڭ زىيىنى بولىدۇ.
خېرىدار 20 يۈەنلىك بىر ئاياغ بىلەن 20 يۈەن راست پۇلغا ئېرىشتى، پايدىسى 40 يۈەن. 3 تەرەپنىڭ ئىچىدە دۇكاندار بىلەن خېرىدار ئوتتۇرىسىدىلام پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار. ئۇنداقتا دۇكاندارنىڭ زىيىنى خېرىدارنىڭ پايدىسىغا تەڭ بولىدۇ.
paltahun
يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 08:26:56
بۇ 90 يۈەننىڭ ھېساۋى تېخى تۈگىمىدىمۇ؟
دەسمايە 20 يۈەن + خېرىدارغا قايتۇرغان 20 يۈەن + ساختا پۇل 50 يۈەن = 90 يۈەن