dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:08:05

بولسا ئاكا سىتاستىكىڭىزنى بىر يوللىڭە يەنە بىرنەرسە بىلىۋالىمىز سىزدىن .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:12:46

ناھايتى ئاددى بىر سۇئال سوراي. ئاددىلىقىدىن مۇشۇنىڭغىمۇ ئىككى خىل جاۋاپ چۈشىدۇ. جاۋاپ بېرىپ باقامسىلەر؟
0 جۈپ سانمۇ؟ جۈپ سان بولسا نىمىشقا؟ بولمىسا نىمىشقا ئەمەس؟.

xadiman0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:27:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xadiman0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-12 21:30

1 چىقىدۇ ،
ئاياقنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك ،خوشنىسىدىن پۇلنى تىگىشىپ كېيىن خوشنىسى پۇلنى ياندۇرۋالغانلىقى ئۈچۈن خوشنىسىنىڭ مەسلىسىنى قىسقارتىپ پۇل تىگىشمىگەن دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ ،
زىياننىسېتىۋالغۇچى نوقتىسىدىن ھېساپلىساق ئۇ ئەسلى باھاسى 20 يۈئەنلىك ئاياقتىن بىرسىگە ئېرىشتى ، يەنە 20 يۈئەن پۇلغا ئېرىشتى ، جەمئى 40 يۈئەن پايدا ئالدى ، شۇڭا تىجارەتچى 40 يۈئەن زىيان تارتتى دەپ قاراشقا بولىدۇ ،
تىجارەتچى تەرەپتىن ھېساپلىغاندائۇ ئاغىنىمىز قاراپ تۇرۇپ 50 يۈئەنلىك ساختا پۇلدىن بىرسىگە ئېرىشتى ،يەنە كېلىپ 20 يۈئەن قىممىتىدىكى ئاياقتىن بىرسى كەملەپ كەتتى ،شۇڭا 70 يۈئەن قىپقىزىل زىيان تارتتى دەپ چۈشەنسە بولىدۇ .
مەن شۇ تىجارەتچىنىڭ دادىسى بولغان بولسام كەچتە ئەھۋالدىن خەۋەر تېىپىپ -------نىمە ؟ قاراپ تۇرۇپ 50 كوي ساختا پۇلنى كۆتۈرۈپ كەلدىڭ ، يەنە تېخى 30 كويلۇق ئاياقتىن بىرنى كۆتەرتىپ قويدىڭ ، توۋا 80 كوي زىيان ساپسەن ، 60 كويغا پۇل تەكشۈرۈش ئاپاراتىدىن بىرسى كەلمەمتى ، قاراپ ئالساڭ بولمامدۇ ،ئاياقنىڭ پايدىسىنى چىقىرۋەتتۇق دىگەندىمۇ 70 كوي زىيان دىگەن گەپ ، بولدى ئەتىدىن باشلاپ ئۆزەم دۇكانغا بېرىپ غەللىنى ئۆزەم تۇتىمەن ، ماڭ ئۇمىچىڭنى ئىچىپ ئۇخلا ! ئەجەپ كەيپىمنى ئۇچۇردىڭ ،
بىردەمدىن كېيىن خۇتۇنغا---- قارا ماۋۇ بالىنى بىر بالىنىڭ دادىسى بولۇپ تۇرۇپمۇ 70كوي زىيان تارتتىم دەپ كەپتۇ ،خۇتۇنى بولمىغان بولسىغۇ پاتاڭغا بىرنى قوياتتىن ،خۇتۇنىنى ئاڭلاپ قالمىسۇن دەپ تۈزۈك گەپ قىلالمىدىم ،خەپ ئۆيىنى ئايرىم قىلىۋەتمىسەم ،ئەتىيازدا قوڭىغا تېپىمەن ،

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 11:06:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-13 11:16

سالام قېرىنداشلار، بۇ تېمىدىكى سوئالىمغا ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب يازغانلىقىڭلاردىن كۆپ خوش بولدۇم. رەھمەت سىلەرگە!مەن يەنە بۇ تېمىدىكى جاۋابلارنى خالىسانە ستاتىك قىلىپ بەرگەن باغداشتىكى Heyrani ئۇكامغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. بېرىلگەن ئىپادىدە بولۇش، ئېلىش، قوشۇش ئەمىلى بار. ئەمەللەر قائىدىسى بويىچە ئالدى بىلەن بۆلۈش ئەمىلىنى بېجىرىمىز، بۇ تۈگىگەندىن كېيىن ئېلىش ئەمىلىنى، ئاخىرى قوشۇش ئەمىلىنى بېجىرىمىز. مۇشۇنداق قىلساق نەتىجە 1 بولىدۇ. شۇڭا ئىپادىنىڭ نەتىجىسى 1 بولىدۇ.

باغداش، ئىزدىنىش، مىسرانىمدىكى جاۋابلارنى ئومۇمى يۈزلۈك خۇلاسىلىگەندە تۆۋەندىكىدەك نەتىجە كېلىپ چىقتى.

بۇ قېتىمقى ستاتىستىكىغا قاتناشقانلار جەمئىي 261 نەپەر.

جاۋابى 1 دەپ قارايدىغانلار: 197 نەپەر
جاۋابى 9 دەپ قارايدىغانلار: 27 نەپەر
جاۋابى 1- دەپ قارايدىغانلار: 7 نەپەر
جاۋابى 2 دەپ قارايدىغانلار: 5 نەپەر
جاۋابى 7 دەپ قارايدىغانلار: 11 نەپەر
جاۋابى 0 دەپ قارايدىغانلار:6 نەپەر
جاۋابى 4.5 دەپ قارايدىغانلار: 2نەپەر
جاۋابى 0.1111111111111111111دەپ قارايدىغانلار: 2 نەپەر
جاۋابى 6 دەپ قارايدىغانلار: 2 نەپەر
جاۋابى 3 دەپ قارايدىغانلار: 2 نەپەر

يۇقىرىدىكى ستاتىكىغا قارىغاندا 75% ئادەم بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن. بۇ پىرسەنت ياپونلۇقنىڭ 40% دىن كۆپ يۇقىرى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بۆلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى بىلىم سەۋىيىسىنىڭ خېلى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ نىسبەت ئامېرىكالىقلارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى دەپ ئويلايمەن. بۇنداق ئويلىشىم ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكادا ماتېماتىكا دەرسىنى بېرىش جەريانىمدا ھېس قىلغانلىقىم بولدى. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان 13 ياشلىق بالىلار خەلقئارا ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا 38 ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلەر شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچىلار بولدى. بۇ نەتىجە ئامېرىكا مائارىپىنى خېلى تەۋرەتتى. يېقىندا CNN مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ شاڭخەيگە بېرىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە شاڭخەيدىكى بالىلارنىڭ بۇنداق يۇقىرى نومۇر ئېلىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش مىتوتىنىڭ بەك ياخشى ئىكەنلىكىنى دېدى. مېنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ھېس قىلغانلىرىم بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش مىتوتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى. مەن داۋاملىق مېنى ئوقۇتقان ۋەتەندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ئەگەر ئامېرىكادا بولغان بولسا ئامېرىكالىقلارنىڭ ئاساسى بىلىم سەۋىيىسى كۆپ يۇقىرى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.بۇ توغرىلىق كېيىنچىرەك ئايرىم توختىلىمەن. مېنىڭ بۇ يەردە يەنە بىر دەيدىغىنىمئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان بالىلارنىڭ چوقۇم كەم دېگەندە ۋەتەندىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئاندىن ئامېرىكىغا چىقىپ يۇقىرىئۆرلەپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:13:38

جوڭگونىڭ باشلانغۇچ مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارغا بىسىم بەكلا ئېغىر. ماتىماتىكىدا باشلانغۇچ تۇلۇقسىز يىشىدا يۇقۇرى نۇمۇر ئالغان بىلەن ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندە يەنىلا باشقا دۆلەتلەردىن ئارقىدا قالىدۇ دەپ ئوقۇغانتىم بىر ماقالىدە..

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:28:31

ئۇنۋېرسىتىتتا فىزىكا كەسپىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇۋاتقان بىر ئاغىنىمىز بولىدىغان ئەۋەتسەم 19 چىقىرىپتىكەن ، قانداق چىقارغاندۇ ؟باشقىچە ھېساپلامدىغاندۇ يا بۇنداق ھېساپنىدەپ گۇمانلىنىپ قالغانتىم .

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 20:53:37

1 چىقىدىغۇ

sazturk يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 18:46:08

   جاۋابىنى بەك ئاسان تاپتىم ، ھى -ھى ... باشلانغۇچتىكى ماتېماتىكىدىكى ماھىرلىقىم خېلى ئەسقاتتى . ھېسابلاش قائىدىسىنى ئۇنتۇپ قالماپتىمەن . :lol   جاۋابى :1

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 21:22:38

مەن ھېسابلىسام ھەجەپ1- چىقتا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 23:01:50

1

yexilbulut يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 12:01:09

1

Kapitan! يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 09:28:05

1

toghurchin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 17:35:40

جاۋابى 1

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 18:25:07

dawanqi يوللىغان ۋاقتى2014-2-8 15:21 static/image/common/back.gif
3چىقمامدۇ

3 چىقىدىغاندۇ مەن ھېساپلىسام مۇشۇنداق چىقىتى

azat007 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 21:42:16

1

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 12:44:36

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى2014-2-12 21:12 static/image/common/back.gif
ناھايتى ئاددى بىر سۇئال سوراي. ئاددىلىقىدىن مۇشۇنىڭغى ...

نۆل جۇپ سان،2گە پۇتۇن بۆلنىدىغان سانلار جۇپ سان بولىدۇ،نۆلنى 2گە بۆلسەك 0،نۇل پۈتۈن سان شۇڭا نۆل جۇپ سان.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 18:20:10

KALANDAR يوللىغان ۋاقتى2014-3-18 12:44 static/image/common/back.gif
نۆل جۇپ سان،2گە پۇتۇن بۆلنىدىغان سانلار جۇپ سان بولىد ...

مۇشۇنىڭغىمۇ جۈپمۇ ئەمەس تاقمۇ ئەمەس ئالاھىدە سان دەپ جاۋاپ بېرىدىغان ئادەم بەك جىقكەن.
بەت: 1 2 3 4 5 [6]
: تاشپولات: سىز قانچىلىك جاۋاب بېرەلەيسىز؟