سىستېمىنى ئالماشتۇرۇپ ياخشى قىپسىلە، ئەجرىڭلارنى پارتىيە ئەنگە ئالغاي!:lol
tumaq دېگەن ئىسمىمدا كىرەلمىدىم. ئىمەيىلنى توغرا كىرگۈزۈپ بەرسەممۇ، مەخپىي نومۇرنى قايتۇرۇپ بەرمىدى. ياردەم قىلساڭلا بەختىڭلىگە دۇئا قىپ قويىتىم.
ئىسمىڭلىنى قىشتا بىرەرسى بېشىغا كىيىپ ئەكەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ يازدا قايتۇرۇپ بېرەرمىكىن .
uyghurche xet bisilmaywatidu minning kompiyitirimda
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sindibad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-27 22:55
qandaq bolup qaldi...?kona yeziq chiqmay u l y nusxisida yezip qaldim.
{:87:}leshkerliktin yasawulluqqa osuptimen
راستىنى ئېيتسام تازا كۈنەلمىدىم!خۇددى باشقا مۇنبەردە تۇرىۋاتقاندەكلا بوپ قالدىم!بوپتۇ كۆنۈپمۇ قالارمەن!
ئىزدىنىشنىڭ بۇرۇنقى خەت نۇسخىسى ھازىرقىدىن كۆپ چىرايلىق ھەم كۆركەم ئىدى. بەت يۈزى باشقا مۇنبەرلەردىن پەرقىلىنىپ تۇراتتى، ئەمدى باشقا مۇنبەرلەرگە ئوخشاش بولۇپ قاپتۇ. دىسكازنى بۇرۇنقى ئىزدىشنىڭ كۆرىنىشىگە ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتسەڭلەر ئاسانلا كۆنۈپ كېتىمىز. بولمسىا ئىزدىنىشنى يۈتتۈرۈپ قويغان تۇيغۇدىن بىر مەزگىلگىچە قۇتۇلالماي يۈرىمىز، لىكىن قاقشاپ بېقىپ ئاقمىسا ئامال يوق بارا-بارا كۆنۈپ قالىمىز.:P
ئۇف چىدىم مانا، ياقتۇرمۇدۇم، بۇرۇنقى ئىزدىنىش قېنى:Q
سىناق 1،2،3،
يانفون نۇسخىسى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن. بەش ئىنكاستىلا بىر بەت تۈگەپ كېتىدىكەن. بۇرۇن بىر بەتكە 20 ئىنكاس يازالايتتۇق. تولا بەت ئالماشتۇرۇپ ئادەمنىڭ بەك ئىچى پۇشۇپ كېتىدىكەن. بىر بەتكە يازغىلى بولىدىغان ئىنكاس سانىنى ئاز دېگەندە بۇرۇنقىسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلگۈدەك قىلىپ تەڭشەپ قويۇڭلار. ھازىرقى ھالىتى كونىسىنىڭ ئاران تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن.
ھەنىم بوسا سىستىما ئالمىشىپتۇ . مارەك بوسۇن ! :lol
ھەجەپ تەستە كىردىم. ئىزدىنىشقا ھەم ئوڭۇشلۇق كىرەلىگەنلىكىمگە مۇبارەك بولسۇن.:lol
پاكىز چىرايلىق چىقىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كۆنۈپ قالىمەن.
باشقا مۇنبەرگە ئوخشاپ قاپتۇ، يەنىلا بۇرۇنقىسى ياخشى ئىدى:'(
يۇقاپ كەتمەپتىكەن، شۈكرى
سىستىمىنى ئالماشتۇرغىنىڭلا ياخشى بۇپتۇ. مىنىڭ پارولىمدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىدى. كىرىشىمگە 100گە باش بولغانلىق ئۇچۇرى كەلدى. مىنىڭ 100 ئادىمىم كىملەردۇ ئەمدى{:90:}
كۈندە بۇرۇنقى يانفۇن بېتى ئادىرسى m.izdinix.com غا چىقىپ ئېچىلمىسا يانا نىمە بولغاندۇ دەپ دەت تارتىپ كىتىپتىمەن.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-28 11:28
ئىلگىرى ئىشلەتكەن چىراي ئىپادىللىرى چىقماي قاپتۇ. ئىزدىنىشتە پىكىر ئىپادىلەشتە چىراي ئىپادىسىنىڭ رولى باشقا مۇنبەرگە قارىغاندا كۈچلۈك. شۇ چىراي ئىپادىللىرى نورمال ھالەتكە ئەككىلىنسە....
ئەزالارنىڭ باش رەسىمى ئاستىدىكى ئىلگىرىكى كۆرنۈشلەر ئەسلىگە كېلىنسە...
تېمىلارنى ئەلا باھالاش ھوقۇقى ئەزالارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە...
مۇنبەردە كۆرۈلىدىغان تېمىلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش سانى كۆپەيتىلسە...
ئەزالارنىڭ باش سۆرىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە...
ئەزالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنكاسىنى تەھرىرلەش ۋە ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە...
نەقىل ئالغاندىكى ئەسلى ئىنكاس ۋە كېيىنكى بايان ئوتتۇرسىدا رەڭ پەرىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە...
كەڭ ھالەتتە كۆرۈلگەن سەھىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قالايمىقانچىلىقى تەڭشەلسە...
رەسىملىك تېمىلارنىڭ سانى كۆپەيتىلسە...
‹‹ كۆچمە سۇپىدا يوللاندى›› سۆزنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق سۆز ئالماشتۇرۇلسا، كۆچمە پالاستا يوللاندى دېگەندەكلا گەپكەن بۇ :lol
تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قوشۇمچە ھۆججەت (رەسىم) يۈكلەش ئىقتىدارى قوشۇلسا(بەزەن ۋاقىتتا رەسىم بىلەن چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن رەسىم يۈكلەيدىغان بوشلۇق تاپالماي ئاۋارە بولۇپ قالىدۇ كىشى)...
دىۋان، پالاس، ئورۇندۇق، ئۈستەل دېمەي قەۋەت سانىلا ئېلىنسا(دىۋان تالىشىش ئاقىۋەتتە دىۋاندا ئولتۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئالدىراپ ئىنكاس يېزىپ مەزمۇن پۇچەكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ سۈپەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ)...
قالغىنىنى ئەزالار ئالدىرىماي ئوتتۇرغا قويۇشسا...
دىسكازغا كۆچكىنى بەك ياخشى بولدى، قالغىننى ئالدىرماي بىلىپ قالىسىلەر. كونا مۇنبەر بىلەن ھازىرقىسىنى ئېشەك ھارۋىسى بىلەن BMW غا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
chewendaz يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 11:24 static/image/common/back.gif
ئىلگىرى ئىشلەتكەن چىراي ئىپادىللىرى چىقماي قاپتۇ. ئىز ...
چىراي ئىپادىلىرى پات ئارىدا ئەسلىگە قايتىدۇ.
قوشۇمچە ھۆججەت يوللاشقا تامامەن بولىدۇ، يازمىغا رەسىم قوشۇمچە ھۆججەت شەكلىدە يوللانسا، رەسىملىك تېمىلار قاتارىدا كۆرۈنىدۇ. باشقا يەردىن رەسىم ئۇلانما قىلغانلارمۇ، تېمىنى يوللاپ بولۇپ، ماۋۇ كۇنۇپكىنى بىسۋەتسە، ئۇلانمىدىكى رەسىم ئاپتوماتىك ھالدا، ئىزدىنىش مۇلازىمىتىرىغا چۈشۈرىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، رەسىملەر تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.
يېڭى نۇسخىمۇ بۇلىدىكەن . ئەمما تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن يېڭى بەتنى ئاچسا قايتىدىن تىزىملىتىشقا توغرا كىلەمدۇ نىمە ؟
kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 11:39 static/image/common/back.gif
چىراي ئىپادىلىرى پات ئارىدا ئەسلىگە قايتىدۇ.
قوشۇمچە ...
ئىلگىرى ئىزدىنىشنىڭ بوشلۇقىغا رەسىم يۈكلىگىلى بولمايتى، ھازىر يۈكلىگىلى بولامدۇ؟ (سىرىتقى ئۇلانما ئەمەس)