ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 14:24:09

غەرب دۆلەتلىرى نېمىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

غەرب دۆلەتلىرى نېمىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟





مۇساپىلار لاگىرىدىكى سۈرىيەلىك بالىلار




جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-08-22) ماقالىسى:

غەرب ئەللىرى نېمە ئۈچۈن سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟



يېقىندا، سۇرىيە پارلامېنت سايلىمى تەييارلىقى بىلەن سايلام كۆزەتكۈچىلەردە باشار ھاكىمىيىتى غەلىبە قازاندى دېگەندەك ساختا سېزىم پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى بىر قانچە ئايدا، بۇنداق قاراش بارغانسېرى كۆپۈككە ئايلىنىشقا باشلىدى.

غەرب ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرگە بەرگەن ماددىي ياردەمنى كۆرۈنەرلىك ئازايتقان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندا باشار ئەسەتنىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ئايان بولۇشقا باشلىدى.

باشار ئەسەت جەمەتىنىڭ دۆلىتى ناسىر دەۋرىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى سوتسىيالىزىمىنىڭ قالدۇقى. ناسىر دەۋرىدە، سۇرىيە بىلەن مىسىر ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيەتىنى قۇرغان. مۇبارەك، سادام ۋە كازافى ھاكىمىيىتىمۇ ئەرەب سوتسىيالىزىمى ھادىسىسىنىڭ تەركىبى قىسمى. لېكىن ھازىر سۈرىيەدىن باشقا، ئالجىرىيەنىڭ سىياسىي تەقدىرىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئالدى بىلەن، دەمەشىقتىكى ئەرەب گۈللىنىش سوتسىيالىستلار پارتىيەسى بىلەن ئاز ساندىكى ئالاۋى گۇرۇھى بىرلەشتى. گەرچە ئىدىيە ۋە ئەمەلىيىتىدە ئەنئەنىۋى شىئە مەزھىپى بىلەن ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئالاۋى تەشۋىقاتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنى شىئە مەزھىپىدىن دەپ كۆرسىتىشتە چىڭ تۇردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاز سانلىقلار سىياسىي مەقسەت بىلەن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋېلىپ، ئىسلام دۇنياسىدا بارغانسېرى كۆپ مەسىلە پەيدا قىلغاندىن باشقا، جەمەت مۇناسىۋىتىمۇ سۈرىيەنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋەتتى. جەمەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاكتىكا ئۈستۈنلۈكى بار يەنى سىرتتىن تەسىرى بار كىشىلەرنى ئارىلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، جەمەت باغلىنىشى سەۋەبىدىن ئىتتىپاقلىشىۋالغان بىيۇروكرات ئورگان دۆلەت كىرزىسكە يولۇققاندا پەيدا بولغان جىسمانىي تەھدىت ئالدىدا، باشقا ھەرقانداق بىيۇروكرات ئورگاندىنمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ. لېكىن بۇ كىچىك ئۈستۈنلۈكلەر چوڭراق ئۈستۈنلۈكنىڭ ئالدىدا يەنىلا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇ دەل جەمەئەت شەكلىدىكى بىيۇروكرات ئورگاننىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كاللىسىدا ۋەيران قىلىنىش نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەب.

ئاخىرىدىكىسى، ئەسەت ھاكىمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ رەھىمسىز ئەھۋال شۇكى، باشار ئەسەت يالغۇز ئەمەس، ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر قىسىم ياشانغان ئورۇق-تۇغقانلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىخەتەرلىك ئورگىنىنى كونترول قىلىپ كەلگەن، بىراق ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋەسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. باشار ئەسەت نىڭ قىلغۇسى بار شۇنداقلا ۋەدە قىلغان ھەرقانداق پىلانىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنى ئىلكىگە چۈشۈرۈۋالغان.

سۈرىيە ۋەقەسى باشلانغاندا، باشار بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كېلىشىم ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇشىغا پۇرسەت بار ئىدى، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تالىشىش بۇنداق قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىقىنى يوققا چىقاردى.

ھازىر، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوللاش غەرب ئەللىرىنىڭ «دۇنيا ھۆكۈمىتى» تەشكىللەشكە قارشى تۇرىدىغان دۆلەتكە قويغان قىلتىقى بولۇپ قالدى، بۇنىڭدىكى ئەڭ روشەن مىسال دەل ئىران.

سۇرىيە ھاكىمىيىتى قانچە پاتقاققا پاتسا، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى شۇنچە تەرەققىي قىلىدۇ، ئەسەتگە قارشى تەشۋىقات شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تېھراننىڭ مەيدانىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئويۇشمىسىدەك ئىزچىل ئىرانغا ياخشى پوزىتسىيەدە بولىۋاتقان مىسىردا ھازىر ئىرانغا قارشى كەيپىيات پەيدا بولۇشقا باشلىدى، بۇ ئېنىقكى ئەرەب پادىشاھلىقى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ غەلىبىسى.

كۆزەتكۈچىلەر غەرب ئەللىرىنىڭ يازنىڭ بېشىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ نەتىجىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ سۇسلىشىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، غەرب ئەللىرى باشار ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرلا گۇمران بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، ئەكسىچە، ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرگە بېرىدىغان ماددىي ياردەمنىڭ تىزدىن ئازىيىشى غەرب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشنى ئۇزارتىپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئېنىقكى، سۇرىيە خەلقى قانچە ئۇزۇن جاپا تارتسا، تاراتقۇلار دەمەشق ھۆكۈمىتىنى شۇنچە قارا قىلىپ تەسۋىرلىيەلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىران، رۇسىيە ۋە جۇڭگوغا بولغان سەلبىي تەسىرىمۇ شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ، كىشىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىدە بولغان دەپ قارايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، نۆۋەتتە سۇرىيە ئارمىيەسىدە توقۇنۇشتا ئۆزىگە پايدىلىق نەتىجىگە ئېرىشەلىشىشنى بەلگىلىگۈدەك كۈچ يوق، قوراللىق توقۇنۇش پايتەختكە يۆتكىلىدۇ، غەرب دۆلەتلىرى بۇ خىل ئازاپنىڭ داۋاملىشىشىنى ئاز دېگەندە ئامېرىكا سايلىمىغۇچە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى ئىرانغا قارشى سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەكىللىنىش بازىسىغا ئايلىنىپ قالدى. خەلقئارا بىيۇروكرات ئورگانلارنىڭ نىشانى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى تىركىشىپ تۇرىدىغان ئىككى لاگېرغا ئايرىپ، ئىرانغا قارشى سۈننىي مەزھىپى گۇرۇھىنىڭ تۈركىيە ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن باشقا، يەنە ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بۇ پىلاننىڭ يۈرگۈزۈلۈشى پۈتكۈل ياۋرو-ئاسىياغا ئاپەت ئىلىپ كېلىدۇ، بۇ ئاپەتگە بارىدىغان يول سۈرىيەدىن ئۆتىدۇ.

****************

http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201208/t20120821_372272.html

****************

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 15:10:14

ماۋۇ تىمىغا ئىنكاس يىزىۋىتەي دىسەم دادام كالىغا يەم بىرىۋەت دەپ چاقىرىۋەردى،،، ئولگىرەلمىدىمدە،ئوقۇشقا،،،،خۇش ،،،،،، \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 15:43:26

ما بالىنىڭ ئىشلىرى تازا قاملاشمايۋاتىدا؟

كۆۋرۈك ئىنكاسىمغا ئىنكاس يازما.....

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 15:43:44

1- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ تىمىغا ئىنكاس يىزىۋىتەي دىسەم دادام كالىغا يەم بىرىۋەت دەپ چاقىرىۋەردى،،، ئولگىرەلمىدىمدە،ئوقۇشقا،،،،خۇش ،،،