ھېلىمۇ كۆپ تىرىشتۇق قوش تىل ئۆگىنىمىزدەپ يۈرۈپ ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۇنتۇپكەتكەنلەر مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ . خەنزۇتلىنى ئۆلچەم قىلغان ئوخشىمامدۇ ساۋاتلىقلارنى ھانىغاندا... مەن مۇشۇنىڭغا ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن تىزىملاتتىم ..ياخشىمۇسىلەر دوستلار؟ مەن بۇ سانلىق مەلۇماتقا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن ..بىزنى چۈكۈرگەندەكلا قىلىدۇ ... بىزنىڭ مىللەتنىڭ سانى 80-يللاردىن تارتىپلا 8 مىليوندىن ئارتۇق دېيىلىپ كەلگەن ،ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتۈپ تاشپاقىدەك ئىلگىرلەپ ئەمدى 10 مىليونغا ئۇلىشىپتۇ .شۇنىڭدىن قارىغاندا يا بىزنىڭ ئاياللار تۇغمايدىغان بولىۋالدى ،يا نوپۇسقا چۈشمىگەن يەنە 10 مىليون ئۇيغۇر بار .
23- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نوپۇسقا چۈشمىگەن يەنە 10 مىليون ئۇيغۇر بار .
ئېلان قىلىنغىنىغا نۇپۇسقا چۈشمىگىنىنى قوشسىڭىز ئاندىن توغرا چىقىشى مۇمكىن.
ماۋۇ گەپنىڭ قالتىسلىقىنى . ئۆزى كۆچۈرۈدۇ، باشقىلار كۆچۈرسە بولمايدۇ؟
مەنبەسى: جۇڭگۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت سىتاتىستىكا ئىدارسى
ئاگاھلاندۇرۇش: مەزكۇر يازمىدىكى سانلىق مەلۇماتلار كۆچۈرۈپ - چاپلاش جەريانىدا خاتالاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا ئەسكەرتىڭ. ھېچقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.
دەلىل-ئىسپاتلارنى بىر ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمامسىز؟ مەسىلەن مانچىنچى يىلى پالانى پوكۇنىلار ،پالانى -پۇستانىدېپلۇمنى پۇلغا سېتىۋالدى دېگەندەك.. بولمىسا ئادەمگە قۇرۇق سەپسەتە سېتىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن...
سىتاتىستىكىدىكى سانلار ئادەملەرنىڭ قولىدىكى دېپلۇمنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغان سان ئەمەس.
بولدىلا newstar
سىزگە چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمىغىدەك،كۆپراق خەۋەر كۆرۈپ بېرەرسىز،بەك ئىشەنمىسىڭىز يولدا بىرىنچى ئۇچرىغان 办证 ئېلانىدىكى نومۇرغا تېل قىلىپ دىپلوم ئالىمەن دەپ سوراپ باقمامسىز !!!!!
ما خەق ئالدىنقى يىللارنىڭ بىرى فىرانسىيەدە دوكتورلۇق دىپلومى سېتىپ فىرانسىيە ساقچى تارماقلىرى مۇشۇ خەقلەرنىڭ دىپلوم ياساش قارا ئۇۋىسىنى تېپىپ چىقىپ فىرانسىيەدىكى بارلىق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىپلومىنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ نۇرغۇنىنىڭ ئوقۇش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىۋەتتى،پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى،ياۋروپا ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەردە جۇڭگودىن ئوقۇشقا كەلسە جۇڭگودا ئالغان دىپلوملىرىنى ئانچە ئېتىراپ قىلىپ كەتمەيدىكەن!
ئەمدى دۆلەت ئىچىدىكى دىپلوم سودىسى ۋە بىر بىرىگە دىپلوم ھەدىيە قىلىشىپ كۆڭلىنى خوش قىلىشلار، مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى كۆپەيتىش ۋە پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنۋان -دىپلوم دىگەننى ساق ئوقۇپ بەرسىلا،ئوقۇش پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇپ بەرسىلا ئۇنۋاننى بېرىۋېرىشلىرىنى( يانچۇقىدىكىنى بەرمىگەندىكىن)دىمەيلا قويايلى،ئەخلەت يىغىش مۇتەخەسسىسى، كۆكتات تېرىش دوكتورى،ئاياق تىكىش ئېنژىنىرى،پۇت يۇيۇش-بەدەن ئۇۋۇلاش پىروفېسسورى....يەنە بىر نىمە ئاكادېمىكى ...................
سېسىتىپ بولدىغۇ كونا چۇخەيلەر ئىلىم ۋە ئىلىمنىڭ ئىناۋىتىنى
15- قەۋەتتىكى crazy_for_uنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خەپ ئوننى تۇغمىسام
چۈپەيلىك قىلماي يەنە بىرنى تۇغالماسسىزما؟...ئويلىشىپ بېقىڭ جۇمۇ! كىلىشىپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز..
11- قەۋەتتىكى sipartakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاشۇ بويىچە ھىساپلىغاندا،بىزدىن 30 پىرسەنىت ئادەم ساۋاتسىزكەن. سىتاتىستىكىنىڭ توغۇرلۇق نىسپىتى نەچچە پىرسەنىت؟
ساننى خاتا ئۇقۇۋاپسىز.
13- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەنە بىرەر ھەپتىگىچە ئۇيغۇردىن يەنە بىرسى كۆپىيدۇ.....
خوتۇنۇم ھازىر 9ئايلىق بولدى!!!!
6- قەۋەتتىكى tashpaqaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇنداق رەسىمىي ئىستاتىكىغا تۈرمىدىكىلەرنى ھىسابلامدۇ؟
ھېساپلايدۇ.
6-قېتىملىق نۇپوس تەكشۈرۈشكە مەن بىۋاستە قاتناشقان.
ئامالنىڭ بارىچە بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرماي ھېسابلىغان.ئەمما بەزى ئورنىدا جىم تۇرمايدىغان ئادەملەرنى تەكشۈرمەك تەس،ئانچە-مۇنچە خاتالىقلارنىڭ چىقىشى تەبىئي.
قازاقلارنىڭ سانى خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟ 1462588 .ئۇيغۇر ئاپتۇنۇپ رايۇنىمىزدىلا 2مىلىيۇنچە قازاق بار دەپ يۇرۇپتىمەن.چەتئەلدىكى بىر قىسم تەشكىلاتلار ۋە نوپوس تەتققاتچىلىرى ئېنقلاپ چىققان سىتاتسىتىكا ، شۇنداقلا خەلقئارادىكى نوپوزلۇق ئاخبارات ئاگىنىتلىقلارنىڭ ئىلان قىلغان خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 18 مىليۇندىن 21 مىلىيۇنغىچە تەخمىن قىلپ خەۋەر بىرىپتىكەن .
دۇنيادا ياشاۋاتقان پۇتۇن ئۇيغۇر نوپوس سانىنى 25 مىليۇن دەپ تەخمىن قىلىپ ئىلمي ئۇسۇلدا ئىسپاتلاپ بىرىپتىكەنمىش . 25 مىليۇن ئۇيغۇر ،،مۇشۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنوم رايوندىلام بار............
30- قەۋەتتىكى atarutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
13- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەنە بىرەر ھەپتىگىچە ئۇيغۇردىن يەنە بىرسى كۆپىيدۇ.....
خوتۇنۇم ھازىر 9ئايلىق بولدى!!!!
ھامىلە دەڭ
خوتۇنىڭز 9 ئايلىق بولدىما ،تۇغۇلماستىنلا خوتۇن دەۋالدىڭىزمۇ قانداق.
بەزى ئاغىنلەر بەك ھاياجانلىنىپ كىتىپ بارامدۇ قانداق؟ ئۇيغۇرنىڭ نۇپۇسىنىڭ كۆپ بۇلۇشى ياخشى ئىش بولسىمۇ قارىغۇلارچە ئاپتۇنۇم رايوندىلا 25مىليون بار دەۋىلىش بەكلام چەكتىن ئىشىپ كەتتى. ئاۋۇ ئۆزبىكىستان چېغىدا مانچە يۈزمىڭ ئۇيغۇرنى قۇشۇۋىلىپ يۈرۈپ 25 مىليون دىيىلۋاتىدۇ. بىزدەك ھاياتلىق بوشلۇقى نىسپەتەن تارىيىپ كىتىۋاتقان بىر مىللەت ، كۇمپارتىيەنىڭ شاپائىتىدە ئۇنچە تىز كۆپىيىش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەسمىز. 5مىليون كەم بولدى دىسەكمۇ بىر ئاز ئىشىنىشكە بۇلىدۇ. بۇ دىگەن ئادەمنىڭ سانى، ھەرگىز تاغدىكى بۆرىنىڭ سانى ئەمەس. بەزى مېللەت سان سېفىردا خاتالىق باركەن.3يېل بۇرۇنقى دۆلەت سىتاتىستىكسدا ئۇيغۇرنىڭ نۇپۇسىنىڭ11مېيليۇن200مېڭ كورگەن. بىر ئاغىنەم ، مەن ئىسلامچە ئائىلە قۇرۇپ 10 يىل ئىچىدە خوتۇنلىرىمنىڭ سانىنى 4 كە يەتكۈزىمەن دەيتى ئەمچى چۈشەندىم .