taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 22:11:51

ئۆتكەندە بىزگە مۇشۇ ئەيدىس توغرىسىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ بىر خىزمەتچىسى تەشۋىقات نۇتۇقى سۆزلىگەن.

مەنمۇ پاشىنىڭ ئادەمگە ئەيدىسنى يۇقتۇرۇپ قويىشى مومكىن دەپ يۈرگەن،ئەمما ئاشۇ كۈنى ئاۋۇ تەشۋىقات سۆزلىگەن خىزمەتچى پاشىنىڭ ئەيدىس ئادەمنى چېقىپ ئاندىن ساق ئادەمنى يەنە بىر قېتىم چېقىشىدا،ساق ئادەمگە كېلىدىغان تەركىبىدە ئەيدىس ۋىروسى بار قاننىڭ مىقدارى بەك ئاز شۇڭا يۇقمايدۇ دەپ سۆزلىگەن.

قارىغاندا مىقدارى بەل ئاز بولغان ئەيدىس ۋىروسى ساق ئادەم بەدىنىگە كىرسىمۇ كېسەللىك شەكىللەنمەيدىغان ئوخشايدۇ،پەرىزىمچە تېخى ۋاكسىنا ئۇرغانغا ئوخشاش ئىممونىت سېستىمىسى شەكىللىنىپ قالامدۇ تېخى.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 22:33:44

ئەيدىز ۋىروسى ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئۆلىدۇ !

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 23:59:22

ئاللاھ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن، ئەيدىسنى پەقەت ساناقلىق نەچچە خىللا يول بىلەن يۇقىدىغان قىلىپ يارىتىپتىكەن. ئەگەر ھاشاراتلەرمۇ يۇقۇملاندۇرىدىغان بولسا، دۇنيا ئوڭتەي-توڭتەي بوپ كەتمەمدۇ باللا.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 00:02:38

نىجىسلىقلار ئەيدىزنىڭ مەنبەسى ..........  {:92:}

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 07:54:52

19- قەۋەتتىكى Buduxkakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇقمايدۇ. خاتىرجەم بۇلۇڭ. ئەيدىز قان ئارقىلىق، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق، ئانىدىن بالىغا ئۈچ خىل يول بىلەن يۇقىدۇ. لېكىن چۇسا ئەيدىز بىمارىنى چىقىپ ئارقىدىن ساق ئادەمنى چاققانغا يۇقۇملىنىش كىلىپ چىقمايدۇ. قان ئارقىلىق يۇققاندىمۇ مۇھىمى شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، قان سېلىش قاتارلىق بىۋاستە يوللار ئارقىلىق يۇقىدۇ.  

قارىغاندا خېلى مەدەنىيەتلىك ھاشارەتكەن بۇ. ئەمدى تىللىمىسام بولغۇدەك. بىر ئادەمنى چېقىپ بولۇپ، شىپىرىس ئالماشتۇرىدىكەن ياكى نەشتىرىنى دېزىنفىكسىيە قىلىدىكەن ئەمەسمۇ!




مەن سىزگە بىر نەرسە دەپ بېرەي. ھازىر ئامېرىكىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقىنى مۇشۇ چۇسا. ئەگەر ئەيدىسكە گىرىپتار بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسى گىرىپتار بولسا بولىدۇ. مىترولىرىغا قارىسىڭىز چۇسىنىڭ ئېلانى. يولدىمۇ ئېلان بار. تېلىۋىزۇرمۇ شۇ.


alip يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 08:54:06

20- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆتكەندە بىزگە مۇشۇ ئەيدىس توغرىسىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ بىر خىزمەتچىسى تەشۋىقات نۇتۇقى سۆزلىگەن.

مەنمۇ پاشىنىڭ ئادەمگە ئەيدىسنى يۇقتۇرۇپ قويىشى مومكىن دەپ يۈرگەن،ئەمما ئاشۇ كۈنى ئاۋۇ تەشۋىقات سۆزلىگەن خىزمەتچى پاشىنىڭ ئەيدىس ئادەمنى چېقىپ ئاندىن ساق ئادەمنى يەنە بىر قېتىم چېقىشىدا،ساق ئادەمگە كېلىدىغان تەركىبىدە ئەيدىس ۋىروسى بار قاننىڭ مىقدارى بەك ئاز شۇڭا يۇقمايدۇ دەپ سۆزلىگەن.

قارىغاندا مىقدارى بەل ئاز بولغان ئەيدىس ۋىروسى ساق ئادەم بەدىنىگە كىرسىمۇ كېسەللىك شەكىللەنمەيدىغان ئوخشايدۇ،پەرىزىمچە تېخى ۋاكسىنا ئۇرغانغا ئوخشاش ئىممونىت سېستىمىسى شەكىللىنىپ قالامدۇ تېخى.



ئاۋۇ «ساق ئادەمگە كېلىدىغان تەركىبىدە ئەيدىس ۋىروسى بار قاننىڭ مىقدارى بەك ئاز شۇڭا يۇقمايدۇ» دېگەن گەپنىڭ ئاساسى يوق. ۋىرۇس دېگەن ئىنتايىن كىچىك، باكتىرىيەدىنمۇ كىچىك. باشقا جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرە يادروسىغىمۇ كىرەلەيدۇ. مىكرونىڭمۇ مىكروسى. ۋىرۇسقا سېلىشتۇرغاندا بىر تال قان ھۈجەيرىسىمۇ ناھايتى چوڭ.


پەقەت ئۈچ خىل يول بىلەنلا يوقىدۇ دەپ تۇرۋالدىغانغا نىيوتۇننىڭ قانۇنى ئەمەستۇ. يەنە باشقا ئۇسۇللار بىلەنمۇ يوقامدىغاندۇ دەپ گۇمان بىلەن قارىساق ئەلۋەتتە بولىدۇ.


ئادەمنىڭ قېنىنى شورايدىغان ھاشارەتلەر ئەيدىز بىلەن يوقۇملانغان ئادەمنى چېقىپلا، شۇ ھامان يەنە بىر ساق ئادەمنى چاقسا يۇقمايدۇ دەپ ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. ئىشەنمىسەڭلار سىناپ بېقىڭلار.

RaZiL17 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 09:10:44

مۇشۇ توغۇرلۇق بىرەر تەتقىقات ئېلىپ دەلىل -ئىسپات كۆرمىگىچە مەن ئىشەنمەيمەن .........  \"\"

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 12:10:32

مەن تىخى ئۆتكەندە كۆز يىشىدىنمۇ يۇقىدۇ دەپ ئاڭلىغان ...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 12:36:54

25- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەقەت ئۈچ خىل يول بىلەنلا يوقىدۇ دەپ تۇرۋالدىغانغا نىيوتۇننىڭ قانۇنى ئەمەستۇ. يەنە باشقا ئۇسۇللار بىلەنمۇ يوقامدىغاندۇ دەپ گۇمان بىلەن قارىساق ئەلۋەتتە بولىدۇ.


ئادەمنىڭ قېنىنى شورايدىغان ھاشارەتلەر ئەيدىز بىلەن يوقۇملانغان ئادەمنى چېقىپلا، شۇ ھامان يەنە بىر ساق ئادەمنى چاقسا يۇقمايدۇ دەپ ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. ئىشەنمىسەڭلار سىناپ بېقىڭلار.



سىز شۇنداق گۇمانلان ئىكەنسىز ئاۋال ئۆزىڭىز سىناپ بىقىڭ. يىڭى يۇقۇش يولىنى بايقاپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالامسىز تېخى.

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 14:50:47

28- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

25- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەقەت ئۈچ خىل يول بىلەنلا يوقىدۇ دەپ تۇرۋالدىغانغا نىيوتۇننىڭ قانۇنى ئەمەستۇ. يەنە باشقا ئۇسۇللار بىلەنمۇ يوقامدىغاندۇ دەپ گۇمان بىلەن قارىساق ئەلۋەتتە بولىدۇ.


ئادەمنىڭ قېنىنى شورايدىغان ھاشارەتلەر ئەيدىز بىلەن يوقۇملانغان ئادەمنى چېقىپلا، شۇ ھامان يەنە بىر ساق ئادەمنى چاقسا يۇقمايدۇ دەپ ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. ئىشەنمىسەڭلار سىناپ بېقىڭلار.



سىز شۇنداق گۇمانلان ئىكەنسىز ئاۋال ئۆزىڭىز سىناپ بىقىڭ. يىڭى يۇقۇش يولىنى بايقاپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالامسىز تېخى.


ئەيدىز يۇققانلار بىلەن مۇناسىۋىتىم يوقكەن، نوبېل مۇكاپاتىنى سىزلا ئېلىۋېلىڭە. سىزگە ئۆتۈندۈم.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 16:28:45

دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بىقىڭ. مىنى پاشا چاقمىدى دەپ ھۆددە قىلالمايسىز.

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 18:38:13

مەن ئۈرۈمچىدە 30 نەچچە يىل ياشاپ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيلەردە چۇسا بار دەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، بۇرۇن كىچىگىمدە ئاڭلايدىغان بۈرگە، چۇسا دەپ ھازىر زامان تەرەققى قىلىپ ئۇ نەرسىلەر يوقاپ كەتتى . لىكىن ھازىر جىقلاۋاتقىنى سۈۋەرەك بۇلۇپ قالدى.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 19:54:18

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 20:44:59

چۇسىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى بەك تار ....
بەت: 1 [2]
: ئەيدىز ۋىرۇسى ‹‹چۇسا›› ئارقىلىقمۇ يۇقامدۇ؟