ئاللاھ پەرىشتىمىزنى سالىھە قىلىپ بەرسۇن،
مەريەم، مەلەك، مۇكەررەم، مەدىنە، مۇنەۋۋەر، مۇخلىسە، مۇسلىمە، مۇنىسە
مۇرشىدە
مەسئۇدە مەن شۇنداق بىر ئىسىمنى تەۋسىيە قىلاي، مىنىڭچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرەرسى قويۇپ باقمىدىمكىن. ‹‹مۇسفىرە›› سۈرە ئەبەسەدە جەننەتكە نائىل بولۇش بىلەن يۈزلىرى خۇشاللىتىن نورلىنىپ ئىچىلىپ جىلۋەقىلىپ پارلاپ كەتكەنلەرنى سۇپەتلەپ كىلىدۇ، ئادەتتە قىزلارغا ئىسىم قىلىپ قوللىنىلىدۇ. پارلاق، نورلۇق، سۈزۈك دېگەندەك نۇرغۇن مەنەلارنى ئۆزىگە جەمئى قىلغان گۈزەل ئىسىمدۇر. مەرھابا، (خۇش كەپسىز ) . مۇھەررەم، مەستۇرە، مېھىربان، مۇنەۋەر. مائىدەنى قويماڭ .
خۇدا خالىسا ئايالىم قىز تۇغۇپ قالسا مەستۇرە دەپ قۇيىمەن . مەڭگۈنۇر . بۇ ئىسىم بۇرۇنقى مۇھابىتىمنىڭ ئىسمى ئىدى {:92:}
مەستۇرە بۇ ئىككى ئىسىم مۇۋاپىق چىراي !
مەستۇرە ( ھىجابلانغان قىز دىگەن مەنىدىكەن )
مۇبارەك بولسۇن.مەن نۇرىيە،نۇسرەت،ئارىفە‹ئىلىم-مەرىپەتلىك دىگەن مەنىدىكەن›،نۇركەۋسەر قاتارلىق تۆت ئىسىمنى بەك ياقتۇرىمەن ئەپسۇس بۇ ئىسىملارنىڭ ھېچقايسىدا م كەلمەيدىكەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ ئادرېسقا كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ!
http://www.sheriq.cn/maqale/Readarticle.asp?M_id=341
تۆت قىزىم بولسا ئىسمىنى نازاكەت، نېلوفەر، ئاينېگار، مەرھابا قوياتتىم.. ئىسىل ئىسىملارنى تېپىپسىلەر جۇما! ئاللا خالىسا ۋاقتى كەلگەندە مەنمۇ سىلەرنى ئىزدىسەم بولغۇدەك ! مۇبارەك بولسۇن !
مەرھابا ، مۇخلىسە .
مۇشۇ ئىككى ئىسىم ياخشى ئىكەن . قۇرئاندا بار بولغان ئىسىملاردىن دېسە، تاس قاپسىلەرغۇ قوشنىللىرىڭلارنىڭ ئىسمىنىمۇ دەپ بەرگىلى مەن مۇشۇ ئەژداتلىرىمىزنىڭ بىر ئىشىغا بەك قايىل .قىزلىرىغا \"\"...گۇل\"\" دەپ ئات قويىدۇ .ئاھ !نىمە دىگەن ئېسىل مەدەنىيەت !قىزلىرىمىزمىغۇ گۇلدەكلا گۈزەل
ئەن-ئەنىدىن يىراقلىمايلى . مۇبارەك بولسۇن توردىشىم ،ئاللادىن قىزىڭىزنىڭ تىنىچ ئامان چوڭ بولىشىنى تىلەيمەن.......
مەن سىزگە بۇ تور بەتنى تەۋسىيە قىلاي نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىسىملار ھەم مەنىسىمۇ بار:
http://isim.okyan.com بۇ يىل ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان بولسام ئىسمىنى ھوررا دەپ قويۇتتۇم {:90:} مۇبارەك بولسۇن !!!!!!!!!!!!!!! مۇسلىمە
34- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن مۇشۇ ئەژداتلىرىمىزنىڭ بىر ئىشىغا بەك قايىل .قىزلىرىغا \"\"...گۇل\"\" دەپ ئات قويىدۇ .ئاھ !نىمە دىگەن ئېسىل مەدەنىيەت !قىزلىرىمىزمىغۇ گۇلدەكلا گۈزەل
ئەن-ئەنىدىن يىراقلىمايلى .
سىزگە چاخچاق قىلغىم كېلىپ قالدى ، ئەمىسە مۇبارەك قىزىغا \" شامانگۈلى \" دەپ قويامدۇق ياكى \"مۇسلىمەگۈل\" ؟ ھېلىقى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىدىكى مەشھۇر رىياسەتچى تونەگان قىزىغا ئېتىقادىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن ھەم مىللىتىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن 法图麦·李 دەپ ئىسىم قويۇپتۇ ، بىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقساق بولامدىكىن ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ...