muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:29:06

مەنمۇ ھازىر شۇنداق قانلىق چۈشتىن بىر نەچچىنى ئۇلاپ كۆرۈۋېتىپ ئويغاندىم. \"\"

tiwiba19 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:31:01

18- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

15- قەۋەتتىكى tiwiba19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاغىزىم ئاچچىق بوپ قالدىغان بوپ قالدى.بۇ نىمە ئىش؟نىمە تاماق يىسەم شۇنداق..سەھەردە تۇرغاندا شۇنداق بۇلۇپ قالىمەن.سۇ ئىچسەم سەل ياخشى..



بۇ ئۆتتىكى مەسىلە ! ئۆت ياللۇغىغا قارىتا كىچىككىنە دورا ئىستىمال قىلىپ بېقىڭ .



ياشانغانلاردىكى بەل پۇت ئاغرىقىغا ئامال بارمۇ؟ ئاپام 70كە كىرىپ قالغان. 7،8يىل بولدى بەل پۇتى ئاغرىپ زادى ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. جوڭيى دوختۇرخانىلىرىدا يىتىپ باقتى. ھەر مايلارنى سۈركەپ باقتى. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بارسام ئۆيدە ئۆمىلەپ قاپتۇ. بىر پۇتى بەلدىن تىزغا يىپ تارتقاندەك ئاغرىيدىكەن. تىزىنىڭ ئالدى تەرىپىدا يۇمشاق بەزدەك بىرنەرسە ئۆسۈپ قاپتۇ.


يەل كۆيدۈرۈش دورىلىرى تۈگەپ قاپتىكەن. مەن بەل قىسمىغا ھەم تىزىغا لوڭقا قويۇپ قويغانتىم. سۇلۇق قاپراتقۇلار چىققۇچە ئالمىدىم. قان ئارلاش قاپىراتقۇ چىققاندا ئاندىن لوڭقىنى ئېلۋىتىپ ، يىڭنە بىلەن قاپىراتقۇنى تىشىپ، ئىچىدىكى زەرداپنى چىقىرۋەتتىم. ئازراق ياخشى بولدى دەيدۇ.


لوڭقا قويۇشنى \"پەيغەمبەر تىبابىتى\" دىگەن كىتاپتىن ئۈگەنگەن. ئۈنۈمى خېلى بولىدىكەن. لېكىن سورايدىغىنىم قانچىلىق ۋاقىتتا بىر قىتىم قويسا بولىدۇ؟ قايسى ئەزالارغا قويۇشقا بولمايدۇ؟


مۇشۇنداق ئۇزۇن يىللىق بەل پۇت ئاغرىقلىرىغا بولۇپمۇ يېشى چوڭايغان ئادەملەرگە باشقىچە يەنە قانداق ئاماللار بار؟ ئاپامنىڭ يۇقۇرى قان بىسىمى، تاجىسىمان يۈرەك دىگەندەك كېسەللىرى بار. تۇرپان تەرەپكە بىرىپ قۇمغا كۆمىلىپ باقسا بولارمۇ؟



يۇقىرى قان بېسىم ، تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى بىمارلىرىغا لوڭقا قۇيۇشقا ، قومغا كۈمۈشكە  بولمايدۇ . ئەگەردە قان بېسىمى 150دىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا قويسىڭىز مۇۋاپىق بۇلىدۇ .


ئانىڭىزغا ئىمكان بولسا سۆرۈنجان تەركىپلىك سۇغۇق يەلگە ، ئولتۇرغۇچ نىرىپ ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدىغان دورىلاردىن ئىستىمال قىلىپ باقسۇن . ئاللاھ ساغلام قىلسۇن ئانىڭىزنى !

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:35:55

esma0999 نىڭ تەبىرى خوش قىلپ قويغانتى، ئەپسىۇس سىزنىڭ تەبىرىڭىز باشقچىلا چىقتىغۇ ئەمدى \"\" .  بۇ يىلقى ئەڭ جىق كۆرگەن چۈشۈم شۇ ئۇچۇپ بوپتۇ. ھەتتا بەزىدە ئېگىز بىنالارنىڭ ئۈستىگىمۇ چىقالايمەن. بەزىدە ئاران ئادەم ئېگىزلىكى بويىچە ئۇچىمەن. ئىشقىلىپ ھەرخىل چۈش كۆرۈپ باقتىم. تۇرۋاتقان يېرىمدىن نارازى ئەمەس، شارائىتىممۇ بولىدۇ ئىشقىلىپ. تېخى تۈنۈگۈن ئۆيدىن كەلگەن ئەمدى نەگىمۇ كېتەرمەن. چۈش تەبىرى دېگەن كىتاپتىمۇ ئۇچۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر دەپتىكەن. ئىشقىلىپ ئۇچۇپ چۈش كۆرۈشنى ياقتۇرىمەن. بەك پەيزى بولىدۇ. بىرنەرسىگە ئۈسىۋالساممۇ تېشىپ ئۆتۈپ كېتىمەن دېسە \"\"

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:36:27

داۋاسىغا كەلسەك:سەۋەبى يۈرەك،مېڭىگە قان يېتىشمىگەن، زىيادە چارچىغان ،تۇرمۇش رېتىمى تەرتىپسىزلىك،روھىي بېسىم  ئۇ بۇ دېگەندەك ئون توقۇم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچىسى بولۇشى مۇمكىن.ئارامنى ياخشى ئېلىپ،قۇۋۋەتلىك يەپ، بىر ئىشلارنى بېسىم قىلىۋالماي،كۈندۈزى زىيادە چارچىماي كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تۇتسىڭىز ،تەرتىپلىك كۈن ئۆتكۈزسىڭىز ئوڭشىلىپ كېتەرسىز،ئاللا خالىسا.

  ئۆزەمنى داۋالىيالمايۋاتىمەن ھىچ. \"\"

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:49:38


1- قەۋەتتىكى nurlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كەيىپ قىلمايدىغانسىلە؟


------------------------------


ھاراقنى تاشلىغىلى 8ئاي بولدى.سىگارتنى تاشلىغىلى بىر يىرىم ئاي بولدى.




meyxor يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:51:23

5- قەۋەتتىكى tirixqanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى nurlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كەيىپ قىلمايدىغانسىلە؟

چىراي ئىپادىسى  چىقمايدىغان بولاپ قاپتۇيا ؟

meyhur  دىگەن ئىسىمغا قاراپ شۇنداق دەۋاتامسىز ؟


-------------------------------


مەيخور دىگەن ئىسىمنى شاراپقا قارىتا قويغان ئىسىم ئەمەس توغرا چۈشىنىڭلا.




مەنمۇ بەزىدە ئۇخلاۋىتىپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كىتىمەن ، ھەكىم ۋىراچلار مەسلەھەت بىرىڭلار راسىت ،




meyxor يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:51:24

5- قەۋەتتىكى tirixqanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى nurlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كەيىپ قىلمايدىغانسىلە؟

چىراي ئىپادىسى  چىقمايدىغان بولاپ قاپتۇيا ؟

meyhur  دىگەن ئىسىمغا قاراپ شۇنداق دەۋاتامسىز ؟


-------------------------------


مەيخور دىگەن ئىسىمنى شاراپقا قارىتا قويغان ئىسىم ئەمەس توغرا چۈشىنىڭلا.




مەنمۇ بەزىدە ئۇخلاۋىتىپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كىتىمەن ، ھەكىم ۋىراچلار مەسلەھەت بىرىڭلار راسىت ،




Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:56:24

مېنىڭ تەبىرىم توغرىكەنغۇ- ئەنە، ئۇچۇشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، شۇڭا ئۇچۇپ چۈش كۆرىدىكەنسىز، faith. پىسىخىكىلىق ئامىل دېگەن مۇشۇ ئەمەسمۇ \"\"

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:56:50

توردىكى چۈش تەبىرى ئىكەن. چاپلاپ قويدۇم.



بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسىۇن .  



1. ھەركىمنىڭ ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە , شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر ، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر .

2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە گۇناھى ئازلىغان بولۇر .

3. مەسجىدنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر .  

4. مەسجىددە ناما ز ئوقۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر

5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يىتەر .

6. كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .

7. تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي .

8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .  

9. تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئازاپقا گىرىپتار بولۇر .

10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىناما ز بىلەن دوست بولۇر .

11.ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىر يەردىن سوغات خەۋىرى كېلۇر .

12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .

13. ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە ئۆزىگە زىياندۇر .  

14. تۆمۈر ئەسۋاب كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى كۆپ بولۇر .



15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە چوكان ئالۇر .

16.ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە دۈشمەن قەسىت قىلۇر .  

17. ئىلان ھەم دۈشمەن سۈرىدۇر .  

18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر .

19.قارا ئىلان دۈشمەن سۈرىدۇر .

20. چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر .  

21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت نىسىپ بولۇر .  

22. قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە قۇرقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر .



23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .



24. قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمكىن بولۇر .  

25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى ئالىم بولۇر .

26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى باتۇر بولۇر .

27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس .  

28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي .

29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھارامخۇر بىلەن دوست بولۇر .

30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى نەغمىچى بولۇر .



31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى راسىت سۆزلۈك بولۇر .



32. ھۆپۆپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى بېخىل بولۇر .  

33.ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .

34. يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەپەردە خەتەرگە ئۇچرار .

35. ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە سەپىرى سالامەت بولۇر .

36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .  

37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .

38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باش بولۇر .

39. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋان بولۇر .  

40. كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نېمەتكە داخىل بولۇر .

41. كالا قوغلاپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلارنىڭ نەزىردىن يېقىلۇر  

42. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە يۇرتىغا خەتەر يېتەر .



43. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر .



44. قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر .45. پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى يىتىم قالۇر .

46. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر .

47. ئوغلاقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەككار پەرزەنت كۆرەر .

48. مال بېقىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باشلىق بولۇر .

49. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالارنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرار .  

50. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .  

51. مىكيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر .  

52. تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرمەس .  

53. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى تۇرماس .

54. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .

55. ئىت قەسىت قىلىپ چۈش كۆرسە دۈشمەن سۈرىدۇر .

56. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .  

57. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە رەنجىگە گىرىپتار بولۇر .

58. تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە داۋاگەر بولۇر .



59. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئابرۇيلۇق بولۇر  

60. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنام ئالۇر .  

61. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .



62. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .

63. جامائەتلەرنى كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .

64.بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر .

65. ھارۋا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر .

66. قىز بالا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمۈرى ئۇزۇن بولۇر .  

67. چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرى ئامان بولۇر .  

68. زىنا قىلىپ چۈش كۆرسە غۈسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن ، مۇرادىغا يىتەر .



69. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە ، چەپ قولى غايىپ بولسا قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر .

70. زىكەر غايىپ بولسا پەرزەنت كۆرمەس .

71.بەدېنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرىغا زىيان يېتەر .

72. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .

73. چوڭ - كچىك بۆلۈپ چۈش كۆرسە دۇنياسى كۆپ بولۇر .

74. ھايۋاننىڭ تېزىگىنى تېرىپ چۈش كۆرسە ئومرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزگەي .

75. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .

76. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .

77. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە ئۆيگە بەركەت كىلۇر .



78. ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە بەدنىيەت ئادەمگە ئۇچرار .

79. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى ئۆسەر .  

80. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .

81. كېمىگە چىقىپ چۈش كۆرسە يۈزدە يۈز مەرتىبە تاپار .  

82. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .

83. بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر .

84. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .

85. ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر .



86. ئاتتىن يىقىلپ چۈش كۆرسە خوتۇندىن يامانلىق كىلۇر .  

87. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مېنىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى كېسەل بولۇر .  

88. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر .  

89. ئەجدەرھا پادىشاھ سۈرىدۇر .  

90. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .  

91. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .  

92. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە بىر كىشىدىن ئىزا - ئاھانەتكە قالۇر .  

93. ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .  

94. ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .  

95. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسە يىغا - زارلىق بولۇر .  

96. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر .  

97. جۇگاز يىغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاراڭ جۇداغا قالۇر .  

98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە ۋەيرانلىققا قالۇر .  

99. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .  

100. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە قىزدۇر .  

101. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە دېدار كۆرۈشەر .  

102. چىسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى دوختۇر بولۇر .  

103. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە نائەھلى بىلەن دوست بولۇر .  

104. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .  

105. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .  

106. ھەرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىراۋدىن ئازارلىنۇر .  

107. ئورۇس كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرەر .  

108. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە قارغۇ پەرزەنت كۆرەر .  

109. چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى راھەتتە بولۇر .  

110. شىكەر ناۋات كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .  

111. غەم بولۇپ چۈش كۆرسە تولا كېسەل بولۇر .  

112. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەلدىن شىپا تاپار .  

113. قۇلىغى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار .  

114. بوغۇز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۇرسە جان ئالغۇچىنڭ سۈرىدۈر .  

115. كەكلىك كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۇدا جۈپ پەرزەت بېرەر .  

116. قارچۇغا كۇرۈپ چۈش كۇرسە دوستى قولىغا كېلۇر .  

117. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتبسىدىن چۈشەر .  

118. چىراق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .  

119. سۇرە پەلەقنى ئوقۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .  

120. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە سېھرى جادۇدىن قۇتۇلار .  

121. سۇرە ياسىن ئوقۈپ چۈش كۆرسە خۈدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار .  

122. قۈرئان ئوقۈپ چۈش كۆرسە ياخشى كۈن كۆرەر .  

123. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە ئابروي كۆتۈلەر .  

124. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە ئازاپ تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .  

125. روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى .  

126. روھ ئۈرۈپ چۈش كۆرسە ساقايماس كېسەلگە قالۈر .  

127. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسە ئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .  

128. روھ سۆزلسە راست سۆزلىگەي .  

129. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە دۇئا تەلەپ قىلغاندۈر .  

130. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە گۈناھى تۆكۈلەر .  

131. تۈگمەن قۈرۈق چۆگىلەپ چۈش كۇرسە قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي .  

132. تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈش كۆرسە پۇل مالى كۆپ بولغاي , ھاجىتى راۋا بولغاي .  

133. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە ئەرزانچلىق بولۇر .  

134. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۇرسە مەرتېبىلىك بولۇر .  

135. كۈننى كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۈدانىڭ جامالىدۈر .  

136. كۈن تۈتۈلۈپ چۈش كۇرسە خەلق زۈلۈمدا قالغاي .  

137. ئاي كۈن بىر يەردە جەم بولۈپ چۈش كۆرسە دەرىجسى كۆتۈرۈلگەي .  

138. يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي ، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۈر .  

139. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولغاي .  

140. ئاي كۆرۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە يۈرت ئىچىدە پىتنە پاسات بولۈر .  

141. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۇرسە مۈرادىغا يېتەر .  

142. يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار .  

143. ئۈكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر .  

144. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە بىر ئالىم ۋاپات بولۈر .  

145. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە گۈناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر .  

146. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسە قۇرۇق سۆزگە قالۇر .  

147. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر .  

148. باش غايپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئەجىلى يېقىن بولۇر .  

149. بېشىغا قېلىچ تېگىپ چۈش كۆرسە پادىشاھقا خەتەر يېتەر .  

150. باش چۈشۈپ چۈش كۇرسە يېرىم ھەج ساۋابى بولۈر , قىلغان ئىشى چالا بولۇر .  

151. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە قەرزدار بولۇر .  

152. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە تىنەپ قالۇر .  

153. ئايالىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە بەختى كېلۇر .  

154. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەرتنىڭ قولىغا قالۇر .  

155. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە ئەيىبى ئاشكارا بولۇر .  

156. ئاق تون كېيپ چۈش كۆرسە ماتەمدار بولۇر .  

157. قىزىل تون كېيىپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .  

158. كۆك تون كېيىپ چۈش كۆرسە يىغا زارلىق بولۇر .  

159. دەللە تون كېيىپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالاردىن مەدەتدۇر .  

160. يالاڭ ئاياق بولۇپ چۈش كۆرسە گۇماندىن پاك بولۇر .  

161. ئۆي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە رەنجى مىھنەتلىك بولۇر .  

162. سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئاز قالغان بولىدۇ .  

163.تۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسە بەتنامگە قالۇر .  

164.قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .  

165.ئەگەر قۇشلار سوقۇشۇپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .  

166.قان كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .  

167. سارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاسىق بىلەن دوسىت بولۇر .  

168. تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھىلىگەر بىلەن دوسىت بولۇر .  

169. قەبرىستاندا يۈرۈپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە گۇنادىن پاك بولۇر .  

170. گورنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمسىز بولۇر .  

171. كىپەن راسلاپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .  

172. جىنازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خەلقىغە چوڭ بولۇر .  

173. ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسە روھ قۇۋۋەت تاپقاندۇر .  

174. روھ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە روھ ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر .  

175. روھ يىغلاپ چۈش كۆرسە روھقا بىھوش بىسىپ بولغان سۈرىدۇر .  

176. روھقا بىر نەرسە بېرىپ چۈش كۆرسە قوللىغان سۈرىدۇر .  

177. قازانغا ئوت قالاپ چۈش كۆرسە بەتنىيەت بىلەن دوسىت بولۇر .  

178. ساندۇق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كەسپى دۇنياسى راۋاج تاپار , ساندۇقتىن نەرسە ئېلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن ئامان بولۇر .  

179. كوزا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇنى تۇغۇتى تەس بولۇر .  

180. تاۋاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرەر , تاۋاق چېقىلىپ چۈش كۆرسە بالىسى تۇرماس .  

ئالتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىماندىن ئاجراش خەۋپى باردۇر .  

181. كۆمۈش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر .  

182. داچەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇشايمانغا قالۇر .  

183. ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسىنىڭ بىر ئەزاسى كام بولۇر .  

184. ئەينەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر .  

185.ئەينەككە قاراپ چۈش كۆرسە دىدار كۆرىشەر .  

186. بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆرسە جاپا بىلەن دۇنيا تاپار .  

187. يىڭنە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .  

188. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .  

189. مايسا كۆرۈپ چۈش كۆرسە يىغا- زارلىق بولۇر .  

190. ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەينەتچىلىككە قالۇر .  

191. تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇشكىلى ئاسان بولۇر .  

192. ھايۋان بىلەن سۆزلۈشۈپ چۈش كۆرسە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇر .  

193 .سۈرە ئەررەھمان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ئىككى ئالەمدە سائەتمەن بولغاي .  

194. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ياخشىلىقنىڭ ھىساۋى بولماس .  

195. سېمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەمۇرچىلىق بولۇر , ئورۇق ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە قەھەتچىلىك بولۇر .  

196. ئورۇق بۇغداي سېمىز بۇغداينى چىرماپ چۈش كۆرسە ئاسماندىن يامغۇر ياغماي تېرىقچىلىق ھوسۇل بەرمەي كىشلەر ھالاك بولۇپ , ئاتا-ئوغولدىن قىز -ئانىدىن قېچىپ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .  

197. بۇغداي ئوخشاپ چۈش كۆرسە مەھسۇلات ئېشىپ مەمۇرچىلىق بولۇر .  





ياخشى چۈش كۆرسە خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ناچار چۈش كۆرسە خۇداغا ئىستىقپار ئېيتىپ پېقىر - مىسكىنلەرگە خەيرى ئېھسان قىلىش لازىم . سەدىقە قىلىش توغرا بالايى- ئاپەتلەرنى توسۇدۇ ۋە ئۆمرىنى زىيادە قىلىدۇ . شۇ سەۋەپ بىلەن خۇدايتائالاغا شۈكرى كەلتۈرۈپ , ئاز-كۆپ بەرگەن رىزىقلىرىگە قانائەت كەلتۈرۈش بىلەن پۇل- مالىمىز ھىسابقا يەتسە قىرىقتىن بىرىنى ، باي دېھقانلارغا زىرائەتنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىشكە ، كەمبەغەللەرگە سەبرى قانائەت قىلىش ، بايلارگە خۇدانىڭ بەرگەن كۆپ ئىممەتلىرىگە ھىساپسىز شۈكرى قىلىپ تائەت - ئىبادەتكە كامىل تەقۋادار بولۇش لازىم .  

باي كىشلەرگە ئاسانلا كېبرى-تاماخورلۇق , مەنمەنلىك يۇقۇپ قالىدۇ . بۇ شەيتاننىڭ سۇيقەستى ، سەدىقە ، ئىخلاس بىلەن ئىسلامدىكى بەش پەرىزنى ئادا قىلىش زۈرۈردۇر .



مەنبەسى



http://darslik8.blogbus.com/logs/39893775.html

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 14:22:44

23- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

esma0999 نىڭ تەبىرى خوش قىلپ قويغانتى، ئەپسىۇس سىزنىڭ تەبىرىڭىز باشقچىلا چىقتىغۇ ئەمدى \"\" .  بۇ يىلقى ئەڭ جىق كۆرگەن چۈشۈم شۇ ئۇچۇپ بوپتۇ. ھەتتا بەزىدە ئېگىز بىنالارنىڭ ئۈستىگىمۇ چىقالايمەن. بەزىدە ئاران ئادەم ئېگىزلىكى بويىچە ئۇچىمەن. ئىشقىلىپ ھەرخىل چۈش كۆرۈپ باقتىم. تۇرۋاتقان يېرىمدىن نارازى ئەمەس، شارائىتىممۇ بولىدۇ ئىشقىلىپ. تېخى تۈنۈگۈن ئۆيدىن كەلگەن ئەمدى نەگىمۇ كېتەرمەن. چۈش تەبىرى دېگەن كىتاپتىمۇ ئۇچۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر دەپتىكەن. ئىشقىلىپ ئۇچۇپ چۈش كۆرۈشنى ياقتۇرىمەن. بەك پەيزى بولىدۇ. بىرنەرسىگە ئۈسىۋالساممۇ تېشىپ ئۆتۈپ كېتىمەن دېسە \"\"  

توۋا، ئىككىمىز ئوخشاش چۈشلەرنى كۆردىكەنمىز. چۈش كۆرىۋتقاندىكى گەنجۆ بەك پەيزى ھە\"\"

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 15:16:35

13- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاغىزىم ئاچچىق بوپ قالدىغان بوپ قالدى.بۇ نىمە ئىش؟نىمە تاماق يىسەم شۇنداق..سەھەردە تۇرغاندا شۇنداق بۇلۇپ قالىمەن.سۇ ئىچسەم سەل ياخشى..



ئۆت ياللۇغى ئوخشايدۇ ، رەيھان چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسىڭىز ئۈنىمىنى كۆرىسىز .

Algha يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 16:19:13

مەندىمۇ مۇشۇ تىمىنى يوللىغۇچىغا ئوخشاشلار بار.بىراق مەندىكىسى بولسا ئايدا بىرە قېتىم بولمىسا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا بولىدۇ. مەن ھازىرغىچە بۇنى نورمال ئەھۋال، چۆچۈدۈم خالاس دەپ كىلىۋاتقان. بۇمۇ كىسەللىك بولىدىكىنا ئەجەپ.



ئۇنداق بولسا،مەن تۇلا يىلان چۈشەيمەن، يىلان چاقىمەن دەپ كەلسە كۆپۈنچە ھاللاردا ئۆلتۈرۈۋېتىپ چۈشەيمەن،بۇنىڭغا بىر تەبىر بېرىڭلار...باشقىلارغا دېسەم ياخشى چۈشەپسىزلا دەپ قويدى خالاس...ئىزچىل شۇنداق مەن...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 16:34:45

مەن  ئۇخلاۋىتىپ ئىككى قېتىم چۈشۈمدە تۈكۈردۈم دەپ خوتۇنغا تۈكۈرۈپ ساپتىكەنمەن توۋا  \"\"   ....تېخى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا ، كىچىك ۋاقتىمدىغۇ تازا ئىگىز دۆڭنىڭ ئۈستىدىن تازا ھۇزۇرلىنىپ جىڭغاۋېتىپ يېرىمىغا كەلگەندە ئويغىنىپ كىتەتتىم ، بۇنى ئادەت قىلىۋالمىسام بولاتتى... \"\"

arislan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 17:28:21

meyxorنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

يىقىندىن بۇ يان مەلۇم بىر نورمالسىزلىق مىنى تولا ئەنسىرىتىپ قويدى.بۇ ئەھۋال كىچىكىمدىنلا بار ئىدى ھازىر قارىسام كۈچىيىپ كەتتى.يەنى كەچتە ئۇخلاشتى بۇرۇن ياكى كۈندۈزلىرى مۈگدەپ قالغان چەغلىرىمدا تۇيۇقسىز بىر يەردىن مۈدۈرۈپ كىتپ چۈچۈپ كىتىمەن.بۇ خۇددى چۈش كۆرگەنگە ئوخشاپ كىتىدۇ،ئەمما مۇكەممەل چۈشمۇ ئەمەس.يىرىم ئۇيقۇ ھالىتىدە شۇنداق بولىدۇ.گاھىدا بىر پەلەمپەيدىن تىيىلىپ كىتىمەن،گاھىدا چوڭقۇر ھاڭغا ئۇچىمەن.


    يىقىندىن بۇيان بۇ ئەھۋال بەكلا كۆپ يۈز بەردى.سۈرۈشتۈرسەم بۇنداق ئەھۋال خىلى كۆپ كىشىلەردە بار ئوخشايدۇ.بەزىلەر يۈرەككە قان يىتىشمىگەنلىكتىن دەيدىكەن.ئىزدىنىشتىكى ھەكىملەر مەسلىھەت بەرسەڭلار بۇنىڭ ئاقىۋىتى قاننداق.دۋاسى بارمۇ.






سىزگە قان يېتىشمەيۋېتىپتۇ.


قان تولۇقلاش جەۋھىرىنى ئىستېمال قىلىڭ.


http://www.tibbiyjawhar.com/mal_korux.php?id=77

arislan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 17:31:16

7- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ تولا ئۇچۇپ چۈش كۆرىمەن. ھەم ھەر قېتىم بەك ئېنىق ئېسىمدە قالىدۇ. خېلە ئۇزاق بولدى ئۇچۇپ چۈش كۆرىۋاتقىلى. بىلمىدىم بۇنىڭ بىرەر سەۋەبى بارمىكى؟

سىز ھاياتى كۈچ كاپسۇلى بىلەن قان تازىلاش جەۋھىرىنى ئىستېمال قىلىڭ. مىزاج بۇزۇلۇشقا باشلاپتۇ.

arislan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 17:33:09

12- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاغىزىم ئاچچىق بوپ قالدىغان بوپ قالدى.بۇ نىمە ئىش؟نىمە تاماق يىسەم شۇنداق..سەھەردە تۇرغاندا شۇنداق بۇلۇپ قالىمەن.سۇ ئىچسەم سەل ياخشى..



ئاشقازاننىڭ بۇزۇلۇشتىن ئېغىز ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش جەۋھىرىنى ئىستېمال قىلىڭ

arislan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 17:35:47

ھەممىڭلار كېسەلكەنسىلەر. ئۆزۈڭلار كىرىپ كۆرۈۋېلىڭلار بولدى.


قان بۇزۇلۇش، قان ئازلىق، ياللۇغ ۋە ئاجىزلىقتىن بولغان بارلىق كېسەلگە مەھسۇلات بار.


مەرھەممەت

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 17:41:42

32- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن  ئۇخلاۋىتىپ ئىككى قېتىم چۈشۈمدە تۈكۈردۈم دەپ خوتۇنغا تۈكۈرۈپ ساپتىكەنمەن توۋا  \"\"   ....تېخى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا ، كىچىك ۋاقتىمدىغۇ تازا ئىگىز دۆڭنىڭ ئۈستىدىن تازا ھۇزۇرلىنىپ جىڭغاۋېتىپ يېرىمىغا كەلگەندە ئويغىنىپ كىتەتتىم ، بۇنى ئادەت قىلىۋالمىسام بولاتتى... \"\"  

ھاھا... ما ھەممىدىن قىززىقكەن



«تەبىر بېرەي چۈشۈڭگە ئۇكام» \"\"


بۇدا بىر تۈكەسىڭىز خوتۇن تەستەككە سالىدۇ شۇ ...

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 18:53:40

مەن ھىكىم ئەمەس ، تېيىپ ... ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قۇياي ، زىققا كېسىلى بار ئىكەن  ، دەرھال بېرىپ تەكشۈرتۈڭ !!

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 19:03:13

ھەكىملەر خېلى باركەن بۇ يەردە جۇمۇ.............

قېنى ماۋۇ قالغان ھەكىملەر، birzat@@ كاممۇ يوقاپ كەتكىلى تۇردى.
بەت: 1 [2] 3
: ئىزدىنىش ھەكىملىرىگە مۇراجىئەت