eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 20:52:26

ruslan007:
ziltar:
ruslan007:

eysatohti:
بۇ مۇناپىقنىڭ مىللىتى نىمىكەن ؟

ئانىسىنىڭ ئۇيغۇرلىقى ئېنىق.(تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا)، بىراق دادىسى قايسى مىللەتكىن ، ئىشقىلىپ بۇ ئوپپاق غوجا بىر كەلگۈندى ماڭنۇر نىڭ ئەۋلادى. گەرچە دىيارىمىزدىكى قۇمۇلدا تۇغۇلغان بولسىمۇ.

بۈيۈك ئىشان پىرىمىزنى تىللىغىنىڭ ئۈچۈن قولۇڭ تۇتماس پۇتۇڭ باسماس بولۇپ كېتەرسەن ئىلاھىم

كەمىنە فەقىر سۈلكى ئىسھاقىيە پىر بۈزۈرۈكى غوجا ئىسھاق پىرىمىز ۋە سۈلكى ئىسھاقىيە مۇرتلىرى نامىدىن ئۇل مۇرتەت ھىدايىتوللانىڭ ئىككى ئالەملىك شەرمى سار بولىشىنى تىلەيدۇرمەن.

بەرھەق !

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 21:00:57

kuchtunggur:

مىللەت ئۇقۇمى خىلى بۇرۇنلا شەكىللىنىپ بولغان. بىراق مىللەت نامىنى بىۋاستە ئىشلەتمەي ، تولىسى يۇرت ، تەۋەلىك نامىنى مىللەت نامى ئورنىدا قوللىناتتى.    مەسىلەن ، بەنى ئىسرائىل قەۋمى ، لۇت قەۋمى ، بابىللار ، كەنانلىقلار ، مىسىرلىقلار ، ھونلار ، غوزلار ، تۈركلەر ، تۈبۈتلەر ،جۇرجىتلار ، ئانگىلو-ساكسونلار ...دېگەندەك دېگەندەك.

يىقىنقى زاماندا مىللەتكە ئايرىشنىڭ ئىنىقلىمىسى تىخىمۇ كەڭ دائىرلىك بولۇپ ئۆزگىرىش ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن.

سىزنىڭ دىگىنىڭىز ئۇرۇق،قەبىلە،ئۇلۇس ناملىرى،ھازىرقى زامان مىللەت ئۇقۇمى ئەمەس،ھازىرقى زامان مىللەت ئۇقۇمى بىلەن سىزنىڭ دىگىنىڭىز ئوتتۇرىسىدا كۆپ پەرىق مەۋجۈت.

مەن دېدىمغۇ ، ھازىرقى زامان مىللەت ئۇقۇمى ھەم مىللەت شەكىللىنىشىمىللەت ئايرىش كە بىرىدىغان ئىنىقلىماسىنىڭ دائىرلىك بولۇپ ئۆزگىرىشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن دەپ. دۆلىتىمىزدىمۇ مىللەتكە ئايرىشنىڭ ئۆز ئىنىقلىمىسى بار.

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 21:11:16

eysatohti:
kuchtunggur:
eysatohti:
kuchtunggur:

eysatohti:
بۇ مۇناپىقنىڭ مىللىتى نىمىكەن ؟
ئۇ زامانلاردا دۇنيادا مىللەت ئۇقۇمى ھازىرقىدەك ئېنىق ئەمەس،

مىللەت ئۇقۇمى غەربى ياۋروپادا بۇرژۇئازىيىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مىللى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تەدرىجى شەكىللەنگەنسىياسى كاتېگورىيە.بىزدە ئۇ ئۇقۇم بەكلا كېچىكىپ شەكىللەنگەن.

ئاۋۇ ئۈستىدىكى (ﺋﺎﭘﺌﺎﻕﺧﻮﺟﯩنىڭ تىگى -تەكتى ئۇيغۇر ئەمەس ) دىگەن قۇرغا دىققەت !

ئۇ زامانلاردا مىللەت ئۇقۇمى ھازىرقىدەك ئېنىق ئەمەس دىگەن قانداق گەپ ؟(تېخى 300يىلمۇ بولماپتۇ )    . غەربى ياۋرۇپادا بۇرژازىيە پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى پۇتۇن يەرشارىلىقلار بىر قەۋىم دەپ چۇشۇنۇمىزما ؟ ئۇيغۇرلارداخېلى بۇرۇنلار مۇككەممەل مىللەت ئۇقۇمى شەكىللەنگەن .

/گېپىڭىزچە بىز بۇرۇنلا مۇكەممەل مىللەت ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغانكەنمىز،بۇنى مەن بىلمىدىممۇ ياكى سىز بىرەر جايدىن بىزنىڭ بۇرۇنلا ئېنىق مىللەت ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغانلىغىمىزغا ئائىت تولۇق دەللى تاپتىڭىزمۇ؟ئىسپاتلاپ باقامسىز،قانۇندىن مەسلىھەت بېرىمەن دەپ ئىمزا قويۇپسىز،پاكىتنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى مەندىن ئوبدان چۈشىنىسىز.قانداق يازما ياكى ماددى ئىسپات بار.ھىچ بولمىسا بۇندىن كېيىن قايمۇقۇپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالارمەن.تەمىنلەپ باقامسىز.

ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ نەچچەمىڭ يىللىق شانلىق تارىخى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمىلىيەت، ئەجىبا سىز 400يىل بۇرۇن ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ مەۋجۇتلىغىغا پاكىت تەلەپ قىلامسىز ؟ بۇگۇن يەكشەنبە ئەتە دۈشەنبە بولىدىغانلىغىغىمۇ پاكىت تەلەپ قىلامسىز؟؟تارىخ بەتلىرىدە ئانچەمۇنچە چېلىقىپ قالىدىغان < قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىغى > دىگەن سوزنىغۇ كورۇپ باققانسىز ؟< قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ > مۇناپىق ئاپپاق غوجا دەۋرىدىن خېلىلا بۇرۇنقى تارىخ ئىكەنلىگىنى قايتا دەپ ئولتۇرمىساممۇ بولار .......................

گېپىڭىزنى چۈشەندىم،سىزنىڭ دىگىنىڭىز ھازىرقى زامان مىللەت ئۇقۇمى ئەمەس،ئۇ دىگەن دۆلەت ئۇقۇمى،ئۇرخۇن خانلىغىدا ياكى ئېدىقۇت خانلىغىدا بولسۇن بىز نۇرغۇن قەبىلە،ئۇرۇقلارنىڭ ئىسمىنى ئۇچىرىتىمىز،شۇلار تەشكىللىنىپ بىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن،ئۇلار تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا دۆلەتكە سادىق ئەمەس،ئۆز قەبىلىسىگە ساداقەتمەن.ئەگەر دۆلەت شۇ قەبىلىنىڭ ئاقساقىلىنىڭ مەيلىنى تارتالمىسا،تەلىۋىنى قاندۇرالمىسا قەبىلە باشلىغى ئۆز قەبىلىسىنى باشلاپ خالىغان تەرەپكە كېتىۋېرىدۇ،قەبىلە ئەزالىرىمۇ باشقىچە پىكىردە بولماي ئۇلارغا ئەگىشىدۇ.ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇش ئۈچۈن ئۇرۇق،قەبىلە،ئۇلۇسلار پارچىلىنىپ پۈتۈن بىر مىللەت ئۇقۇمى شەكىللىنىشى كېرەك.ئاندىن مىللەتنىڭ ھەربىر ئەزاسى مۆزىنىڭ بىر قەبىلىگە ئەمەس،بىر مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىگىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك..لېكىن سىز دەۋاتقان زاماندا مىللىتىڭ نىمە دىسە دەرھاللا ئۆز قەبىلىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.ياكى يۇرتىنىىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىپلا قۇتۇلىدۇ، ھازىرقى زاماندا ئۇنداق ئەمەس،بىز ھەرقانداق بىرسىدىن\" مىللىتىڭ نىمە\"دەپ سورىساق تەمتىرىمەيلا\"ئۇيغۇر\"دەپ جاۋاپ بېرىدۇ،ئۇ ھەتتا كىچىك بالا بولسىمۇ.

چۇقان ۋەلىخانوۋ،ۆىروپاتكىن،سىۋىن خېدىن،ئاۋرىل سىتېيىن،نۈشۈرۋان يائۇشوۋ،....قاتارلىقلارنىڭ مەلۇماتلىرىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بەزى ئىشلارنىڭ ھازىرقىدىن كۆپ پەرىق قىلىدىغانلىغىنى بىلىپ قالىسىز.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 21:19:13

ئاباق خوجىنىڭ ئاتىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە دىيارىمىزغا كىلىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن ۋە پائالىيەت دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا پارسىدۇر.ئۇنىڭ سۈلۈك داۋاسىدىن قارىغاندىمۇ شىئە مەزھىپىگە تەۋە بولۇپ،پارىسلىقى ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ.ئۆز ۋاقتىدا پارىسلارنىڭ مۇسۇلمانلارخەلپسىنى ئىتىراپ قىلماي،ئۆز ئىمامىنى تۇرغۇزۇش سىياسى ھەركىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئاپپاق خوجىنىڭ ئاتىسىغا ئوخشاش ئۆزىنى ئەۋلىيا ئاتىغانلار پارسىلار ئارىسىدا كۆپ ئىدى.ئاباق خوجىنىڭ دادىسى پارىسلار ئارىسىىدىن قوغلانغاندىن كېيىن،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دىيارىمىزدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ،ئەڭ ئاخىرىدا دىيارىمىزدا نۇپۇزىنى تىكلىگەن.ئالىملىرىمىزنىڭ «مۇرت ئۆزىمىزدىن،ئەۋلىيا ئۆزگىلەردىن بولدى»دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ شۇ بولسا كېرەك.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 21:24:35

مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق مىزانىغا ۋە دىنى ئېتقادىمىزغا ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ،مۇرتەد بۇلۇپ كەتسەممۇ قەشقەرگە بېرىپ ئاباق خوجىنىڭ قەبرىسىگە پۈتۈن ئىشتىياقىم ۋە ساپ ئەقىدەم بىلەن يوغان قىلىپ بىر دۆۋە تەرەت قىلىپ قويۇش ئارزۇيۇم بار.قەشقەرگە بېرىپ قالسام بىرىنچى بۇلۇپ قىلىدىغان ئىشىم شۇ بولسا كېرەك.ئى ئاللاھ ئىگەم!بىر قېىتم گۇناھىمدىن كىچىپ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزگەيسەن......ئامىن!

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 21:36:27

atella0997:

مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق مىزانىغا ۋە دىنى ئېتقادىمىزغا ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ،مۇرتەد بۇلۇپ كەتسەممۇ قەشقەرگە بېرىپ ئاباق خوجىنىڭ قەبرىسىگە پۈتۈن ئىشتىياقىم ۋە ساپ ئەقىدەم بىلەن يوغان قىلىپ بىر دۆۋە تەرەت قىلىپ قويۇش ئارزۇيۇم بار.قەشقەرگە بېرىپ قالسام بىرىنچى بۇلۇپ قىلىدىغان ئىشىم شۇ بولسا كېرەك.ئى ئاللاھ ئىگەم!بىر قېىتم گۇناھىمدىن كىچىپ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزگەيسەن......ئامىن!


ئەكىلىڭە قولىڭىزنى ....................

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 21:40:02

atella0997:

مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق مىزانىغا ۋە دىنى ئېتقادىمىزغا ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ،مۇرتەد بۇلۇپ كەتسەممۇ قەشقەرگە بېرىپ ئاباق خوجىنىڭ قەبرىسىگە پۈتۈن ئىشتىياقىم ۋە ساپ ئەقىدەم بىلەن يوغان قىلىپ بىر دۆۋە تەرەت قىلىپ قويۇش ئارزۇيۇم بار.قەشقەرگە بېرىپ قالسام بىرىنچى بۇلۇپ قىلىدىغان ئىشىم شۇ بولسا كېرەك.ئى ئاللاھ ئىگەم!بىر قېىتم گۇناھىمدىن كىچىپ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزگەيسەن......ئامىن!

تەرەت قىلسىڭىز بولىدۇ ، بىراق تەرىتىڭىزنى خاشۇ خالتىغا سىلىپ ئالغاچ كىتەرسىز جۇما

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 21:42:15

مانا قۇلۇم، تەرىتىم بىر دۆۋىگە يەتمىسە سىزنىڭكىنى ۋە مەن بىلەن بىرگە تەرەت قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭكىنى ئارىيەت ئالارمەن

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 22:13:38

مەن قەشقەرلىك بۇرادەرلەردىن،قاۋاققا كىرىپ ھاراق ئىچىپ تازا مەسىت بولغاندا ئاللاھ دەپ توۋلايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى،ۋە شۇ كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆز-ئارالا ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.بۇنى ئەينى دەۋىردىكى ئاباق خوجىنىڭ مۇرتلىرىنىڭ نەشىنى بۇلىشىغا چىكىپ ئاللاھ دەپ توۋلاشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا،مۇشۇ مەلئۇننىڭ قۇيرۇقى يەنە بارمىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالىمەن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 22:19:24

ھازىرمۇ باركەن بۇ نىجىسنىڭ تەسىرى

ئاباقسىمان ئادەملىرىمىز ھازىرمۇ كۈرمىڭ ، بىرىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرسەم سىلەر ئاغزىڭلارنى ئېچىپ قالىسىلەر ، مۇنبەر ئېتىلىپ قالىدۇ .

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 22:32:32

ئىتىلىپ قالمىغۇدەك قىلىپ سۆزلەڭ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى خېلى كۈچلۈك.راسىت بولسا مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىلى.

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 00:12:53

زادى ئۇچىنى چىقارغاندىكىن ئاخىرىغا ئىگە بولۇڭ ئەمدى ، تەشنامىز !

aragon يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 00:33:28

armanjan:
«جا للات خىنىم» نىمىلا بولمىسۇن ئاپئاق خۇجىدىن ئىبارەت دىنىنى مۇناپىقنى يوقاتقانئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى سەركەردە.......       ئەگەر ئاپئاق خۇجا ئۆز ئەجىلى كەلگۇچە ياشىغان بولسا مىللىتىمىز بىشىىغا يەنە قانداق پاجەلىك قىسمەتلەركىلەر ئىدى؟ !!!   
            ۋوججون، ئاپاق غوجا ئۆزىنىڭ ئەجىلى بىلەن ئۆلمەي كىمنىڭ ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن بولغىيتى ھە؟؟؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 00:35:54

aragon:

            ۋوججون، ئاپاق غوجا ئۆزىنىڭ ئەجىلى بىلەن ئۆلمەي كىمنىڭ ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن بولغىيتى ھە؟؟؟

گەپ بىر مەقسەت ئوخشاش

ئۇنچە پۇتاق تاپمىساقمۇ

ئاپپاق غۇجىنى ئاپپاق دىگەن بولسا گەپ باشقا ئىدى

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 00:39:07

چوڭ دادام مۇنداق بىر تارىخى قوشاقنى دەپ بەرگەن ئىدى:

غازاتقا يول بەرسۇندەپ كۇچا شەھرىنى ئالغان ئەنجانلىق،

زىيارەتكە بارارمەن دەپ، خوتەن شەھرىنى ئالغان ئەنجانلىق،

شۇنچە لىۋەن قىزلار تۇرۇپ، ئۇغۇللارنى خاتۇن ئەتكەن ئەنجانلىق،

بۇنىڭ شۇملىقىدىن بولدى بەس، پۈتۈن دۇنيا كاپىرىستانلىق.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 00:55:04

ئاخىرىغا تەشنا بولماڭلار ، بېشىڭلارنى تاشقا ئۇرساڭلارمۇ دەپ بەرمەيمەن

ئەتىراپىڭلارغا نەزەر سېلىپ قويۇڭلار

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 01:04:11

چوڭ دادامدەپ بەرگەن ئاۋۇتارىخى قوشاقياقۇپ بەگ دەۋرىدە چىققان قوشاقكەندۇق، ئاپاق غوجىغا سۈركۈلۈپ قاپتۇ، ئەمدە ئېسىمگە كەلدى.

Algha يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 06:04:21

ziltar:
365:

ziltar:
بۇنىڭ ئۈچۈن جاللات خېنىمنى ئوقۇسىلا كۇپايە

بىراق بۇ \"جاللات خېنىم\" دېگەن ئەسەردىكى جاللات خېنىم بىلەن ھەقىقىي جاللات خېنىم ئىككىسى ئىككى ئىشمىشقۇ.ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا ئاز تۇلا سۆزلىسەڭلار بوپتىكەن مۇشۇ توغرىسىدىكى ئىلىمنى...مەسىلەن: ياسىنجان سادىق چوغلان نېمىگە ئاساسەن جاللات خېنىمنى شۇنداق تەسۋېرىلەيدۇ؟...

مېنىڭچە بۇ روماندا جاللات خېنىمنىڭ كىملىكى مۇھىم ئەمەس ، خۇددىي ئانا يۇرتتا نۇرىنىڭ كىملىكى مۇھىم بولمىغاندەك

ئاۋال ئوقۇپ بېقىڭ ، مەن ئىككى قېتىم ئوقۇدۇممۇ نىمەبۇنى ، ئانا يۇرتنىغۇ بەك جىق ئوقۇپ كەتتىم

بۇ كىتابنى پېقىرمۇ نەچچە يىللار ئىلگىرى ئوقۇپ تۈگەتكەن...بەلكىم ئۇلارنىڭ كىملىكى سىزگە مۇھىم بولمىغىنى بىلەن مەن ئۈچۈن ۋە مەندەك ئويلايدىغان باشقىلار ئۈچۈن مۇھىم بولىشى مۇمكىن.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 06:24:49

Bidar-Qutlan:

چوڭ دادام مۇنداق بىر تارىخى قوشاقنى دەپ بەرگەن ئىدى:

غازاتقا يول بەرسۇندەپ كۇچا شەھرىنى ئالغان ئەنجانلىق،

زىيارەتكە بارارمەن دەپ، خوتەن شەھرىنى ئالغان ئەنجانلىق،

شۇنچە لىۋەن قىزلار تۇرۇپ، ئۇغۇللارنى خاتۇن ئەتكەن ئەنجانلىق،

بۇنىڭ شۇملىقىدىن بولدى بەس، پۈتۈن دۇنيا كاپىرىستانلىق.



بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ئىسىمگە كىلىپ قالدى. ئاپپاق خوجا ۋە ياقۇپ بەگ دەۋرىدە كەلگەن چەتئەللىق سەيياھلارنىڭ قالدۇرغان تارىخى خاتىرىلىرىگە قارىغاندا شۇ دەۋىردە ئۇيغۇرلاردا بەچچىۋازلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغانمىش ھەم ئوچۇق ئاشكارا ئىمىش. بىلىدىغانلار ياكى قىززىقىدىغانلار بولسا ئىزدىنىپ باقساڭلار بوپتىكەن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 08:20:19

365:
بۇ كىتابنى پېقىرمۇ نەچچە يىللار ئىلگىرى ئوقۇپ تۈگەتكەن...بەلكىم ئۇلارنىڭ كىملىكى سىزگە مۇھىم بولمىغىنى بىلەن مەن ئۈچۈن ۋە مەندەك ئويلايدىغان باشقىلار ئۈچۈن مۇھىم بولىشى مۇمكىن.

سىز گېپىمنى تەنە دوق دەپ چۈشۈنۈپ قاپسىزدە ، مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ، مەن پەقەت كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم

جاللات خېنىم دەپ بىر كىتاپ يېزىشىنىڭ مەقسىتى مېنىڭچە بىر شەخسنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش بولماستىن بەلكى شى شەخىسنىڭ ھاياتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ شۇ شەخس ياشىغان دەۋىر ۋە تۈزۈلمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش دەپ قارايمەن ، شۇڭىلاشقا مەن جاللات خېنىمنىڭ كىملىكى ماڭا مۇھىم بىلىنىپ كەتمىدى .

موھتەرەم خېنىم تارىختا ئۆتكەن رېئال شەخىسكەن ، ئەسەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن يازغۇچى نۇرغۇن توقۇلمىلارنى ياكى ئېنىق بولمىغان رىۋايەتلەرنى قوشقان بولىشى مۇمكىن ، لېكىن ئۇنداق شەخسنىڭ بىرىنىڭ چىقىپ بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ئۆزگەرتەلىگىنىگە تازا ئىشىنىپ كېتەلمەيمەن ، بۇ ئەسەردە ئاباق خوجىنىڭ سۆز تالانتىغا ناھايتى سۇسلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىنغان بولۇپ ، شۇنچىلىك بىر ئادەمنىڭ شۇقەدەر دەيۈزلىك قىلىشىنى خەلىقنىڭ قوبۇل قىلاللىشى خەلىقنىڭ زىيادە ساددىلىقىدىن ئەمەس بەلكى شۇ ئاباق خوجىنىڭ سۆزمەنلىكى ، ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ئۇستىلىقىدىن بولغان دەپ ئويلايمەن

بەت: 1 [2] 3 4
: ئاپپاق خۇجىنىڭ ھەقىيقى ئەپتى بەشىرىسى