qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-3-19 22:35:10

ﺗﯜﻥ ﻗﻮﻳﺎﺷﻰ!
ﺑﻪﻙ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺴﯩﺰﻏﯘ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺳﯩﺰﮔﻪ؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2008-3-19 22:37:09

ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﯩﻠﻠﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-3-19 22:43:57

ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻧﯧﻤﻪ ؟ ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﯚﮬﯜﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯗﺭ ! ﺑﯘ ﻣﯚﮬﯜﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ، ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻛﻰ ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﯚﮬﯜﺭﯨﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﺎﺕ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﯩﻨﻰ ﺧﻮﭖ ! ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ !

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-3-19 23:12:13

ﻳﯩﻐﯩﭗ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ .
1. ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺭﻭﻟﻰ: ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻮﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺴﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺴﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﺭﯗﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺕ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺷﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

2. ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ : ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ، ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﻣﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻻﻟﯩﺸﯩﺪﺍ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.

3. ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮭﺮﻯ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﯞﯗﭖ، ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﻳﯚﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ.

4. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

5. ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﺮﺳﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﭼﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯩﺸﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-3-19 23:15:34

ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 11:00:01

5. ﺑﻮﯞﺍﻣﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘ \"ﺋﺎﯞﺍﺭﻻﺭ\" ﺩﻩﭘﻼﻡ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺎﻳﻤﯩﻜﻰ

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 11:09:46

ﺗﯚﺗﻜﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ.
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻡ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻜﻪﻥ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 11:16:30

ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﺎﺯﺍﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ، ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﺪﻯ.
ﻣﯘﺷﯘ \"ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﮬ\"، \"ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ\"، \"ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ\"ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ؛ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﻨﯩﻢ: ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ؟ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻧﭽﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟

TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 11:20:25

ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻧﻪﺳﻪﺑﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﯘﮬﯩﻢ . ﺟﻪﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﯩﺪﺍ، ﺋﻪﻗﻠﻰ - ﮬﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﻩ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﺎ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻳﺎﺯﺳﯩﻤﯘ ، ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎﻱ ﺑﺎﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺳﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺋﯧﻘﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ ﺳﯩﻴﺎﮬ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﻣﯩﯔ ﺋﻪﻻ ! ﮬﺎﻣﺎﻧﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﻐﺎﻱ !
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻡ ، ﭼﻮﯓ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﺎﻗﻤﯘ ﺳﺎﻕ 10 - 15 ﻳﯩﻞ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﻰ، ﻳﯘﭘﯘﺭﻏﺎ ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﻱ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺪﻯ ؟! ...
ﺷﯘﯕﺎ، ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﭼﺎﻏﺪﺍ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﺸﯩﻘﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﮬﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻡ ﭖ 3 ، ﺳﯩﻨﺌﺎﻟﻐﯘ ، ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺭﻩﺗﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 11:47:52

ﺋﯩﺴﯩﻤﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻗﺎﮬﯩﺮﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ :


فامىلە -- ئورتاق قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان بىر جەمەتنىڭ نام بەلگىسى ياكى نەسەبنامى بولۇپ، ئۇ، ۋارىسلىق قىلىنىش - قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئورپ-ئادەتتىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي پىسخىكىنى ئىزچىللاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.ئىنسانلارنىڭ فامىلە قوللىنىشىنى بىلىشى مەلۇم نۇقتىدا كىشىلەرنىڭ ئوز-ئوزىنى بىلگەنلىكى ۋە فامىلىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى رولىنى چوڭقۇر چۇشەنگانلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
    قەدىمكى دەۋىرلەردە، كىشىلەر قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى ساقلاپ قەلىش ئۇچۇن ئوخشىمىغان بەلگىلەرنى قوللانغان، بۇ تەدرىجىي يوسۇندا ئەڭ دەسلەپكى فامىلىگە ئاساس سالغان، قەدىمكى ئۇيغۇرلار قەبىلە ناملىرىنى ياكى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئوز ئىسمىنىڭ ئالدىغا قوشۇپ فامىلە ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەھمۇد قەشقىرى تۇركىي قەبىلىلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرى توغرىسىدا سوزلاپ كەلىپ: «بۇ ئەيتىلغان ئۇرۇقلارنىڭ ناملىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر» دەگەن («دىۋان» 1-توم 80-بەت). ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرخىل رەڭلەرنى ئوزىگە فامىلە قىلغان ئەھۋالمۇ بار ئىدى، ئورۇن-جاي ناملىرىمۇ فامىلە قىلىناتتى. ئىسلامىيەتتىن كەيىن، يۇقىرى تەبىقىگە مەنسۇپ بولغان بەزى كىشىلەر مەخسۇس ئاتالغۇلارنى ئىزچىل ھالدا ئوز ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا ياكى بەشىغا قوشۇپ ئىشلەتكەن، مەسىلەن : ئاپپاق ھوجا ئەۋلادلىرى «ھوجا سوزىنى فامىلە ئورنىدا داۋاملاشتۇرغان بولسا، قۇمۇل ۋاڭ جەمەتىدىكىلار »غازى« سوزىنى ئوزلىرىگە فامىلە قىلغان. زىيالىلار تەبىقىسى ئىچىدە ئەرەب ئەنئەنىسى بويىچە ئوز ئىسمى بىلەن ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئوتتۇرىسىغا »بىن« (ئوغۇل) دەگەن سوزنى قوشۇپ، ئوزىنىڭ كىمنىڭ ئوغلى ياكى قايسى جەمەتنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇش ئادىتىمۇ يۇرگۇزۇلگەن.
    ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلاردا يەنە لەقەب (لەقەم) ئىشلىتىش ئادىتىمۇ بار ئىدى. ئۇ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ مەيلى ئۇ زىيالى بولسۇن ياكى دەھقان بولسۇن ئوز ئىسىم-فامىلىسىدىن باشقا قويۇلغان نامنى كورسىتىدۇ. ئۇمۇ بىر تەرەپتىن فامىلە ئىشلەتكەنگە ئوخشاپ كەتىدۇ.
    لەقەبلەرمۇ ھەرخىل سەۋەب ۋە مەقسەتلەر بىلەن قويۇلىدۇ. مەنا دائىرىسى جەھەتتىن مەلۇم بىر كىشىنىڭ ھۇنەر-كەسپى، چىراي-شەكلى، تەققى-تۇرقى، بەدەن ئەزالىرىدىكى كوزگە چەلىقىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى، مىجەز-خاراكتەرى قاتارلىقلارغا قاراپ قويۇلىشىمۇ، يەر-جاي ناملىرى، ھايۋان، ئۇچار-قانات ناملىرىدىن ئەلىپ قويۇلۇشىمۇ مۇمكىن. دەرۋەقە، لەقەبلەرنىڭ ئىچىدە كەمسىتىش، مەسسخىرە قىلىش تۇسىنى ئالغانلىرىمۇ بار. ئەمما كوپ قىسىم لەقەبلەر ئۇزۇنغىچە قوللىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئوتۇشى بىلەن، فامىلە رولىنى ئويناپ، بىر ئائىلىنىڭ ياكى ئەجدادىنىڭ نەسەبنامىسىغا ئايلىنىپ كەتىدۇ. بىراۋنى ئىزدىمەكچى بولغان ياقا يۇرتلۇق بىر كىشى ئۇنىڭ ئىسمى-ئاتىسىنى سۇرۇشتۇرسە ئاسانلىقچە تاپالمىسىمۇ، لەكىن ئۇ كىشىنىڭ لەقىبى بولغان بولسا، كىشىلەر ئۇنى بىر نەچچە ئەۋلادىنى ياكى ئەجدادىنى ساناپ بەرەلەيدۇ. مانا بۇ لەقەبنىڭمۇ بەلگىلىك رولى بارلىقىنى كورسىتىدۇ. مەسىلەن: رەھىم باپكار، ئىمىن قوتاز، ئابلا توگە، تۇرسۇن قۇشقاچ، ئاھمەد تايغان دەسە، بۇ خىل لەقەبدىكى كىشىلەرنىڭ پەرزەنتىلىرى ئەتراپتىكىلەرگە تەزلا تونۇشلۇق بولىدۇ. بىراق ھازىر لەقەبمۇ كەم كورىلىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالدى.
    ئۇيغۇر ئەدىب-شائىرلىرىدا ئىلگىرىدىن تارتىپ تەخەللۇس قوللىنىش ئادىتى بولۇپ، ئۇمۇ لەقەبگە ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ ئىككىنچى بىر ئەتىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئاساسەن قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەردە قوللىنىلىدىغان ھاس ئىسىمىدۇر. مەسىلەن: شائىرلار ئوز غەزەللىرىنىڭ خۇلاسە مىسرالىرىدا ئىسىم ئىشلىتىش ئەھتىياجى بويىقە ئوزلىرى ئۇقۇن مەھسۇس ئەدەبىي لەقەبلەرنى قوللىنىپ، ئۇنى »تەخەللۇس« دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ، ئەرەبچىدە »خۇلاسىلىماق«، »ئاخىرلاشتۇرماق« دەگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشلىتىلىپ كەلىۋاتقان تەخەللۇسلار ئومۇمەن، »مەشرەپ، باغراش، كىروران، زۇلپىقار« دەگەندەك ئىسىملاردىن، »لۇتفى، سەبۇرى، تەجەللى، سۇزۇك، يارقىن، ئوتكۇر« دەگەندەك سۇپەت سوزلىرىدىن، شۇنىڭدەك ئاخىرىغا »ئى« قوشۇمقىسى قوشۇلۇپ، سۇپەتلەشتۇرۇلگەن »قەشقىرى، خوتەنى، يەڭىسارى، سايرامى« دەگەندەك يەر-جاي ناملىرىدىن ياكى سۇپەتلەشتۇرۇلگەن باشقا ئىسىملاردىن تەشكىل تاپقان. نۇرغۇن شائىرلار قەدىمدىن ھازىرغىچە مۇنداق تەخەللۇسلارنى ئوز ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئورۇن، زامان، تۇرمۇش، جەمەت قاتارلىقلارغا باغلاپ ئەستايىدىل تاللىغان ۋە قوللانغانلىقتىن، ئاخىرقى ھەسابتا ئەسلى ئىسىمدەكلا كەڭ ئومۇملاشقان، ھەتتا ئەسلى ئىسىمنىڭ ئورنىنى بەسىپ، مەڭگۇ داۋاملاشقان. مەسىلەن: ئاتايى، ساككاكى، ناۋايى، لۇتفى،زەلىلى، تەجەللى قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ نامى ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسلىرى بىلەن مەشۇر بولۇپ كەلدى.
    دەمەك، فامىلە قوللىنىش ياكى لەقەب ۋە تەخەللۇس ئىشلىتىش بىزدە ئەزەلدىن بار ئىدى. ھازىر تەرەققىي قىلغان نۇرغۇن مىللەتلەر فامىلە قوللىنىدۇ. بەزى دولەتلەردە فامىلە بىلەن قائىدە-نىزام بىرلا ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن. ئەڭلىزلار، نەمىسلار، روسلار، ھەنزۇلارنىڭ فامىلە قوللىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. مەسىلەن: خەنزۇلاردا جەمئىي 600 خىلدىن ئارتۇق فامىلە بار. بەزى مىللەتلەردە گەرچە فامىلە بولمىسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئوتىشىگە ئەگىشىپ ئۇلاردا ھامان فامىلە بارلىققا كەلىدۇ.
    ياپونلارنىڭ فامىلە ئىشلەتكەن ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، يەنى بۇندىن 100 يىل ئىلگىرى ئۇلاردا فامىلە يوق ئىدى. پەقەت ئاز سانلىق ئاقسوڭەكلەر، چامباشچىلار، دوختۇرلارنىڭلا فامىلىسى بار ئىدى. مەڭجىزج يىللىرىدا ئىسلاھات ئەلىپ بەرىش ئارقىلىق، ياپونىيە ھاكىمىيەت بەشىدىكىلەر: »ھەر بىر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ فامىلىسى بولۇشى كەرەك«، »بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئادا قىلىشىغا تەگىشلىك ماجبۇرۇيىتى« دەگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي بۇيرۇق چىقارغان. شۇنىڭدىن كەيىن ياپونلار جەرىمانە تولەشتىن ئىلگىرى ئوزلىرىگە فامىلە تاللىغان. مۇۋاپىق فامىلە تاپالمىغانلار ئىسىم تىزىملىغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، فامىلە تاللاتقۇزغان. ئىسىم تىزىملاتقۇچىلارغا ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان ئورنى، يۇرتى، شۇغۇللىنىدىغان كەسپىگە ئاساسەن فامىلە بەكىتىپ بەرگەن. مەسىلەن: بىر كىشى تاغلىق جايدا ئولتۇرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ فامىلىسى »تاغ ئۇستى« (شانشاڭ)، قارىغايلىقتا تۇرىدىغان بولسا »قارىغاي ئاستى«(سوڭشىئا)، ئەتىز ئارىسىدا بولغان بولسا »ئەتىز ئارىسى« (تىيانژوڭ)، سۇ بەشىدا ماكانلاشقان بولسا »سۇ بەشى« ياكى »قۇدۇق ئۇستى«(جىڭشاڭ) دەپ ئاتالغان.
    ئەرەبلەرمۇ يەزىقتا كوپىنچە ئۇچ ئىسىمدىن تەركىب تاپقان بىر پۇتۇن ئىسىم-فامىلىنى قوللىنىدۇ. فامىلە قوللىنىش ئۇلار ئەڭ ئەھمىيەت بەرىدىغان ئادەت ھەسابلىنىدۇ. ئۇلاردا فامىلە ئۇچۇن تاللانغان ئىسىملارنىڭ بەزىسى شۇ شەخىسنىڭ ئارزۇسى بويىچە مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەلۇم قۇش، ھايۋان ۋە ئورۇن-جاي ئىسىملىرىدىن ئەلىنىشىمۇ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرى قوبۇل قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن: »نەسۇرىددىن ھەسەن شەتتا« دەگەن ئىسىمدا »شەتتا« (زەمىستاننى كەتكۇزدى) فامىلە بولۇپ، ئۇ، شۇ كىشى ئارزۇ قىلغان مەلۇم ھەرىكەتتىن، »ئەھمەد ئەتىييە سەقر« دەگەن ئىسىمدا »سەقر« (قارچۇغا) فامىلە بولۇپ، ئۇ قۇشلارنىڭ ئىسىمىدىن، »سەلاھۇددىن مۇھەممەد ئەل بەقەرى« دەگەن ئىسىمدا »بەقەر« (كالا ياكى ئىنەك) فامىلە بولۇپ، ئۇ ھايۋانلار ئىسمىدىن، »پەتھى مۇھەممەد كامىل«، »مۇھەممەد مەھمۇد ئەبدۇلۋەھاب« دەگەن ئىسىملاردا »كامىل«، »ئەبدۇلۋەھاب« لار فامىلە بولۇپ، ئۇلار كىشى ئىسىملىرىدىن ئەلىنغان. تۇڭگانلارنىڭمۇ ئوزىگىچە فامىلە ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بەشىغا كوپىنچە »ما« كەلىدۇ. ئەيتىشلاردا ئۇنىڭ كەلىش مەنبىئى »مۇھەممەد« (مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئىسمى) نىڭ باش ھەرىپىدىن ئىبارەت دەيىلىدۇ.
    بەزى فامىلىلەرنىڭ قىزىقارلىق ئارقا كورۇنۇشلىرى بولىدۇ. ئەيتىشلارغا قارىغاندا، فۇجۇنىڭ چۇئانژۇ بازىرى دەڭىز بويىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى دەۋىردە دەڭىز يولى بىلەن دىن تارقىتىش ئۇچۇن كەلگەن ئەرەبلەرنىڭ بىر بولىكى مۇشۇ جايغا چۇشۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانكەن. شۇڭلاشقا بۇ يەردە مۇسۇلمانلار (تۇڭگانلار) بىر قەدەر مەركەزلەشكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ كوپىنچىسى »تۇڭ« ۋە »دىڭ« فامىلىلىك ئىكەن، »تۇڭ« فامىلىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەبلەر تىككەن زەيتۇن دەرىھىنىڭ، »دىڭ« بولسا، »دىن« دەگەن سوزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەنكەن. شۇڭا چۇئانژۇ بازىرى »سىتۇڭ چەڭ« (زەيتۇن شەھرى) دەپمۇ ئاتىلىدىكەن ۋە كىشىلەر بۇ شەھەردىكى »تۇڭ« ۋە »دىڭ« فامىلىلىكلەرنىڭ ئەجدادىنى مۇسۇلمان ياكى ئەرەب دەپ بىلىشىدىكەن.
    بۇلار، فامىلە ئىشلىتىشىنىڭ بەلگىلىك رولى ۋە ئەھمىيىتىنى چۇشەندۇرۇپ بەرىدۇ.
    ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئاتىسىنىڭ ئىسىمى فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بۇ گەرچە يامان ئىش بولمىسىمۇ لەكىن ئىككىنچى ئەۋلادىدىلا ئوزگىرىپ كەتىپ، بىر جەمەتنىڭ تۇراقلىق نامى بولالمايۋاتىدۇ. مول مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر مىللەت ئەزالىرى ئۇچۇن فامىلىسىز كەتىۋەرىش كەلگۇسىدىن ئەلىپ ئەيتقاندا ئەجدادىنى يىتتۇرۇپ قويۇش، ئاخىرقى ھەسابتا ئوزىنى يىتتۇرۇپ قويۇشقا ئەلىپ بارىدۇ. بەزى نەۋرىلەرنىڭ ئولۇپ كەتكەن چوڭ دادىلىرىنى بىلمەسلىكى --- يىتتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئامىللىرىنىڭ كورۇلۇشكە باشلىغانلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ. ئاتىسىنىڭ ئىسمىلا فمىلە ئورنىدا ئىشلىتىلسە، ئۇ ،فامىلە بولالمايلا قالماستىن، بەلكى ئوخشاش ئىسىملارنىڭ كوپىيىپ كەتىشىنى تەزلىتىۋەتىدۇ. بىر سىنىپ، بىر ئىدارە، بىر مەھەللىدىلا ئوزىنىڭ ئىسمىمۇ، ئاتىسىنىڭ ئىسمىمۇ ئوخشايدىغان كىشىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىرەر مەكتەپ، كوچا ياكى بىرەر يەزىدا ئوخشاش ئىسىملار تەخىمۇ كوپ تەپىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا خەر تۇرلۇك ئالاقە ئىشلىرى مەلۇم ئاۋارىچىلىق ۋە ئۇقۇشماسلىقلارغا ئۇچرايدۇ، ئىسىملارمۇ سىستەمىلىققا ئىگە بولالمايدۇ. يەنى »مۇھەممەد تۇرسۇن« دەگەن قوش ئىسىم بىلەن ئوزىنىڭ ئىسمى »مۇھەممەد«، ئاتىسىنىڭ ئىسمى »تۇرسۇن« بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاشتا پەرقلەندۇرگىلى بولماي قالىدۇ.
    قىسقىسى، بىز پەرزەنتلەرگە ئىسىم قويۇشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، فامىلە قوللىنىشىنى جەزمەن ئويلىشىشىمىز كەرەك. بۇ، ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ قاتارىدا ئىسىم نەسەبلىك بىر مەدەنىي مىللەت بولۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە چوڭ ئىش (»ئىبراھىم مۇتى ئىلمىي ماقالىلىرى 403-بەت«). ھەلقنىڭ ئىلىم - مەرىپەت سەۋىيىسىنىڭ ئۇزلۇكسىز ئەشىشىغا ئەگىشىپ، مۇقىم فامىلە قوللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەشەببۇسى ۋە بۇ جەھەتتىكى تەلەپ كۇنسەرى كۇچەيمەكتە. مەشۇر تۇركوگ گابائىن ھانىممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىگە كوڭىل بولگەن ھەمدە بۇ ھەقتە ئوزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئىجابىي تەكلىپلەرنى بەرگەن. يازغۇچى زوردۇن سابىر گەرمانىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا ئۇنى يوقلاپ بارغاندا، يازغۇچىدىن:»سىلەر فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىنى ئويلاشتىڭلارمۇ؟«دەپ سورىغان. زوردۇن سابىر: »بەزىلەر ھازىر بۇ ھەقتا ئىزدىنىۋاتىدۇ« دەگەندە، خانىم بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بولغان ھەمدە: »بۇ بەك ياخشى بولۇپتۇ، سىز ئۇلارغا مەنىڭ تەكلىپىمنى يەتكۇزۇڭ، ئەڭ ياخشىسى سىلەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزلەرنى ئوزۇڭلارغا ئىسىم ياكى فامىلە قىلىپ قوللىنىڭلار. بۇ ئىسىملارنى سىلەر قەدىمكى يادىكارلىقلاردىن ھەر قانداق چاغدا تاپالايسىلەر « دەگەن (»قەشقەر پەداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي جۇرنىلى« 1992-يىل 3-سان).
    فامىلىنى قانداق شەكىلدە قوللىنىش ۋە فامىلە ئۇچۇن قانداق سوزلەرنى تاللاش ئەلۋەتتە ئاسانلا بىرلىككە كەلگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. لەكىن كىشىلەر ئوز ئىسىملىرىغا ۋە فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ فامىلە قوللىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەجرىبىسى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، بىر مىللەتتە ئومۇميۇزلۇك فامىلە قوللىنىش مۇئەييەن مەمۇرىي پەرمانسىز ئىشقا ئاشماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، ئورگانلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەنىق بەكىتمە چىقىرىشىغا توغرا كەلىدۇ.
    بىز فامىلە قوللانغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ نامى ياكى ئوزىمىز ياخشى كورگەن بىرەر نامنى قوبۇل قىلساقمۇ بولىدۇ، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئاساسەن ئەرەبچە ئىسىملار بولغاچقا ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتىگە ئوخشاپ كەتكەچكە، فامىلىنىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىنىمۇ ئەرەب ئۇسۇلى بويىچە تاللاش مەنىڭچە مۇتلەق كوپچىلىكنىڭ رايىغا، بولۇپمۇ تىلىمىز ۋە ئورپ-ئادىتىمىزنىڭ تەلەپ-ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كەلىشى مۇمكىن. مۇنداق بولغاندا، فامىلە ئوز ئىسمى ۋە ئاتىسىنىڭ كەيىنكى ئۇچىنچى ئىسىم (ئاخىرقى ئىسىم) ئورنىدا تۇرىدۇ ۋە ئۇنى ھەر بىر ئەۋلاد داۋاملىق ھالدا ئوزىنىڭ ئۇچىنچى ئىسمى قىلىپ قوللىنىۋەرىدۇ. ئىخچاملىق زورۇرىيىتىدىن ئەلىپ ئەيتقاندا ئەھتىمال بۇ خىل شەكىل ئانچە مۇۋاپىقتەك كورۇنمەسلىكى مۇمكىن. بىز فامىلە قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرساق، ئىسىملارنى قەلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىگە شۇنچە تەز يەتەلەيمىز، ئورتاق تىرىشساقلا، بۇ غايە يەقىن كەلگۇسىدە رەئاللىققا ئايلىنىدۇ.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 11:58:40

ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ؟
ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 12:01:37

بۇنىڭدىن بەش-ئالتە يىل بۇرۇن دىيارىمىزدا، بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلىرىمىزنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇرلار دىكى تەگئات مەسىلىسى ئۈستىدە بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ھەتتا ھۈكۈمەت تارماقلىرىغىچە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەگئات قوللىنىش ئادەتلىرى ۋە تەگئات قوللىنىشنىڭ تەخىرسىزلىك مەسىلىلىرى خېلى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە زور غۇلـغۇلا قوزغاشقا سەۋەپ بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئالدى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى باشلامچىلىق بىلەن تەگئات قوللاندى، ئەمما پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ مەسىلىنى تۇلۇق ھەل بولدى دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى دەبدەبىلىك باشلانغان بۇ ھەركەت ئا ز بىر قىسىم زىيالىلىرىمىزنىڭ تەگئات قوللىنىشىغا تۈرتكە بولدىيۇ لىكىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمىدى. پۈتكۈل مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ بۇ مەسىلىگە باش قاتۇرغان نۇرغۇن زىيالىلىرىمىزمۇ ئەمگىگىنىڭ تۇلۇق مىۋە بەرمىگەنلىگىدىن ئەپسۇسلاندى، توغرىسى ئەجەپلەندى. مىللىتىمىزگە ئورتاق بولغان مەدەنىيەت ھادىسلىرىنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائى جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئىنكاسىدۇر، ئەگەر ئۇيغۇر جەمىئيىتى تەگئات ئىستېمالىنىڭ قىممىتىنى تۇلۇق تۇنۇپ يەتكەن بولسىدى، بۇ مەسىلە تېخىمۇ تىز ۋە تۇلۇقى بىلەن ھەل قىلىنغان بولاتتى ئەلۋەتتە.

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 12:13:42

ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ؟
ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟


----------------

ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼ ، ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﺴﻰ !
ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ؟! ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ؟! ..
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻳﺎﺯﻣﺎ، ﺋﺎﯕﻼﺗﻤﺎ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ - ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻗﺎﮬﯩﺮﻯ ، ﺋﻮﻳﻐﺎﺭ ، ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ، ﺗﻪﮬﯘﺭ، ﺋﯚﺯﮬﺎﻝ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ، ﻗﯘﺗﻼﻥ، ﺋﻪﻣﯩﻨﻰ .... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﺩﺍ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻼﺭﺩﯗﺭ.

ﻧﯚﯞﯨﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺯﮔﯜ ﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺨﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰﻛﻰ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﻟﻪﻣﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ - ﺗﻮﻻ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﺵ ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻢ ﺳﻪﮬﯩﭙﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﮬﻪﻟﯩﻚ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻼﺭﻣﯘ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻼﺭ ﺳﺎﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، << ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﺎﻟﻼﺵ >> ﺩﯦﺘﺎﻟﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﯦﺘﺎﻟﻐﺎ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻴﺎﻻﻳﻤﯩﺰ ! ﺧﯘﺩﺍ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ !

TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 12:22:19

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ، ﺳﻪﻟﯩﻤﻪ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯘﻧﯘﻟﺪﻯ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ :
http://altuntarim.com/list.asp?unid=1327

\"يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن -قۇل\"




سەلىمە كامال


\"شىنجاڭ گېزىتى\"ئىدارىسىدىن



\"بىزدە يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن -قۇل\"دېگەن ھېكمەت بار. بۇ ھېكمەتنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى \"يەتتە ئەجدادىنى بىلمىگەن -ئۇي«.بۇ ھېكمەتنىڭ ئۆزىدىنلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ \"نەسەبىنى، تېگى - تەكتىنى، جەمەت يىلتىزىنى بىلىش بىر ئادەمنىڭ، بىر ئۇرۇق - جەمەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشىدا ئەھمىيەتلىك بەلگە. شۇڭا فامىلە قوللىنىش زۆرۈر«دەپ قارىغانلىقىمغا يەنە ئىسپات ھاجەتسىز. زامانداشلىرىم بەلكىم فامىلە مەسىلىسىنى بۇ ھېكمەتتىن باشلاپ قاتتىق تەلەپپۇزدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمدىن بىئاراملىق ھېس قىلىشى ياكى\"ئاشۇرۇۋەتكەنلىك«دەپ قارىشى مۇمكىن. بىراق، مەن زامانداشلىرىمنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەنكى، بىز يېزىق مەسىلىسىدە كۆپ قېتىم زىيان تارتتۇق، فامىلە بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئاتىلىرىمىزنىڭ بىپەرۋالىقىدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ باتۇر- پالۋانلىرىمىزنىڭ نامىنى، يەر - جاي ناملىرىنى، ئۇرۇق - جەمەت لەقەملىرىنى ئۇلۇغلاپ ئىشلەتكەن فامىلىلىرىنى تاشلىۋەتتۇق. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدۇكى، خەلقىمىز پۈتۈنلەي فامىلىلىسىزمۇ قالمىدى. ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز جەمەت فامىلىسىنى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. چەت ئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىز شۇ دۆلەتلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىزچىل فامىلە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. نەتىجىدە بىز ھازىر دۇنيادىكى فامىلىسىز قالغان ناھايىتى ئاز ساندىكى مىللەتلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ قالدۇق. فامىلىسىزلىك بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇبارەك نامىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى، باتۇرلۇقلىرى، تەجرىبە - ساۋاقلىرىنىمۇ ئۇنتۇلدۇردى.ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەت ئەللەرگە چىققانلىرىمىز\"فامىىلىڭىز\"دېگەن كاتەكچىگە دادىمىزنىڭ نامىنى، \"ئىسمىڭىز«دېگەن كاتەكچىگە يەنە ئۆز ئىسمىمىز بىلەن دادىمىزنىڭ ئىسمىنى تەكرار يېزىپ ئۆز ئۆزىمىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىۋالدۇق، نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى پەيدا قىلدۇق. بۇنىڭغا ئىزاھ بېرىشكە، ئاخىرىدا يەنىلا فامىلىسىز مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قالدۇق. ئەمما، ئەمەل قىلالمىغان بولساقمۇ \"يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن قۇل\"دېگەن ھېكمەتنى خۇداغا شۈكرى، 21 - ئەسىرگىچە ئۇنتۇماي يادلاپ كەلدۇق. 
بىز كۆپ بولسا دادىمىز ۋە بوۋىمىزنىڭ نامىنى بىلگەندىن باشقا، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيمىز، ئۇلارنىڭ مىجەز - خۇلقى، خاراكتېرى، ياشاش ئۇسۇلى، ماكان - زامانلىرى ۋە يىلتىزى ، نەسلى - نەسەبى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيمىز. شۇڭا بىزگە فامىلىسىزلىكنىڭ نەقەدەر ئاچچىق ئىكەنلىكىنى تەن ئالماي مۈمكىن ئەمەس.زادى يەتتە ئاتىمىزنى تاپالمامدۇق؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ھېچقانچە تەس يېرى يوق. بوۋىمىزدىن ئۆزىمىزگىچە ئۈچ ئەۋلاد، ئۇنىڭغا بالىمىزنى ئۇلىساق تۆت ئەۋلاد بولىدۇ ئەمەسمۇ.
    مەن دادام قۇلۇقۇمغا قۇيۇپ قالدۇرغان \"يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن -قۇل\"دېگەن بۇ ھېكمەتنى ئۆمرۈم بويى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بالىلىرىمغا، دوستلىرىمغا ئېيتتىم، مەنىسىنى يېشىپ چۈشەندۈردۈم. ھەر قېتىم مۇشۇ ھېكمەت يادىمغا يەتكەندە ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىدۇ. ئائىلىمىز فامىلە ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي مىللەتنىڭ فامىلىسىزلىكى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. خەيرىيەت ، ئاخىرى بىزدە بۇ خاسىيەتلىك ئىش ئۈچۈن تەتقىقاتلار ، ئىزدىنىشلەر باشلاندى. فامىلە تارىخىمىز، ئۇنىڭدىن نە تەرىقىدە ۋاز كەچكەنلىكىمىز، تارتقان زىيانلىرىمىز ھەققىدە \"شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى«، \"شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى«، \"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى«، \"مىراس\"ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللاردا يېتەرلىكپاكىتلار سۆزلەنگەن قىممەتلىك ماقالىلەر بېسىلدى. بۇ خاسىيەتلىك ئىشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى كىشىنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. مەنمۇ ئاشۇ ئاپتورلارغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز جەمەتىمنڭ فامىلە قوللىنىش تارىخى، سەۋەبى، فامىلىنىڭ جەمەتىمىز تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەققىدە سۆزلەش ئارقىلىق فامىلە قوللىنىشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەكچىمەن.مەكتەپ يېشىغا توشقان چېغىمدا دادام مېنى قولۇمدىن يېتىلەپ مەكتەپكە تىزىملىتىشقا ئاپاردى:-قىزىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟-سەلىمە-ئۆزىڭىزنىڭچۇ؟-ئابدۇلھەق-فامىلەڭلار؟-كامالچىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، ياۋروپاچە كاستيۇم - بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك تاقىغان تۇرغۇن ئەپەندى مېنىڭ ئىسىم - فامىلەمنى :سەلىمە. ئا. كامال، دەپ يازدى.شۇنىڭدىن كېيىن مەن \"سەلىمە . ئا. كامال\"بولدۇم. ئەينى چاغدا كامال دېگەن كىم؟ مەن نېمىشقا سەلىمە ئابدۇلھەق بولماي، سەلىمە . ئا. كامال بولىمەن، دېگەندەك ئىشلارنى ئويلىمىغانىكەنمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنكى چاغلاردا ئىسىم - فامىلەمنى تولۇق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۈچ ئىسىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دادامنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرپى بولغان \"ئا\"نى تاشلىۋەتكىنىمگە بەكمۇ ئېچىنىمەن. ھازىر ئويلىسام بۇ ئۆز ۋاقتىدا بىر باشباشتاقلىق بولغانىكەن.تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك. دادام جىگەر رەڭ مۇقاۋىلىق بىر كونا دەپتەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ھەدە - سىڭىللىرىمنى يىغدى:-سىلەرگە جەمەتىمىزنىڭ تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. بۇ دەپتەرنىڭ بىرىنچى بېتىدە دادام ئابدۇۋەلى كامال ھەزرەتلىرى بۇخارادا يەتتە يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتىپ كەلگەندە يېزىپ قويغان \"يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن - قۇل\"دېگەن بىر جۈملە سۆز بار. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئائىلە ئۇرۇق - جەمەت نەسەبنامىسىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئەۋلادلارغا ئۆز يىلتىزىنى بىلدۈرۈشنى شۇ تەرىقىدە جىددىي مەسىلە دەپ قارىغان. جەمەت نەسەبنامىمىز ئابدۇكېرىم بەگ بوۋىمىزدىن باشلىنىدۇ. ئابدۇكېرىم بەگ بوۋىمىز تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىدا ئوردا مەسلىھەتچىسى بولغان. ئابدۇكېرىم بەگنىڭ ئوغلى ئىليار موللا تۇردىنىڭ نامى ھېلىھەم خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۆچكىنى يوق. ئۇ چاپتۇرغان بىر ئۆستەڭ ھازىرمۇ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ گۈكىرەتمە يېزىسى ھېزىۋەكتام مەھەللىسىدە ھېلىمۇ \"ئىليانىڭ ئېرىقى\"دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئىليار موللا تۇردى قورغاس مازاردا دىنىي مەكتەپ ئاچقان. ئىليار موللا تۇردىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئىسمائىلنىڭ ئوغلى ئىسراپىل، ئىسراپىلنىڭ ئوغلى كامالىدىن ھاجى، كامالىدىن ھاجىنىڭ ئوغۇللىرى ئابدۇلئەزىز، ئابدۇۋەلى، ئابدۇمۇتائالىلاردۇر. \"كامال\"دېگەن فامىلە مۇشۇ ئۈچ ئوغۇلدىن باشلاپ رەسمى مۇقىم فامىلە قىلىنغان.دادام بىزنىڭ:نېمە ئۈچۈن چوڭ بوۋىلىرىمىز ئوردا مەسلىھەتچىسى ئابدۇكېرىم بەگنىڭ ياكى ئۆز زامانىسىدا ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ، ئەلگە ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن ئىليار موللا تۇردىنىڭ نامىنى فامىلە قىلىپ تاللىمايدۇ؟دېگەن سۇئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى:20-ياشلىق كامالىدىن ھاجى بوۋىمىز 1860 - يىللاردا سادىر قوزغىلىڭىنىڭ سەركىلىرىدىن بىرى بولۇپ، لەخمە كولاشنى پىلانلاشقا قاتناشقان، ئۆزى باشلامچى بولۇپ لەخمە كولىغان كىشى بولۇپ، كامالەك(كامالەك - ئىككى يايلىق، ئوقيا شەكىللىك قورال بولۇپ، ئىككى ياينىڭ ئوتتۇرىسىغا ھايۋانات تېرىسىدىن تىكىلگەن پىششىق خالتا ئورنىتىلىدىكەن. خالتىغا تاش قاچىلىنىپ، ياي قاتتىق تارتىپ قويۇۋېتىلگەندە كۈچ بىلەن ئېتىلىپ چىققان تاش دۈشمەننىڭ مىڭىسىنى چۇۋۇۋېتەلەيدىكەن)ئېتىشقىمۇ ناھايىتى ماھىر كىشى ئىكەن. كامالىدىن بوۋىمىز كېيىن ئىچكى - تاشقى قورا سالدۇرغان، ئىچكىرىكى قورۇدا مومىمىز قىزلارنى ئوقۇتقان، تاشقىرىقى قورۇدا ئۆزى ئوغۇللارنى ئوقۇتقانىكەن.
كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ سادىر قوزغىلىڭىدىكى باتۇرلۇقى، ئەل ئارىسىدىكى شۆھرىتى، مەرىپەتپەرۋەرلىكى تۈپەيلىدىن شۇ كىشىنىڭ نامى تۇراقلىق فامىلە قىلىنغان.نەسەبنامىگە يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى بوۋىمىز ئابدۇكېرىم بەگدىن ھېسابلىغاندا سىلەر 9 - ئەۋلاد، نامى جەمەتىمىزگە فامىلە قىلىنغان كامالىدىن بوۋاڭلاردىن ھېسابلىغاندا 4 - ئەۋلاد بولىسىلەر، دېگەنىدى.ھازىر دادامنىڭ نەۋرىسى شۆھرەت كامال، ئۇنىڭ ئوغلى سۇبات كامال دۇنياغا كەلدى. ئائىلە نەسەبنامىمىز 11 - ئەۋلادقا، فامىلە تارىخىمىز 6 - ئەۋلادقا ئۇلاشتى. كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرە - چەۋرە، پەي نەۋرىلىرى ...بولۇپ، ھازىر بۇ يىلتىز ئەتراپىغا 300دىن ئارتۇق كىشى ئۇيۇشتى. 50 - يىللارنىڭ ئاخىرى، 60 - يىللارنىڭ بېشىدا ئىلى دەرياسى بويىدا چوڭ - كىچىك بوۋىلىرىم ئابدۇۋەلى كامالى موللا ھەزرەت بىلەن ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپە ھەزرەت ئاكا - ئۇكىلارنىڭ ناھايىتى چوڭ باغلىرى يانمۇ يان ئىدى. ئابدۇۋەلى كامالى موللا ھەزرەت بۇخارادىن قايتىپ كېلىپ تاكى 1928 - يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر غۇلجا شەھەر ئىچى تېرەك مازاردىكى قورۇسىدا مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتقان. ئايالى بۈبى ئايشە قىزلارنى ئوقۇتقانىكەن. ئىككى بوۋىنىڭ بالىلىرى، نەۋرە - چەۋرىلىرى بولغان بارلىق كاماللار بىر يەرگە جەم بولساق، باغلاردا، دەريا ساھىللىرىدا ئوينىساق، چوڭلارغا ئەگىشىپ باراۋەتكە چىقساق، ھەتتا سوقۇشۇپ تالاشساقمۇ خۇددى بىر ئاتىنىڭ بالىلىرىدەك ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر خىل يېقىنلىق، ئىللىق مېھرى مۇھەببەت بىزنى باغلاپ تۇرىدۇ.
ئېسىمنى تاپقىنىمدىن بۇيانقى ئىشلارنى ئەسلىسەم، مەيلى جەمەتىمىزنىڭ بېشىغا بالايى ئاپەت ياغقان \"مەدەنىيەت ئىنقىلابى«دا بولسۇن، مەيلى تىنچلىق مەزگىللىرىدىكى كۈنلەر بولسۇن كامال جەمەتى قولنى قولغا تۇتۇپ قايغۇ ۋە خۇشاللىقلارنى بىرگە تارتتى.
   يىللار ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپە ھەزرەتلىرىگەئوخشاش ئېسىل ئاتىلارنى، يۈرەك - باغرى ئىلى دەرياسىدىنمۇ كەڭ بۈبى ئايشە، زۆھرە ئابىستايغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى ئانىلىرىمىزنى قارا يەرگە ئۇزاتتى. ياش ئاتا - ئانىلار چوڭلارنىڭ مۇبارەك قەدەملىرىنى بېسىپ، ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە، جەمەتىمىزنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ئايانماي بەدەل تۆلىدى. ئەۋلاد تەربىيىسىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويدى. نېمىشقىدۇر، غۇلجىدا \"ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى\"قۇرۇلغاندا بوۋىمىز ئابدۇمۇتائالى كامالى ھەزرەت دىنىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغاندىن باشقا، تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر جەمەتىمىزدىن ئەمەلدار چىقمىدى. بىراق، 50 - يىللاردىن باشلاپ دىنىي ساھەدە ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن لۇتپۇللا.غ. كامال قارى ھاجىم؛ ئىنگلىز، ئەرەپ، تۈرك، خەنزۇ تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن تىل بىلىمدانى ئىسھاق. ئى. كامال، مەركىزىي ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا سىستېمىلىق تەربىيە ئالغان ئابدۇراخمان.م. كامال قاتارلىقلار جەمەتىمىزنىڭ بايراقدارلىرى بولۇپ يېتىشتى. 60 -ۋە 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ جەمەتىمىزنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تۈركۈملەپ ئوقىدى. جەمەتىمىز ئىچىدە جەمەتىمىز ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرىدىغان بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بەرمىدى. ئەكسىچە جەمەتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى \"كامال\"دېگەن بۇ تەۋەرۈك فامىلىنىڭ شان - شۆھرىتىنى قوغداپ كەلدى.1990- يىلى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، روسىيە، قىرغىزىستانلارغا ساياھەتكە چىقتىم. كامالىدىن بوۋىمىزنىڭئوغلى ئابدۇلئەزىز كامالنىڭ ئوغلى ئابدۇقەييۇم. ئا. كامال 50 - يىللاردا ئائىلىسنى ئالمۇتىغا كۆچۈرۈپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ يەردە يەنە دادامنىڭ سىڭلىسى زەينەپ.ئا. كامال، ئىنىسى باقى. ئا. كامال ھەمدە قىرغىزىستاندىكى ئىنىسى مەسئۇت . ئا. كامال ۋە ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرى بار ئىدى. كىچىك ئاپام زەينەپنىڭ ئۆيىگە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن تۇغقانلارنىڭ بىرىنىمۇ تونۇمايتتىم. ھەتتا كىچىك ئاپام زەينەپنىمۇ ئاتا- ئانام سۈرەتلەپ بەرگەنىدى. چۈنكى، ئۇلار قازاقىستانغا كۆچكەندە مەن تېخى كىچىك ئىدىم. تۇغقانلارنىڭ ئىچىدە ئاپپاق چاچلىق موماي - بوۋايلار، ياش، ئوتتۇرا ياش ئەر - ئاياللار، قىز - يىگىت، ئۆسمۈرلەر كۆپ ئىدى. ھەممىسى ئۆزىنى تونۇشتۇرغانداماڭا ئاشۇ يېقىملىق، پەخىرلىك \"كامال\"نامى ئۇلارنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ، بىللە يادلىناتتى. مەن شۇ چاغدا چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان مۇنچىۋالا جىق قېرىنداشلىرىم، جىگەرلىرىمنىڭ بارلىقىدىن سۆيۈندۈم. بىر خىل خاتىرجەملىك، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ماڭا ئىشەنچ ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. شۇ چاغدا مەن دۇنيادىكى كاماللارنىڭ ھەممىسى بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى دېگەن ئەقىدىنى تىكلەپ بولغانىدىم. قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىسى ئابلەت كامال لېنىنگرادتا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقانىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە باغرىمغا باستىم، ئۇنىڭ كاماللار جەمەتىگە كەلتۈرگەن شان - شەرىپىگە ئورتاقلاشتىم. جانابىكامالىدىن بوۋىمىزنىڭ چەۋرىلىرىدىن بولغان ئابلەت .ق. كامال ھازىر ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان پروفېسسورى.مۇھەببەت .ئا.كامال 1988 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ھازىر ئىسپانىيە مۇرسىيە(MURCIA)ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئۇنۋانى بىلەن ئىتالىيە، ئىسپانىيە ئالىملىرى بىلەن بىرگە مالىكولا بىئولوگىيىسى ۋە ھاشارەتلەرنىڭ DNA ۋە HROMOSOMلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئىشلىمەكتە.
يەنە چەۋرىلەردىن مەغپىرەت .ئا. كامال مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن، ياپونىيە، تۈركىيەلەردە بىلىم ئاشۇرۇپ تۈركىي تىللار كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ھازىر ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىمەكتە.پەي نەۋرىلەردىن قېيۇم.ئا.كامال بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاللاپ ئەۋەتىشى بىلەنئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسترونومىيەبىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەنمەكتە. ئومۇمەن كامال جەمەتىدىكى چەۋرە، پەي نەۋرىلەرنىڭ 80پىرسەنتى ئالىي مەلۇماتلىق.19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كامالىدىن بوۋىمىز قەھرىمانلىقتا، باتۇرلۇقتا نام چىقارغانىدى. بۈگۈنكى دەۋردە ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ مۇبارەك نامىنى ئۆز ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن نۇرلاندۇرماقتا.   
ئەگەر بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز جەمەت نەسەبنامىسى تۇرغۇزمىغان، جەمەتىمىزگە تۇراقلىق فامىلە تەقدىم قىلمىغان بولسا، ھەممىمىز ئۆز ئاتىمىزنىڭ نامىنىلا فامىلە دەپ تونۇپ، تار دائىرىدىكى جەمەتچىلىككە، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارا ياتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، كىچىك - كىچىك توپلارغا ئايرىلىپ كەتكەن بولاتتۇق.بىزگە يەنە ئاتىمىزنى تونۇتقان، بىر ئەۋلادنىڭ ئىزىنى يەنە بىرى بېسىپ، ئۆزلىرى تىكلىگەن جەمەت ئابىدىسىگەئۈزۈلدۈرمەي تاش تىزىشنى، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى ئۆگەتكەن، بىزنى چىرىماس يىلتىزغا توپلىغان ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ئانا زېمىننىڭ توپىسىغا سىڭىپ كەتكەن جىسمى مەڭگۈ قۇرۇمىغاي!

 تەھرىرلىگۈچى: ئابلىز ئورخۇن



TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2008-3-21 17:43:26

<< ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ - ﻗﯘﻝ >>- ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺑﯘ ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ، ﺋﯩﺸﺘﻜﯜﭼﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ....

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-3-21 18:22:04

ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ...... ﺩﻩﭘﻤﯘﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ....

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-24 14:27:15


ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ...... ﺩﻩﭘﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ....
--------------------------------------
ﺳﯘ ﺗﻮﻙ
ﻧﯩﯔ ﻣﺎﯞﯗ ﮔﯧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﻰ ﺑﺎﺭ ﮔﻪﭖ ﺟﯘﻣﯘ

tawhid11 يوللانغان ۋاقتى 2008-4-18 09:43:56

ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﻗﺎﺭﯨﻘﺎﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺷﯘ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻗﺎﺭﯨﻘﺎﺵ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ.
بەت: 1 [2]
: ﻳﯜﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﯜﺷﺘﻪﺭ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ