uygur0998 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-12 00:01:55

ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ......ﻣﻪﻥ  ﺑﯩﻠﯟﺍﻟﺪﯨﻢ......ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ....؟

akbora يوللانغان ۋاقتى 2007-4-12 11:09:53

ﻣﺎ ﺑﯚﺭﺗﺎﻻﻟﯩﻘﻼﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﭙﺘﯩﻐﯘ

qohqi يوللانغان ۋاقتى 2007-4-12 23:40:14

2006 ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﯩﻘﺎﺭﺍ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺳﯩﺮﺍﺵ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭙﺘﯘ،ﺑﯘﻣﯘ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﻮﺭﻩﻙ ﺋﺎﺳﯩﺮﺍﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﻨﻦ.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2007-4-13 12:37:10

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻛﯜﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ .

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2007-4-13 15:20:41

ﻛﻮﭘﺘﯘﻥ ﻛﻮﭖ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ

qohqi يوللانغان ۋاقتى 2007-4-13 19:49:32

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﯞﻩﺗﻠﻪﭖ ، ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﺯﻩﻳﯩﭙﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﯧﯖﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ . ﻛﺎﯞﺍﭘﺪﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻳﯩﮕﻪﭺ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﯩﻤﯩﯩﺰ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ .

RGB يوللانغان ۋاقتى 2007-4-14 09:57:46

ﻣﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﻤﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺧﯩﻠﻰ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﺴﯩﺰ -ﮬﻪ؟ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰﮔﻪ !  ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ-ﺯﻭﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ..............

ardam يوللانغان ۋاقتى 2007-4-15 12:24:07

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ!
ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﯧﻤﺎ ﺑﻮﭘﺘﯘ.

Halis يوللانغان ۋاقتى 2007-4-16 09:51:18

mohterem يوللانغان ۋاقتى 2007-4-16 18:57:38

ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ ،ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ  ﺋﯚﺯﯛﻣﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﺘﺎ Uyghur ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻻﻕ ﺳﺎﻻﻳﻠﻰ

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2007-4-16 19:40:16

ﺧﯩﺠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ...ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﻤﺪﻩﻙ...

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2007-4-18 11:30:34

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯩﺪﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ . ﻛﻪﯓ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ .
ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﻨﯩﻤﻪﻥ .

1.ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﺗﻮﻧﯘﺵ: ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﺯﯨﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯮﺭﯗﻗﻼﺵ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ: ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻣﯩﺰﺍﺟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺸﻰ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﯪﻻﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﯜﺭﮔﯜ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻫﻪﻳﺪﯨﮕﯜﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ( ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ،ﯰﺭﯗﻗﺪﺍﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ، ﺩﻭﯞﺳﯘﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ) ﯰﺯﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ، ﯰﺯﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﻟﯩﻖ (ﯪﻧﺎﻧﯩﺰﯨﻢ ) ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﯪﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﺷﻪﻫﯟﻩﺗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ (ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﯧﭙﯩﻐﺎ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﯬﺭ-ﯪﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﻰ ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺷﻪﻫﯟﻩﺗﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﯜﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ)، ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﭗ ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯮﺭﯗﻗﻼﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﻪﻧﺖ ﺳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯮﺭﯗﻗﻼﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ: ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﯪﻻﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻳﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻤﻪﻳﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﭖ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﯪﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯪﻏﺮﯨﺘﯩﭙﺮﺍﻕ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻪﻝ ﯪﻏﺮﯨﻴﺪﯗ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﯮﺭﯗﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪﯗ، ﯪﺭﻗﺎ ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻳﯘﻗﯘﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﯪﻏﺮﯨﺶ ﺳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺯ ﺗﻮﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻫﯚﻛﯜﻣﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯮﺭﯗﻗﻼﭖ ﻳﯧﻐﻰ ﯪﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﯪﺟﯩﺰﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯘﺳﯘﺵ، ﺋﯩﺸﺘﺎﻫﺎﺳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﻳﯜﺯﻯ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯪﻕ ﮔﻪﺯ ﺩﺍﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺵ، ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻱ ﯪﺭﯨﻼﺵ ﻛﯚﭘﯜﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯰﺧﻼﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﭼﯜﭼﯜﭖ ﯮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﺵ ﺳﻮﻗﯩﺪﯗ.
ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ:
ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ، ﻣﯩﺰﺍﺝ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﻛﯚﺭﻧﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻐﯘﭼﻰ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻫﻪﻳﺪﯨﮕﯜﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﯪﻻﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺩﯦﯫﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻳﺎﻛﻰ ﯪﻧﺎﻧﯩﺰﯨﻢ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﯪﯞﯞﺍﻝ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻧﺎﭼﺎﺭ ﯬﺧﻼﻕ، ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﺗﻘﯘﺯﯗﺵ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﯪﻻﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.
ﻏﯩﺰﺍﺳﯩﻐﺎ: ﭘﺎﻗﻼﻥ ﮔﯚﺷﻰ، ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ،ﺑﺎﺩﺍﻥ، ﻧﻮﻗﯘﺕ، ﯴﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﯟﺍ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ:ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﻳﺎﻍ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﻫﻪﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺳﯧﻤﯩﺮﯨﺘﻜﯜﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
ﯪﺩﺩﯨﻲ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ:ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯮﺭﯗﻗﻼﺷﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﯬﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﯴﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ،ﺑﺎﺩﺍﻡ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ، ﻫﻪﺑﺒﻪ ﺯﻩﻟﻪﻡ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ، ﻫﻪﺑﺒﻪﺗﯘﻝ ﺧﯘﺯﺭﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺋﯩﺰﯨﭗ ﻫﺎﻟﯟﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.
ﻧﺎﺭﺟﯩﻞ ، ﺑﺎﺩﺍﻡ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ، ﯪﻕ ﺑﻪﻫﻤﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﯬﺗﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﺳﯜﺗﻜﻪ ﭼﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﺧﯩﺸﻰ ﯴﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯩﺮﺷﯩﺪﯗ.
ﺗﻮﺧﯘ ﻳﯧﻐﻰ، ﯲﺭﺩﻩﻙ ﻳﯧﻐﻰ، ﻏﺎﺯ ﻳﯧﻐﻰ ، ﺑﺎﺩﺍﻡ ﻳﯧﻐﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﯪﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯰﺩﯗﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻏﻼﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﯴﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯮﺭﯗﻗﻼﺵ ﺋﯧﻐﯩﺮﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﭘﺎﻗﻼﻥ ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ 1 ﻛﯩﻠﻮ، ﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ 1 ﻛﯩﻠﻮ، ﺳﯚﯕﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﻮ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﯬﺭﻩﻕ (ﭘﺎﺭ ) ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﯰﻧﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﻪﻫﻤﻪﻥ ﺳﯘﺭﯗﺥ 30 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﺑﻪﻫﻤﻪﻥ ﺳﻪﻓﯩﺪ 30 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﺷﺎﻗﺎﻗﯘﻝ ﻣﯩﺴﺮﻯ 30 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﻟﯩﺴﺎﻧﻮﻝ ﯬﺳﺎﻓﯩﺮ 30 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﺩﺍﺭﭼﯩﻦ 12 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﻻﭼﯩﻨﺪﺍﻧﻪ ﻫﯩﻨﺪﻯ 10 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﻗﻪﻟﻪﻣﭙﯘﺭ 10 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﯰﺭﯗﻗﺴﯩﺰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﯴﺯﯛﻡ 200 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﻻ ﺳﻮﻗﯘﭖ، ﺧﺎﻟﺘﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﯬﺭﻩﻕ ﻗﺎﺯﯨﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺳﯘﺱ ﯮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ 4 ﻛﯩﻠﻮ ﯬﺭﻩﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ 3 ﻗﯧﺘﯩﻢ 50 ﻣﯩﻠﻠﯩﮕﯩﺮﺍﻣﺪﻥ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﺮﺗﯩﺪﯗ، ﯮﻣﻮﻣﯩﻲ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﻗﺎﻥ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺑﺎﻫﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺷﺘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺳﻘﺎ: ﻛﺎﻻ ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ 50 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﻗﻮﻱ ﻳﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ 50 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﺗﯚﮔﻪ ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﺗﺎ ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ 500 ﮔﯩﺮﺍﻡ ، ﺳﯚﺋﯩﻠﻪﭖ ﻣﯩﺴﯩﺮﻯ 100 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﻮﻗﯘﭖ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﺮﺗﯩﺶ، ﻣﻪﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﻫﻪﻡ ﻗﺎﻥ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺸﺘﻪ ﻛﯚﺭﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﯴﻧﯜﻣﻰ ﺑﺎﺭ.
ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﺏ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﺩﯨﻦ: ﻫﺎﻟﯟﺍﺋﯩﻲ ﺑﻪﻫﻤﻪﻥ، ﺳﻪﯞﺯﻩ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ،ﻟﯘﺑﯘﺑﻰ ﻛﻪﺑﯩﺮ ، ﻟﯘﺑﯘﺑﻰ ﯬﺳﺮﺍﺭ، ﻣﻪﺟﯜﻧﻰ ﺳﯚﺋﯩﻠﻪﭖ ، ﻫﺎﻟﯟﺍﺋﯩﻲ ﺑﻪﻳﺰﻩ، ﻫﺎﻟﯟﺍﺋﯩﻲ ﺑﺎﺩﺍﻡ،ﻟﻮﺑﯘﺑﻰ ﯬﻛﺒﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﯴﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ: ﯪﭼﭽﯩﻖ -ﭼﯜﭼﯜﻙ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻫﺎﺭﺍﻕ-ﺷﺎﺭﺍﺏ، ﺑﻪﻙ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﯪﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ، ﺟﻪﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﻠﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﯰﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﯪﻗﯩﯟﻩﺕ ﯲﻟﯜﻣﮕﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ.
.ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

قەدىمكى تېبابەتتە \"بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش\" تىكى \"بۆرەك\" پەقەت بەدەندىكى بۆرەك ئەزاسىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن ، بەلكى ئادەمنىڭ جىنسىي كۈچى ، جىنسىي ئالاقىسى ، جىنسىي تۇرمۇشى ، كۆپىيىش سېستىمىسنىڭ ئەھۋالى ، ئۆسۈپ- يېتىلىشى ، ھەزىم قىلىش ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمال بولۇش بولماسلىقىغا قارىتىلغان ئىدى . \"بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى\" مۇ ناھايىتى كەڭ بولغان بىر ئۇقۇم بولۇپ ، ئۇ سۈيدۈك سېستىمىسى ، روھى ساغلاملىق ھەم ھەزىم قىلىش ، قان ، نەپەس ئېلىش قاتارلىق سېستىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللك . شۇڭلاشقا ، بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە :

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .

مېڭە ئاجىزلىشىش ،دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسىلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش

بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى:

كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش

كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ - ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .

ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ قېلىش ، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسىلىق ، ياشاش نىشانى بولماسىلىق

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش

ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، جنسىي ئەزايى تۇرماسلىق ، ياكى تۇرسىمۇ قاتتىق بولالماسلىق ، مەنى(ئىسپىرما) تۇتالماسلىق ، بالدۇر چىقىپ كېتىش ، مىكروسكوپتا ئىسپىرمىنى كۆزەتكەندە ، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەش ، ئىسپىرما ھۆجەيرلىرى ئازلاش ، بالىلىق بولالماسلىق .

ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى نورمال يېتىلمەسلىك ، ھەيز قالايمقانلىشىش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، بالىلىق بولالماسىلىق .

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ سۈيدۈك سېستىمىسىدىكى ئالامەتلىرى:

كىچىك تەرەت سانى كۆپىيىش ، كىچىك تەرەت قىستاش ، كىچىك تەرەت رەڭگى سۇسلىشىش .

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىرى:

بالدۇر ئاجىزلىشىش

ئۇنتۇغاق ، ئۇيقۇسىزلىنىش ، ئىشتىھاسىتۇتۇلۇش ، سۆڭەك ، بوغۇملار ئاغرىش ، بەل ، تىزلار سىرقىراپ ئاغرىش ، كۈچسىزلىنىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ، ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىش . چاچ چۈشۈش ، چاچ بالدۇر ئاقىرىش . چىش بوشاپ كېتىش .

چىرايى سۇلغۇنلىشىش ، قارا چەمبىرەك چوڭقۇرلاش ، تېرە رەڭگى نۇرسىزلىنىش ، تېرە يىرىكلىشىش ،قۇرغاقلىشىش ، بالدۇرلا قورۇق كۆرۈنۈش ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىكى تۆۋەنلەش . ئاياللارنىڭ كۆكسى ساڭگىلاش ، بەل ، قورساقتا مايلار يىغىلىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ .
3.ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﺩﻩ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ، بۆﺭﯨﻜﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ:

1.ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺳﯘ ﺋﺎﯞﯞﻟﻘﯩﺪﻩﻙ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻗﯧﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯛ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯗﻏﻼﺷﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘ ﻳﯜﺯﯨﺪ ﻳﺎﻍ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯗ.

2.ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ، ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﺴﯩﯖﯩﺰ.

3.ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪ.

4.ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ.

5.ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻱ 3-ﻗﻪﯞﻩﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﭘﯘﺗﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻛﯜﭺ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﺎ.

6.ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﭘﯘﺗﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﺷﺎﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ.

7.ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺯﯦﮭﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯩﻐﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ.

8.ﭼﯧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪﺍﭼﯧﭽﯧﯩﯖﯩﺰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ.

9.ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭺ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﺋﯧﭽﯩﻘﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﺋﻮﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯧﻠﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ، ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ.

10.ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﭼﯜﺷﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ.

11.ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭙﻼ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ.

12.ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ.

13.ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﯖﯩﺰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺗﯧﻠﯟﯨﺰﻭﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ.

14.ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺘﯘﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﻮﻻ ﻳﯩﺘﺘﯜﺭﺳﯩﯖﯩﺰ.

15.ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ.
4. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﯪﺳﺮﺍﺵ ﯰﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ

ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ:7ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙ

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﯪﺳﺮﺍﺵ

ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﻘﺎ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ، ﯰ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﯪﺭﻗﺎ ﺩﯨﯟﺍﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﯮﻣﯘﺭﺗﻘﺎ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﯰﭼﻰ 11-ﻛﯚﺭﻩﻙ ﯮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯰﺩﯗﻟﯩﻐﺎ ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﯰﭼﻰ 3 - ﺑﻪﻝ ﯮﻣﯘﺭﺗﻘﺴﯩﻨﯩﯔ ﯰﺩﯗﻟﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 150~120ﮔﺮﺍﻡ ﯬﺗﺮﺍﭘﺪﺍ ، ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﻰ 3~4 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯩﺘﯩﺮ ، ﯰﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰ 10~12 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯩﺘﯩﺮ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 5.5ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯩﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻻﺭ ﯪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ، ﺟﯩﻨﺴﻲ ،ﻳﯧﺸﻰ ، ﯮﺭﯗﻕ -ﺳﯩﻤﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﯮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﯮﺭﯗﻥ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ، ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ، ﻧﯧﺮﯞﺍ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﻮﺷﯘﺵ ﻧﻪﻳﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻜﺮﻩﻛﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯮﺭﻧﯩﺪﯗﺭ.

ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﯬﺳﻠﻰ ﻣﯩﺰﺍﺟﻰ ﻫﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻫﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯲﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺟﺎﺯﯨﺒﻪ ، ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺩﺍﻓﯩﯭ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯧﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﯪﻟﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﻛﯧﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﺵ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﯞﻩ ﺗﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﯪﻟﻤﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺋﯩﺸﻘﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻣﯚﺗﯩﺪﯨﻠﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .

ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﻣﯩﻠﻼﺭ

1.ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﯪﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﻪﻝ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﯬﺳﻠﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯩﺰﺍﺟﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ، ﺑﻜﺮﻩﻛﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯗﭖ ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺳﯜﺯﯛﺵ ﺋﯩﺘﻘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .

2.ﺑﻪﻝ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﯰﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻠﯩﻚ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻗﻼﺭ ﯬﺳﻠﻰ ﻣﯩﺰﺍﯹ ﻫﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﯪﺳﺎﻧﻼ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﭖ ، ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﯪﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .

3.ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ، ﻛﯚﭖ ﺋﯧﻬﺘﯩﻼﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺟﻪﻟﻪﻕ ، ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﯩﻲ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﯩﻴﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯞﯦﺘﯩﭗ ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﺸﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ، ﯪﺳﺎﻧﻼ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﯪﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ .

4. ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻫﻪﻳﺪﯨﮕﯜﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯗﭖ ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻳﯧﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﯪﺳﺎﻧﻼ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯪﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .

5. ﺑﺎﻫﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﯪﭼﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻫﻮﺭﻣﯘﻧﻠﯘﻕ ، ﺧﯧﻤﯩﻴﯩﯟﯦﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﯞﻩ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﻜﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ، ﯬﻣﻤﺎ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ، ﯪﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .

6.ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﯰﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﺯﮔﯩﻞ ﯮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﺯﯗﻗﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﯮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻱ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﯪﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .

7. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ، ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﻳﯜﺭﯛﯞﻩﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ، ﻛﯩﺘﻮﻧﺪﯨﻦ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﯪﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﯰﺧﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺩﻩﻡ ﯪﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﯬﻗﻠﯩﻲ ﯞﻩ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯬﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ، ﯪﺧﺮﻯ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯪﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .

8. ﯪﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺑﯩﯫﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﯪﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .

9.ﯰﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﯞﻩ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﯰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﻜﻮﺗﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﯨﺖ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺳﯜﺯﯛﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯪﺟﯩﺰﻟﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .

10. ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺗﯘﺯ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ .

ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﯪﺳﺮﺍﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﻛﻰ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﯪﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺮﯨﮕﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﯪﺳﺮﺍﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ:

1.ﻫﺎﯞﺍ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﯩﺶ ، ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﯲﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ، ﯪﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﭘﻮﺗﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ .

2.ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺑﯚﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ

3.ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻳﯧﻐﻰ ، ﻗﻮﻳﻨﯩﯖﻜﻮﻧﺎ ﺩﯛﻣﺒﻪ ﻳﯧﻐﻰ ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻳﯧﻐﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﻝ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﻏﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ .

4.ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﯜﺯ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﺑﻪﻝ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﻰ ﯰﯞﯗﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ.

5.ﯪﺭﯨﻼﭖ - ﯪﺭﯨﻼﭖ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ.

6.ﺳﻪﯞﺯﻩ ، ﭼﺎﻣﻐﯘﺭ ، ﯬﻧﺠﯜﺭ ، ﺧﻮﺭﻣﺎ ، ﺑﺎﻧﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﯟﻩ - ﭼﯧﯟﻩ ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﯪﺭﯨﻼﭖ ﭼﺎﻣﻐﯘﺭ ، ﺳﻪﯞﺯﻩ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﺋﯩﭽﯩﺶ .

7.ﯬﻧﺠﯜﺭ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ . ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ ، ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ ، ﯴﺯﯛﻡ ﺷﯩﺮﻧﯩﺲ، ﺧﻮﺭﻣﺎ ، ﻟﻮﺑﻮ ﻛﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩ ﻣﺎﺩﺩﻩﺗﯘﻝ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﯪﺳﺮﺍﻳﺪﯗ .

8.ﯬﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻥ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯪﺳﺮﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

9.ﻳﺎﯕﺎﻕ ، ﺑﺎﺩﺍﻡ ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﯴﺯﯛﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺳﻮﻗﯘﭖ ، ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﻮﻗﻤﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﯪﺳﺮﺍﻳﺪﯗ .

10.ﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ، ﺑﯚﺩﯛﻧﻪ ، ﺑﺎﭼﻜﺎ ، ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ، ﯰﻻﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﺎﺭﺳﻪ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ .

11.ﻛﯜﻧﺪﻩ ﯬﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ 1 ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻫﻪﺳﻪﻟﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﯻﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﯪﺳﺮﺍﻳﺪﯗ .

12.ﻳﺎﯕﺎﻕ ، ﺑﺎﺩﺍﻡ ، ﭘﯩﻨﺪﯗﻕ ، ﭘﯩﺴﺘﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺳﻮﻗﯘﭖ ، ﻧﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭼﺎﻱ ﺳﯜﺗﻠﻪﭖ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ.

13.ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻣﺎﺗﯩﯖﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ .

14.ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯚﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ
5.ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺷﯩﭙﺎﻳﯩﻼﺭ

1.ﺟﺎﻻﭘﺎﺩﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
2.ﺟﯩﻠﻐﻮﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
3.ﺳﯩﺴﺎﻟﯩﻴﯘﺳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯩﺮﺍﻣﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﻪﻟﻠﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ 10ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
4.ﺳﯘﻧﺒﯘﻝ ﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
5.ﻛﯩﺮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺯﻻﻧﻐﺎﻥ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
6.ﮔﯜﻟﺒﯩﻨﻪﭘﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﭘﺎ ﺳﯜﻳﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﻨﯘﻟﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
7.ﻻﺟﯩﯟﻩﺭﻧﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
8.ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
6.ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻰ


1) 40گرام سۆلەپ مىسرى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.

2) 40گرام كۈدۈر، 20گرام زەنجىۋىل ئايرىم- ئايرىم سوقۇلۇپ، 200گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە بىر- ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ.

3) 100گرام تەرەنجىۋىل (يانتاق شېكىرى) مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئېرىتمە سۈزۈۋېتىلىپ 300گرام يېڭى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سۇس ئوتتا قويۇلغۇچە قاينىتىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىچىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق، تولا چۈش كۆرۈش، ئورۇقلۇق ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

4) 20گرام نوقۇت، 20گرام سۆلەپ مىسرى يۇمشاق سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، مەنى تۇتالماسلىققىمۇ شىپا بولىدۇ.

5) 20گرام شاقاقۇل، ئون گرام كاۋاۋىچىن، ئون گرام سەۋزە ئۇرۇقى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئەر- ئاياللاردىكى سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ.

6) ئالدى بىلەن 50گرام بادام مېغىزى، 50گرام پىستە مېغىزى، 30گرام پىياز ئۇرۇقى، 20گرام ئۇسۇڭ ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن بادام مېغىزى بىلەن پىستە مېغىزى ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ سوقۇلۇپ، 300گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قىتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، سەۋدادىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.

7) 50گرام ياڭاق مېغىزى، 50گرام ئاقلانغان كۈنجۈت، 20گرام چامغۇر ئۇرۇقى، 20گرام زەنجىۋىل، 20گرام بىدە ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزى بىلەن كۈنجۈت ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇلۇپ، 400گرام ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئېستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.

8) 30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

يۇقۇرقى رېتسىپلارنى ئەرلەرلا ئىشلىتىپ قالماستىن، ئاياللار ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، دورا ئىستېمال قىلغۇچى دورىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ياش قۇرامى، بەدەن قۇۋۋىتىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشى لازىم.

دورىلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ھەسەلنى قاچىغا ئېلىپ، قاچىنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ھەسەلنى ئېرىتىپ، ھەسەلنىڭى كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ ھەسەل قولنى كۆيدۈرمىگىدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىش، مەلھەم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغىچە قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق كېرەك.

بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا سوغۇق سۇ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
7. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺗﯧﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﯦﺘﺴﯩﭗ

.رېتسىپ:
خۇرۇچى:بىجىق 200گرام،توخۇ تۇخۇمى بىر تال،ئاش تۇزى ئاز مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى:بىجىقنى پاكىز يۇيۇپ،قازانغا سېلىپ ئۈستىگە 1200مىللىلىتر سۇ قۇيۇپ پىشۇرۇپ،ئاندىن تۇخۇمنى چېقىپ پىشۇرۇپ،ئازمىقداردا تۇز سېلىپ تەييارلىندۇ.
شىپالىق رولى:بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.

2.رېتىسپ:
خۇرۇچى:ئالقات 10گرام،كەپتەر تۆت تال،قەنت 50گرام،شاقاقۇل 10گرام.
ياساش ئۇسۇلى:ئالقاتنى يۇيۇپ،شاقاقۇلنى پكىز يۇيۇپ،تالقان قىلىپ،15مىنۇت پىشۇرۇپ ئاندىن كەپتەر تۇخۇمىنى چېقىپ قازانغا سېلىپ،ئۈستىگە قەنت سېلىپ تەييارلىندۇ.
شىپالىق رولى:بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:سەھەردە ئاچ قورساققا ئىستېمال قلىسا بولىدۇ.

8. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ

*ياڭاق مېغىزىدىن مۇراببا ياساپ يىسە بولدۇ.


*قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن ياڭاق مېغىزىدىن تەڭ مىقتاردا ئېلىپ،سوقۇپ خىمىر قىلىپ،كۈنىگە 50گىرامدىن ئىككى ۋاق يىسە بولدۇ.


*بادام مېغىزى بىلەن ياڭاق مېغىزىنى بىرگە سوقۇپ،ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ يىسە بولدۇ.


*30گىرام يېڭى نەشپۈت پوستىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.


*100گىرام ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ،30گىرام ئالقات قوشۇپ،مۇۋاپىق مىقتاردىكى گۈرۈچ بىلەن قاينىتىپ،شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچسە بولدۇ.


*50گىرام ياڭاق مېغىزى،50گىرام ئاقلانغان كۈنجۈت،20گىرام چامغۇر ئۇرىقى،20گىرام زەنچىۋىل،20گىرام بېدەئۇرىقى ئېلىپ،ئۇلارغا400گىرام ھەسەل قوشۇپ تەييارلاپ،كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا15_20گىرامدىن يەپ بەرسە بولدۇ.


*30گىرام ھۆل زەنچىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ.پوستىدىن ئاجىرتىپ،90مىللىلىتىر سۇدا پىشۇرۇپ سۈزىۋېلىپ،سۈيىنى 90گىرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ،قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزىۋېلىنغان زەنچىۋىلنى قىيامغا سېلىپ،مۇراببا تەيارلاپ،كۈنىگە ئۈچ قېتىم،ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن10گىرام يەپ بەرسە بولدۇ.

. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ

1. بادام مېغىزى بىلەن ئەنجۈرنى بىرلىكەت ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەكنى قۇۋۋتلەپ ، ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىق كېسەللىرىگە شىپا بولىدۇ .
2. 600g جىگدە چېچىكىنى 3kg سۇغا بىر سوتكا چىلاپ ، ئاندىن قايتىتىپ سۈيىنى كۈندە 3 قېتىمدا 100g دىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم ھەر خىل بۆرەك كېسەللىرىگە شىپا بولىدۇ .
3. ھەر كۈن ئەتىگەن ، كەچتە تاماقتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق مېغىزى مۇرابباسى ئىستېمال قىلىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ، بۆرەك ، جىگەر ، تال كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
4. 50g ياڭاق مېغىزى ، 50g كۈنجۈت ، 20g چامغۇر ئۇرۇقى ، 20g زەنجىۋىل ، 20g بېدە ئۇرۇقىنى ئاىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ، ئۇنىڭغا 400g ھەسەل قوشۇپ ، كۈنىگە 2 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 15g دىن بىر قانچە كۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ .
5. كۈدە ئۇرۇقى ، شاقاقۇل ، لاچىندانە ، بۇغا مۇڭگۈزىنىڭ ھەر بىرىدىن 20g دىن ئېلىپ ئۇنىڭغا 80g ئەرمۇدۇن يوپۇرمىقى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ، مەجۈن ياساپ ، كۈنىگە 2 قېتىم ھەر قېتىمدا 6g - 3g ئىستېمال قىلىشنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ، باھنى كۈچەيتىدۇ .
6. پىستە مېغىزى ، بادام مېغىزىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ، ئۇنىڭغا ھەسەل ئاىلاشتۇرۇپ كۈندە 2 قېتىمددىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشنى 2 ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ، بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ .
7. 100g چىلانغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ قاينىتىپ ، سۈيىنى كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بەرسە ، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ .
 .ﻣﯩﺰﺍﺟﻨﯩﯖﻤﯘ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻤﯘ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ..
ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ:
ئىنسانلارنىڭ مىزاجى

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى 4خىل بولىدۇ. خاراكتېرى جەھەتتە ئىسسىق ۋە سوغاق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ، ئەمما 4چوڭ ماددىنىڭ بىر- بىرىگە ئارلىشىشىدىن پەيدا بولغان مايىللىق كەيپىياتىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق ۋە قۇرۇق سوغاق دەپ 4خىلغا بۆلىنىدۇ.



قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى

ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى

ھۆل سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى

قۇرۇق سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى




قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى

تەبىئىي جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ كىشىلەر رەڭگى- روھىغا بولغان تەسىرىنى ھېسابقا ئالماي بەلكى بەدەندىكى تەبىئىي سۈپەتلىك پەرقىنى ئۆلچەم قىلغاندا، ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر كۆز ئېقى ساغۇچراق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرۇغراق، كۆپ ئۇسسايدىغان، بەدەنلىرى قىزىق، سوغاق ھاۋادا يۈرۈش ۋە سوغاق يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ. تومۇرى كۈچلۈك ۋە تېزراق سوقىدىغان، سۈيدۈگى قىزىلغا مايىل سېرىق بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن تاشقىرى، قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەرنىڭ خۇلقى مىجەزى ۋە روھى ھالىتىدە ئالاھىدە پەرقلەر بولىدۇ. بۇ بەلگىلەرنى شۇ كىشىلەرنىڭ تۇغما مىجەزىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت ئىلىمىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي كۈزىتىشىدىن قارىغاندا قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەر ئاچچىقى يامان، غەزەپلىنىشكە مايىل، نېرۋىسى ئىتتىك، ھەركىتى تېز، سەزگۈر ھە ئالدىراڭغۇ، تۇراقسىز، ھېسسىياتى كۈچلۈك، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەن، ئۇيقىسى ئازراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەملەر كۆپرەك، نېرۋا كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتتىكى يېمەك- ئىچمەك ۋە دورىلار يامان تەسىر قىلىدۇ.




ھۆل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ

بۇ، ئىنسانلار مىزاجىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، تەبىئىي مىزاجى ھۆل ھەم ئىسسىق بولغاچقا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ گۆش ۋە ياغ قاتلاملىرى خېلى ياخشى تەرەققى قىلغان بولىدۇ. بەدەن ھارارىتى ئۈستۈنرەك، تېرىلىرى سىلىق ۋە چىرايى نۇرلۇق قىزىل، تېتىك ھەم قۇۋۋەتلىك، ئېغىزى تاتلىق، تولا ئەسنەيدىغان، ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ. پۇت- قوللىرى ئاسان قولىشىپ قالىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر كۆپرەك تېرە كېسەللىكلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇلارنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن خۇلقى- مىجەزى ۋە روھى ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا بۇ خىلدىكى كىشىلەر خوش پېئىل، ئوچۇق، ئەقىل ۋە پىكىر قابىلىيىتى ئورتاھال، سىرتقى تەسىراتلارغا بولغان قوزغىلىش ھېسسىياتى كۈچلۈك ھەمدە ئۆزىنى تۇتىۋىلىشى خېلى ياخشى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەتتە قۇرۇق سوغاق خاراكتېردىكى (مەسىلەن: كالا گۆشىگە ئوخشاش) غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇق سوغاق كەيپىياتتىكى دورىلار ياخشىراق ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ھۆل ئىسسىق (مەسىلەن: قوي گۆشىگە ئوخشاش) غىزالارنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ئىستىمال قىلسا ئاسانلا يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.



ھۆل سوغاق ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ھۆل سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ رەڭگى ئاق سۈزۈك، لەۋلىرى تومراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ، بەدىنى سۈزۈك يۇمشاق ھەم سوغۇقراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمەلىي ھاياتىدىكى خۇلقى- مىجەزى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرگەندە، بۇ خىلىدىكى كىشىلەر ئېغىر بېسىق، بىغەم، ھەرقانداق ئىشقا ئاسان تەسىرلەنمەيدىغان كېلىدۇ. يەنى سىرتتىكى تەسىراتلارغا قوزغىلىشى ناھايىتى ئاستا، قوزغىلىشتىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتىشىمۇ ئاستا بولىدۇ. جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتە ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق كېلىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرگە ئادەتتە ھۆل سوغاق ( مەسىلەن: سۇيۇق ئاش، ھۆل مېۋە- چىۋىلەرگە ئوخشاش) غىزالار يامان تەسىر قىلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق (مەسىلەن: ئات گۆشى، زاغۇن يېغىغا ئوخشاش) غىزالار مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ئادەتتە كۆپرەك سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپمۇ بوغۇم ئاغرىقلىرى (مۇپاسىل)، پالەچ كېسەللىكلىرى بىلەن كېسەللىنىدۇ. ئەمما داۋالاشنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.


قۇرۇق سوغاق ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

قۇرۇق سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنى خېلى چىڭ، لېكىن ئورۇغراق، بەدەنلىرى سوغاقراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ئاز تەرەققى قىلغان بولىدۇ. ئۇيقۇسى ئازراق بولىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمىلى ھاياتىدىكى خۇلقى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا سەۋدايى مىجەزى كۈچلۈك، ئاستا تەسىرلىنىدىغان، خىيالپەرەس، قورقۇنچاق، خىيالى ھېسسىياتى كۈچلۈكرەك بولغاچقا ئەمەلىيەتتىن يىراق پىكىرلەرنى قىلىدۇ. ئەقىل پاراسىتى، توغرا پىكىر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك، سەلبىي پىكىرلەرگە ھەم روھى ئازاب چېكىشكە مايىلراق كېلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرگە ئارلىششنى خالىمايدىغان بولغاچقا روھى كېسەللىكلەر ۋە نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن كۆپرەك ئاغرىيدۇ. سەۋدا مىزاج كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا قان، بەلغەم، سەپرا ماددىلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلى سەۋدا خىلىتىگە مەنسۇپ بولغاچقا داۋالاش نەتىجىسى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇپ (يېتىلدۈرۈپ) بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىشقىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.



شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى، يۇقىردا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىنسانلارنىڭ رەڭگى- رويى، ئۇنىڭ تەبىئىي مىزاجلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە نىسپى نوقتىنەزەردە قاراش، مۇتلەقلەشتۈرۈپ قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى يەر شارىنىڭ ھەرقايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك مۇھىتىدا ياشىغانلارنىڭ رەڭگى- رويىغا ئالاقىدار تەبئىي سۈپەتلىك پەرقلەرنى نوقۇل ھالدا ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىي مىزاجىغا بىرلەشتۈرۈپلا قاراش، كېسەللىك دىئاگونوزىدا خاتالىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. كېسەللەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەشخىس قىلىشتا مىزاج ھالىتى ئەلۋەتتە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لېكىن ئۇنى كېسەل پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسى تەرىپى دەپ قاراپ، شۇنىڭغىلا تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ. دېمەك، كىشىلەرنىڭ تەبىئي مىزاجى بىلەن ئۇنىڭ رەڭگى- رويىنىڭ بىرلىگىگە نىسپى ھالدا قاراش كېرەك.

KATIL يوللانغان ۋاقتى 2007-4-19 19:23:42

ﻳﺎﯞﭘﺎﻧﺎ  !~~  ~   ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﻗﯩﭙﺴﯩﻠﻪ     ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ !!!~   ~
  ﺧﯧﻠﻰ ﺟﯧﻖ  ﺑﯩﻠﯩﻢ  ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ

akram888 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-23 15:54:07

ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ.......ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ!

hakcer309 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-28 04:33:18

ﻗﺎﻧﺪﺍﻣﯘ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻏﺎﻧﺴﯩﻠﻪ ..............

1parhat يوللانغان ۋاقتى 2007-4-30 21:35:33

mz709 يوللانغان ۋاقتى 2007-5-1 05:52:49

ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﺑﯘﻟﯘﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ  ﭘﺪﻑﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺳﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ،
ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ، ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ!
ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﺩﺍ   ﭘﺪﻑﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯘﺭﯗﻧﻠﯘﻕ
ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﺎﺩﺩﯨﺮﯨﺴﯩﻤﻐﺎ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ!
ﺋﺎﺩﯨﺮﯨﺴﻰ:Eagle724@126.com
ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ!

xohxoh يوللانغان ۋاقتى 2007-5-1 18:36:55

ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺩﻩﺭﺕ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ! ﺳﯩﺰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻣﯘ ﻧﯩﻤﻪ؟!ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﯩﯖﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﭙﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭙﺴﯩﺰ. ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ.

yasin_uighur يوللانغان ۋاقتى 2007-5-10 08:49:12

ﻳﺎﺧﯩﺸﻰ ﺗﻮﭘﻼﭘﺴﯩﺰ.
ﺭﯨﺴﺘﯩﭙﻼﺭﻧﻰ  ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2007-6-13 17:04:43

ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ:
ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ، ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎ  ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ.
ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﺸﯩﭗ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﺋﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ  ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ  ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.  ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ -ﺗﻪﻣﯩﮕﻰ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻟﺴﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺳﻮﻣﻐﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻛﻠﯩﻤﻪﻱ ﻛﯚﻧﺴﯩﻐﯘ ﺑﯩﺮﮔﻪﭖ!  ﻛﯚﻧﺪﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﺳﻮﻣﻠﯘﻕ ﺩﻭﺭﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ. ﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ  ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻣﯘ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺩﯗﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ.
ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ  ﻧﯩﻤﻪ ﺋﺎﻣﺎﻝ؟ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﻛﯩﺸﻰ!
ﺷﯘﯕﺎ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺷﯘ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ.  
بەت: 1 2 [3] 4
: ﺑﯚﺭﻩﻙ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ