تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

vb مۇسابىقە: ئاددىي كىرىم چىقىمنى باشقۇرۇش سىستېمىسى

يوللىغۇچى: istikbal| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-22 11:13| كۆرۈلۈشى: 135| ئىنكاس سانى: 8


ئەسسالامۇ - ئەلەيكۈم  سەينادىكى دوستلار قېرىنداشلار بۇ پىروگىراممىنى يىڭى يىلدا تۈزۈپ تارقاتقان ئىدىم .
سىستىما شۇنداق ئاددى بولسىمۇ كۆپلىگەن دوستلارنىڭ ياختۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.
سىستىما ئۆلچەملىك unicode بويىچە  vb6.0 دا تۈزۈلدى . خەت نۇسخىسىغا ALKATIP Basma Tom ئىشلىتىلدى.  دوستلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.unicode نى كىرگۈزۈشتە ئالىم ئەھەت ئەپەندىمنىڭ تەييار قېلىپىدىن پايدىلاندىم .

سىستىمىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى : چۈشۈرڭ

بۇ سىستىمىغا ئەينى ۋاقىتتىلا قاچىلاش پىروگىراممىسى ياساپ ئاپتۇماتىك قاچىلىنىدىغان قىلىۋەتكەن ئىدىم .
خەت نۇسخىسى نۇرمال بولماي قالسا كومپىيۇتىرنى قايتىدىن قوزغاتسىڭىز بولىدۇ .

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

يېڭى ئىنكاسلار

Intil 4  كۈن ئالدىدا
Intil 4  كۈن ئالدىدا
مەن سىناپ باقتىم بايقىغان مەسىلە:
1- كىرىش كۆزنىكىدىكى " مەخپىي نومۇر" دېگەن خەتنىڭ يېرىمى كۆرۈندى. بۇنىڭغا بولسا "ئىم" ياكى " پارول" دېگگننى ئىشلەتسەك.
2- بىر خاتىرە قوشۇپ بولغاندىن كېيىن ساقلاشنى باسسام ساقلاندى. 2- خاتىرە قوشۇشقا بولمىدى.

3- سانلىق مەلۇماتنى ئۆچۈرۈشبۇيرۇقى بەرگەندە چىققان ئۇچۇر ئۇزۇن بولۇپ قالغان ياكى رامكا تار بولۇپ قالغان.

4- مەزكۇر دىتالنىڭ سىنبەلگۈسى پەقەت ۋەزىپە سىتونىغا قونغان ھالەتتىلا بولىدىكەن. كۆزنەكنى كىچىكلىتىش ئىقتىدارىنى قوشسىڭىز.
5- ئىزدەشتە ئىككى شەرتنى تولۇق كىرگۈزمىسىمۇ بىر شەرت بويىچە ئىزدەشكە بولسا.

6- پۈتۈن رامكىنىڭ ئەتراپىدا ئازراق سۈزۈك جاي قوشۇلۇپ قاپتۇ.
7- ئۇچۇر بېسىش ( چىقىرىش) كۆزنىكىنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىۋەتسىڭىز.
8- قوشۇمچە كۆزنەكلەردىكى "چىكىنىش " نى باسساق ئالدىنقى كۆزنەككە قايتسا.
9- دىتالدىن پۈتۈن چىكىنگەندە قوشۇمچە كۆزنەك چىقمىغىنى ياخشى.  ( ياردەم كۇنۇپكىسى قوشۇپ مۇناسىپ ئۇچۇرنى شۇ يەردە كۆرسەتسەك)
10- بۇ دىتال ياخشى چىقىپتۇ . كېيىنكى نۇسخىلىرىنى كۆرۈشكە تەشنامەن.
istikbal 4  كۈن ئالدىدا
1- مەسىلىگە نىسپەتەن پارول دىگەننى ئىشلەتسەك بولغىدەك.
2- مەسىلىگە نىسپەتەن بۇ سىستىمىدا كۈندە بىرلا خاتىرە قۇشۇشقا بولىدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن . چۈنكى بۇ سىستىما كۈندىلىك كىرىم چىقىمنى باشقۇرىدۇ ئەمەسمۇ ئەگەردە بەزى بىر كۈنلىرى كىرگۈزەلمەي قالساڭ . سىستىمىنى قايتىدىن قوزغىتىپ كىرگۈزۈشكە بولىدۇ .
3- كۆزنەكتە چىققان ئۇچۇر مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا شۇنداق نۇرمال بولمىسا مەن ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى بىلەن سىز ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى ئوخشىمايدىغان قىلامدۇ قانداق ؟  تەكلىپ سىستىمىڭىزدىكى ALKATIP Basma Tom  خەت نۇسخىسىنى ئۆچۈرۋېتىپ ئاندىن پىروگىراممىنى ئېچىپ بېقىڭ نۇرمال ئەھۋالدا خەت نۇسخىسىنى ئاپتۇماتىك قاچىلايدۇ. ئاندىن fonts ئىچىگە كىرىپ يىڭىلىۋېتىپ ئېچىپ باقسىڭىز.
4- تەكلىپىڭىز بويىچە بۇ نەشىرىدە تۈزىتىۋېتەي.
5- ئىزدەشتە خالىغان بىر شەرت بويىچە ئىزدەشكە بولىدۇ .
6- كۈزنەكنى سىلىقراق چىقسۇن دەپ شۇنداق قىلغان ئىدىم . ئىشلەتكۈچىلەر ياختۇرمىسا ئەلۋەتتە ئېلىۋەتسەم بولىدۇ.
7- تەكلىپڭىزنى يىڭى نەشىرىدە  ئۇيغۇرچە قىلىمەن.
8- 9-10- تەكلىپلىرىڭىز بويىچە يىڭى نەشىرىنى تۈزىمەن .
ئاخىرىدا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت .
Intil 4  كۈن ئالدىدا
«يوقۇتۇش (ئۆچۈرۈش)» پروگراممىسى كەممۇ قانداق؟
qinar616 3  كۈن ئالدىدا
مەن قاچىلاپ بولغۇچە ۋىروسخور ، بۇ ۋىروسكەندەپ يۇيىۋەتتى .
istikbal 3  كۈن ئالدىدا
مەن قاچىلاپ بولغۇچە ۋىروسخور ، بۇ ۋىروسكەندەپ يۇيىۋەت ...
qinar616 يوللانغان ۋاقتى  2010-9-23 03:56

بۇ نىمە ئىش ئەمدى   ؟   مەن شۇنچە  كۆپ كومپىيۇتىرغا قاچىلاپ بىرەسىدە كۆرۈلمىگەن ئىش سىزدە كۆرۈلۈپتۈدە ۋىروسخور قانداق ۋىروسخور ئىدى . ئۆزىڭىز ياساپ ئىشلەتكەنمۇ يا بۇ  نى
ۋىروسخورنىڭ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز  !  بۇ قانداق ئىش كۆرۈپ باقساق .



istikbal 3  كۈن ئالدىدا
«يوقۇتۇش (ئۆچۈرۈش)» پروگراممىسى كەممۇ قانداق؟
Intil يوللانغان ۋاقتى  2010-9-22 21:35

ئەسلىدىكى قاچىلاش پىروگىراممىسىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئۆچۈرۈش ، يىڭىلاشقا بولىدۇ .


Intil 3  كۈن ئالدىدا
ئەسلىدىكى قاچىلاش پىروگىراممىسىنى قوزغىتىش ئارقىلىق  ...
istikbal يوللانغان ۋاقتى  2010-9-23 11:57

شۇنداق ئىكەن،


intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-26 15:24.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.