تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

VB مۇسابىقىسىگە (قوش تىللىق پىروگرامما)

يوللىغۇچى: ibrat| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-22 01:17| كۆرۈلۈشى: 114| ئىنكاس سانى: 8

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار، بۇ مۇسابىقە باشلانغىلىغۇ خىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان ئىكەن، گەرچە مەن كىچىكپرەك خەۋەر تاپقان بولساممۇ باشقا ئۈگەنگۈچىلەرگە ياردىمى بولار ھەم شۇنداقلا ئۆزۈمنى بىر سىناپ باقاي دىگەن مەقسەتتە (مۇرەككەپنى تۈزەلمىگەندىن كىيىن)  ئاددى بولسىمۇ بىر پىروگرامما تۈزۈپ يوللاپ قويدۇم!


ئەملىيەتتە پىروگرامما دەپ كەتكىلىمۇ بولماس، لىكىن باشقا ئىسىم قويالمىدىم، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ قىسمەن ئالاھىدىلىكلىرى بار دەپ ئويلايمەن،


   پىروگرامما Windows نىڭ خاتېرە دەپتەر پىروگراممىسنى تەقلىد قىلغان ئاساستا تۈزۈلگەن بولۇپ گەرچە Windows نىڭ خاتېرە دەپتىرىدەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ بەزى بىر ئالاھېدىلىكى بار،


    كۆرىنىشى Windows نىڭ خاتېرە دەپتىرىنى تەقلىد قىلغاندەك قىلغان بىلەن يەتمەكچى بولغان مەقسەت  < تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان قوش تىللىق پىروگراممىنى VB 6.0 دىن پايدىلنىپ تۈزەش>  نى چۈشەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان، ئادەتتە كۆرۈنمە يۈزى تەكشى بولغان (ئاسما تىزىملىك بولمىغان) پىروگراممىنىى قوش تىللىق قىلىپ تۈزۈشتە VB 6.0 دىكى tag دىگەن خاسلىقتىن پايدىنلىپ تۈزسە بولاتتىكەن، لىكىن ئاسما تىزىملىكى بار بولغان پىروگراممىلارنى قوش تىللىق قىلىپ تۈزۈش ئۈچۈن tag دىگەن خاسلىقتىن ئۆنۈملۈك پايدىلانغىلى بولمايدىكەن (يا مەن بىلمىدىممۇ؟)


    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى VB 6.0 بولسا تەھرىرلەش ئىقتىدارى ياخشى، ئۈگىنىشمۇ ناھايتى ئاسان ئەمما يۇنىكودنى قوللىمايدىغان بىر تىل، لىكىن مەن بىرقىتىم مەلۇم بىرسىنىڭ < VB نىمۇ ئۈگنەمدۇ؟ يا يۇنىكودنى قوللىمىسا يا ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا.......> دىگىنىنى ئاڭلىغان. مەن ئۇنىڭدىن : نىمە ئۈچۈن ئۇنداق دەپ VB ئۈگەنمەكچى بولغان ھەم ئۈگىنىۋاتقانلارنىڭ  ئېلھامىغا سوغۇق سۇ سىپىسىز؟ ئاڭلىسام VB نى مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى  بىلگەيتىس لايھەلىگەن بولۇپ ئۇ ئادەم <ئەگەر ھەرقانداق بىر پىروگراممىر ھەرقانداق بىر پىروگراممىنى ھەرقانداق پىروگرامما تىلدا يىزىپ چىققان بولسا مەن شۇ پىروگراممىنى ئۇنىڭغا VB دا يىزىپ بىرەلەيمەن > دەپتىكەندۇق، شۇنىڭدىن قارىغاندا VB نىڭ ئىقتىدارىنى سەل چاغلىغىلى بولماس. پىروگرامما تىلى دىگەن ھەربىر ئۈگەنگۈچىنىڭ قىزقىشى ھەم شۇنداقلا شارائىتى، يەتمەكچى بولغان نىشانىغا ئاساسەن ئۈگەنگۈچى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەمدۇ؟ لىكىن ئۇ تىل ئۇنداق بۇتىل بۇنداق دەپ قالايمىقان تالاش تارتىش قىلىشنىڭ نىمە ئەھمىيتى؟ دىگىنىمدە ھېلقى بۇرادەر ئۆزى تۈزگەن بىر مائاش باشقۇرۇش سېستىمىسىنى كۆرسىىتپ تۇرۇپ : كۆردىڭىزمۇ؟ سىز VB  دا مۇشۇنداق تۈزەلەمسىز؟ قاراڭ ئاسما تىزىملىكلىرىدمۇ رەسىم بار، تېز كونۇپكىلىرمۇ .............


      ئۇ گەپ بولۇنغىلى خىلى زامان بۇلۇپ كەتتى، ھەقىقەتەن بەزى تىللارنىڭ قىسمەن يىتەرسىز تەرەپلىرى بار بولىشى، يەنى بىر تىلدا بولمىغان ئارتۇقچىلىق باشقا بىر تىلدا، ئۇتىلدا بولمىغان ئارتۇقچىلىق يەنە باشقا بىر تىلدا بولىشى ئىنىق،  مىنىڭ شەخسى كۆزقارشىم بويچە بولغاندا قايسى پىروگرامما تىلىنى ئۈگىنىشنى ئۈگەنگۈچى ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى بىلىم سەۋىيەسى ھەم شۇنداقلا شارائىتىغا ئەڭ مۇھىمى قىزىقشغا ئاساسەن تاللىسا تامامەن بولىدۇ، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ يىڭى-يىڭى پىروگرامما تىلىلىرى مەيدانغا كىلىپ ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىپ كومپىيوتېر ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاز بولمىغان شەرەپلەر كەلدى، تەرەققىياتمۇ ناھايتى تېز ئالغا ئىلگىرلىدى، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ شۇنداق بولغۇسى ..ئىنشائاللاھ....!
     گەرچە بۈگۈنىكى بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە #C ياكى JAVA, Delphi دىگەندەك تىللار مودا بولۋاتقان بولسىمۇ مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ NET  نى ياساپ چىقىشىغا ئەگىشىپ VB ئۈگىندىغانلارمۇ يوق بولۇپ كەتمىدى (ئەكىسچە تېخىمۇ كۆپەيدى)،  ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بىر يۇمشاق دىېتالنى تۈزۈپ چىقماقچى بولساڭ قايسى پىروگرامما تىلىنى قوللانما ئۇنى  ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ ئۇلارنى رازى قىلغۇدەك تۈزۈپ ۋاقىتنى ھەم ئىقتىزادنى تىجىيەلىسەڭ شۇمۇ بولغىنى، بولسىغۇ java ياكى ++C بولامدۇ ۋەياكى مەن نۇرغۇن كىشلەر ئىسمىنىمۇ بىلىپ ئۈلگۈرمىگەن يىڭى تىللاردىن پايدىلنىپ ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن يۇمشاق دېتاللارنى تۈزۈپ ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلق ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشسىڭىز تىخى ياخشى، لىكىن كونىلاردا <ئاق مۈشۈك قارا مۈشۈك، چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك > دىگەن گەپ باردە؟
    ئەسلى گەپكە كەلسەك: شۇنىڭ بىلەن قورسىقىمغا جىن كىردى، قانداق قىلغاندا VB دا تۈزگەن پىروگراممىلارنىڭ تېز كونۇپكا ۋە تىزىملىكلىرنىمۇ چىرايلىق قىلغىلى بولار؟ ئادەتتە باشقا مىللەت پىروگراممىرلىرى تۈزگەن پىروگراممىلار مەسلەن : خەنزۇلارنىڭ تۈزگەن پىروگرامملىرىغا قارايدىغان بولساق تاس قالىدۇ خەت يازماي بارلىق تىزىملىك ۋە كونۇپكىلارنى رەسىم بىلەنلا پۈتتۈرگلى....
ئىزدەندىم، تىزلەتمە كونۇپكا ۋە ياكى باشقا كونۇپكىلارنى رەسىم ھالەتتە ياساپ باقتىم، خېلى يامان ئەمەس بولدى، لىكىن ئاسما تىىزملىكلەرگچۇ؟ مەنمۇ باشقا خەقلەرنىڭ تۈزگەنلىرىدەك <ساقلاش> دىگەننىڭ يىنغا يۇمشاق دىسكىنىڭ رەسىمىنى مەسلەن: <كىسش> دىگەننىڭ يىنىغا قايچىنىڭ رەسىمىنى، <ئىزدەش> دىگەننىڭ يىنىغا بولسا دۇربۇننىڭ رەسىمىنى ياكى باشقا خالىغان رەسىملەرنى چىقرالىسام بولمايتتىمۇ؟ ئەنە شۇنداق تۈزەلىگەن چاغدا گەرچە پىروگرامما مەيلى خەنزۇچە تۈزۈلسۇن ياكى ئىنگىلىسچە ئەنە شۇ خەنزۇچە بىلەن ئىنگىلىسچىنى بىلمەيدىغانلارمۇ بىمالال ئىشلىتەلەيىتتى  كۆرۈنمە يۈزىمۇ چىرايلىق چىقاتتى......
         ئەنە شۇ يۇقارقىدەك ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىمدىن خۇشال بولغان ھالدا Windows نىڭ خاتېرە دەپتىرىنى تەقلىد قىلغان ئاساستا بىر خاتېرە دەپتەر ياساپ چىقتىم، ئىقتىدار جەھەتتە Windows  نىڭ خاتېرە دەپتىردىن كۆپ تۆۋەن تۇرىشى تەبى، ئەمما ئاسما تىزىملىككە رەسىم قىستۇرۇش ھەم شۇنداقلا قوش تىلنىڭ خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئارمانغا يەتكىلى بولىدۇ، قوش تىل دىگەندە ئىنگىلىس تىلى بىلەن خەنزۇچە تۈزمەكچى ئىدىم لىكىن ئىنگىلىسچىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن نامدا ئىنگىلىسچە دەپ قويۇپ ئەملىيەتتە خەنزۇچىنىڭ پىنيىن ئوقۇلىشىنى ئىشلەتتىم(ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر)..... تورداشلار ئارىسىدىن VB ئۇستىلىرى پىكىر تەكلىپ بەرسە ھەم شۇنداقلا باشقا مەسلە بولمىسا بۇندىن كىيىن قوش تىللىق پىروگرامما تۈزۈش كەپ قالسا مۇشۇ ئۇسۇل بويچە تۈزسەم بولارمۇ؟ ۋە ياكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى چارە بارمۇ؟ تەلىمىڭلارغا مۇھتاجمەن....
     گەپ ئەنە شۇنداق بولغان بىلەن مەزكۈر پىروگراممىنىڭ كودى ناھايتى ئاددى ھەم بەك چۈشىنىشلىك بولغاچقا يەنە ئۇنىڭدىن باشقا مۇسابىقە ماھېرلىرىمۇ سۈرەتلىك دەرىسلىك ئىشلىمىگەچكە (چۈنكى ئۇلار ئۆزى تۈزگەن پىروگرامما كودىنى يىزىقچە چۈشەندۈرەلىگەن، لىكىن كۆپىنچىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى مۈجمەل....) مەنمۇ كۆپچىلىككە ئورتاقلىشاي دەپ ئۇنداق قىلمىدىم،  كودنى VB  دىن ئازراق ئاساسى بار، خەنزۇچىنى ئازراق بىلدىغان ھەرقانداق بىر ھەۋەسكار چوقۇم چۈشنەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر چۈشنەلمىگەنلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرسا ئىزىپ ئۈچرىشكمۇ تەييارمەن!


      يوللايدىغان باشقا بوشلۇقلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن، شۇڭلاشقا  <يەنلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى،  چۈپەننىڭ بوشلىقى ياخشىى!...> دەپ ئويلاپ چۈپەنگىلا يوللىدىم!
      ئىم سوراپ قالسا بوشلۇقتىن بىرنى intil.bizدىن بىرنى يازسىاڭلار كۇپايە!
چۈشۈرگەندىن كىيىن نورمال ئېجرا بولىمىسا 控件注册 نى ئاۋال ئىجرا قىلىپ كونتۇرۇللارنى تىزىمغا ئالدۇرساڭلار كۇپايە!
يەنە قاملاشمىسا سەيناغا ئىنكاس يازساڭلار بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلارمىز!
چۈشۈرۈش



ياكى مايەردىن چۈشۈرۈش
چۈشرەلمىسەڭلار ئىنكاس يازغايسىلەر!

يېڭى ئىنكاسلار

Intil 3  كۈن ئالدىدا
ئالدى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
مەن كۆرۈپ باقتىم، تەكلىپ:
1- ئوڭدىن سولغا يېزىشنى تەڭشەش كۇنۇپكىسى قوشقىلى بولارمۇ؟ بۇ سىز ئىيتقاندەك  سىستېما خاترە دەپتىرىنىڭكىدەك بوپتۇ.
2- خەت نۇسخىسىنى تەڭشەشكە بولمىدى.

~~~~~~~~~~~~~~
VB بىلىملىرى مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئەسەرلەر          سەھىپە:ئۇقتۇرۇش,
irpan 3  كۈن ئالدىدا
ئۇنكودلۇق كونتىرۇللارغا ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقساق بولغىدەك.   بارغانسىرى ياخشى تىمىلار يوللانغىلى تۇردى
ibrat 3  كۈن ئالدىدا
ئاۋال خەتنى تاللاپ ئاندىن خەت نۇسقىسىنى تاللىساق بولاتتىيا؟
يۇنكودلۇق كونتىرۇللارغا ئالماشتۇرساق ئەلۋەتتە پەيزى بولىدۇ!
Intil 3  كۈن ئالدىدا
باشقىلارمۇ بىر سىناپ باقساڭلار بوپتىكەن.
wolkan0995 ئۈلۈشكۈن  09:01
مېنىڭچە پىروگىرامما تۈزگەندە بۇنداق شەكىلدە كۆپ تىللىق قىلىش سەل قۇلايسىزمۇ قانداق؟ بولسا پىروگىرامما بار ئورۇنغا تىل ھۆججىتى ساقلايدىغان(txt,xml,ini  ) مۇندەرىجە قۇرۇپ شۇنىڭ ئىچىگە ساقلاپ ئاندىن كۆزنەكلەردىكى خەتلەرنى ئۆزگەرتەسە بولارمىكىن دەيمەن.
ibrat تۈنۈگۈن  00:50
مىنىڭ بىلىدىغىنم مۇشۇخىللا ئۇسۇل ئىدى(بەك خىجىلمەن) ئەسلى يوللىمايدىغان گەپكەن ئىدۇق!
Intil تۈنۈگۈن  01:37
ئىنكاس قايتۇرۇش ibrat نىڭ تېمىسى
بىلىمنىڭ چوڭ- كىچىكى يوق.
wolkan0995 تۈنۈگۈن  10:20
مەن پەقەت مېنىڭ كۆزقارشىمنى دەپ باقتىم خالاس ، سىز ئەسلى يوللىمايدىغان گەپكەن دېسىڭىز سەل باشقىچە بولۇپ قالدىم...

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-25 13:24.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.